شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېسىلماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىز ئۈستىدىن زۈلۈمنى ئاشۇرىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار زۈلۈمغا قارشى ئۆزلىگىدىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ئويلاپ يەتكۈسىز زۈلۈملار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، تەشكىلات ئارا تەشكىللىنىپ نارازىلىق قىلىشتىن، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق «مەن نېمە قىلالايمەن» دېگەن سوئالنى ئۆزلىرىگە قويۇپ، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا، پىدائىيلارنىڭ بەس – بەس بىلەن قىلغان پىكىر تەكلىپلىرىدىن ھەرىكەتكە كەلگەن بىر تۈركۈم پىدائىيلار، ئىستانبۇلدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللە مەسچىتلىرى، چايخانا، بەلەدىيە ۋە كىشىلەر توپلاشقان ئامىمىۋى سورۇنلاغا بېرىپ، تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى دەلىل – ئىسپاتلىرى بىلەن ئاڭلىتىشقا باشلىغان.
يەنە بەزى قېرىنداشلىرىمىز، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومومىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايونلاردىكى تۈرك جامائىتىگە تارقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ھازىرقى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۆي – ئۆيلەرگە كىرىپ، تۇققان يوقلاش باھانىسىدا خەلقىمىزنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىنى يېيىش بىلەن بىرگە، مەزلۈملارنىڭ ئىپپەت – نومۇسىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىغىدەك ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان.
تۈرك قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ چايخانا ۋە باشقا سورۇنلىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىپ، پىدائىيلىرىمىزغا دەۋانى ئاڭلىتىشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى 2018 – يىلدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى پۈتۈن تۈركىيەدە ئاڭلىتىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلاتمىغان 81 ۋىلايەت قالماسلىقى ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى مەلۈم.
دېمەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قولنى – قولغا تۇتۇپ، ھەركىم ئۆز ئىمكانى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتسە، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئورتاق دەۋاسىغا ئايلىنىدۇ.