شى جىنپىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولالامدۇ؟
چوغلۇق
جىنجېڭئېننىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە چاڭبەيشەن تېغىغا چىققانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغىنىنى ئاڭلىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ چاڭبەيشەنگە زادى نېمە ئۈچۈن چىققانلىقى يەنىلا بىر سىر. بەزىلەر ئۇنى ئامېرىكا – كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانۋېرىدىن قوغدىنىش مەقسىتىدە چاڭبەيشەن تېغىغا چىقىۋالغان دېيىشىۋاتىدۇ. يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر، جىنجېڭئېننىڭ چاڭبەيشەندىن خىتتايغا تۇتىشىدىغان ئۆڭكۈر كولىغانلىىقىنى، تەساددىپىي ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالسا، بۇ ئۆڭكۈر ئارقىلىق خىتتايغا قېچىپ، پاناھلىق ئىستەيدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلىشىۋاتىدۇ. بەلكىم رېئاللىق بۇنىڭدىنمۇ مۇرەككەپ بولۇشى ئېھتىمال.
بىزگە ئايان، جىنجېڭئېن چاڭبەيشەندە تۇغۇلغان، چاڭبەيشەنمۇ جىن جەمەتىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس ماكانى. بەلكىم ئۆزى ئىشەنگۈدەك ھېچكىم قالمىغان يىگانە جىنجېڭئېن پەقەت روھ – ئەرۋاھلارغىلا ئىشىنىدىغان ۋە شۇلاردىنلا ئەمىنلىك تىلەيدىغان بولۇپ قالغاندۇ. شۇ سەۋەب ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئىزى قالغان ۋە مۇقەددەس تاۋابگاھى بولغان چاڭبەيشەنگە چىقىپ ئەجدادلىرىنىڭ روھىدىن ئەمىنلىك تىلىگەن بولۇشى ۋە ئالاھىدە چوڭ قارارلارنى چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
جىنجېڭئېننىڭ تۇيۇقسىز ياخشىلىققا قايتىپ، يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلىشى ناتايىن. ئەگەر ئۇ ساراڭ بولۇپ قالمىغانلا بولسا، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ئامېرىكىغا تەڭ كەلگۈدەك ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى ئېنىق بىلىپ يېتىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم چاڭبەيشەن تېغىغا چىقىشىدا يەنە بىر مەقسەت، خىتتاينى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ ئەكېرىشنىڭ پىلانىنى قىلىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى خىتتايدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆلەتنى ئۇرۇشقا سۆرەپ ئەكېرسىلا ئاندىن ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن.
خىتتاي تەرەپ بۈگۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ، <سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى يەنىلا بار، ئۇرۇش قوزغاش قارارىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز> دېدى. خىتتاي جىنجېڭئېننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى توسۇپ قالالماي ئەكسىچە ئامېرىكىنى ئۇرۇشتىن توسىماقچى بولۇشلىرى ئەمەلىيەتتە جىنجېڭئېننى قوغداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەگەر ئامېرىكا خىتتاي بىلەن كارى بولماي شىمالىي كورىيەگە ئۇرۇش باشلىسا، خىتتاي كوممۇنىستلىرى قانداق ئىپادە بىلدۈرەر؟
بىز بۇ ئىشنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز، شۇنداقلا ئۇرۇش باشلىنىدىغان ئىش بولسا كىمنىڭ ئاۋۋال قول سالىدىغانلىقىمۇ نامەلۇم بىر ئىش.
لېكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا مەيلى جىنجېڭئېن قانداق ھېيلە – مېكىر ئىشلەتسۇن ياكى خىتتاي كوممۇنىستلىرى جىنجېڭئېننى قانداق قوغدىسۇن، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە يەنە پۇرسەت ۋە ۋاقىت بېرىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇرۇش ھەر ۋاقىت پارتلىشى مۇمكىن، ئەمما دۆلەت پارلامېنتتا ترامپقا كېلىۋاتقان بېسىملارمۇ ئاز ئەمەس. گەرچە ترامپ ئۇرۇش باشلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرسىمۇ لېكىن ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتى ئۇرۇش باشلىنىشىدىلا چوڭ كۆلەملىك خېمىيىۋىي ۋە يادرو قوراللارنى ئىشلىتىپ، شىمالىي كورىيەنى ئومۇمىيۈزلۈك بىتچىت قىلىشقا قارشى چىقىشى مۇمكىن.
