شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈچۈن، جۈمە كۈنى غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇشقا چاقىرىق قىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى 2018 – يىلى 2 – فېۋرال كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى فاتىخ جامىسىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى يەنە، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىدە 2018 – يىلى 2 – فېۋرال كۈنى جۈمەدىن كېيىن، مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر باشلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇشقا چاقىرىق قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، بۇ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوخشاش كۈندە ئوقۇشىنىڭ، ئىسلام دۇنياسى ئېتىراپ قىلغان مۆھتەرەم ئالىمىمىزنىڭ، زالىم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاشكارىلاش، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەلىل – ئىسپات بىلەن جاكارلاپ ،خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈشتە، جامائەت پىكىرى توپلاپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىگە جىددى قاراپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشتە مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.