شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش خىتاي كۆچمەنلىرىگە روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەن
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستاندا رامزان كېلىشى بىلەنلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈرۈمچىدە مەھەللە ۋە ئاممىۋى قاتناشلارنى چارلاشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.
بۇنداق تەكشۈرۈش ۋە قامال قىلىشنى ئېغىرلىقىدىن كىشلەر ئاساسەن سىرىتقا چىقمىغان بۇنىڭلىق بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسى بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن.ھازىر كىشلەر مال سېتىۋالسا توردىن سېتىۋېلىپ بازارغا بېرىشتىن يالتايغان.
ئۈرۈمچىدىكى جىددىيچىلىك تۈپەيلى كۆپلىگەن خىتاي كوچمەنلىرىدە جىددىيلىشىش، پىسخىكسى بۇزۇلۇش، نارازىلىق كەيپىياتى ئومۇملاشقان. بۇنىڭ بىلەن بەزى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاشقان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قامال قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ھەمدە دۆلەت مەمۇرلىرى ئېغىر خىزمەت بېسمى ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
دۇشمەن ئىزدەپ ئۆز ئىچىدىكى سادىق كادىرلارغا ھەمدە غالچىلارغا «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن باھانىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق زەربە بېرىش ئوبىكىتىسى قىلسىمۇ، ئاز بىر قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كادىرلىرىغىمۇ زىيىنى تەككەن.بۇنىڭلىق بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان خىتاينىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان.
شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش، تەكشۈرۈش ئېغىرلىقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ساياھەت قىلىش، ياتاقتا يېتىش تەكشۈرۈشتىكى ئاۋارىچىلىق سەۋەپلىك بۇ كەسىپلەرنىڭ بازىرى ئۆلگەن.
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى كۈچەيتىپ ھەيۋىسىنى ئاشۇرغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نارازىلىقى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننى تەرك ئېتىپ كەلگەن يۇرتلىرىغا قېچىپ كېتىپ بارغانلىقتەك رېئاللىققا يۈزلەنمەكتە.
ئاللا ئۆز قۇدرىتى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولى بىلەن ھالاك قىلىشقا قادىردۇر.