بەلكىم ئۇلار ئۇرۇش باشلانغان تۇنجى ۋاقىتتىلا جىنجېڭئېننى قولغا چۈشۈرۈشنى پىلان قىلسا كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشى مۇمكىن. جىنجېڭئېننى يوقىتىش ئۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ۋە ئەڭ مۇھىم بىر قەدىمى. ئامېرىكىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقىنى قىلماي قالمايدۇ. ئەينى يىللىرى ئامېرىكا ئىراققا قىلغان تۇنجى ھاۋا ھۇجۇمىدىلا سادامنى يوقىتىشنى پىلان قىلغان. ئەمما بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىتىش ئېلىپ بارغان. يەنى دېمەكچىمەنكى، ئەگەر ئۇرۇشقا ئالدى بىلەن ئامېرىكا باشلامچى بولسا، ئۇلارنىڭ تۇنجى قەدىمى جىنجېڭئېننى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەگەر جىنجېڭئېننى يوقىتىش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا بەلكىم ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولىشى ۋە چوڭ دائىرىلىك، ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەلەر يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر بۇ پىلان مەغلۈپ بولسا، ئۇرۇش تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلدا داۋاملىشىشى مۇمكىن.
بىرىنچىسى، جىنجېڭئېن ئادەتتىكى قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى يەنى ئوت زەمبىرەكلەر بىلەن سېئولغا زەربە بېرىشى، ئادەتتىكى ئوق دورىلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە كورىيەدىكى بازىلىرىغا زەربە بېرىشى مۇمكىن. يەنە بىرسى، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكىمۇ ئادەتتىكى قوراللار بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلانسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇرۇش يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلىشى مۇمكىن.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكا 3نۆۋەت ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى. بۇ ئۇرۇشتا ئاساسلىقى ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشلەتتى. بۇنىڭ ئارىسىدىكى 1989 – يىلىدىكى ئىراقنىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا قارىتىلغان دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىدا ھاۋا ھۇجۇمى 42 كۈن داۋاملاشقان. 100دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان ۋە 500مىڭ توننا ئوق – دورا ئىشلەتكەن. يەنە بىرسى 1999 – يىلىدىكى كوسوۋو ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قاراتاغ بىلەن سېربىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى 78 كۈن داۋاملاشقان. ئۇرۇش يۇقىرى پەللىگە چىققاندا 1100دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ۋە 3دانە ئاۋىئاماتكا ئىشلىتىلگەن. ئاقىۋەت سېربىيە ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك زەربىسى داۋامىدا سۈلھىلىشىشنى تاللىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى داۋامىدا سېربىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچ كەلگەن.
مەن بۇ ۋەقەلىكلەرنى ئىنتېرنېتتىن ئىزدىدىم ۋە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. شىمالىي كورىيەنىڭ يەر كۆلۈمى 120مىڭ كۋادرات كېلومېتىر لېكىن سېربىيەنىڭ بولسا 100مىڭ كۋادرات كېلومېتىر كېلىدىكەن. سېربىيە، قاراتاغ ۋە شىمالىي كورىيە جۇغراپىيەلىك ئورنى، يەر مەيدانى جەھەتتە ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. سېربىيەنىڭ ھەربىي قىسمىنىڭ سانى 100مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، شىمالىي كورىيەنىڭ ئوندىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. شىمالىي كورىيە بولسا 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى، بۇ جەھەتتە شىمالىي كورىيە ئېنىقكى سېربىيە ۋە قارا تاغلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كوسوۋو ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى 20مىڭ توننا ئەتراپىدا بومبا ئىشلەتكەن، 3000 ئەتراپىدا باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن ۋە سېرىبىيەنىڭ ئۇرۇش كۈچىنى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېربىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش مەيدانىدىن ئېغىر تىپتىكى جەڭ قوراللىرىدىن 250 دانە تانكا، 450 دانە بىرونىۋىك ۋە 100دىن ئارتۇق توپ – زەمبىرەكلەرنى قايتۇرۇپ چىققان. بۇ ئىشلاردىن قارىغىنىمىزدا، ھاۋا ھۇجۇمىدا دۈشمەننىڭ يوشۇرۇپ قويغان قوراللىرىغا زەربە بېرىش ئانچە ئاسان ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن قارىساق سېربىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى ۋە ئۇرۇش قوراللىرىنى قوغداپ قالالىسىمۇ ، لېكىن دۆلىتىنى قوغداپ قالالمىغان.
