شەرقىي تۈركىستاندا روزى ھېيت نامىزى كېچىكتۈرۈلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇۋانى بولغان تەڭرىتاغ تورىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174-نومۇرلۇق ھۆكۈمەت بۇيرۇقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 26-ئىيۇن كۈنىنى روزى ھېيت دەپ بەلگىلىگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىسلام كالېندارى ياكى ئايغا قاراپ ئەمەس بەلكى بۇنى تۈپتىن ئىنكار قىلغان ھالدا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلققە ھېيت كۈنى قىلىپ بېكىتىپ بەرمەكتە.
پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىردەك 25-ئىيۇن كۈنى روزى ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتسا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشى سەۋەپلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ھەر ۋاقىت دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر كۈندە ھېيت تەبرىكلەشتىن مەھرۇم بولۇپ كەلمەكتە.