شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئان كەرىم يىغىۋېلىندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىننى چەكلەشنى ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بارماقتا.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى ئىككى كەنت سېكرىتارنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنغا دائىر كىتابلارنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك باشلانغانلىقى ئاشكارا بولدى.
شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاتالمىش 3 قانۇنسىز بۇيۇمنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا قۇرئان كەرىمنىڭ 2012 -يىلدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يىغىۋېلىشنى بۇيرىغان. بۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىش داۋامىدا، بەزى جايلاردا يالغۇز2012 -يىلدىن ئاۋۋالقىسىلا ئەمەس، كېيىنكىسىمۇ يىغىۋېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەسەبىيلىك ئالامەتلىرى بار دەپ قارالغان بۇ كىتابلار نۆۋەتتە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كېرەكسىز بۇيۇملارنى قويىدىغان ئامبارلىرىدا ساقلانماقتا.
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلپ، قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئەمەلدارلار ئەمەس، بەلكى مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن مۇستەقىل ئۆلىمالار باھا بېرىشى ۋە بېكىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستاندا يېقىندىن بۇيان ئاشكارلىنىۋاتقان مۇقەددەس دىنىمىز بولغان ئىسلام دىننى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى«خىتايچە ئىسلام» دېگەن نام ئاستىدا خالىغاندا ئۆزگەرتىپ ئەزان، تەكبىرلەرنى مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلىشى، «مۇھەممەت ئەلەيسىلام»نىڭ ئىسمىنى چەكلىشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ھاقارەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل بىر مىليارد مۇسۇلماننى ھاقارەت قىلىش دەپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشىنى ئىمكانىمىز يەتكۈچە تۈرك، ئەرەب، ئىنگىلىز، ئوردۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ ئىسلام دىنىغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئاشكارلاش كېرەك.