ئېگىز تاغ ۋە قويۇق ئورمانلىقلار بار جايلاردا ئۇرۇش ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا ئوخشاش ئۇسۇلدا شىمالىي كورىيەگە تاقابىل تۇرىدىغان بولسا بۇ ئۇرۇش يەنىلا ئىككى ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىشى ئېھتىمال. ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھالەتتىمۇ جىنجېڭئېننىڭ سۈلھىلىشىشنى تاللىشى ناتايىن. چۈنكى شىمالىي كورىيە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ئىپتىدائىي بىر دۆلەت، بومباردىمان قىلىنغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىپتىدائىيلىشىپ كېتىدۇ خالاس. يەنە بىرسى، شىمالىي كورىيە بولسا بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت، جىنجېڭئېن ئەزەلدىن پۇخرالارنىڭ ئۆلۈك – تىرىكى بىلەن كارى يوق . بۇ پەرقلەر سېربىيەنىڭ ئەھۋالى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ . شۇڭا ئېنىق ئېيتالايمىزكى، شىمالىي كورىيە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھالەتتىمۇ جىنجېڭئېننىڭ ئېغىر تىپتىكى ئۇرۇش قوراللىرى يەنىلا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شىمالىي كورىيەنى ئېگىز تاغ ۋە قويۇق ئورمانلار ئوراپ تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار نەچچە ئون يىل يول ياسىدى. ئۇلاردا يەنە ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىلار، يادرو قوراللار، خېمىيىلىك قوراللار بار. ئەگەر ئۇرۇشتا ئادەتتىكى قوراللار ئىشلىتىلسە ، ئۇرۇش بايا بىز دېگەندەك ئىككى ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا جىنجېڭئېن چوقۇم كۆپ قىسىم ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ساقلاپ قالالايدۇ ۋە خىتتايغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىدۇ. ھەتتا تەھدىت سېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ مەزگىل دەل خىتتاينىڭ ئەڭ دەككە – دۈككىگە چۈشىدىغان مەزگىلىدۇر! بۇنداق ئەھۋالدا بىز جىنجېڭئېننىڭ تۇنجى خېمىيىۋىي قورالى ياكى يادرو قورالىنى زادى قەيەرگە ئاتىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. يەنە بىر خىل ئېھتىماللىقتا، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورىيەدىن بىر تەرەپ يادرو قورال ئىشلەتتى دەيلى، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى بىزگە ئايان، ئۇ بولسىمۇ جىنجېڭئېننىڭ يادرو قوراللىرىنى يوقىتىش. ئۇرۇش باشلىنىپلا قالسا، جىنجېڭئېننىڭ يادرو قوراللىرىنى يوقاتمىغىچە ئامېرىكا ھەرگىزمۇ چېكىنمەيدۇ ۋە ئۇرۇشمۇ توختىمايدۇ. ئەمما بۇ ئىككى تەرەپنىڭ قايسى بىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىكەن، ئۇرۇش ناھايىتى تېزلا ئاياقلىششى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا كەڭ كۆلەمدە يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتسە، بەلكىم ئۇرۇش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتالىشى ئېنىق. كوسوۋو ئۇرۇشىدىكىدەك نەچچە ئون توننا بومبا، نەچچە يۈز مىڭ ئوق – دورا، نەچچە مىڭ يادرولۇق قوراللار بىلەن ھۇجۇم باشلىسا بەلكىم شىمالىي كورىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرى، يادرو قوراللىرى بازىسى، خېمىيىۋىي قوراللار بازىسى قاتارلىق جىن جەمەتىنىڭ بارلىق ھەربىي كۈچىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا كەينىدىنلا يەر يۈزى ئۇرۇشى باشلاپ، جىن جەمەتى پادىشاھلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشى مۇمكىن.
تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش شۇكى، ئۇرۇش پارتىلىسا خىتتاي زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟
خىتتاينىڭ كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى يوقىتىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى، خىتتاي شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ئۆز كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈپ بولدى. خىتتاي شۇ سەۋەب شىمالىي كورىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئەگەر خىتتاي يەنە بىر قېتىم شىمالىي كورىيە ئۇرۇشىغا ئارىلىشىدىغان بولسا، يادرو قوراللىرى بولغان، ئۆزىگە دۈشمەن كۆزىدە قاراۋاتقان ھەمراھىغا يۈزلىنىشى كېرەك. ئۇنداقتا خىتتاي جىنجېڭئېن قولىدىكى يادرو قوراللارنى قوغدىسۇنمۇ ياكى جىنجېڭئېن ھاكىمىيىتىنى قوغدىشى كېرەكمۇ؟ خىتتاي جىنجېڭئېننىڭ يادرو قوراللىرىنى قوغدىماي، ھاكىمىيتىنى قوغداپ قالسىچۇ؟ جىنجېڭئېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە مەھكەم باغلانغان. ئەگەر يادرو قوراللىرىنى قوغداپ قېلىپ، جىنجېڭئېننى قوغداپ قالمىسىچۇ؟ خىتتاينىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بارمۇ؟
خىتتاينىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى يوقىتىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولىدۇ. چۈنكى خىتتاي شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە <ئۆزى كولىغان ئورىغا، ئۆزى چۈشۈپ>بولدى. خىتتاي چوقۇم شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەيران بولىشىنى خالىمايدۇ. ئەگەر خىتتاي يەنە بىر قېتىم شىمالىي كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشماقچى بولسا، يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان، ئۆزىگە دۈشمەن نەزىرىدە قارايدىغان بىر ھەمراھقا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنداقتا خىتتاي جىنجېڭئېننىڭ قولىدىكى ھاكىمىيەتنى قوغدىشى كېرەكمۇ ياكى يادرو قوراللىرىنى قوغدىشى كېرەكمۇ؟
خىتتاي جىنجېڭئېننىڭ ھاكىمىيىتى قوغداپ، يادرو قوراللىرىنى قوغدىماسمۇ؟ جىنجېڭئېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئىككىسى ئەلۋەتتە بىر – بىرى بىلەن باغلىنىشلىق. جىنجېڭئېننى قوغداش، جىنجېڭئېننىڭ قولىدىكى يادرو قوراللارنى قوغداشقا باراۋەر بولسا، جىنجېڭئېنغا قارشى چىقىش، جىنجېڭئېننىڭ قولىدىكى يادرو قوراللارغا قارشى چىقىش ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە.
