چىن سۇلالىسى خىتتاينىڭ بىرىنچى دۆلىتى. بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى تۈزلەڭلىكتىكى قەۋملەر بىرلەشتۈرۈلگەن 221–206 BC
خىتتاينىڭ ئىككىنچى دۆلىتى خەن سۇلالىسى مەزگىلىدىمۇ، ھوقۇقنى مەركەزگە چىڭ مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز خەلقىنىڭ قېنىنى ئىچىپ كەلگەن. ئۆز خەلقىنىڭ دىنى بولغان بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنىمۇ خاننىڭ ھوقۇقىغا دەز كېتىشىدىن قورقۇپ چەكلىگەن. خىتتاينىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى كۇڭزىنىڭ ئىلمىنىمۇ ئۆز ھوقوقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوللانغان ۋە خىتتاي خەلقى بۇ ئىلىمنىڭ قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمدارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇلغان.(كۇڭزىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئىسلامغا يېقىن ئىكەنلىكى ئاكادىمىيىدە قوبۇل قىلىنغان، بەزى ئالىملار ھەممە قەۋمگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەنلىكىكە قارىغاندا، كۇڭزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇش ئىمكانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ).
بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ياۋروپاغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ھونلار كۆچكەندىن كېيىن بىر قىسمى ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن(بۇلغارلار). ئەمما ھۇنگارلار تىلىنى ساقلاپ قالغان.
خەن سۇلالىسى دەۋردە بۇددا دىنى يىپەك يولىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ھىندىستاندىن مەركىزى ئاسىيا ئارقىلىق خىتتايلارغا تارقالغان. خوتەن كۇچا بۇ دىننىڭ مەركىزى بولغان كۇمىراجىۋا بۇ دەۋردىكى بۈيۈك بۇددا دىنى ئالىمى ئىدى. ئەجدادىغا چوقۇنىدىغان خىتتايلار بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان ئەمما، تەرەققى قىلدۇمىغان ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ جىق بولمىغان.
خىتتاينىڭ ئىكىنچى دۆلىتى تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە بۇدىزم گۈللەنگەن، بۇ دەۋردە مانىزىم پېرسىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىگە تارقىتىلغان. ئۇيغۇر خانى بۆگۈ تاڭ راھىبلىرىدىن قوبۇل قىلىپ بۇ دىنغا كىرگەندىن كېيىن بۇ دىننى نازارەتچىلىك ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مانىزىمگە كىرىشىنى تېزلەتكەن.
مانى دىنى ئەينى ۋاقىتتىكى خىرىستىيان يەھۇدى دىنلىرى بىلەن تەڭ تىزىلىدىغان كىتاب ئەھلى دىنى ياكى ئۇلارغا پاراللىل دىن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا شەرقى كۆك تۈرك خانىمۇ بۇددا دىنىنى قاتتىق قوغداپ دۆلەت دىنى قىلىدىغان ۋاقىتتا تۇنيۇقۇق بۇ دىننىڭ تۈركلەرنىڭ مىللى خاراكتېرى بولغان ھەربىيلىك روھىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ دىننىڭ دۆلەت دىنى بولۇشىنى توسقان.
شۇنىڭ بىلەن نەفسىنى پاكلاشنى تەرغىپ قىلىدىغان مانى دىنىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ، تۈرك قەۋمى ئىچىدىكى ئۇرۇشتا ئالدىدا ماڭىدىغان ۋە ئەڭ ياخشى جەڭ قىلىدىغان مىللى خاراكتىرىگە، بۇ دىننىڭ گۆشنى چەكلەش قائىدىسىنىڭ تەسىرىدە زىيان يەتكەن1. ۋە ئورخۇن دۆلىتى يىقىلىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تېرىپىرەڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان. مانى دىنى تاڭنىڭ دىنى بولغان بۇددا دىنىدىن باشقا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسىدە چەكلەنگەن. كۆكتۈرك دۆلىتى زامانىدا كۆكتۈرك ئېلىپبەسىنى قوللانماي ئۆز ئىلىپبەسىنى ئىجاد قىلىپ قوللانغان ئۇيغۇرلار ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋردە ئورخۇن ئېلىپبەسىنى قوللانغان ۋە مانى دىنىنىڭ تاڭدا كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان، بۇ دىننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. ۋە دىننىڭ ئوخشاشلىقى سەۋەبىدىن ئاسسىمىلاتسىيە بولماسلىق ئۈچۈن دىننى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ دىنى ۋەز نەسىھەتلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرغان ۋە بۇ دىنغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان .باشقا كۆپ قىسىم ئوغۇز قانداشلىرى دىننىڭ ئەڭ ئىپتىدائىيسى بولغان كۆكتەڭرى (شامانىزىم) دىنىنى ئاساسەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغۇچە داۋاملاشتۇرغان ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ يەرلىشىپ ياشاشقا باشلىغان بولسا ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلار كىتاب ئەھلىگە تەۋە ۋە مەنىۋىيەتنى پاكلايدىغان بۇ دىننى قوبۇل قىلغان ۋە تۈرك مىمارلىقى بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. مىللى خاراكتېرى، يۇمشاقلىقنى ياقىلايدىغان بۇ دىن تەرىپىدىن زەخمىگە ئۇچراپ دۆلەت يىقىلغاندىن كېيىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار بىر قىسمى تارىم ۋادىسى ئەتراپىدا يەرلەشكەن. ۋە كۆچكەن يەرلىرىدىكى باشقا قەۋملەرگە ئوخشاش بۇددا دىنىغا ئېتىغاد قىلىشقا باشلىغان.(ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچكەندىن كېيىنكى باشقا ئىككى دۆلىتى قوچۇ خانلىقى ۋە ئىدىقۇت خانلىقى )
بۇ دەۋردە ئەمەۋىلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى(غەربى تۈركىستان قىسمىنى)نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق فەتىھ قىلغاندىن كېيىن ئىرقچىلىق سىياسىتى قوللىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ بۇ زېمىندا يېيىلىش قەدىمىنى ئاستىلاتتى ۋە يىقىلدى. يېرىگە ئابباسى خەلىپىلىكى چىقتى.كېيىن تاڭ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋردە كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر بىلەن، ئابباسىيلاردىكى ئەرەبلەر بىرلىشىپ تاڭنى ئارقىغا چېكىندۈردى. شۇنىڭ بىلەن تۈرك ئەرەب ئارىسىدىكى مۇز ئېرىشكە باشلاپ ئىسلام دىنى ئاستا – ئاستا يېيىلىشقا باشلىدى.
بۇددا دىنىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار تامامەن ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا يەرلىشىپ ياشىغان.
قاراخانىيلار قۇرۇلۇپ ئىسلام قوبۇل قىلىنىپ تارىم ۋادىسى ئىسلاملاشقان. قاراخانىيلار زامانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوقۇش، يېزىش ئومۇملاشقان نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ تۈركلەرنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلىقى ئەڭ يۇقىرىسى ئىدى. قۇرئاننىڭ تۇنجى تەپسىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قىلىنغان(ئەپسۇس كۈنىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن).
بۇ ۋاقىتتا بۇخارا ئەينى ۋاقىتتىكى بۈيۈك ئىلىم مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ ئىبن سىنا، ئىككىنچى ئارستوتىل ھېسابلىنىدىغان ئەبۇ نەسىر ئەل فارابى ئەلتۈركى، تىرمىزى، بۇخارى.مۇسلىم قاتارلىق سانسىز كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئىنسانىيەتكە بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ دەۋردە تۈركلەرنىڭ ئوغۇل قىزنى ئوخشاش كۆرىدىغان ئادىتى بويىچە قىزلارنىڭ تەربىيە ئېلىشى مۇھىم بولۇپ بۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆيدە ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان بولۇپ بۇ زاماندىكى فىقىھ ئالىملىرىنىڭ تۆتتە بىرى ئاياللار بولغان. كېيىن قاراخانىيلار تەخت جىدىلى بىلەن ئىككىگە بۆلۈندى.
پۇرسەتتىن پايدىلانغان قارا قىتانلار تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زۇلۇم سالدى. ئالىملارنى تۈركۈملەپ ئۆلتۈردى خەلقىگە دىنىنى ياشاتمىدى. ۋە شەرقىي قاراخانىيلار موڭغۇل ئىرقى بولغان قىتانلارغا قاراشلىق بولدى. بۇ ۋاقىتتا خوراساندىكى بۈيۈك سەلچۇق دۆلىتىمۇ تەخت جىدىلىدىن ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ قىتانلارنىڭ ھۇجۇمى بىلەن كۆچمەن ھاياتىدىكى ئوغۇزلار ئاناتولىيە ۋە ئوتتۇرا شەرققە تۈركۈملەپ كۆچتى. ۋە بۇندىن باشلاپ سەلچۇق دۆلىتى پەقەت بىر شاھزادە سۇلتان بولغاندىن كىېيىن ئاكا -ئۇكىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، تارىم ۋادىسىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار زېمىنى بىلەن ۋە كۇچا بىلەن چېگىرىلىنىدىغان جۇڭغار ۋادىسىدىكى ئىدىقۇت دۆلىتى بۇددىست ئۇيغۇرلار زېمىنى بىرلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بارا – بارا ئۇيغۇرلار تامامى بىلەن مۇسۇلمانلاشتى. ئىدىقۇت دۆلىتىمۇ مەدەنىيەتتە ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە بولغان. ئەڭ تىپىك مىسالدىن بۇ يەردە ياشايدىغان ئادەتتىكى خەلقمۇ توختامنامە تۈزەلەيدىغان سەۋىيەدە. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى قەدىمى بولىشىغا قارىماي مۇكەممەل بولغان.
ئەرەب خەلىپىلىكلىرى فەتىھ قىلغان جىق مىللەتلەرنىڭ تىلىمۇ، مەدىنىيىتىمۇ ئەرەبلەشكەن، تۈركلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى كۈچى بىلەن ئۇچراشقان تۈرك مەدىنىيىتى مۇكەممەل بىر شەكىلدە بىر – بىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تۈرك – ئىسلام مەدىنىيىتى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
بۇ ۋاقىتتا يېزىلغان تۈركى تىللار دىۋانىدا قىزلارغا بولغان قاراش بولۇمسىز بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا بىردىن بىر ئوغۇل قىزغا تەڭ مۇئامىلە قىلىدىغان تۈرك ئەنئەنىسى، ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامغا زىت بەزى كۈلتۈرىنى ۋە كېيىنچە يۇنان كۈلتۈرىنىڭ تەسىرىدە بۇ ئالىي قىممەت قارىشىنى يوقىتىپ قويغان.
غەربى قاراخانىيلارمۇ چىڭگىزنىڭ دۆلىتىگە باغلاندى. ئەۋلادلىرى تۈركلىشىپ مۇسۇلمان بولغان چىڭگىزنىڭ ئەۋلادلىرى تىمۇر ئىمپىراتورلىقىنى قۇردى. بۇمۇ سۇلتان ئۇلۇغبەگ زامانىغىچە گۈللىنىپ يەنە ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. بۇ دەۋردە بيرۇكراتلارنىڭ ھوقوقى كونترول قىلىنمىغان، ئۆلىمالارنىڭ ھوقوقىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنمىغان. ھوقوق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان. ۋە مىسلىسىز گۈللىنىۋاتقان ئىلىم، ھوقوقپەرەس ئۆلىمالار ۋە دۇنياپەرەس بيرۇكراتلار سەۋەبىدىن داۋام قىلالمىغان. بۇلار ئاسترونومىيە گۈللىنىپ سۇلتان فەتىھ باشلىسا مېلىمىزنى تەمىنلىشىمىز كېرەك بولىدۇ دەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلىم بىلەن تېركەشكەن. تىمۇر ئىمپراتورلىقى پارچىلىنىشقا باشلىغان.
ئاناتولىيەدە سەلچۇق دۆلىتى يېرىگە دۆلەت قۇرغان چىڭگىزنىڭ ئەۋلادى، ئاز ۋاقىتتىلا ئۇ رايوندىكى كىچىك بىر كۈچكە ئايلىنىپ قالغان. مۇشۇ ۋاقىتتا مەۋلانە رۇمى ئاناتولىيەگە كەلگەن بولۇپ ئىنسانىيەت بۈيۈك پالاكەتكە ئۇچرىغاندا، ئىنسانىلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى چۈشەندۈرگەن.
نۇرغۇن يىللار قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ياشىغاندىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتى قۇرۇلغان. بۇ ۋاقىتتا تىمۇر ئەنقەرەدە سۇلتان بەيازىدنى يېڭىپ، ئۇلارنى ئاجىزلىتىپ ئىستانبۇلنىڭ فەتھىنى كېچىكتۈرگەن. فاتىھ سۇلتان تەختكە چىققاندىن كېيىن قانۇننامە چىقىرىپ، بىر شاھزادە تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ دۆلەت ئەنئەنىسى بويىچە باشقىلىرىغا زېمىن بۆلۈپ بېرىشتىن ۋاز كېچىپ، باشقىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پەتىۋا چىقاغۇزغان. ھوقۇقنىڭ مەركەزدە بولۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سوپىلار يازغان تەسەۋۋۇپى سىياسەتنامىلىرىنى، سۇلتاننىڭ ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆلىمالارنىڭ ئۈستۈنلۈك جىدەللىرىنى باستۇرۇشقا ئىشلەتكەن. شاھزادىلىرىگە تەسەۋۋۇپ ھېكمەتلىرىنى ئۆگەتكەن، بيرۇكراتلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ ئەۋلادلىرىغا قېلىشىنى قالدۇرۇپ ئۆلگەندىن كېيىن مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغان. ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن سان – ساناقسىز ۋاقىپلار بيرۇكراتلارنىڭ بىردىنبىر مېلىنى ساقلاپ قېلىش يولى سۈپىتىدە قۇرۇلغان. ھېچكىمنىڭ بىر- بىرىدىن بەك باي ياكى نامرات بولۇپ قېلىشىغا يول قويمىغان.
داڭلىق ئالىم ئاسترونوم سۇلتان ئۇلۇغبەگنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلى قۇشچى كۆيدۈرۈلمەكچى بولغان كىتابلارنى توشۇپ ئىستانبۇلغا كېلىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن شۇنچىلىك قىلىپ كەلتۈرەلمىگەن ئەلى قۇشچىنىڭ ئۆزى كەپ قالغىنىنى كۆرگەن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئاسترونومىيە ئىلمىدىن پايدىلىنىپ فەتىھ ئىشلىرىگە كىرىشكەن.(ئاسترونومىيەسىز فەتىھ قىلىش تەس ئىمىش).
ئوسمانلى دۆلىتىدە ئەلى قۇشچى سان – ساناقسىز ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈپ، ھېساب ۋە ئاسترونومىيەنىڭ گۈللىنىشىنى كەلتۈرگەن).
چىڭگىز نەسلى سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى بابۇر ھىندىستاندا ئىمپىراتورلۇق قۇرغان ۋە بابۇر ئىمپىراتورلىقى 19 – ئەسىردە يېمىرىلگەن.
پارچىلانغان تىمۇر ئىمپىراتورلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادا (سەئىدىيەخانلىقى بىزنىڭ زېمىنىمىزدا ) ۋە باشقا خانلىقلار بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان. بىزنىڭ زېمىنىمىزدا سەئىدخان دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن پارچىلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاكىسىنىڭ زېمىنىغا كۆز تىكمىگەن ۋە مۇشۇ بويىچە 17 – ئەسىرگىچە قەدەر دۆلەت بىرلىكى ساقلانغان. سەئىدخان تىبەتكە غازاتقا ئاتلانغاندا شېھىت بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق خانلىقلار بىر مىنۇت بىر – بىرى بىلەن تىركىشىشنى توختاتمىغان.
