شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي سايلام ھەققىدىكى رەسمىي باياناتى!
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي سايلام ھەققىدىكى رەسمىي باياناتى!
ئەزىز ۋەتەنداشلار، قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم مىللىي ئىنقىلاپ ئۈچۈن، تېخىمۇ كونكەرتلاشتۇرساق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسۈتىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىقىڭلار خەيىرلىك بولسۇن.گەپنىڭ نان چىقىدىغان يەردىن باشلىسام باشتا مىللىي داۋايىمىزدىكى غوللۇق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئۇرۇلغان زەربە ئەمدى مىللىي ئىرادىمىزنىڭ نامايەندىسى ۋە ئالىي سىمىۋولى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھäكۈمىتىگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. كىملىكى نامەلۇم بولغان ئۆزىنى خەلىق دەۋالغان بىر ئۇچۇم توپىلاڭچىلار ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ كەتكەندەك يەنە بىردىنلا قۇتراپ كەتتى. ھازىر بەزەن ئادەملەر ھۆكۈمەتكە قارشى خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئوڭ ۋە سولدىن ھوجۇم باشلىدى. ھۆكۈمىتىمىزگە ئۇرۇلىۋاتقان بۇ زەربىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئىگىلىشىمىزچە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى يوق قىلىشنى ئۇزاقتىن بېرى ئەستايىدىل پىلانلىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قارا قولى بارلىقى مەلۇم بولماقتا.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتىلى چەن چۇەڭو بىر قېتىم ” ئۈچ خىل كۈچكە قارشى كۈرەشتە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە قازاندۇق، ئەمدى نۆۋەت مۇھاجىرەتتىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە كەلدى، بىز ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قولى بىلەن بەربات قىلىمىز،” دېگەنىدى. دەمىسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر تىراگېدىيەگە پاراللىل ھالدا مىللىي ئىنقىلاپ قوشۇنىمىزدا ئىتتىپاقسىزلىق ھەر تەرەپتە باش كۆتەردى. ئارقىدىنلا نۇقتىلىق تەشكىلاتلار ۋە مىللىي داۋادىكى داڭلىق شەخىسلەرگە ھوجۇم باشلاندى. باشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئاندىن شەرقىي تۈركىستان ماارىپ جەمىيىتى، ئەمدى شەرقىي تۈركىستان جۇمھىرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ زەربە بېرىش ئوبيەكتى بولۇپ قالدى. بۇ ئىشلار ئۆزلىگىدىن بولۇپ قالغان ئەمەس. بۇ ئىچكىي ئىسيانلارنى پەيدا قىلغانلارنى ھازىرچە ئۈچ گورۇپپىغا ئايرىيمىز. بىرىنچىسى ھەقىقىتەن خىتايغا قارشى قېنى قىزىپ تۇرغان ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلەر، ئىككىنچىسى بىر ئىشنىڭ پەرقىگە بارمايلا غەليانچىلارغا تونۇشۇمتى، يۇرتلۇقۇمتى، توغرا گەپ قىلىۋاتىدۇ، بىر دەۋلەتتە ياشايمىز، كېلىپ بېرىشىمىز قويۇق، دەپ ئۈچۈنچى گورۇپپا ئەڭ سىرلىق بولۇپ، خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ بىۋاستە مەسلىھەت بېرىشى ۋە ئارقىسىدىن يۆلەپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن ئالدىنقى ئىككى گورۇپپىنى ئالداپ تەتۈر قۇيۇن چىقىرىۋاتقانلار بولۇپ، بۇ ئۈچ گورۇپپا ئەخمەتجان ئوسماندەك بىرقانچە ئىشەنچىسىز، شۈھبەلىك ۋە خەتەرلىك ئادەملەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئاتالمىش خەلىق ھەركىتى ئارقىلىق ئەمدى ھۆكۈمىتىمىزنى ئىچكىي تەرەپدىن دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىسيان ئارقىلىق يىقىتىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ قارا گوروھدا ئون ئادەم بولسا ئۈچى ۋەتەنپەرۋەر ئەمما ھەق ناھەقنى بىلمەيدۇ، ئۈچى ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ قايمۇققان، يەنە ئاخىرقى ئۈچى دۈشمەننىڭ قىلتىقىغا ئىلىنىپ قالغان. ئەخمەتجاندەك ئارقىسىدا قۇماندانلىق قىلىۋاتقانلرى بولسا خىتاي ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قۇرۇلۇشلارغا ئەل بولغان، سېتىلغان ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغانلاردۇر.
بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھىرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بېرى بۇنداق زەربىلەرنى كۆپ كۆردۇق، بۇ بىر مىللىي داۋا ئۈچۈن ئەمەس، پەردە ئارقىسىدىكى يامان كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولىۋاتقان ئىش. باشتاھۆكۈمىتىمىزگە ئالاقىدار ئەنۋەر يۈسۈپ ۋەقەسى كەلىپ چىقتى، ئاندىن رابىيە قادىر مەسەلىسى كېلىپ چىقتى، ئەمدى ئوخشاشلا ئۇسلۇپتا تېخىمۇ ۋەھشىي ھالەتتە ئەخمەتجان ئوسمان ۋەقەسى كەلىپ چىقتى. ئارىمىزدىن چىققان بۇ ئاپپاق خۇجا ئەۋلاتلىرى باشتا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن داۋا سېپىگە كىرىپ، ئاخىردا ماددىي مەنپەەت، شان-شۆھرەت ۋە شەخسىيەتچىلىك سەۋەبىدىن ھۆكۈمىتىمىزگە توختىماي زەربە بېرىپ، خەلىق ئارىسىدىكى ئىززەت ئابرويىمىزنى تۆكۈشنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ كەلدى. بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ بارلىقىنى، ئىسيانچىلار سېپىدە قايمۇقماسلىقنى ئەزىز خەلقىمىزگە يەنە بىر قېتىم خاتىرلىتىمىز! ھۆكۈمەتكە قارشى كۆتۈرۈلگەن بۇ قۇيۇنلار ھەر قېتىم مىللىي ئىرادە ئالدىدا مەغلۇپ بولدى، بۇ قېتىم ھەم خۇدا بۇيرىسا شۇنداق بولىدۇ! بۇ قۇيۇن خۇددى ئىلگىركىدەكلا ئۆزى چۆرگىلەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەخلىتىنى ئۆزى ئۇچۇرۇپ پات پۇرسەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مىللىي داۋاغا قول تىقىۋالماقچى بولغان بۇ رەسۋا ئويۇنىننى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بەربات قىلىمىز!
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئەرزىمەس بۇزغۇنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرىش قابىلىيىتى بار! بىر ئۇچۇم كىملىكى ئېغىر شۈھبىلىك ئادەملەرنىڭ سۇنى لەيىتىپ بەلىق تۇتىشىغا كەسكىنلىك بىلەن يول قويۇلمايدۇ!
بۇ ھۆكۈمەت تەخىچە ئاياقتا، ئارادا ئىسيان چىقارغانلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھىساپ ئەمەس! شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىگى خەلقىمىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتىمىزگە كىرىشكە شەرتى توشىدۇ، دەپ قارالغان كىشىلەر يەرلىك سايلام گورۇپپىلىرى تەشكىللىگەن ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنغان سايلامغا قاتنىشىدۇ ۋە ۋەكىل بولۇپ سايلانغانلار پارلامەنتتىن يەر ئالىدۇ ۋەيەنە دېموكراتتىك سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ مىللىي داۋاغا ھەسسە قوشىدۇ.
بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتتىكىلەر مۇزاكىرىلىشىپ، جۇمھۇرۇيەت قانۇنى، ھۆكۈمەتنىڭ قارارى ۋە مىللىي ھەرىكەتىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ھەر تۆرت يىلدا بىر سايلام ئېلىپ بارىمىز.يەنە يەرىم يىلغا يەتمىگە ۋاقىتتىن كەيىنكى ۋاقىت قۇرۇلتاي ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا تۆرت يىل بولغان ۋاقىت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىۇيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلىق ئىشتىراك قىلغان سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا قانۇنىي جەھەتتىن ئۇيغۇندۇر ۋە بۇ سايلام ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغان ھەممە كىشىگە ئوچۇقتۇر.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىۇيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پۇنكىسسىيىسىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش، مىللىي داۋانى ئىلگىرلىتىش ۋە ۋەتەننى ئازات قىلىشتىكى شانلىق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ئەزەمەتلەرنىڭ ھازىردىن باشلاپ، سايلامغا تەييارلىق قىلىشىنى، ھۆكۈمەتكە كۆرسۈتىدىغان ۋەكىللىرى ھەققىدە كۆڭلىدە سان پەيدا قىلىشىنى، ۋە بىز بىلەن ھازىردىن باشلاپ يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمىز!