ئەگەر خىتتاي جىنجېڭئېننىڭ قولىدىكى يادرو قوراللىرىنىلا قوغدايمەن دېسە، ئەلۋەتتە جىنجېڭئېن بىلەن دۈشمەنلىشىشىگە توغرا كېلىدۇ. خىتتاينىڭ جىنجېڭئېننىڭ ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن جىنجېڭئېننىڭ يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بارمۇ؟
شى جىنپىڭ ئەۋەتكەن ئەلچى بىلەن جىنجېڭئېننى كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانىدى. خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جىنجېڭئېننىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئابرويى قالمىغانلىقى ئېنىق. شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ خىتتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزگۈرۈش بولغان. شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە جىنجېڭئېننىڭ خىتتاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتى پەقەتلا قالمىدى. شۇ سەۋەب بۇ يەردىكى تاللاش پەقەت خىتتاي شىمالىي كورىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ياكى ئاڭلىماسلىق ئارىسىدا بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىككىلا تاللاش خىتتاي ۋە خىتتاي خەلقلىرى ئۈچۈن ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. جىنجېڭئېننىڭ سۆزىنى ئاڭلىسا ئۆزىنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىك بولسا، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىق ئۇنى يەنە بالاغا تىقىدىغان بىر ئىش. چۈنكى خىتتاينىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى غايەت زور بىر زېمىن شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ نىشانى دائىرىسىدە. يەنى جىنجېڭئېننىڭ خىتتايغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىدىكى نەچچە مىڭ ھەسسە ئېغىر ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر جىنجېڭئېن كەڭ كۆلەملىك يادرو قوراللىرى ۋە خېمىيىۋىي قوراللارنى ئىشلىتىپ، ئادەتتىكى پۇخرالارنىڭ زور كۆلەملىك ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئامېرىكا ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا جىن جەمەتى پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىشى مۇمكىن.
شىمالىي كورىيەنىڭ ئىنتايىن داڭلىق بىر ناخشىسى بولۇپ، ئۇ ناخشىنىڭ ئىسىمى <جىنرىچېڭ گېنىرال ناخشىسى>بولۇپ، ناخشىدا گەرچە شىمالىي كورىيەنىڭ قوياشى تەسۋىرلەنسىمۇ، ئەمما قوياش نۇرى چۈشكەن جاي خىتتاينىڭ شەرقىي شىمالىي رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ناخشا تېكستى مۇنداق:
چاڭبەيشەن تاغ – تىزمىلىرىدا قانلار ئاقتى،
يالۇجياڭ دەرياسىدا قانلار ئاقتى.
مانجۇ دالالىرىدا لەپىلدەپ قارلار ئۇچتى…..
گەرچە چاڭبەيشەن تېغى بىلەن يالۇجياڭ دەرياسى شىمالىي كورىيە بىلەن ئاز – تولا باغلىنىشلىقى بولسىمۇ، لېكىن مانجۇ دالالىرى دېگىنى خىتتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكىلىرىگە قارىتىلغان ئەمەسمۇ؟
ئەگەر بۇ ۋاقىتتا جىنجېڭئېن ھەر قانداق بىر جايغا قېچىپ كېتەلىسىمۇ لېكىن بارغان يېرىدە پاناھقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھېچقانداق بىر دۆلەت دۇنيانىڭ ئورتاق بىر دۈشمىنىگە قوينىنى ئاچمايدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا جىنجېڭئېن قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا بىلەن ھايات – ماماتلىق كۈرەش قىلارمۇ ياكى ئەسكەرلىرى ۋە يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ بىخەتەر جايغا كۆچۈپ كېتىشنىڭ يولىنى قىلارمۇ؟ جىنجېڭئېننىڭ بۇ ۋاقىتتا چاڭبەيشەن تېغىغا چىقىشىدا، قوياش بوۋىسىنىڭ شانۇ – شۆھرەتلىك قوياش بوۋىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مانجۇ دالالىرىغا يۈرۈش قىلىشنى ئويلاۋاتقانمىدۇ؟؟
مەنبە: