-
كۇرشات ئوغلى
-
كىرىش سۆز.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلىشى بىلەن، ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، شەرقىي تۈركىستان خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى جاڭ چۈنشەن، 2016 – يىلى ئاۋغۇستتا، تۇيۇقسىز ھەممە خىزمەتلىرىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا، شۇ مەزگىلدە ئوخشاش دەرىجىدە تىبەتتە خىزمەت ئۆتەۋاتقان، چېڭ چۈەنگو يۆتكەپ كېلىنگەن. يېرىم يىل ئىچىدە، 15 يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان، ئۈرۈمچىدىكى قىش مەزگىلىدە كۆك ئاسمان كۆرۈنمەسلىككە خاتىمە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ۋە خىتتايدا «تۇنجى شەخسى بلوگ ئاچقان نازىر دەرىجىدىكى خىتتاي ئەمەلدارى» بولۇشى بىلەن، « يېڭىلىقپەرۋەر» دەپ خەلقىنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولۇۋاتقان جاڭ چۈنشەننىڭ سەۋەنلىكى نېمە؟ خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، 16 يىل ئۇيغۇر دىيارىدا پادىشاھ كەبى ھۆكۈم سۈرگەن ۋە قاتتىق قوللۇقى بىلەن نام چىقارغان ۋاڭ لېچۈەننى ھوقۇقىدىن قانداق ئايرىغان بولسا، يۇمشاق سىياسەت تۇتقان جاڭ چۈنشەننىمۇ، خۇددى شۇنداق ھوقۇقىدىن ئايرىدى. شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستاننى، زادى قانداق تىپتىكى ئەمەلدار ئارقىلىق باشقۇرماقچى؟ ئۇنىڭ قانداق «ئۇلۇغۋار» مەقسەتلىرى بار؟ مەزكۇر يازمىدا بىز، شى جىنپىڭنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە كرىزىسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
1. شى جىنپىڭ كىم (تەرجىمىھالىدىن).
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە كرىزىسىنى، كۆپ ساندىكى ئانالىزچىلار، “كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بيروكرات رېجىمىدىن كەلگەن سىياسىي كرىزىسنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلى. خىتتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى بىلەن بۇ كرىزىس تۈگەيدۇ” دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچىدىن، خىتتاي قاچان غەرب تۈسىدىكى ئىنسانلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دېموكراتىيىگە ئۇلىشىدۇ بىز بىلمەيمىز؛ ئىككىنچىدىن، خىتتاي دېموكراتىيىگە ئاتلىغان شۇ مەزگىلگە، ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك بىر مۇستەقىل كىملىككە ئىگە توپلام سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ ئۇلىشالامدۇ؟ بىز ئوخشاشلا بۇنىڭغا، كېسىپ بىر نېمە دېيەلمەيمىز. چۈنكى ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە نوقۇل ھالدا، مەدەنىيەت ياكى سىياسىي ئاسسىمىلياتسىيە بولماستىن، بەلكى بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيەدۇر . تۆۋەندە بىز، بۇ خىل ئاسسىمىلاتسىيىنىڭ ماھىيىتىنى، بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيىنى بىزگە تېڭىۋاتقان خىتتاي ھاكىمىيىتى، ۋە شۇ ھاكىمىيەتنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ كىملىكى ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ ئۆتىمىز.
ئالدى بىلەن بىز، خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كىملىكىنى تەھلىل قىلغان چېغىمىزدا، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالاقىدار مۇنداق بىر قانچە كىملىكىنى، كونكرېت تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك.
(1) شىنىڭ قىزىل ئەۋلاد كىملىكى.
شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى زۇڭشۇن، ناھايىتى ياش ۋاقتىدىلا ج ك پ غا ئەزا بولۇپ (ئۇ 13 يېشىدا خىتتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان، 15 يېشىدا ج ك پ غا ئەزا بولغان)، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇشىغا بىۋاسىتە كۈچ قوشقان. كېيىن، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا، سىياسىي كۈرەشتە خىزمىتىدىن ئايرىلىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈۋېتىلگەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بولسا،كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەينىڭ، پەردە كەينىدە تۇرۇپ ياردەم قىلىشى بىلەن ھايات قالغان. شى زۇڭشۇننىڭ سالاھىيىتى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ۋە كېيىنكى خىتتاي ھاكىمىيىتىدە ئىسلاھاتچى ئاتالغان دېڭ شياۋپىڭنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ تۆھپىسى بولسا، خىتتاي مەركىزى كومىتېتىغا :« گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگە كۆپ ئىمتىياز بېرىش ۋە چەت ئەلنى تەقلىد قىلىپ، ئالاھىدە رايون قۇرۇپ سىرتقا ئېچىۋېتىش» توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇشى بولۇپ، خىتتاينىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ دېڭىز بويلىرىدا باشلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. شى جىنپىڭنىڭ خىتتايدا چوڭ ھوقۇق تۇتالىشىدا، ئۇنىڭ “قىزىل ئىككىنچى ئەۋلاد” كىملىكى ھالقىلىق رول ئوينىغان.
(2) شى جىنپىڭنىڭ خىتتاي زىيالىيسى كىملىكى.
خىتتاي كۈلتۈرىدە زىيالىيلار تائىپىسى، دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت توپلىمىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر تائىپە. ئادەتتە زىيالىي ئۇقۇمى، مەلۇم جەمئىيەتتە بىلىم قۇرۇلمىسى يۇقىرى، ئەركىن تەپەككۇر ۋە مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ بىرى، ئۆز كۈلتۈرى ۋە توپلىمىغا بولغان تەنقىدىي پوزىتسىيىسى بولۇپ، بۇ خىل تەنقىدىي پوزىتسىيە خۇددى، ئاغرىقنى داۋالايدىغان دوختۇرغا ئوخشايدۇ. ئەمما خىتتايدا، خىتتاي زىيالىيلىرى مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشى پەقەت، ئىمتىھان بېرىپ ئەمەلدارلىققا تاللىنىش ۋە ھۆكۈمرانغا سادىق بولۇش ئارقىلىق، ئۆز نوپۇزى ۋە بايلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ۋە پۇرسىتى كېلىپ قۇدرەت تاپسا ئۆزى ھۆكۈمران بولۇش. بۇ، خىتتايدا ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، 1400 يىل ئۆتۈپ تا ھازىرغىچە، خىتتاي جەمئىيىتىدە داۋاملىشىۋاتقان بىلىم ئىگىلەشنىڭ تۈپ ماھىيىتى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتتايدا، ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا مۇنداق گەپ بار:« خىتتايدا ئىككىلا تۈرلۈك ئادەم مەۋجۇت بولۇپ، بىرى تەختىراۋاندا ئولتۇرغۇچىلار، قالغىنى بولسا تەختىراۋان كۆتۈرگۈچىلەردۇر». شۇ سەۋەبتىن خىتتاي خەلقىنىڭ، ئىمتىھان ئۈچۈن تىرىشمىغان بالىسىغا بېرىدىغان تەربىيىسى بولسا:«تىرىشىپ ئوقۇمىساڭ تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى بولىسەن» دېيىش.
ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئەمەلدار بولۇش، پەقەت ئىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بىر ئەمەلدار بولغان خىتتاي زىيالىيسى، بىر ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئوخشىمىغان مەنپەئەت گورۇھلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىگە ئارىلاشمىسا، يۇقىرى ئۆرلەش ئەمەس، بار بولغان مەنسىپىندىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى كۈرەشكە ئىشلىتىش، خىتتاي زىيالىيلىرىنىڭ كەسپى بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۆزى كۈچەپ ھوقۇق مەنسەپ ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندىن سىرت، ئەتراپىغا ئىشەنچلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى يىغىپ گورۇھ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، بىر – بىرى بىلەن تىركەشكەن. ئۆزى ئېلىشقا كۆزى يەتمىگەن ئورۇنغا بولسا، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن، «ئىقتىدارلىق» دەپ قارىغان زىيالىيلارنى، ئەڭ توۋەن قاتلامدا بولسىمۇ ئىزدەپ تېپىپ، شۇلارغا دەسمايە سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى مەنسەپكە يۆلەپ چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆز مەنپەئىتىنى ساقلىغان. سۇڭ پىڭنىڭ خۇ جىنتاۋنى يۆلەپ، ئاخىرى باش رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇشى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ .
خىتتاي زىيالىيلىرىنىڭ، تارىختىن بۇيان ئەمەل سورۇنىدىكى ھىيلە – مىكىرلىرى ۋە «ئەقىل-پاراسەتلىرى» نى ئەڭ ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغىنى، تەخمىنەن بۇندىن 100 يىل بۇرۇن خىتتاي زىيالىيسى لى زۇڭۋۇ تەرىپىدىن يېزىلغان «قارا قېلىن پەلسەپىسى[厚黑学]» ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور، بىر خىتتاي زىيالىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتتاي تارىخىنى يەكۈنلەپ، خىتتاينىڭ 24 تارىخىدىكى مەيلى «خەلقپەرۋەر ھۆكۈمران» بولسۇن ۋە ياكى « ۋەتەن سۆيەر قەھرىمان» بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ياكى كۆڭلى قارا ياكى يۈزى قېلىن كېلىدىغانلىقىنى، خىتتاي مەدەنىيەت دائىرىسىدە چوڭ بولغان ھەر قانداق شەخسنىڭ، كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قارا، يۈزىنىڭ قېلىن بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى يازغان. ئۇ ئۆز كىتابىدا يەكۈنلەپ، خىتتاي تارىخىدا بارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ، قارىلىق ۋە قېلىنلىقنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا ئۆز ئۇتۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، قارا ۋە قېلىنلىقتا پەللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى «قارىلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا سۈزۈك[黑而无色,厚而透明]» بولۇش كېرەكلىگىنى؛ يەنى يۈرىگى قارا بولسىمۇ، ئۇنى باشقىلارغا ھەرگىز بىلدۈرمەسلىك ۋە قارا يۈرۈگىنى ياخشى ئىشلار بىلەن يوشۇرۇپ، ھەرقانداق بىر ئىنساننى ئالدىيالايدىغان بولۇشى كېرەكلىگىنى؛ يۈزى قېلىن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا ئۇنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى ئاق كۆڭۈل، كۆڭلى يۇمشاق پەرىشتە قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش كېرەكلىگىنى يەكۈنلىگەن. كېيىنكىلەر بۇ كىتابنى قايتا نەشرگە تەييارلىغاندا، ماۋ زېدۇڭنى «قارا قېلىن پەلسەپەسى» نىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىغان دەپ باھا بەرگەن. بىر قىسىم خىتتاي پۇقرالىرىمۇ:«بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە، خىتتايلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئىش قىلىش پىرىنسىپىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن» دەپ قارايدۇ. بىز خىتتاينىڭ دۇنياغا داڭلىق«36 تەدبىر» ىنى ئانالىز قىلىپ كۆرسەكلا، باشقا ئىنسانلار توپلىمى ئۆز مەدەنىيىتىدە، ئىنسانىيلىقنى ئاساس دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ئادىمىيلىكنى ھۆرمەتلەش، ياخشىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئېتىقاد قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، خىتتايدا پەقەت، ئەمەلدار سورۇنىدىكى زىيالىيلارنىڭ بىر – بىرىنى پۇتلاش ۋە يىقىتىش ئۈچۈن، ۋە ئۆز يۈرىكىدىكى قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى ئۈچۈن، خىزمەت قىلدۇرىدىغان ۋاستە ۋە ياكى قورال ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. شى جىنپىڭ دەل «قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى»نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزگەن ۋە ئەمەلىيىتىدە شۇ ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان بىر خىتتاي زىيالىيسى.
خىتتاي تارىخىدا ئۆگىتىلىۋاتقان:«ئاخىرقى سۇلالە چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن خىتتايدا فېئوداللىق سۇلالىنىڭ داۋاملىشىشىغا خاتىمە بېرىلگەن» دېگەنگە، بولۇپمۇ خىتتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئىشەنمەيدۇ. چۇنكى ماۋ زېدۇڭ قۇرغان «يېڭى جۇڭگو» ماھىيەتتە، يەنىلا بىر فېئودال خانلىققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھ كەبى رەئىسى بار، ئەمەلدارلار، ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانلىرىدا تاللىنىلغان، خانغا سادىق بولۇش ھېسابىغا، ھوقۇق ۋە بايلىق كويىدا يۈرگەن زىيالىيلاردۇر. بۇ زىيالىيلارنىڭ ئارىسىدا، خاننىڭ ئەڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدىغان زىيالىي، يەنىلا ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادىدىن يېتىشىپ چىققانلار. شى جىنپىڭ بولسا دەل «يىلتىزىدىن قىزىل» بىر زىيالىي.شى جىنپىڭ دادىسىنىڭ يىقىلىشى بىلەن بىللە، ھەممە نېمىسى تەل تۇرمۇشتىن موللاق ئېتىپ، ئەڭ تۆۋەنگە «چېنىقىش» قا چۈشۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ توۋەن قاتلامدا، يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسخىرە ۋە بوزەك قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە سېلىپ يۈرگەن. باشقا قىزىل ئەۋلادلاردىن پەرقلىقى، ئۇ تۇرمۇشتا ئاددىي ئوتكەن، ئوقۇشتا تىرىشقان. بايلىققا ۋە قىز – چوكانلارغا ئىنتىلمىگەن، ھەر ئىشتا ئېغىر بېسىق بولغان. شى بۇ مىجەز – خۇلقى بىلەن، كىچىكىدىن ئارىلىشىپ بىللە ئۆسكەن دىڭ شاۋپىڭنىڭ قىزى، لى خەننيەننىڭ ئوغلى دېگەندەك قىزىل ئىككىنچى ئەۋلادلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. جاڭ زېمىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، دىڭ شاۋپىڭ بېكىتكەن ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولىدىن چەتنىشى، ئەمەلدار سورۇنىدىن ئايرىلغان دىڭنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن دىڭ شاۋپىڭ، 1992 – يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن، ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك بىلەن جاڭنى ئاگاھلاندۇرغان. دىڭ شاۋپىڭ ھەتتا، جاڭ زېمىننىڭ ئۆزىگە ئىزباسار تەيىنلىشىنى چەكلەپ، خۇ جىنتاۋنى باش رەئىس ئورۇن باسارى قىلىپ تەيىنلىگەن. جاڭ زېمىن بولسا ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىگە، ئۆزىگە سادىق ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خۇ جىنتاۋ رەئىس بولغاندا، ھېچ ئىش تەۋرىتەلمەيدىغان قورچاق رەئىس قىلىپ قويغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا 2009 – يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى «ۋېنچۈەن چوڭ يەر تەۋرەش» تە، خۇ جىنتاۋ نەق مەيدانغا ياردەم بېرىشكە، ھەربىي دائىرىلەرگە يوليورۇق بەرگەن بولسىمۇ، بىرمۇ ئەسكەرنى يۆتكىيەلمىگەن. ئەينى چاغدا خىتتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، سابىق باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ، ھەربىي قىسىمغا گەپ ئۆتكۈزەلمەي، تېلېفوننى پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىشىدەك غەلىتە خەۋەرمۇ بېرىلگەن. خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە ئىز باسار تىكلەش ئىشىدا، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئۆز ئادىمىنى ئىزباسار قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان جاڭ زېمىن بىلەن تىركىشىپ قالغان. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە،« قىزىل ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىيالايدۇ» دەپ ھېسابلاپ شى جىنپىڭنىڭ، مەركىزىي بيوروغا دائىمىي ھەيئەت بولۇشى ۋە ئاخىرىدا باش رەئىس بولۇشىغىچە يۆلىگەن.
(3) شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى.
بۇ يەردە، خىتتاي زىيالىيلىرىنى شۇنداق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىرىۋاتقان، شۇ كۈلتۈر ھادىسىسىنى ئانالىز قىلىش تولىمۇ مۇھىم. ئادەتتە، خىتتاي كۈلتۈرى ئۆزىنىڭ، سۈمۈرگۈچىلىك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە كۈچىنىڭ زورلۇقى بىلەن، كۆپلىگەن خىتتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. بولۇپمۇ قايسى دۆلەتتە بولسۇن «تاڭلىقلار كوچىسى» دېگەن يەرگە بارسىلا، ئۇ يەردىكى مەينەتچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق، ئادەمنى خۇددى خىتتاينىڭ بىر شەھىرىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. خىتتاي خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ نەرىگە كۆچسۇن ئاسان ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە، يەرلىك جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتكە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز ۋە كورىمىز. بىر تىپىك مىسال شۇكى، خېلى يىللار بۇرۇن ئامېرىكىدا كىشىلەر، تاللا بازىرىدا مېۋە – چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئالغاندا، قولغا چىققاننى ئالىدىغانلىقىنى، تاللاپ – ئىلغاپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما، كېيىن خىتتايلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شۇلارنى دوراپ ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ، تاللاپ ئالىدىغان يەرلىكلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، دەل خىتتايلارنىڭ چەت ئەلدىكى تور بەتلىرىدىكى يازمىلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋايساشلىرىدىن ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. خىتتايدىكى مىللەتلەر، مۇستەقىل تىل ۋە ئېتنىك كىملىكى بىلەن 56 گە ئايرىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە، مۇستەقىل كىملىكى بار خىتتايدىن باشقا چوڭ مىللەتلەردىن، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرلا قالدى.
«خىتتاي كۈلتۈرىدىكى بۇنداق سۈمۈرگۈچى كۈچنىڭ يادروسى زادى نېمە؟» دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما، نوپۇزلۇق خىتتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇنى خىتتاي يېزىقىغا باغلايدۇ. خىتتاي يېزىقى ھازىرقى دۇنيادا، بىردىن – بىر ئىستىمالدىن قالمىغان مورفېما يېزىقى(شەكلى ئۆزگەرگەن ئېروگلىف يېزىقى دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق) بولۇپ، بۇ خىل يېزىق شەكلى، ئىنسان تەپەككۇرىنى مەلۇم بىر كاتېگورىيە ئىچىدە قۇلۇپلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرچە ۋە ياكى ئىنگلىزچە تىللاردا، مەلۇم ساندىكى ھەرپنى ئۆگىنىپ بولۇپ، گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە ھەرپلەر قوشۇلۇپ سۆز، سۆز قوشۇلۇپ جۈملە بولىدۇ. يەنى، ھەرىپ يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئىنسانلار، ھەرىپ ئۆگۈنۈپ بولۇپلا ئابستراكت سۆزلۈكلەرنى يازالايدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەمما، خىتتاي تىلىدا ھەرىپ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ھەر بىر تاق سۆزلۈكنى ئىپادىلەيدىغان خەت بار. خىتتايلار بۇ خەتلەرنى (سۆزلۈكلەرنى) بىردىن – بىردىن تەقلىد قىلىپ يېزىشنى (توغرىسى سىزىشنى ياكى ياساشنى) ئۆگۈنىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئۆگۈنۈشتە، تەقلىدچىلىك ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ يېزىق ئارقىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگەن ئىنسان، ئابستىراكت تەپەككۇرغا ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشچان خىتتاي خەلقىنىڭ باشقىلار ئىجادىيىتىنى ئەينەن تەقلىد قىلىپ ياسىيالايدىغان، ئەمما ئۆز ئىختىراسى ئىنتايىن ئاز بولۇش سەۋەبىنى، بىزگە يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ خىل يېزىقنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن كۈلتۈر ئىنساننىڭ، ئىنسانىي ھۆرلۈك ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىنى زىيانلىق دەپ تەرغىب قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىن ئىنسانغا :«مېنىلا تەقلىد قىل، يېڭىلىق ياراتما» دەيدىغان تەلىماتنى تاڭىدۇ.
ئادەتتە، كۈلتۈر ۋە ئىدىئولوگىيە، شۇ ئىنسان توپىنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل كۈلتۈر ۋە ئىدىئولوگىيە، داۋاملىق ئۆز ئىچىدىن ياكى سىرتتىن باشقا مەدەنىيەتلەردىن ئوزۇق ئېلىپ تولۇقلىنىپ تۇرۇشى، ئەكسىچە، شۇ ئىنسان توپلامنىڭ تەرەققىياتىنى بوغقاندا بولسا، جىددىي ئىسلاھات قىلىنىشى ياكى ئىستىمالدىن قېلىشى كېرەك. بۇ يەردە بىز كېسىپ ئېيتالايدىغان بىر يەكۈن شۇكى، كۈلتۈر ئەزەلدىن ئىنسان تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئۇ ئىنسان (توپلىمى) غا بويسۇنۇشى كېرەك. بۇ ئىنسانىيەت تەرەققىيات داۋامىدىكى كۈلتۈر بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى.
ئەمما، خىتتاي جەمئىيىتىدە بولسا ئىنسان توپلىمى، بۇ كۈلتۈر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. يەنى مەدەنىيەتنىڭ قۇلى بولۇش ھېسابىغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام ئېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خىتتاي جەمئىيىتىدە ئەزەلدىن دىن، يەنى، ئىنساننى ياراتقان بىر تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنى تەرغىب قىلىدىغان ئېتىقاد ياكى ئىدىئولوگىيە مەۋجۇت بولمىغان ھەم مەۋجۇت بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، دەل خىتتاي كۈلتۈرىنىڭ ئەنە شۇ ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىدە. ئۇ مەيلى ئۆز ئىچىدىن چىققان بولسۇن ۋە ياكى چەتتىن كىرگەن بولسۇن، ئەزەلدىن دىنىي ئېتىقادنىڭ يىلتىز تارتىشىغا ۋە تارقىلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. خىتتاي كۈلتۈرىدىكى، ئۆز ئىچىدىن يارىتىلغان تاۋىسم تەلىماتىنىڭ بوغۇلۇشى ۋە تاڭ دەۋردىكى كۇڭزى تەلىماتىنىڭ كېڭىيىپ، ھۆكۈمران ئىدىئولوگىيە بولۇپ قېلىشى شۇنىڭ تىپىك مىسالى. كۇڭزى تەلىماتنىڭ كېڭىيىشىدىكى تۈپ سەۋەب بولسا، دەل بۇ ئىدىيە بىلىمى بار كىشىلەرنى، ھۆكۈمران ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەرغىب قىلىپ، ھۆكۈمران تەبىقىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن بولغان. شۇ سەۋەبتىن، خىتتاي كۈلتۈر چەمبىرىكى ئىچىدە، خىتتاي خەلقىنى «تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇچى ۋە ياكى تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى» دېگەن ئىككىلا تائىپىگە ئايرىپ، بىر – بىرىگە بېقىنىپ ياشايدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھوقۇق تۇتقان خىتتاي زىيالىيلىرى بولسا، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى «پەلسەپىۋى ئاساس» لار بىلەن قوللايدىغان بۇ كۈلتۈرنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىب قىلىپ ئۇنى قوللاپ كەلگەن.
بۇ خىل ئەھۋال، بۇ خىل كۈلتۈرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆكۈمران ئورنىغا ئوتكەن خىتتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئېنىق بولۇپ، بۇ كۈلتۈرگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق شەيئى مەۋجۇت بولماسلىقى، ئوچۇقراق ئېيتقاندا، «ئەركىن پىكىر ۋە مۇستەقىل خاراكتېر» مەۋجۇت بولماسلىقى، بولۇپمۇ «ياتلار»، بۇ كۈلتۈر ئىچىدە مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك. بۇ بىزگە، نېمە ئۈچۈن خىتتايلار تارىختىن بېرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كەلگەن، ئۆزگىچە ئىنسان توپلىمى ياكى كۈلتۈرنى «ياتتىن ئۆزىگە» ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى، چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنى، خىتتاي زىيالىيلىرى تارىختىن بېرى تەكىتلەپ تۇرىدىغان «ئۆزى ياتنىڭ كۆڭلى يات[非我族类,其心必异]»دەيدىغان چۈشەنچىسىدىن، بۇ كۈلتۈرنىڭ«ياتلار» دىن قورقىدىغان، «ياتلار» نى پاتۇرمايدىغان ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنەلەيمىز.
خىتتاي، كۈلتۈرىنىڭ ئۆز يېزىقىدىكى بۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئوزۇق ئالغان تەپەككۇرى بويىچە، ئۆزىگە ئۇلاشقان ياكى ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ياكى مەدەنىيەتنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ، ئاخىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ كەلدى. بۇ قانداقتۇر، خىتتاي كۈلتۈرىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەردىن ئەۋزەل ۋە ئالىي بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئەڭ مۇھىم سەۋەب، خىتتاي كۈلتۈرى جەمئىيىتىگە ھۆكۈمران بولغان يات تائىپە، ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۈرەشلىرىدە، كىم خىتتاي كۈلتۈرىدىكى ھىيلە – مىكىر، رەزىللىكنى قانچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنسە ۋە ئىشلىتەلىسە، شۇ، تەخت تالىشىش كۈرىشىدە يېڭىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ئۇلار شۇنداق بىر ئىچكى سەۋەبتىن، خىتتاي كۈلتۈرىگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرىمۇ بۇ كۈلتۈرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ۋە ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى موڭغۇللار ۋە مانجۇلاردۇر. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۆكۈمران بولغان موڭغۇللار ۋە مانجۇلارنىڭ بۆلىكى، شۇ پېتى ھۆكۈمران قاتلىمىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان موڭغۇلىيە (خىتتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىچكى موڭغۇل) ۋە مانجۇرىيە خىتتاينىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش تاكتىكىسى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. مانجۇرىيەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان شەخس بولسا، 1911 – يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقىي – شىمالنى قولغا كىرگۈزۈپ، يەرلىك پادىشاھ بولغان چوڭ مىلىتارىست جاڭ زولىن بولۇپ، ئۇ شەرقىي – شىمالغا ئىچكىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مانجۇلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا شەرقىي – شىمالنىڭ پۈتۈنلەي خىتتايلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن بىز، خىتتاي كۈلتۈرىدە قايسى زامان، قانداق خىلدىكى ھۆكۈمران بولسۇن، خىتتاي زىيالىيسىلا بولىدىكەن، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ياتلارنى يوقىتىش ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
خىتتاي كۈلتۈرى ئىنسان پسىخىكىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دىننى ئىنكار قىلىدىغان بۇ كۈلتۈر تەربىيىلەپ چىققان خىتتايلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئانالىز قىلساق، بۇ كۈلتۈردە يۇيۇنۇپ چىققان ئىنسان يۈكسەلگەندە، ئۆزىنى ياراتقۇچى ئورنىغا قويۇپ خۇدىنى بىلمەي قالسا، گۇمرانلىققا يۈزلەنگەندە بولسا ئىتتەك خارلىنىپ قۇلدەك ياشاپ ئۆتۈشكە تەييار. بىز، ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇش بولغان خىتتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى «مەرد-ئەزىمەتلەر»، «جاھانكەزدى قەھرىمانلار»نىڭ مەرد، باتۇر ئاتىلىش تارىخىنى يېشىپ كۆرسەك، بىزنىڭ مەدەنىيەت قاراشلىرىمىزدا مۇناپىقلىق، قورقۇنچاقلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆلچەملەر، خىتتاي كۈلتۈرىدە ئۇنىڭ ئەكسىنى(تەتۈرىنى) بىلدۈرىدۇ. مىسالغا بىز، جىنياڭ داۋىنىدا يولۋاسنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرگەن ۋۇ سۇڭنىڭ، ئەمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، خۇدىنى بىلمەي يولۋاسنى مۇشتلاپ قويغانلىقىنى، مەستلىكتىن يېشىلىپ ئويغىنىپ، يېنىدا ياتقان يولۋاسنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى «سۇ بويىدا» رومانىدا ئوقۇغان ئىدۇق. يەنە ئەينى كىتابتا، شۇ باتۇرلار چوقۇنۇپ ئۆزلىرىگە ئاتامان سايلىغان «شىپالىق يامغۇر» سۈپەتلىك سۇڭ جياڭنى ئېلىپ ئېيتساق، شۇنداق كۆپ باتۇر چوقۇنىدىغان بۇ قەھرىمان، يامۇلدىن تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەنلەردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ساراڭ بولۇۋېلىپ ئازگالدا نىجاسەت يېگەن. « ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» رومانىدا بولسا، كائو سائو ئۆيگە كەلگەن ئەزىز مېھماننى كۈتۈشكە، ئۆز خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ غىزا ئەتكەن. بىز بىلىدىغان باشقا مەدەنىيەت بۇنى شەرەپسىزلىك، نومۇسسىزلىق دەپ بىلگەن بىلەن، خىتتاي كۈلتۈرىدە بۇ، ۋاستە تاللىماسلىق بىلەن مۇددىئاغا يەتكەن ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ.
بەزىلەر، بۇ دەۋردىكى خىتتايلار غەرب مودېرنىزمىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگەردى دەپ ئويلىشى تەبىئىي. ھازىرقى خىتتاي زىيالىيلىرى ئۆزگەردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسىدىكى زىيالىيلىرىچۇ؟ بىز بۇنى كېيىنكى مەزمۇنلاردا يەنىلا شى جىنپىڭنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بىلەلەيمىز.2. شى جىنپىڭ نېمە قىلماقچى.
(1) شى تەختكە چىقىشنىڭ ئالدىدىكى مەدەنىيەت ھادىسىلەر.
2002 – يىلى خىتتايدىكى داڭلىق رېژىسسور جاڭ يىموۋ، خىتتاينىڭ كىنو چولپانلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، «قەھرىمان(英雄)» فىلىمىنى ئىشلەپ تارقاتقان. بۇ فىلىم، خىتتاي دۆلىتى ئىچىدە زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، تاپاۋىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان تۇنجى فىلىم بولۇپ قالغان. خىتتاي رېژىسسورى جاڭ يىموۋنىڭ « قەھرىمان» فىلىمىدا ئەكس ئەتتۈرگەن قەھرىمان ئوبرازى كىم؟ فىلىمدا زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ خەلقنى يۆلەيدىغان بىر نەچچە چامباشچى، قانخورلۇق ۋە خەلققە زۇلۇم سېلىش بىلەن نام چىقارغان چىن شىخۇاڭنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئۇلار ھەمكارلىشىپ، ئارىسىدىكى بىرىنى قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدىكى چىن شىخۇاڭغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەندە، ئۇ ئەكسىچە، چن شىخۇاڭنى ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلاپ ئۆلتۈرمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، خىتتاي رېژىسسورى جاڭ يىموۋ يورۇتقان، خىتتاي كۈلتۈرى مەدھىيىلەيدىغان قەھرىمان قارا نىيەت بولسۇن، زوراۋان قانخور بولسۇن، ياتلارنى يوقىتىپ خىتتاي دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتكەن بولسىلا، شۇ ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. 2002 – يىلى بۇ فىلىم قويۇلغاندا خىتتايدا، جاڭ زېمىن دۆلەت رەئىسلىك ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، خۇ جىنتاۋغا ھەربىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن. ۋە شۇنىڭدەك، ئۆزى تەختتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن، خىتتاي زىيالىيلىرى خىتتاي زېمىنى دەپ تالىشىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى شىمال چىگرىسىدىكى بىر قىسىم زېمىنلارنى، چېگرىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان چىگرا شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان ئىدى. جاڭ يىموۋدەك بىر سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتتاي زىيالىيسىنىڭ، بۇ فىلىمنى شۇ ۋاقىتتا ئىشلىشىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىم ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە، خىتتاي ھۆكۈمران سىنىپىغا، خىتتاينىڭ كۈلتۈرىدە قانداق كىشىنىڭ ھەقىقىي مىللىي قەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
2007 – يىلى خىتتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆپ قىسىملىق تارىخىي تىياتىر « مەقسەتلەر ئۈچۈن ئاچچىق يۇتۇش (بۇ ئىدىئومنى شاخ – شۇمبا ئۈستىدە يېتىپ ئوت يالىماق دەپ تەرجىمە قىلغانلارمۇ بار)( 卧薪尝胆)»نى كەڭ تەشۋىقاتلار بىلەن قويدى. بۇ فىلىمدە، خىتتاينىڭ ئەمىنىيە دەۋرى (春秋战国时期) دىكى ۋۇ سۇلالىسى بىلەن يۆ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدىغان، يۆ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گو جيەننىڭ، تارىخى كەچۈرمىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. گو جيەن دۈشمىنىنى سەل چاغلاپ، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ۋۇ پادىشاھىغا ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئۇ پادىشاھ تۇرۇپمۇ، ۋۇ پادىشاھىغا ئەسىرگە چۈشكەندە، جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئاتلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ھەر خىل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ، كۈندۈزى ۋۇ پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئالسا، كەچتە ئېغىلغا قايتىپ، ئۇخلاش ئالدىدا، تورۇسقا ئېسىپ قويغان مالنىڭ ئاچچىق ئوتۇنىنى ئېغىزىغا سېلىپ شوراپ، قىساسىنى ئېسىگە ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەتتا، بىر قېتىم ۋۇ پادىشاھى ئاغرىپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ ئانا مىراس بىر دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋۇ پادىشاھىنىڭ تەرەت قاچىسىدىكى تەرىتىنى ئېغىزىغا سېلىپ تېتىپ، پادىشاھنىڭ ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن ۋۇ پادىشاھى ساقىيىپ كېتىدۇ ۋە گو جيەنگە تېخىمۇ ئىشىنىپ، ئاخىرى ئۇنى ئازاد قىلىدۇ. گو جيەن بولسا، قايتىدىن ئۆز كۈچىنى تولۇقلاپ، 20 يىلدىن كېيىن، ۋۇ پادىشاھىنى مەغلۇب قىلىپ قىساسىنى ئالىدۇ.
2007 – يىلى بۇ فىلىم قويۇلۇشقا باشلىغاندا، شى جىنپىڭ نەدە، نېمىلەرنى قىلىۋاتاتتى؟ بۇ ۋاقىتتا، شى خىتتايدا زور تەسىر قوزغىغان شاڭخەي شەھىرىنىڭ رەھبىرى چەن لياڭيۇ ۋەقەسىنى بېسىقتۇرغان، ۋە خىتتاينىڭ مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ، قارار بېرەلەيدىغان ئەڭ ھوقۇقلۇق توققۇز كىشىلىك ھەيئىتىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، تېخى، ئەڭ ئالىي ھوقۇقدار ئەمەس ئىدى. يۇقارقى فىلىمنىڭ، شى جىنپىڭ تەختكە رەسمىي چىقىشنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ قويۇلۇشى، ھەرگىز تاسادىبىي ۋەقە ئەمەس. چۈنكى شۇ چاغدا، سابىق خىتتاي باش رەئىسى جاڭ زېمىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە خىتتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان؛ «فالۈنگوڭ» چىلار نامىدا، ئۆزىگە نارازى خىتتاي زىيالىيلىرىنى داۋاملىق، ئۆز ئادەملىرى ئارقىلىق باستۇرۇۋاتقان؛ سىرتقا بولسا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، دۆلەت چېگرىسىنى ئايرىپ « ۋەتەن ساتقۇچ خائىن» نامىدا، خىتتاي زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ تۇرغان مەزگىللەر ئىدى. شۇ چاغدا، جاڭ زېمىن ھوقۇقتىن چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىي ھوقۇقدار. خۇ جىنتاۋ باش رەئىس بولسىمۇ، قورچاق ھالەتتە ئىدى. خىتتاي زىيالىيلىرى بۇ ئىككىسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە خىتتاي ئۈچۈن ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان «قەھرىمان» ئىزدەپ، ئاخىرى دىققىتى شى جىنپىڭغا مەركەزلەشكەن ئىدى. شۇ چاغلاردا، بۇ خىل «قەھرىمان» بولۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەن باشقا بىر قانچە نامزات بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوخشاشلا قىزىل ئەۋلادتىن بولغان، تېخى قىزىل بولغاندىمۇ شى جىنپىڭدىن قېلىشمايدىغان بو شىلەي بار ئىدى. ئەمما، بو شىلەي ئۆزىنىڭ قارىلىقىنى، يېڭى خوتۇن ئۈچۈن سابىق خوتۇنىنى ئولتۈرۈش بىلەن ئاشكارىلاپ قويسا، قېلىنلىقىنى بالىسى بىلەن كېيىنكى خوتۇنى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ، قىزىل ئەۋلادلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. شى جىنپىڭ بولسا، ئۈن – تىنسىز ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇلار ئۆزىدەك قىزىل ئەۋلاد بولمىغان ۋە ئۆزىدەك جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرمىگەن « تېگى پەس» لەردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا گەدىنىنى ئېگىپ يۈردى. چۈنكى، ئۇ 2007 – يىلدىكى فىلىمنى، ئۇنىڭدىن خېلى يىللار بۇرۇن، سەھرالاردا يېزا باشلىقلىرىنىڭ مەسخىرىلىرىنى ئاڭلىغاچ، كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلگەن ئىدى.
خىتتاي زىيالىيلىرى، بىر – بىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگۈچىلەر. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ بەتتەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئوخشاش قازاندا قايناپ چىققانلىقى ئۈچۈن، بىر – بىرىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى زىيالىيلار بولسىمۇ، كەلگۈسىدە كىمنىڭ تەختىراۋاندا ئولتۇرالايدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ.
خۇددى، سىنگاپورنىڭ سابىق پرېزدېنتى لى گۇاڭياۋ دېگەندەك:« شى جىنپىڭ باشقىلار ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان گەپ قىلسىمۇ ، يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرالايدىغان بىر شەخس. يەنى، ئۆز ئىچىدە ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرمەيدىغان بىرى» ئىدى.شى جىنپىڭ ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ھەر قانداق خورلۇقلارنى، خۇددى يۆ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گو جيەندەك ئىچىگە سېلىپ بىلىندۈرمىگەن. شۇ سەۋەبتىن، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى قىزىل بولمىغان، ئەكسىچە دادىسى ياپون ئۇرۇشىدا خائىن سانالغان، جاڭ زېمىننىڭ خىزمىتىنى ئۈن – تىنسىز ئىشلىگەن بولسا؛ ئوخشاشلا، قىزىل ئەۋلاد بولمىغان ۋە ھوقۇقىدىن ئايرىلغۇچە جاڭ زېمىننىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالمىغان قورقۇنچاق خۇ جىنتاۋنىڭ خىزمىتىنىمۇ، چىرايىنى ئۆزگەرتمەي قىلغان. « قارىلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا سۈزۈك» پەللىسىگە يەتكەن خىتتاي زىيالىيسى شى جىنپىڭ، ئاخىرى ئەڭ ئالىي ھوقۇقدار بولدى.
(2) شى جىنپىڭنىڭ پىلانلىرىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى.
2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ «جۇڭگو چۈشى» نى، تۇنجى قېتىم سىرتقا ئاشكارىلىغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ، خىتتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغىنىغا، ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو چۈشى، « جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى» بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇنى، سابىق پرېزىدېنت باراك ئوباماغا بولغان چۈشەندۈرۈشى:« ئىچىگە قارىتا دۆلەت قۇدرەتلىك، مىللەت روھلۇق، خەلق باي. سىرتقا قارىتا بولسا ھەمكارلىق، تەرەققىيات، تىنچلىق، تەڭ يېڭىش» بولغان. ئەمما بۇ يەردە، شىنىڭ «جۇڭگو چۈشى» دېموكراتىيە چۈشىمۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. خىتتايدا دېموكراتىيە ئاۋانگارتى ھېسابلىنىدىغان جەنۇبى جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى(南方周末) :« شىنىڭ جۇڭگو چۈشى، ئاساسىي قانۇن چۈشى» دەپ ئىزاھات بەرگىنىدە، ئېغىزى دەرھال تۇۋاقلانغان.
شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىپلا باشلىغان ئىش – پائالىيەتلىرى، خىتتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنى خېلىلا گاڭگىراتتى. ئۇ تەختكە چىقىپلا، ئۆزىگە يېڭى – يېڭى ناملارنى بېرىپ مەمۇرىي، ھەربىي ۋە ئىدىئولوگىيە تەرەپتىكى ھوقۇقلارنى، يۇقىرى دەرىجىدە ئۆز قولىغا يىغدى. خىتتاي سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، بىر پارتىيە تۈزۈمىگە قارشى دېموكراتچى خىتتاي زىيالىيلىرىنىڭ، شىنى تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن «سىياسىي ئىسلاھاتچى»دەپ تەرىپلىشىنىڭ ئەكسىچە، شى، ئاساسىي قانۇن ئاساسىدا دۆلەت باشقۇرۇشنى ياقلايدىغان، بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيىلىك خىتتاي زىيالىيلىرىنى سوتلىدى ۋە تۈرمىگە تاشلىدى. ئەمما شىنى، مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ يەنە بىر ۋەكىلى دېگۈچىلەرگە قارىتا، ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ جىددىي بولدى. ماۋ زېدۇڭنى تەرىپلەپ، قىزىل سىياسەتنى ئالقىشلايدىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ، قانچىلىك چوڭقۇر ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنى جازالىدى. ئۇنىڭ پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. «يولۋاس بىلەن چىۋىننى تەڭ ئۇرۇش سىياسىتى» ۋە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىپ چەتكە قاچقان ئەمەلدارلارنى، قايتۇرۇپ ئەكېلىپ سوتلاۋاتقان «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»، خىتتاي خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شىنىڭ، بۇنداق ئىككىلا تەرەپنى باسىدىغان سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۇ بىر ئىسلاھاتچىمۇ ياكى بيۇروكراتمۇ؟
بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئوتكەن، خىتتاي كۈلتۈرى ۋە ئۇنىڭ جەۋھىرى بولغان «قارا كۆڭۈل پەلسەپەسى»نى ئېنىق چۈشەنگىنىمىزدە، شى جىنپىڭنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. بولۇپمۇ، مال -دۇنياغا ۋە پاھىشىۋازلىققا ئىنتىلمەيدىغان شىنىڭ پىلانى بولسا، خىتتاي كۈلتۈرى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن «ھەقىقىي قەھرىمان» بولۇپ نام قالدۇرۇش. ئۇنىڭ پىلانى تۆۋەندىكىچە:
شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان ئالدىنقى بەش يىل ئىچىدە، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇتلەقلەشتۈرۈش، ئۇنىڭ پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق قارشى كۈچلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويماسلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېيىنكى بەش يىلدا ئېلىپ بارىدىغان پىلانلىرى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش؛ بۇ تەييارلىقلار:1. ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ئازايتىش، ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە كىرىشىگە يول ئېچىش. شۇ ئارقىلىق، خەلققە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىش؛ 2. سىياسىي پىلانلار. قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن، خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇچ كېلىۋاتقان، پارىخورلۇق ۋە ئىشەنچىسىزلىك كرىزىسىنى يوقىتىش. سىياسىي ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تويۇنۇشىنى كۈتۈش؛ 3. ھەربىي تەييارلىقلار. خىتتاي ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس ئىسلاھات قىلىپ، ئارمىيىنىڭ قورال – ياراق سەپلىمىسىنى، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش. ئوفىتسېر، ئەسكەرلەرنىڭ سەۋىيە – ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇرۇشقا كىرەلەيدىغان قىلىش. بۇ پىلانلار، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى ۋە ھازىرمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.شى جىنپىڭنىڭ پىلانى، ئۇنىڭ «جۇڭگو چۈشى» دىمۇ ئېنىق يەكۈنلەنگەن. دۆلەت قۇدرەتلىك، خەلق روھلۇق ۋە باي بولۇش. ئەمما شىنىڭ چۈشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ باي بولۇشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. خىتتاي كۈلتۈرىدىكى «قەھرىمان دۆلەت»، قۇدرەت تاپقاندا چوقۇم «تارىختىن بۇيانقى» زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. خىتتاي دۆلىتىنىڭ، تارىختا قۇدرەت تاپقاندىكى تېررىتورىيىسى، خىتتاي تارىخچى زىيالىيلىرى تەرىپىدىن بۇرۇنلا خاتىرىلەنگەن. تارىختا، بۇنداق ئۇلۇغ چوڭ تېررىتورىيىلىك دۆلەتلەرنى قۇرغانلار، خىتتاي مىللىتى بولمىسىمۇ، ئۇ مەسىلە ئەمەس. ياتلار قۇرغان دۆلەت، خىتتاي كۈلتۈرى جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلا دۆلەت بولسا، بۇ دۆلەت خىتتايلارنىڭ. بۇ دۆلەت ئىگىلىگەن زېمىن خىتتاي زېمىن تېررىتورىيىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، موڭغۇللارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان موڭغۇلىيە، خىتتاي تارىخىدا يۈەن سۇلالىسى ئاتالغان قۇبلايخان دۆلىتى سەۋەبلىك، خىتتاي تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر زېمىنى مانجۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىك سەۋەبلىك ئۇمۇ خىتتاي تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان. ئەڭ قىسقىسى، ھىندىستان تەۋەسىدىكى كەشمىر(ئاقساي) زېمىنى، يەكەن سەئىدىخان دەۋرىدە، يەكەن سەئىدىخاننىڭ تېررىتورىيىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇمۇ خىتتايلار تالىشىدىغان زېمىن بولۇپ قالغان. مانا بۇ زېمىنلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش «مىللىي قەھرىمان» شى جىنپىڭنىڭ. «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى ئۈچۈن» باسىدىغان كېيىنكى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىلانلارنى شى جىنپىڭ ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟ بىز ئاۋال، ئۇنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى قانچىلىك باستى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
2017 – يىلىدىكى فوربەسنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا خىتتاي، مىليونىرلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خىتتايدىكى كەمبەغەللىك سانىنى 728 مىليون ئازايتىپ، 1981 – يىلدىكىدىن %80 ئازايتقان. بۇنىڭغا ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلار، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ج ك پ نىڭ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى داۋاملىق ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېتەرلىك دەستەك بولالايدۇ. شۇنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتتاينى، بۇرۇنقى ئادەم سانى زور قالاق دۆلەتتىن، تېخنىكا تەرەققىيات ۋە كاپىتال تەرەققىيات ئىككى تەرەپتىن زور دەرىجىدە كېڭەيگەن دۆلەت ئورنىغا كۆتۈرۈپ، يۈز – ئابرۇيىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان خىتتاي كۈلتۈر چەمبىرىكىدىكى، ئاۋام خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل قوللاش، بۇ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا مىليونېر بولغانلاردا تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەنمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىدا شى جىنپىڭ، «خەلق باي» قەدىمىنى ئاساسەن تاماملاپ بولدى.
ھەربىي كۈچ جەھەتتە، خىتتاي ئاللىقاچان دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. ئۇ تېخنىكا ئوغۇرلىسۇن، سېتىۋالسۇن، ياكى تەقلىد قىلسۇن، 40 يىلغا يېقىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي سانائەت تەرەققىياتى خىتتاينى، مىلتىقتىن ئاۋىئاماتكىغىچە ھەممە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئۆز – ئۆزىنى تەمىنلەش سەۋىيىسىدىن، خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ قورال – ياراق سودىگىرىگە ئايلاندۇردى. شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت قۇدرەتلىك قەدىمىمۇ تاماملىنىپ بولدى. ئەمدى تۇنجى نىشان قەيەر؟
خىتتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىئاماتكىسى تەيۋەن نامى بىلەن ئاتالغان، ۋە ھازىر خىتتاي ئۈچىنچى ئاۋىئاماتكىسىنى جىددىي ياسىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتتاينى دەسلەپكى قەدەمدە ئالتە ئاۋىئاماتكا ياساش پىلانى بار دەپ پەرەز قىلماقتا. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاۋىئاماتكا ياساشنى كارخانىلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، ۋاقتى كەلگەندە سىرتقا ئاۋىئاماتكا ئېكسپورت قىلىدىغان پىلانى بار. شى جىنپىڭ جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزى ئارىسىدىكى مارجان ئاراللارنى تىندۇرۇپ، سۈنئىي ئارال پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئۈستىگە ھەربىي بازا قۇرۇپ، بىرىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى كىرمەس قىلىپ قويدى؛ ئىككىنچىدىن، ئەتراپتىكى شۇ زېمىننى تالىشىۋاتقان دۆلەتلەرنى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقاردى؛ ئۈچىنچىدىن، جەنۇب تەرەپتىن تەيۋەننى قىسماققا ئالالىدى؛ شى جىنپىڭنىڭ خىتتاي زېمىنىنى «بىرلىككە كەلتۈرۈش» ھەرىكىتى تەيۋەندىن باشلىنىشىدا شەك يوق.
بۇنىڭ سەۋەبى:
بىرىنچىدىن، تەيۋەن ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالغان. شى جىنپىڭ خەلقئاراغىمۇ تەيۋەننىڭ زېمىن دەۋاسىنى قىلالايدۇ. تەيۋەننى «قايتۇرۇۋېلىش» ئىستراتېگىيىسىنى، خىتتاي 1956 – يىلدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن كۈندىن باشلاپ پىلانلاپ، قەدەممۇ – قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن: ئاسىيا – ئافرىقا ئەللىرى ئارىسىدا دىپلوماتىيە ئويۇنى ئويناپ، ئالدى بىلەن تەيۋەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا يېتىم قالدۇرۇپ، كەينىدىنلا ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، سىياسىي بېسىم ۋە ئىقتىسادىي قىزىقتۇرۇشلار ئارقىلىق، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بار دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆزىگە قارىتىپ، تەيۋەننى خەلقئارا سەھنىدە يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشتى. يېقىنقى بىر يىلدا خىتتاي، بۇ قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. يالغۇز دىپلوماتىيەدىلا يالغۇز قالدۇرۇشلا ئەمەس، تېخى ھەر خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغىمۇ تەيۋەننى ئەزالىقتىن چىقىرىۋېتىشنى بېسىم قىلىپ، بۇ مەقسىتىگە يېتىپ بولدى.
ئىككىنچىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش، خىتتايغا ئىنتايىن پايدىلىق ۋەزىيەتنى يارىتىپ بەردى. تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھەربىي كېلىشىم بار بولۇپ، ئەگەر تەيۋەن ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. شۇ سەۋەبتىن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئىشتا، ئامال بار ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلانغان ئاساستا تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش ئىستراتېگىيىسىدە. ئەگەر ۋاقتى كەلگەندە تەيۋەن خەلقى «ئۆزلۈكىدىن» چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشۇلۇشنى خالىسا، «خەلق رايى» بىلەن بولغان بۇ قوشۇلۇشقا ئامېرىكا قول تىقالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خىتتاي پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تەيۋەندە خەلق مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت تەدبىرى، تەيۋەندىكى سودىگەرلەرگە بولۇپمۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن خەلقىنىڭ، تەيۋەن پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى دېگەن سالاھىيەت بىلەن يۈرۈشكە قىستاۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھازىر تەيۋەن پۇقرالىرى، چەت ئەلدە تەيۋەن پاسپورتىدىن باشقا، خىتتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان، «تەيۋەنلىك قېرىنداشلىق ئىسپاتى(台胞证)» نى كۆرسىتىپ ئىش بېجىرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خىتتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا مايىل كىشىلەرنى كۆپەيتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئىچكى تەرەپتىن ماسلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قانچىلىك قوغدىيالىشىغا كەلسەك، بولۇپمۇ ترامپنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇشى، ۋە ئۇنىڭ «دۇنيانىڭ پرېزىدېنتى ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى» بولۇش سىياسىتى، خىتتاينىڭ زېمىن تەقەززاسىغا ئوڭ تاناسىپ بولدى. سودىگەرنىڭ، سىياسىي ھوقۇق تۇتسا، ھەممە نېمىنى سودا ئۈچۈن دو تىكىدىغانلىقىنى بىز ئۇيغۇرلار ئوبدان بىلىمىز. بۇنى خىتتايلار تېخىمۇ ئوبدان بىلىشىدۇ. ترامپ ھوقۇق تۇتماي تۇرۇپلا، تەيۋەن پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ئارقىلىق، خىتتايغا تېرە تاراقلىتىپ بېسىم قىلماقچى بولدى. ئەمما، شى جىنپىڭ كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىككى – ئۈچ كۈن مېھمان بولۇۋېدى، ئۇ دەرھال، شەرقىي خىتتاي دېڭىزىغا ئەۋەتكەن دېڭىز فلوتىنىڭ بەشىنى، ياپون دېڭىزى تەرەپكە بۇراپ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى خىتتايدىن شىمالىي كورىيەگە بۇرىدى. شى جىنپىڭنىڭ ترامپقا نېمىلەرنى ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، سودا، ئىقتىسادىي – مەنپەئەت ۋەدە قىلىپ، ئورنىغا سىياسىي مەنپەئەت تەلەپ قىلغانلىقى ئېنىق.
شى جىنپىڭ ۋاقتى كەلگەندە، ئۆز بېشىمچى ۋە دائىم ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدىغان قوشنىسى شىمالىي كورىيەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بېرىش ھېسابىغا، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە تەيۋەننى، پۈتۈنلەي ئۆز تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈشى تامامەن مۇمكىن. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، خىتتاينىڭ شىمالىي كورىيەنى قوللاپ كېلىشى، ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئارىسىدا بىر بوش يەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، خىتتاينىڭ ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ، بۇنى خىتتاينىڭ شىمالىي كورىيەنى يۆلەپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەپ قارايدۇ. ئەمما خىتتاينىڭ شىمالىي كورىيەنى قوللاپ كېلىشى، ھەربىي ئىستىراتېگىيە جەھەتتىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ، كوممۇنىستىك دۆلەت بولمىش ئىدولوگىيىلىك بىرلىكىدە ئىدى. ئەمما، ھازىر بولسا خىتتاي ئۆزىنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن دەرىجىدىن تاشقىرى بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ بولدى. خىتتاي دۆلىتىنىڭ ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان قىزىل ئىككىنچى ئەۋلاد، ئاللىقاچان كوممۇنىزىمدىن ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ پىلانى بولسا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققىمۇ بىر قىسىم پايدىنى تەقسىملەپ بېرىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق ساقلاش بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ، تامامەن خىتتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خىتتايدا خەلقنى ئۆلۈشكە قىستىمىسىلا، خىتتاي خەلقى ئۈچۈن كىمنىڭ قانداق ھۆكۈمران بولۇشى مۇھىم ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن خىتتاي دۇنياغا «مەۋجۇتلۇق خىتتايدا ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق» دەپ قورقماي جار سالالىغان. ئەمما، شىمالىي كورىيە خىتتاينى دوراپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئەمەس، تېخىمۇ بېكىنمە بىر ھالەتنى ساقلاپ قالدى. خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى، ئالتە دۆلەت يىغىنى ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنى، ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىدىغان ۋە ئوينىتىپ تۇرىدىغان كوزىرى قىلماقچى ئىدى. ئەمما شىمالىي كورىيە، خىتتاي ھاكىمىيىتىگە ئويۇنچۇق بولۇشنى خالىمىدى. ئەكسىچە، يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بېسىم قىلىپ، ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پايدا ئالدى. خىتتاينىڭ، شىمالىي كورىيەنى ئۆز دېپىغا ئۇسۇل ئوينىتىپ كوزىر قىلىش قەستى ئىشقا ئاشمايلا قالماستىن، ئەكسىچە، بۇ كىچىك قوشنىسىنىڭ بالا تېرىشىدىن قورقمايدىغان مۇتتەھەم ھۆكۈمىتى بىلەن، ئاچ قالغان خەلقى، ئۆزىگە قوشلاپ بېسىم ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئىشتا ئەگەر، شىمالىي كورىيەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بەرسە، مەمەدان شىمالىي كورىيەدىن قۇتۇلىدۇ ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ ئاچ قالغان خەلقى، ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان جەنۇبىي كورىيەنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.
ئەمدى، شىمالىي كورىيەنىڭ يەنە بىر قوللىغۇچىسى رۇسىيەگە كەلسەك، خىتتاي شىمالىي كورىيەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بېرىش ئارقىلىق، رۇسىيەنى جەنۇب تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇش ھالىتىگە ئەكېلىپ، ئۆزى ئوتتۇرىدىن پايدا ئالالايدۇ. ئەگەر رۇسىيە بىتەرەپ تۇرغان ھالەتتە، شىمالىي كورىيەدىن قۇتۇلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن سىبىرىيە رايونىغا خىتتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ قاتتىق قول پوزىتسىيىسىدىن، ئۇ يەردە يەرلىشىۋاتقان خىتتايلار ناھايىتى ئاز. خىتتاي بۇ زېمىنلارغا، خۇددى شەرقىي تۈركىستانغا ئاھالە يۆتكىگەندەك دەرىجىدە، ئۆز پۇقرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش غەرىزى بار. ئەگەر خىتتاي رۇسىيە – ئامېرىكا زىددىيىتىنى شىمالىي كورىيە رايونىدا ئىشقا ئاشۇرالىسا، ئامېرىكىغا تەڭ تاقابىل تۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە، رۇسىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى يىراق شەرق (سىبىرىيە) رايونىغا، ئېچىش نامى بىلەن پۇقرا كۆچۈرۈش پىلانىغا يول ئاچالايدۇ.
(3) شى جىنپىڭنىڭ پىلانىدىكى ئۇيغۇرلار.
2014 – يىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى» دەپ ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن.
ئۇنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە تارىختىن بېرى خىتتاي زىيالىيلىرى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان، پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قۇلاقنى تىنچىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن، شى جىنپىڭنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىدا ئۇيغۇرلار يوق. ئۇنىڭ پىلانىدا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرلا جۈملە سۆز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىكى بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش.
بۇنى بىز ئۇنىڭ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدىن كۆرۈۋالالايمىز. شى جىنپىڭ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قول بېسىش بىلەن يامان ئاتىقى كۈچلۈك بولغان، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا كەلگەن جاڭ چۈنشەننى يۆتكەپ كېتىپ، شۇ ۋاقىتتا تىبەتتە، قاتتىق قول سىياسىتى بىلەن نام چىقارغان چېن چۈەنگونى ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
چېن چۈەنگو، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى قارار ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن بولۇپ، زھەڭ زھوئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1980 – يىللاردا، خىتتاي كومپارتىيىسى كادىرلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنى قايتا يولغا قويغاندىن كېيىن، ئۇ، تۇنجى قاتاردا تاللاپ خىزمەتكە قويۇلغان كادىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ، خىزمەتنى ئاساسىي قاتلامدىن باشلىغان بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشى شى جىنپىڭگە ئوخشىسا، تىبەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قاتتىق قول سىياسىتى شىنىڭ كۆڭلىگە ياققان.
چېننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن كېيىنكى قوللانغان تەدبىرلىرى جاڭ چۈنشەندىن پەرقلىقمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، بىز يەنىلا خىتتاي زىيالىيلىرىنىڭ، بۇ ئىككى ئەمەلدارىغا بەرگەن باھاسىدىن كۆرۈپ بىلەلەيمىز. توردا بىر خىتتاي ئادۋوكاتىنىڭ چېن چۈەنگوغا يازغا ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىنغان. بۇ خەتنى يازغۇچى، ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشىغان ۋە ھازىر ئۈرۈمچىدە ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان خىتتاي زىيالىيسى بولۇپ، بۇ يازما، چېن كېلىپ ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن يېزىلغان . بۇ يازمىدا، چېننىڭ كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، خىتتاينىڭ ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستانغا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى» سىياسىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي شۇنىڭغا قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، شۇ يەردىكى خىتتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ئارامچىلىقى بۇزۇلۇپ، نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئۇنداقتا، خىتتاينىڭ سىياسىتىگە زىيان سېلىۋاتقان بۇ ئەمەلدار، نېمە ئۈچۈن يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرالايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ سالاھىيىتى چېگرا تىنچلاندۇرغۇچى ئەمەلدار بولغانلىقى ئۈچۈن.خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، چېگرا رايونلاردىكى ئۆزىگە يات قوۋملارنى (ئاز سانلىق مىللەت كاتېگورىيەسىدىكىلەر) ئازلىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىشتا يېڭى ھىيلىلەرنى پىلانلاپ چىققان ئەمەلدارلار، ئىشەنچكە ئاسان ئېرىشىپ، ئۆسۈشى تېزلىشىدۇ. بۇ خىتتايدا تارىخىي ئەنئەنە بولۇپ، مىسالىغا گومىنداڭ ۋاقتىدىكى شېڭ شىسەينى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىي ۋە بايلىرىنى ئولتۇرۇپ، خەلقنى شىلىپ زار – زار يىغلاتقان بولسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاننى رۇسىيەگە تارتتۇرۇپ قويماي «ساقلىغان تۆھپىسى» ئۈچۈن، 50 يۈك ماشىنىسىغا بېسىپ ئەكەتكەن مال – دۇنياسى بىلەن تەيۋەندە خاتىرجەم ياشاپ ئۆلدى. يەنى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆز مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن تۆھپىسى، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارادىكى تېرور توقۇنۇشىغا ئۇيغۇرلارنى قوشۇش بولدى. ۋاڭ لېچۈەن بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن جۇ يۇڭكاڭ ۋەقەسىدە، ئۇ جۇ يۇڭكاڭنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ تۇرۇپمۇ، ھېچقانداق جازالاشقا ئۇچىرىمىدى. ھەممە سىياسىي ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، خىتتاي قانۇن ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نامى بىلەن ئوبدان ياشاپ يۈرۈپتۇ.
