شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانىنىڭ بىر قىسىمى ئاشكارىلاندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى:
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا مەلۈم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خىتاي پاسپورتىدىكى ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئولكىلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكەندە پاسپورتىدىكى نومۇرى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن ھامان شەرقىي تۈركىستاندىن بېجىرىلگەن پاسپورت ئۇچۇرى چىقىپ «بۇ كىشنى چوقۇم ، ئۈرۈمچى بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا مەلۈم قىلىپ شۇلارنىڭ بىر تەرەپ قېلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك» دېگەن ئۇچۇر چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەر ئۈرۈمچىگە ماڭدىغان ئايرۇپىلانغا ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يولغا سېلىنىدىكەن .ئۈرۈمچىگە چۈشكەن چاغدا ئۇ يەردىكى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن نەچچە سائەت سوراق قىلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكىلەرنى بولسا تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ ، رەسىمگە تارتىپ، بارماق ئىزى ۋە قان ئۈلگىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر قۇر دۇمبالاپ بولۇپ ئەرلەرنى سايباغ ۋە لىيۇۋ داۋەندىكى تۈرمىگە سولايدىكەن، ئاياللارنى بولسا تەڭرىتاغ رايون تەۋەلىكىدىكى تۈرمىگە سولايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان بولسۇن ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، تۈركىيەلەرگە بۇرۇن چىقىپ كىرگەن ، ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىۋاتقانلار بولسۇن، ئىشقىلىپ چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىلەر توشۇپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2016-يىلنىڭ 7-ئايدىن باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچار ناھىيەسىدە چوڭ تۈرمىدىن بىرنى بىنا قىلغانلىقى، تۈرمىلەرنى تەييار قىلىپ بولۇپ تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغانلىقى، تۇرپان،توقسۇنلاردىكى تۈرمىلەرنىڭمۇ توشۇپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
تۈرمىلەردىكى 6كىشىلىك كامېرلارغا 60كىشنى سىغدۇرۇپ، تۈرمىلەرنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغىدەك يەر يوق ، تۇرۇپ ھالىدىن كېتىپ بارغانلىقى ، ئۇ يەردىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تاياق -توقماق، قىيىن -قىستاق ، ھەتتاكى كېسەل كارىۋىتىدىكى كىشىلەرنىمۇ تۈرمىلەرگە سولاۋاتقانلىقى ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 21-ئەسىردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى كۈزەتچىلەر بىردەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى ئاشكارا قىلىش، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئارقىلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ كۈچى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى خەلقئاراغا ئېچىپ تاشلاش، ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈتنى تاللىماي بەلكى بۇنىڭغا قارشى ئىمكانى يار بەرگەن شەكلىدە قولدىن كېلىدىغاننى قىلىشقا ھەرىكەتكە ئۆتىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.