«شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى» دەرسلىك كىتابى نەشردىن چىقتى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئارتۇچ بۇغرا ھەسسىدارلىق شىركىتى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ، بۇ كەسىپتىكى ئىقتىساسلىق ياشلارنىڭ تۈزۈپ چىقىشى بىلەن، ئارتۇچ بۇغرا نەشرىياتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى» ناملىق دەرسلىك كىتاب نەشردىن چىقىپ بازارغا سېلىندى.
بۇ كىتاب، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بالىلارنىڭ پىسخىكىسى بويىچە بالىلار تىلىدا تۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن يۇرتلار بويىچە ئەمەس بەلكى ئاساسلىق يۇرتلار ئۆلچەم قىلىنىپ، بەزى يۇرتلارنىڭ تارىخىي ئورنىنى قىسقىچە بايان قىلىش بىلەن بىرگە، مەشھۇر شەخسلەر ۋە مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرمۇ كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتاب نوقۇل جۇغراپىيە نۇقتىسىدىنلا ئەمەس بەلكى گىئوجۇغراپىيە بولۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، يۇرت ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ماتېرىياللار بويىچە بېرىپ، خىتتايچىلاشقان ناملىرىنى ئىسكوپكا ئىچىدە ئىزاھلاپ كۆرسىتىلدى. مەزكۇر كىتاب، مۇھاجىرەتتە ئېچىلىۋاتقان كۇرۇسلاردا دەرسلىك قىلىشقا ھەمدە تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئائىلىدە ئوقۇشلۇق قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
بۇ كىتاب، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كىتابخانىلارغا سېلىنغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز 00905358486039 نومۇرلۇق ۋاتساپنى قوشۇپ ئالاقىلاشسا بولىدۇ.