بۇ خىل تۆھپىلەرنى يارىتىش، بولۇپمۇ چېگرا رايوندا خىزمەت ئۆتەۋاتقان خىتتاي ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىدە، قۇربان بولماسلىقنىڭ تۇمارى قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى بولۇپ قالغان. جاڭ چۈنشەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. پەقەت جاڭ چۈنشەن، ۋاڭ لېچۈەن سەۋەبىدىن يامانلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر – خىتتاي مۇناسىۋىتىنى، يۇمشىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىن قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى ئاستىلاتقانلىقى ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ سىرتقا كېڭىيىش پىلانىغا تەسىر يېتىش خەۋپى تۇغۇلغان. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ كېيىنكى قەدىمى، چوقۇم بىر مۇتلەق تىنچ ۋە مۇقىم بولغان دۆلەت ئىچى مۇھىتىغا ئېھتىياجلىق. چېن چۈەنگونىڭ ھەددىدىن ئېشىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشى، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى پۈتۈنلەي مەركەزدىن ئايرىپ، چېن چۈەنگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن بولغان دەپ ئىشىنىمىز. بۇنى بىز ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئېيتىپ كېلىۋاتقان، خىتتاينىڭ ئىش قىلىش شەكلىنىڭ قوپاللىقىدىن ۋە بېرىۋاتقان بېسىمىدىكى يەرلىك سىياسەتنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن بىلەلەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، جاڭ چۈنشەننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى، ئۇنىڭ ھەرگىز شى جىنپىڭنىڭ نەزىرىدىن قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ، ئۆزىگە ئوخشاش ئېغىر بېسىق بۇ ئەمەلدارنى مەركەزگە يۆتكەپ ئاپىرىپ، شىنجاڭ ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىنى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئەمىلىي ئىشلارغا ئارىلاشماي، ئەمما چوڭ ۋەقە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننى كۈزىتىپ تۇرۇشقا قويغان.
ئاخىرقى سوز.
مەزكۇر يازمىدا بىز مەركەزلىك ھالدا، خىتتاي دۆلىتى رەئىسى شى جىنپىڭنى نۇقتىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار دۇچچار بولۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەددىدىن ئاشقان سىياسەت «خىتتايلار راستىنلا ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ئۆچمۇ؟” دېگەن سوئالنى قويسىمۇ، بۇ يەردە ئۆچلۈك مەسىلىسىدىن ئەمەس، بەلكى تەبىئىتى شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ئۇ، ھايات – ماماتلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، خىتتاي دۆلىتىنىڭ سۈنئىي سىياسىتىدىن ئەمەس، بەلكى، خىتتاي كۈلتۈرىدىن كېلىۋاتقان تەبىئىي ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇرلار خىتتاي دۆلىتى تەۋەسىدىلا بولىدىكەن، كىم ۋە قايسى پارتىيە ھوقۇق تۇتسۇن، ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغىنى يەنىلا بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيە. يەنى، يىلتىزىدىن قۇرۇپ ئىنسانلار تارىخىدىن ئۆچۈش، ۋە ياكى پۈتۈنلەي ئۆز كىملىكىنى قۇربان قىلىپ خىتتاي كۈلتۈرىگە قوشۇلۇپ كېتىشتىن ئىبارەت.
باتۇر بولۇش ياكى خائىن بولۇش بۇ مەسىلىدە، مىللەت ئايرىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز مەلۇم تائىپىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى يامان دەپ قارىلىساق، ئۇ ئىنسان ھوقۇقى ۋە ئاددىيسى ئىنسانچىلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمما بىز مەلۇم مەدەنىيەتنى، ئىدىئولوگيەلىك ھادىسىلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تەنقىد قىلالايمىز. بىز بارلىق گېرمان خەلقىنى فاشىست دېسەك توغرا بولمايدۇ. ئەمما گىتلېرنىڭ فاشىست ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلىش ئۇ توغرا. مۇتلەق كۆپچىلىك خىتتاي ئاممىسىنىڭ ئىنسانچىلىقنى، غەربچە كىشىلىك ھوقۇقنى چۈشەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە چامىسى يەتمەيدىغان خىتتاي كۈلتۈرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ يېتىشكەنلىكىدە. بىزنىڭ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ كۈلتۈرنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن باشقىلارغا ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىشىمىز تامامەن يوللۇق. خىتتاي كۈلتۈرىدىكى پرىنسىپسىز ئىش قىلىش ئۇسۇلى(مۇددىئاغا يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق)، يامان ئوسمىدەك خەلقئاراغا تاراۋاتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى: ھازىر «36 تەدبىر» نى ئۆگىنىش، «گۇگىل» ۋە «ئالما» دەك دۆلەت ئاتلىغان، كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى قىزغىن ئۆگىنىدىغان دەستۇر بولۇپ قالدى. يەنى، تېررورىزم ۋە سىياسىي مۇتەئەسسىپلىك سەۋەبىدىن، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىدە بېكىنمىچىلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى خەلقئاراغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇقىنى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بېرىش – كېلىشنىڭ(ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىشنىڭ) ئۆلچىمى قىلىش سىياسىتىدە چېكىنىش يۈز بېرىپ، خىتتاينىڭ «ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» پىرىنسىپى ئۈستىدىكى «تەڭ يېڭىش(ئىككىلا تەرەپ تەڭ نەپ ئېلىش)» سىياسىتى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسقا پاتقان، ھۆكۈمىتى پارىخور ،ئۆزى پۇلغا تەشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىشقا باشلىدى. پاكىستاندا، ھۆكۈمەتتىن تارتىپ ئاۋام خەلققىچە خىتتاي مەستانىسى بولۇپ، خىتتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىقتىسادى ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى» غا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى، بۇنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى.
ئۇيغۇرلار ئاز – كەم ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى، خىتتاي كۈلتۈر چەمبىرىكىگە قوشنا بولۇپ ياشاپ كەلدى. ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن قەبىلىسى، بۇ كۈلتۈر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. ھازىر شەرقىي تۈركىستندا قالغان ئۇيغۇرلار بولسا، خىتتاي كۈلتۈرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن، ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىپ ئۆز كىملىكىنى ساقلىيالايدىغان، ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك قالدۇق خەلق ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خىتتايلارنىڭ تارىختىن بېرى ئىشلىتىپ، كۆپ ئۈنۈم كۆرسەتكەن تاكتىكىلىرى ھازىرغا كەلگەندە، بۇ قالغان ئۇيغۇر توپلىمىغا ئىشلىمەي، غالجىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ غالجىرلىشىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مەنسەپ ئەمەس، ئىقتىسادىي پائالىيىتى ئارقىلىق خىتتايدا بارلىققا كېلىۋاتقان ئوتتۇرا تەبىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھامان بىر كۈنى سىياسىي جەھەتتىن خەلققە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇقنى بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇيغۇرلارمۇ خىتتاينىڭ ئۆزى تۈزگەن سىياسىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ياكى بۆلۈنۈش تەلىپىنى قويالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، شۇنداق بىر كۈن يېتىپ كەلگۈچە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا، شەرقىي تۈركىستان يەنىلا خىتتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالىدۇ. ۋە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن، خىتتاي خەلقى ۋە كېيىنكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلار، دېموكرات بولسۇن – بولمىسۇن، كوممۇنىست ئەۋلادىنى «ۋەتەن بىرلىكىنى ساقلىيالىغانلىقى ئۈچۈن»، خۇددى جياڭ جېشى شىڭسىسەينى ، شى جىنپىڭ ۋاڭ لېچۈەننى ساقلاپ قالغاندەك، ئۇلارنى كەچۈرىدۇ ۋە ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق، خىتتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇلارمۇ خىتتاي زىيالىيسى بولۇشى بىلەن شۇنى بىلىدۇكى، ئەگەر، ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا ئۇلار ھوقۇقنى قولغا ئالسا، خىتتاينىڭ بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولسا، خىتتاي كوممۇنىستلىرى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقى ئالدىدا « ۋەتەن ساتقۇچ خائىن» ئاتىقىغا قالىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ خىتتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى، «ياتلارنى تەل – توكۈس ئۆزلەشتۈرۈشى»نى ساقلاۋاتىدۇ خالاس.
قىزىل ئەۋلادتىن بولغان شى جىنپىڭ، كوممۇنىزىمىنىڭ ئاچچىقىنىمۇ، تاتلىقىنىمۇ تېتىغان بىر خىتتاي زىيالىيسى بولۇپ، ئۇ، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھامان بىر كۈنى تارىخ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. خىتتاينىڭ كېيىنكى قەدەمدە، دېموكراتىيىگە ئۆتسۇن – ئۆتمىسۇن، ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار(تىبەتلەرمۇ ھەم) نى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش؛ خىتتايدا سىياسىي ھوقۇقنى قەدەممۇ – قەدەم خەلققە بېرىش؛ تاشقى جەھەتتىن « زېمىن پۈتۈنلەش» ئۇلۇغۋار ئىشىنى پۈتتۈرۈپ، ھەقىقى «مىللىي قەھرىمان» ئوبرازى بىلەن تارىختا نام قالدۇرۇش. بۇ شى جىنپىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلاردۇر.
ئىزاھاتلار.
2010 – يىلى ۋاڭ لېچۈەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلگەندە، شى جىنپىڭ مۇئاۋىن رەئىس ئورنىدا بولۇپ، خۇ جىنتاۋ باش رەئىس ئىدى. سابىق رەئىس جاڭ زېمىننىڭ سادىق ئادىمى بولغان، مەركىزى سىياسىي قانۇن بيۇروسىنىڭ سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ (كېيىن قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەن)، ۋاڭ لېچۈەننى ئۆزىگە مۇئاۋىن قىلىپ ساقلاپ قالغان. شى جىنپىڭ 2012 – يىلى رەسمىي باش رەئىس بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ لېچۈەننى بارلىق مەمۇرىي ھوقۇقىدىن ئايرىپ، خىتتاي قانۇن جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىپ قويغان.
[2] ئاسسىمىلياتسىيە ئۇقۇمى ئەسلىدە، بىئولوگىيە ئىلمىدىكى كەسپىي ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم تۈردىكى جانلىقلارنىڭ، نوقۇل بىئولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، باشقا بىر تۈردىكى جانلىققا شەرتسىز قوشۇلۇپ كېتىشىنى، يەنى، ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كۆرسىتەتتى. بۇنى كېيىن جەمئىيەتشۇناسلار، كۆچمەنلەر ۋە دىئاسپورا بىلەن ساھىبخانا جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا مېتود قىلىپ قوللانغان.
[3] خىتتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ئەينى يىللاردا، گەنسۇ ئۆلكىسىدە مەلۇم ئورگاننىڭ كاتىپلىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقاندا، شۇ مەزگىلدە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان، دۆلەت قۇرغۇچىلار قاتارىدىكى سۇڭ پىڭنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن. شۇندىن كېيىن، سۇڭ پىڭ ئۇنى قوللاپ مەركەزگە كىرىشىگە، جاڭ زېمىن دىڭ شياۋپىڭنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغاندا، خۇ جىنتاۋ مۇددەتتىن بۇرۇن باش رەئىسلىك نامزاتى بولۇپ، سۇڭ پىڭنىڭ قوللىشى بىلەن دىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن.
[4] بۇ يازمىنى تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرەلەيسىز.
https://bowenpress.com/news/bowen_137952.html[5] ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئېلىپ بارىدىغان سىياسىي ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، ھەرگىزمۇ غەرب ئەللىرىدەك دېموكراتىيە بولماستىن، يەنىلا «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە» سىياسىي تۈزۈلمە بولۇشى ئېنىق. ئۇ، بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى ساقلىغان ئاساستا، سىياسىي كېڭەش بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىنى ئىسلاھات قىلىپ، بۇ ئىككى ئورگاننى، بىر پارتىيىنى نازارەت قىلىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگان قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار.
2017-07-02
5 ئىنكاس
ئۇيغۇر
1. ئىملانى ئوڭشىۋەتكەن بولسىڭىز ياكى ماڭا تەھرىرلەش ھوقۇقىنى بەرسىڭىز مەن تەھرىرلەپ قويساممۇ بوپتىكەن .
2. بۇ ماقالىنى فېسبوك ۋە گۇگۇلدا ئېلان قىلىپ ساقلاپ قويۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن
Kurshatoghli
salam Hoylam net,
elwette bolidu. men Mac ishlitimen, ULY ni UKYgha aylandurghanda shundaq xataliqlar chiqidiken. eger sizing waqtingiz yetse imla xataliqini tehrirlep herqandaq yerge yollisingiz bolidu.
Kurshat Oghli
مانجۇرىيەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان شەخس بولسا، 1911 – يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقىي – شىمالنى قولغا كىرگۈزۈپ، يەرلىك پادىشاھ بولغان چوڭ مىلىتارىست زاڭ زولىن بولۇپ، ئۇ شەرقى – شىمالغا ئىچكىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مانجۇلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا شەرقىي – شىمالنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان
Zang zuo lin emes Zhang Zuo Lin. xatalishishini emelge ashurdi emes, Xitaylishishini emelge ashurdi.
گومىنداڭ ۋاقتىدىكى يۈەن شىكەينى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىي ۋە بايلىرىنى ئولتۇرۇپ، خەلقنى شىلىپ زار
yuan shi kai(袁世凯) emes sheng shi cai (盛世才)
koltur atalghusini medinyet bilen alamashturwetipsiz. u tghra emus chunk medinyet u chong bir uqum, koltur bolsa shundaq medinyetning ichidiki nurghun boleklirining birsi. Uyghurchida ikkila uqum burin medinyet atalghusi bilen ipadilinip ayrilmighan emma keying arliship ketek ikki uqum sewebidin idologyediki qalaymiqan chushnish we chushendurush kopeygenlik sewebidin, dewirning teqazasi bilen Turkchidik koltur ibarisini import qilghan. medinyet texnika tereqiyatindin peyda bolghan ishlepchiqirish sahesining kengyishi we shining ustige qurulghan uzun mezgillik ijdimayi munaswetlerni korsitidu. xitay medinyiti peqet bir koltur hadise. eger xitay medinyiti diyilse u chaghda ulargha adem qataridin orin bergenlik bolidu. shunga bolsa koltur digen sozge almashturwetsingiz.
admin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تور بېتىمىزگە يوللىغان يازمىلىرىڭىزنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش جەريانىدا. كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە، ئايرىم پىكىرلەشكەن بولساق. بەزى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن خەتلىرىم بار. بەزەن خىتتايچە ئىسىملار، يەر ناملىرى، يەنە سىز يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۈلتۈر دېگەندەك… يازمىلىرىڭىزنىڭ سۈپەتلىك، ئىسىم ۋە يەر جاي ناملىرىنىڭ توغرا يېزىلىشى ئۈچۈن، خەت ساندۇقىڭىزغا ئالاقىلىشىش نومۇرۇمنى يوللۇدۇم. ۋاقتىڭىز يەتكەندە جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز.
تارىم سەرگارى
ماقالە پاكىتلىق ۋە ناھايېتى ياخشى يېزىلىپدۇ. ئامما خىتاي مەدېنىيېتىنى شەكىللەندۈرگەن خىتاينىڭ دىنى ئىتىقادىنىڭ ئاساسى داۋ (ماھىيەت) پەلەسەپەسى توغرىسىدا گەپ يوق.
خىتايدىن باشقا ئەللەرنىڭ جىمىسى خۇدالىق (تەڭرانە) چۈشەنچە بىلەن راۋاج تاپقان. دېوكراتىيمۇ شۇنداق. مەسىلەن: ئېۋروپادا، 1792- يىلى تۇنجا ھۇجۇتقا كەلگەن فرانسىيەنىڭ خەلىقچىللىق (دېموكراتىك) دۆلەت ياسىقىدا (كونستىتۇتسىەسىدە)”- ئىنسانلارغا ئاللا ئاتا قىلغان ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش ئاساسىدا – دۆلەت باشقۇرۇش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. لاۋزى: “تەڭرى يوق. جىمى بارلىق ئۆز ماھىيېتى بىلەن كۆرۈنىدۇ ۋە بەرپالىققا ئىگە… جۇڭگۇنىڭ ماھىيېتى خوجىلىق، ئەتراپدىلىلارنىڭ بوي سۇنۇش.. .” (قىرغىز تارىخچىسى. “شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخى”، بېيجىن – مۈئەللىپنىڭ ئىسمى يادىمدا يوق). خىتاي دۆلېتى مۇشۇ پەلەسەپە ئاساسىدا قۇرۇلغان، سىياسېتى ئەتراپنى بوي سۇ ندۇرىشقا قارىتىلغان. ئۇنداق دۆلەت ئىنسان ۋە مىللەت ھوقۇقىنى ئىتىراپ قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. شىجىنپىڭ قىزىللىق پەلەسەپەسىنىڭ (ماركسىزىمنىڭ) ئەمەس، داۋ پەلەسەپەسىنىڭ مەخسۇلاتى.
كۇلتۇر ئۇيغۇرچە – مەدەنىيەت.
ئاسسىملەتسىيە – مۈمكىنچىلىكسىز سىڭىپ كىتىش ياكى مەجبۇرى سىڭدۇرىلىش. ئاخىرقىسى ئىنسانلاردا مۆجىد.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋە ئەۋۋەلقى پاجىئەلىك ئەھۋالى ئايرىم شەخسلەرگە باغلىق ئەمەس، خىتاي دۆلېتىنىڭ ماھىيېتى بىلەن ئالاقىدار.
Kurshatoghli
سالام بۇرادەر،
inkasingizgha rexmet. Men maqalining ichige eqelli sawat bolghan Xing xi cai ni yazghan idim, emma tor bet tehrirliguchiler buni Yuan Shi Kai del almashturup tehrirleptu. shining bilen men towendikidek qayta tuztush teklibi bergen. we shun
. di keyin bu yazmini qayta echip korup baqmighan idim.
مانجۇرىيەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان شەخس بولسا، 1911 – يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقىي – شىمالنى قولغا كىرگۈزۈپ، يەرلىك پادىشاھ بولغان چوڭ مىلىتارىست زاڭ زولىن بولۇپ، ئۇ شەرقى – شىمالغا ئىچكىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مانجۇلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا شەرقىي – شىمالنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان
Zang zuo lin emes Zhang Zuo Lin. xatalishishini emelge ashurdi emes, Xitaylishishini emelge ashurdi.
گومىنداڭ ۋاقتىدىكى يۈەن شىكەينى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىي ۋە بايلىرىنى ئولتۇرۇپ، خەلقنى شىلىپ زار
yuan shi kai(袁世凯) emes sheng shi cai (盛世才)
koltur atalghusini medinyet bilen alamashturwetipsiz. u tghra emus chunk medinyet u chong bir uqum, koltur bolsa shundaq medinyetning ichidiki nurghun boleklirining birsi. Uyghurchida ikkila uqum burin medinyet atalghusi bilen ipadilinip ayrilmighan emma keying arliship ketek ikki uqum sewebidin idologyediki qalaymiqan chushnish we chushendurush kopeygenlik sewebidin, dewirning teqazasi bilen Turkchidik koltur ibarisini import qilghan. medinyet texnika tereqiyatindin peyda bolghan ishlepchiqirish sahesining kengyishi we shining ustige qurulghan uzun mezgillik ijdimayi munaswetlerni korsitidu. xitay medinyiti peqet bir koltur hadise. eger xitay medinyiti diyilse u chaghda ulargha adem qataridin orin bergenlik bolidu. shunga bolsa koltur digen sozge almashturwetsingiz.