ھۆرمەتلىك مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومومىي يۈزلۈك تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆلىما ۋە مەسچىتلىرىمىز چېقىلىشقا باشلىدى. لېكىن ھازىرغا قەدەر قولىمىزدا تولۇق بولغان سىتاستىكا ھەم يوق.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشى بىلەن ۋەتەندىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۆلىما ياكى چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش تەسكە توختايدۇ.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىز ئۆزىمىزنىڭ تۇرۇشلۇق يۇرتتىكى ئۆلىما ۋە مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قىسمەن بولسىمۇ خەۋىرىمىز بار. شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىلدىغان شۇ ئۇچۇرلارنى بولسىمۇ بىر يەرگە توپلاپ ئارخىپلاشتۇرۇپ، ماتىرىيال سۇپىتىدە ساقلىساق خىتتاي تاجاۋۇزچلىرىنى خەلقئارالىق سوتلارغا ئەرز قىلىشتىمۇ بۇ خىلدىكى دەلىل ئىسپاتلار ئۇلارنى ئەيىپلەشكە ھەمدە زۈلۈمنى پاش قىلىشقا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قېرىنداشلار بىزنىڭ قولىمىزدىن ھازىرچە كېلدىغان ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشايلى. ھازىرچە كەلمەيدىغان ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشقاندىن قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلغاچ تۇرايلى. ۋاقىت بىز ئۈچۈن بەك قىممەتلىك.
بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىز توۋەندىكى نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: نەبىجان ئەلا
ئالاقىلشىش ۋاتسا نۇمۇرى :0046737462799
ئېلخەت ئادىرسى:artuqbugra2015@gmail.com