ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بولغان، قازاق مىللتىمۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ قالالمىغان.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 3مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى 500مىڭغا يېقىن قازاق مىللتىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى.
بىر قىسىم قازاقلار شەرقىي تۈركىستاندا قازاقىستان دۆلەت تەۋەكىلىگە ئۆتكەن ياكى يېشىل كارت بىلەن بېرىپ كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلقى تۇتقۇن قىلىشتا زور كوپ ساندا قازاق مىللتىنىڭمۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەسس قىلغان لاگىرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم.
ئۆتكەن يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تەربىيلەش لاگىردا 8ئاي تۇرغان ئومەربەك قازاقىستان پۇقراسى تۇرۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، تەن سالامەتلىكى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان، يېقىندا ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى تەپسىلى ئاڭلاتقان. ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان لاگىرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان قازاق قېرىنداشلار 20گە يەتمىسىمۇ، چىققان قازاقلار ئۆزىنىڭ تۈرمىدە كۆرگەن ۋە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن قىلىنغان زىيانكەشلىكىنى ئاخبارات ۋاستلىرى ۋە ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر تۇرغان قازاق خەلقىگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۇرمەكتە.
5-ئاينىڭ 31-كۈنى قازاقىستاندىكى بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا جازا لاگىردا تۇرۋاتقان ئۇرۇق –تۇققانلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان قازاقلار ئاستاندىكى خىتتاي ئەلچىخانسىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قازاق تىلدا سۇنغان . لېكىن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى ئىلتىماسىنى قازاق تىلىدا ئىكەن خىتتاي تىلىدا يېزىڭلار بىز ئوقۇيالمىدۇق دەپ قولغا قۇرۇق جەدىۋەل بېرىپ يولغا سالغان.
قازاقىستاندىكى ئاخبارات ۋاستلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلاردا تۇرۋاتقان قازاقلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلىتىشقا رادىئو تېلۋىزورلاردا ئورۇن بېرىپ تەشۋىق قىلماقتا.
قازاقىستان تاشقى ئىسلار مىنىستىرلىكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قازاق مىللتىنى لاگىرلاردىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا نارازىلىق باياناتى تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇنىڭغا پەرۋاسىز قارىماقتا.
كۈزەتچىلەر قازاق خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى تەقدىرداش، قەلبىداش، دىنداش بىر مىللەت. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقىدەك مۇسىبەت كۈنلەردە ئورتاق ھەمكارلىشىپ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەركەتلەردە ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، خەلقلەر ئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ.