ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭدىكى دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانىنى ئېلىپ تاشلىغان.
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خىتتاي مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، خىتتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ئاساسىي قانۇندىكى «دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى قېتىمدىن ئاشماسلىقى لازىم» دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىۋېتىلگەن.
تەھلىلچىلەر بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ شى مانتا ئىككىنچى قېتىملىق رەئىسلىك مۆھلىتى توشقاندا ئۇنىڭ يەنە ئۈچىنچى قېتىم ۋە بەلكى ئەبەدىي رەئىس بولۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.
تېخى يېقىندىلا «ئاساسىي قانۇن» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «شى مانتا يېڭى دەۋر خىتتاي تۈسىدىكى سوتسىيالىزم ئىدىيىسى» نى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش قارارلاشتۇرۇلغان ئىدى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قانخور ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن، 1982-يىلى ئېلان قىلىنغان خىتتاي ئاساسى قانۇنى بويىچە، رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى قېتىم ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىل بولىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پرىنسىپ ئىجرا قىلىنىپ كېلىنگەنىدى.