شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە
خوش-خەۋەر
شەرقىي تۈركىستان «دۆلەت مارشى»نىڭ تولۇق نۇسخسى رەتلەپ چىقىلدى
ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم 16-ئاپرىل كۈنى مەركىزى ئىشخانىسى گىرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھىرىگە جايلاشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان تور تېلۋىزىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تارقاتقان تۇنجى قېتىملىق پراگراممىسىدا، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئىنتايىن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دىدى:
بىز يېقىندىن بۇيان زالىم تاجاۋۇزچىلارنىڭ تولۇپ تاشقان زەھەرخەندىلىك بىلەن تىنىچلىقپەرۋەر خەلقىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئېرقىي قىرغىنچىلىق شەكلى ئالغان مىسلىسىز زۈلۈمى تۇپەيلى، مىللىي تارىخىمىز ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بىر كىرزىسلىق دەۋرىگە قەدەم قويماقتا . مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۈشمەننىڭ بۇ قىلمىشىغا جاۋابەن زۇلۇمنىڭ باشلانغۇچ تارىخى ھىساپلانغان 2018-يىلنى بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلىشى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلىشى 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇلغان سۇيۇملۈك ۋەتنىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ «مىللىي مارشى»نى پۇتۇن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۆزىنىڭ ئىپتىخار تۇيغۇسى بولغان بۇ «مىللىي مارشى»نى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سويۇپ تۇرۇپ، يادا بىلىش ۋە شۇنىڭدەك بۇندىن ئىتىبارەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئېلىپ بېرىلدىغان تۈرلۈك مىللىي مۇراسىم ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە جاسارەت بىلەن كەڭ-كۆلەمدە كوللىكتىپ ۋە ياكى يەككە ھالدا ياڭراق سادالار بىلەن ئوقۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق، كۈندىن – كۈنگە ياۋۇزلىشىۋاتقان قارا نىيەت باسقۇنچىلار ھەر قانچە قەبىھ ۋاستە قوللىنىپمۇ، قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقىنى تەلتوكۈس تېز پۇكتۇرۇشتىن ئىبارەت شۇم نىيتىگە مەڭگۈ يىتەلمەيدىغانلىقىنى مەغرۇرلۇق بىلەن تونۇتۇپ قويۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويىمەن دىگەن ئىدى.
بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ نوۋەتتىكى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ بۇ تارىخى ئەھمىيەتلىك ئىگە قىممەتلىك تەكلىپىگە ئاساسەن، تاجاۋۇزچى دۇشمەن تەرپىدىن ياۋۇزلارچە زۈلۈمغا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ پەرياتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا قولىدىن كېلىشىچە، خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىدە بولىۋاتقان ھۆيلام تورى ۋە ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈش نەتىجىسىدە پىكىرلىشىش ۋە ئورتاق مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھازىرغا قەدەر خەلقىمىز ئارىسىدا ۋە بەزى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «دۆلەت مارشى»نى قايتىدىن رەتلەپ چىقتۇق.
بۇگۇن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى باشچىلىغىدا، بۇنىڭدىن 85يىل ئىلگىر قۇرۇلغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت مارشىنى، بۈگۈنكى ياش ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت قۇرغان ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش جەريانىدىكى ئىپتىخار تۇيغۇسىنى قايتا ياشىتىش بىلەن بىرگە، شۇنىڭدەك ئۆز دۆلىتىنى يەنى يېڭىدىن قايتا قۇرۇش ئىستىكىنى ۋە دۆلەت قۇرۇش روھىنى يېڭىدىن قايتا ئويغۇتۇشنى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيەتىمىز ھەم مەجبۇريىتىمىز دەپ بىلمەكتىمىز. بۇ ھەم ئۆز نوۋىتىدە تېروچى زالىم دۇشمەننىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللتىمىزنىڭ «ئۈمىدىنى ئۆلتۇرۇپ تاشلاش» سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلدىغان بىر جاۋاپتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمىزدىن ئىشەنمەكتىمىز.
ئۇلۇغ پەرۋاردىگارىمىز جانابى ئاللاغا سان-ساناقسىز ھەمدۇرلەر بولسۇنكى، بىز بۇگۇن 85ياشلىق جۇمھۇرىيەتنىڭ بۇگۇنكى ئىز باسار ئەۋلاتلىرى بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ رەئىسى بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ 2018-يىلىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتنىڭ «دۆلەت مارشى»نى يادغا ئېلىشتەك، مۇھىم بىر ئەھمىيەتلىك يىل قىلىپ بېكىتىش تەكلىۋىگە پۇتۇن قەلبىمىز بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، مۇرىنى -مۇرىگە تىرەپ يېقىندىن ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قوشۇپ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىنى بارلىق مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايونلاردا جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش كۈنىنى ھەم بىرلىكتە خاتىرلەيدىغان مۇراسىم كۈنىگە ئايلاندۇرۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويىمىز.
مەقسىتىمىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك قايتىدىن رەتلەپ كۆپچىلىككە سۇنۇلغان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ «دۆلەت مارشى» خەلقىمىزنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىشىدا ياڭراق سادالىرى بىلەن كۆكتە جاراڭلاش بىلەن بىرگە، بىرلا ۋاقىتتا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭمۇ لەپىلدەپ تەڭكەش بولىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىستىكىمىزدۇر.
دۆلتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۇۋۇلى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز، مىللىي روھىمىزنىڭ ياڭراق ئىپادىسى بولغان دۆلەت مارشىمىز، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھىلە نەيرەڭلىرى، مەلئون خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى تۇپەيلى، ئۇزۇن ياشىيالمىغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانىمىزغا بولغان قەلبىمىزدىكى سېغىنىش ئىستەكلىرىمىز بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنى پۇتۇن دۇنيا خەلقىغە قايتىدىن تونۇتۇش ئۈمىدىمىز كۈندىن -كۈنگە قايناپ تاشماقتىدۇر. پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئورتاق مىللىي غايە ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ، قولنى-قولغا تۇتۇشقان ھالدا بىرلىشىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتا قولغا كەلتۇرۇشنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.