ئىشىنىمىزكى بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىز، خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسى، مىللىي ئىنقىلاپ ئەنەنىسى ۋە تەشكىلىي پىرىنسىپلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىۇيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنى يېڭىچە بىر قىياپەت بىلەن بەرپا قىلالايمىز! شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىۇيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىر تەشكىلات ئەمەس، بەلكى بىر ھۆكۈمەت بولۇپ، ھۆكۈمەتتىكى دەۋلەت مودىلىنى بەرپا قىلىدىغان ئورگانلار، پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار ئۆز تەركىۋىدە بار بولغان مۇرەككەپ ئورگاندۇر. بۇ ھۆكۈمەتكە يوقارقى بىز سانىغان ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىلا يەرلىك سايلام ئارقىلىق ۋە پارلامەنتنىڭ تەكشۈرىىشىدىن كېيىن كىرىپ بىلەت تاشلايدۇ. ئاساسىي قانۇندا پارلامېنت كلام دېگەندە 60 ئادەمدىن تەشكىل تاپىدۇ، دېيىلگەن. ھۆكۈمىتىمىزگە كىرىش ئېھتىماللىقى بولغان پارتىيە ۋە گوروھلار، تەشىلاتلار بىرلىگى ۋە تەشكىلاتلار ئەڭ ئاۋال يەرلىك سايلام ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىۇيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى 2019-يىلى مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا چاقرىلىدىغان ئومۇمىي خەلىق سەپەرۋەر قىلىنغان قۇرۇلتايغا ۋەكىل سايلاش پاالىيىتى ئېلىپ بېرىشى لازىم! شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامەنتى يىتەكچىلىكىدىكى سايلام كوممېتىتى يىغىننىڭ رەسمىي كۈنتەرتىۋىي قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئاۋال پارتىيە، گوروھلار، تەشكىلات بىرلىگى ۋە تەشكىلاتلار، ئاممىۋىي توپلار ۋە گورۇپپىلار يەرلىك سايلام ۋە شەخسىي ئىلتىماسلار نەتىجىسىدە سايلاپ چىققان شەرتى توشىدىغان ۋەكىللەرنى باھالاپ ۋە بېكىتىپ چىقىشى لازىم. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك سايلامغا مەسۇل تارماقلىرى مىللىي داۋا ئۈچۈن جۈملىدىن سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەسسە قوشالايدىغان قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق زاتلارنى ۋە مىللىي ئىنقىلاپنىڭ ئۇزاق سىناقتىن ئۆتكەن پىداكار، ئوتيۈرەك قېرىنداشلارنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىۇيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي خەلىق سەپەرۋەر قىلىنغان مەركىزىي سايلىمىغا مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردىن باشلاپ بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز لازىم! بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە ۋەتەن سىرىتىدىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن 2019-يىلى مۇۋاپىق پەيىتتە چاقرىلىدىغان ئومۇمىي سايلام ئۈچۈن ئالاھىيدە چىقىرىلغان مەزكۇر باياناتقا كوللىكتىپ ھالدا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشقا سەمىمىي كۆڭلىمىزدىن، جىددىي چاقرىق قىلىمىز!
ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، ياشىسۇن مىللىي ئىنقىلاپ، يوقالسۇن خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى!ياشىسۇن كۈرەشچان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى!
ھۈرمەت بىلەن:
س.ت.س ھۆكۈمىتى پارلامەنت رەيىسى: كۈرەش ئاتاھان
03.09.2018 گېرمانىيە