شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگىرىغا ئوت كەتكەن
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسىنىڭ تۆۋەن بېكەتتىكى يىغىۋېلىش لاگىرىغا، شۇ يەر ۋاقتى 15 – يانۋار كۈنى كەچ 18:00ئەتراپىدا ئوت كەتكەن.
ئۈندىدار ئارقىلىق تارقىتىلغان بۇ كۆرنۈشتە، ئوتنىڭ كۈچىيىپ پۈتۈن لاگىرغا تۇتاشقانلىقى، ئەمما ئوت شۇنچە ئۇلغايغىچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ كەلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلار، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 2017 – يىلى 4 – ئايدىن بۇيان ھەر خىل باھانىلار بىلەن يىغىۋېلىنىپ، تۈرمىدىن بەتتەر ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلار بولۇپ، لاگىردىن 8 ئاي جەريانىدا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتى ئېلىپ چىقىلغان.
لاگىرغا ئوت كېتىش سەۋەبى، قانچىلىك كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگىرلارنى بەرپا قىلىش تۇپ مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانە – سەۋەپ بىلەن يوق قىلىش ئىكەنلىگى ئىسپاتلانماقتا.