سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا زالىملارنىڭ زۇلمىدىن، ئاخىرەتتە جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزىگە ئاساسىي نىشان قىلغان رەھبەر – سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقىغا ئاساس سالغۇچى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 3 – ئەۋلاد خاقانى ھەمدە خانلىقتا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇر قاغانى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىسلام دىنىنى ئالدى بىلەن قەشقەر رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تارقىتىش، كېڭەيتىش جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان ئۇلۇغ ئۆلىما ھەم ھەربىي ئالىم.
مۇسۇلمان بولۇشى
ئۇنىڭ ئاتىسى بارىز ئارسلانخان بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، تەختكە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ تاغىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان 12 ياشقا كىرگەندە ماۋارەئۇننەھىر ۋە خۇراسان رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھزادىلىرى ئارىسىدا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ، شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايمان سامانىيلار دۆلىتىدىن قېچىپ چىقىدۇ. ئوغۇلچاق ئۇنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشىغا يول قويىدۇ. بۇ مەسچىت ئۇيغۇر دىيارىدا سېلىنغان تۇنجى مەسچىت ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كېلىپ – كەتكەن مۇسۇلمان سودىگەرلەرنىڭ تەسىرىدە ئاتۇش بىر سودا مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇ نەسىر سامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ ئاغۇ دېگەن يۇرتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سۇتۇق بۇغراخانغا يولۇقىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىدۇ. بۇ ئىككى شەخس ئارسىدىكى ئارىلىق بارغانسىرى قويۇقلىشىدۇ. ئاخىرى سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولىدۇ.
ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم – سۈپىتىنىڭ پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. سۇتۇق بۇغراخان، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۆزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغان.
شۇنداق قىلىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەمەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ۋاپاتىدىن 333 يىل كېيىن سۇتۇق بۇغراخان تۈركىستان زېمىنىدا تۇنجى مۇسۇلمان بولدى.
25 يېشىدا
ئۇ 25 ياشقا كىرگەندە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. تاغىسى ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۇ مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ئۆزى بىلەن مۇسۇلمان بولغان 50 نۆۋكەرنى باشلاپ چىقىپ ئوردا – قەلئەنى ئىگەللەش ۋە ئوغۇلچاقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش پىلانى تۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىيلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۇز يېنىغا توپلايدۇ ۋە پەرغانەلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتىدۇ. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئوغۇلچاقنىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تەختنى قولىغا ئالىدۇ. ئوغۇلچاقنىڭ شاھزادە تېكىنلىرى ۋە ئوردا مەنسەپدارلىرىنى قولغا ئېلىپ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزىدۇ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي سۇتۇقنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.
سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ ئېلان قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ .
سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ، قاراخانىيلار خاندانلىقىدا مەدەنىيەت گۈللەندى ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلاندى. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلدى. سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا، خەلقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئىلى، بالاساغۇن، بارسغان (ئىسسىقكۇل ئەتراپى) قاتارلىق جايلاردا، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تېز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ، بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنى ئومۇملاشتى . 10 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئىككى يۈزمىڭغا يېقىن تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ئىسلام دىنى ئومۇملاشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۆزىنىڭ پايتەختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى. قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەرەئۇننەھر، خۇراسان، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پىشىۋالىرى، دىن ئالىملىرى كەلدى. مانا بۇ ئىسلام پىشىۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويدى.
10- ئەسىردە ياشىغان ئەرەپ ئالىمى ئىبىن فەزلان مىلادى 960 – يىلى تەخمىنەن 200،000 چېدىرلىق تۈركلەر (قاراخانىيلار) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەپ يازغان.
ھاياتىنىڭ ئاخىرى
سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئۇنىڭ نامىغا قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دېگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لېنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا.
سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بوي سۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييارلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆزى ئىسلام قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ، خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە خوتەن بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۇچالارغا يۈرۈش قىلدى. قەدىمدىن بېرى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بولغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلدى، ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بولماي بۇرۇنقى بۇددا دىنى ئېتىقادىدا بولدى . سۇتۇق بۇغراخان خوتەن، كۇچالارنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى بويسۇندۇرۇشتا، ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 – يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا، جەبۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۆنىلىشى بويىچە قوشۇن تەشكىللەپ ماڭدى. بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇ فەتتاھنى قوماندان قىلدى. مىلادىيە 950 – يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قوماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قوشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ، ھەيۋەتلىك قوشۇن بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلدى. قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قوماندانلىقىدىكى قوشۇنى كۇچار، كورلا، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، توقسۇن بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خوجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قوشۇن يۆتكەپ تەڭرىتاغ ئېغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا تىكىن (بايتاش) نىڭ قوماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە چېكىنىپ بۇ جايدا قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچرىدى. سۇتۇق بۇغراخان بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ زور قوماندانلىق بىلەن خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا ئالىپ تىكىن(قەھرىمان شاھزادە) دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقىغا بوي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇتۇق بۇغراخان ئۆز دۆلىتىنىڭ شەرقى چېگراسى قىلىپ كۇچانى بېكىتتى. مىلادىيە 954 – يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تىكىنگە يەتكۈزۈلدى، مۇسا تىكىن دەرھال قەشقەرگە قايتتى. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ، دىننىي ئالىم، سىياسىئون، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بولۇپ، مىلادىيە 955 – يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇش مەشھەتتىكى ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يېنىغا، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بولغان گۈمبەز تۇل خاقانىيە ناملىق ھۆكۈمدارلار گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنغان.
مازىرى
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى (يەرلىكلەر ھەزسۇلتان مازىرى دەپ ئاتىشىدۇ) ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇنتاغ يېزىسى مەشھەت كەنتىگە جايلاشقان، خەرىتىدىكى ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76.10 گرادۇس، شىمالىي كەڭلىك 39.41 گرادۇس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1298 مېتىر، مازار ھەيۋەتلىك مۇنارلىق دەرۋازا، قورشاۋ تام، مەسچىت، سەرراپ، ياتاق (مۇساپىرخانا)، ئىش بېجىرىش ئۆيلىرى، ھويلا، كۆل، قەبرىستانلىق ۋە مېۋىلىك باغلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ. قەبرىستانلىقتا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى (گۈمبەز) دىن باشقا يەنە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ مەقبەرىسى ۋە باشقا ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ بار. گۈمبەز كۆك، يېشىل، سېرىق كاھىش چاقچۇقلار ۋە نەقىشلەر بىلەن چىرايلىق قىلىپ بېزەلگەن.
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى 10 – ئەسىردە بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ۋەتەن ئىچى – سىرتىغا داڭلىق سەيلىگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.