شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەلب دوستلىرىغا خۇش خەۋەر!
«40لار كۇلۇبى نەشرىياتى»دىن، كۈتۈلگەن كىتابنىڭ خۇشخەۋىرى يېتىپ كەلدى.
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ھەسسە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان 40 تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ ئايلاردىن بېرى داۋاملاشقان تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 40 ماقالىدىن تەشكىل تاپقان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە جانلىق تىل بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن « “BİR DIRAM ،KIRK KELAM (بىر تىرادېگىيە 40 سۆز) شەرقىي تۈركىستان» ناملىق تۈركچە كاتتا ئەسەر پۈتۈپ چىقتى.
شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئۇلۇغ خىزمەتگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىسقىغىنە ۋاقىتتا 40 ماقالىنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇغۇلغان ئاۋازىنىڭ ياڭراق بىر شەكىلدە دۇنياغا ئاڭلىتىلىشىغا ۋەسىلە بولغان، دەۋا ئادىمى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ غەمگۈزارى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «40 لار كۇلۇبى نەشرىياتى»نىڭ خوجايىنى يۈنۈس جوشقۇن قېرىندىشىمىزغا ھويلام تور بېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانچىلىك رەھمەت ئېيتساق ئازلىق قىلىدۇ.
ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. بۇ خەيرلىك لايىھەسى ئۈچۈن ھەر ئىككى جاھاننىڭ سائادىتىنى نېسىپ قىلسۇن. ئامىن!
40 نەپەر تۈرك ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، بۇ تىرىشچانلىقى ئىنشائاللاھ مۇھاجىرەتتىكى بولۇپمۇ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچى، ئاكادېمىكلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆزىنى ئېچىشىغا ۋە ئۆز – ئۆزىنى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، يەنە مۇشۇنداق قانچىلىغان ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىشىغا ئىلھام مەنبەسى بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۈركىيەدىكى مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت ۋە پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق قىلمىشلىرىنى كىتاب شەكىللىرىدە نەشر قىلدۇرۇپ تارقىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە مۇشۇنداق يۇمشاق كۈچلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بۇ خىزمەتتىن بىلىۋالالايمىز.
كىتاب ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىنتېرنىت ئارقىلىق تۈركىيەدە «www.kitabyurdu.com» تور بېتىدە سېتىشقا سۇنىلىدۇ.
بۇ ئېسىل ئەسەرنى ئوقۇشنى ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ئوقۇشىغا ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توغرا مەلۇماتلىق بولۇشىغا ۋەسىلە بولۇشنى خالايدىغان كىتابخانلارنىڭ كىتابنى سېتىۋېلىشقا ئالدىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كىتابنى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ئارقىلىق ھازىردىن باشلاپلا زاكاس قىلغىلى بولىدۇ.