شياڭگاڭدا خىتتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شىياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 8:00دە، خىتتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، شياڭگاڭدىكى ۋەنزەي ئالتۇن سېرىس مەيدانىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن . خىتتاينىڭ بۇ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قارشى، شياڭگاڭدىكى مۇستەقىللىق تەشكىلاتلاردىن، « شياڭگاڭ جۇڭجې تەشكىلاتى» نىڭ، ئالتە نەپەردىن ئارتۇق ئەزاسى ئاشكارا نامايىش قىلىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىملىق نامايىش « سىياسىي تەكشۈرۈش، كونترول قىلىشقا قارشى تۇرۇش»، « سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش» قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن، نامايىش قىلغۇچىلار شۇ مەيداندىكى ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ ئىپلاس قولىدا، مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم بولغان مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئۆز ئىمكانلىرىغا يارىشا، شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق خىتتاي ئەلچىخانلىرىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، زالىم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە، ئاشكارا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇستەقىل شەرقىي تۇركىستاننى قولغا ئالمىغىچە، بۇ كۆرەشنى توختاتمايدىغانلىقىدەك ئىرادىسىنى جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن دۇنياغا ئاڭلاتماقتا.