شۋىتسارىيەدە خىتتاي جاسۇسلىرى پائال ھەرىكەت قىلماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شۋىتسارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىنىڭ 8 – يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارا قىلىشىچە، خىتتاينىڭ فۇدەن ئونۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۆلكىسى ھەمدە خىتتاينىڭ مەلۇم ئورگىنىدىكى خىتتايلارنىڭ شىۋىتسارىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنى خىتتايدا ئېچىلغان يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىپ، پۈتۈن چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئاخبارات ئېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئاخبارات تەمىنلىگەنلەرگە يۇقىرى سوممىدا شۋىتسارىيە كورۇنى بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، شۋىتسارىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنى خىتتايغا چاقىرىپ ئاپىرىپ، ئۇلارنى ئالداپ ياكى سەتەڭلەر ھىيلىسى ئارقىلىق ئاخبارات ئوغۇرلىغان ۋە سېتىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شۋىتسارىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا ۋە دورىگەرلىك ساھەلىرىگە پاراكتىكا قىلىش باھانىسىدە توۋەن مۇئاش بىلەن كىرىپ، بۇ ساھەلەرگە ئالاقىدار ئاخباراتلارنى ئوغۇرلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىققان.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پەن – تېخنىكا جەھەتتىكى جاسۇسلۇقتىن باشقا يەنە ياۋروپادا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق خىتتاي ئەلچىخانىلىرىدىكى جاسۇسلۇق ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. 2009 – يىلى شۋىتسىيەدە تۇتۇلغان بابۇر مەخسۇت، شۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق خىتتاي ئەلچىخانىسى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپلىرىنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، شۋىتسىيە ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازالانغان ئىدى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھازىرمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پەن – تېخنىكىغا دائىر ئاخباراتلارنى ئوغۇرلاشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ياۋروپادىكى ۋەتەنداشلىقى چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش باھانىسدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ئاخباراتلارنى ۋەتەنگە ئاپىرىپ دوكىلات قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.
بەزى نادان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتى ئۈچۈن، خىتتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، «مۇناپىق» تامغىسىنى ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۆز قولى بىلەن پىشانىسىگە ئۇرماقتا.