«سىياسەتكە ئارىلاشمايمز» دېگەن ئۇيغۇرلار خىتتاي سىياسىتنىڭ قۇربانى بولماقتا
ئارتۇچ بۇغرا
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خىتتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىتتاي قورقۇ ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، «سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمايمىز» دەپ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچماقتا.
پاكىستاندىكى ۋەتەن سۆيەر ئۇيغۇر پىدائىيلىرىمىزنىڭ، پاكىستاندىن يوللىغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۈم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەۋاسىنى ئاڭلىتىشقا توغرا كەلگەندە، «سىياسەتكە دائىر ھەر قانداق ئىشقا ئارىلاشمايمىز» دەپ جار سالغان، پاكىستان راۋالپىندىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئسلام ئاباتتىكى خىتتاي باش ئەلچىسى سۇڭ ۋېيدۇڭ بىلەن 6 – ئىيۇل كۈنى ھېيت پەتىسى قىلىشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىككى قولى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالدى. بۇنداق ئاللاھنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۈشمىنىنىڭ ۋەكىلى، ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قوپۇش، ئۇلارغا قاراش ھەتتا بەرگەن سالىمىنى ئىلىك ئېلىشمۇ توغرا بولمىغان شارائىتتا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن كېلىدىغان كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن «ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال» دەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، تاجاۋۇزچىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئۆزى، ئىمانىي، غورورى بار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توغرا بولمىغان ئىشتۇر.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ رەسىملەرنى دەستەك قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشقا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتتاي تەرەپدارلىرى قىلىپ كۆرسىتىپ، دەۋا سېپىنى بۆلۈشكە، ئاجىزلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشىنش كېرەك.
ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساپ بەرگۈچىلەرمىز. ئاللاھنىڭ، زالىمنىڭ يېنىدا تۇرغانلارنىمۇ زالىملار بىلەن بىرلىكتە جازالاش ۋەدىسى باردۇر….
دۇنيانىڭ نەرىدە ياشايلى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىمىزنى كونتۇرۇل قىلىشى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشى سەۋەبلىك ئىمانىمىز، ۋىجدانىمىزغا خىلاپ ئىشلارنى قىلمايلى، ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەيلى ۋە ياكى سۈكۈتنى تاللاپ دەۋادىن يىراقلاپ كەتمەيلى.
«مۇسۇلمانلاردىن زالىم چىقمايدۇ، مۇسۇلمانلار ھەم زالىمنىڭ يېنىدا تۇرمايدۇ».
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر مۇسۇلمانلىق دەۋايىمىزدا راستچىل بولساق، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىككى دۇنيادا رەھمىتىگە ئېرىشمەكچى بولساق، زالىمنىڭ يېنىدا تۇرمايلى. ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىنى ئىسلاھ قىلايلى. تەكشۈرۈپ تۇرايلى. روزا تۇتۇپ ، ناماز ئوقۇپ، زاكات بېرىپ دوزاخقا كىردىغانلاردىن بولۇپ قالمايلى……