ئاناتولىيەنىڭ تامامەن ئىسلاملىشىشى 17 – ئەسىردە تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئىسلام كىرگەندىن كېيىن تەسەۋۋۇپ كىرىپ مەدرىسلەردە ئەھمەت يەسسەۋىنىڭ تۈركچە تەسەۋۋۇپ ھىكمەتلىرى ئۆگىتىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر تەسەۋۋۇپ تەرىقەتىنى 20 – ئەسىرگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بۇ دەۋردە يالغان مۇتەسەۋۋۇپ(ئىشان)لارمۇ سان – ساناقسىز بولۇپ بۇلاردىن مەخدۇم ئەزەم بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە كىرگەن، تارىختىن بۇيان مەنىۋىيەتكە چىڭ ئېسىلىپ دىن ۋە مەدىنىيەتنى قوغداپ ۋە گۈللەندۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، خەلقنىڭ بىلىمى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن يالغانلىقىنى پەرق قىلالماي، ساختا ئىشاننىڭ ئەۋلادىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرگەن ۋە سۇلتان بىلەن ھوقۇق تالىشىدىغان يەرگە يەتكەن، ۋە ئىسمائىلخان ئاپاق مۇناپىقنى ئۆلتۈرمەي پالىۋەتكەن. دىن ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلالايدىغان مەنىۋىيەتكە چىڭ ئېسىلىدىغان ئۇلۇغۋار روھ، بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن تەپرىقىچىلىق ۋە ئاجىزلىشىشقا يۈزلىنىشكە ئېلىپ بارغان.
چىڭگىزنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 18 -، 20 – ئەسىردىكى ھالىمىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان ياۋروپا قېنىنى ئىچىۋاتقان رۇھانى ئۆلىمالارغا قارشى چىقىپ “ئايدىڭلىنىش” ھەرىكىتىنىڭ ئۇلىنى سالدى.
تارىخ كەلگۈسىنى قانداق شەكىللەندۈرىدۇ؟ 19 – ئەسىرگە قەدەر ئوكسفوردتا بېسىلغان دۇنيا تارىخ كىتابلىرىدا، قەدىمكى زامان ۋە مودېرىن زامان دەپ ئىككىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، مودېرىن زامان پەيغەمبىرىمىز ھاياتىدىن باشلىناتتى. شۇ چاغدا گېرمانىيەدە (شەرق غەرب)دەپ بىر دىۋان يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور دۇنيا تارىخىنىڭ ئىسلامنىڭ يېيىلىش تارىخى ئىكەنلىكىنى ئىدراك ئەتكەن ۋە پەيغەمبىرىمىزنى كۈيلەپ يېزىلغان مەزمۇن بار مەزكۇر كىتابتا. 20 -ئەسىردە تارىخچىلار غەرب مەركەز بىر تارىخ يېزىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىر زامانى دەپ يېڭى زامان بۆلۈنمىسى بويىچە تارىخ يېزىپ، بۇ تارىخ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن. غەربتە خىلمۇ خىل كەشپىياتلارنى ئىجاد قىلىپ، يېڭىلىقتا ئالدىدا مېڭىپ، كېيىن دۇنيانى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. تارىخ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان يول كۆرسەتكۈچتۇر. بۈگۈنكى كۈندە مۇستەملىكە زامانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ غەربكە كېلىشپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن فىرانسىيە، ئەنگىلىيىدە ئالتە ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرى مۇسۇلمان، ئامېرىكىدا ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرى. تىمۇرى بابۇر دۆلىتى ئىسلامنى كېڭەيتكەن. ھىندىستاندا بولسا ئەڭ ئاز يىگىرمە ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرى مۇسۇلمان.
18-ئەسىرگىچە ئېمپىرىيەدىن، ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى، ئىران سافاۋى ئىمپىراتورلىقى، تىمۇرىي بابۇر ئىمپىراتورلىقى ۋە بۇ ئەسىردە قۇرۇلغان رۇس ئىمپىراتورلىقى مەۋجۇتتى. ھەق يولدا ماڭغان مۇسۇلمان تۈركلەر دۆلىتى تارىختىن بېرى مەۋجۇد بولغاندىن بېرى دۆلەت ئەنئەنىسىگە ساھىب بىردىنبىر مۇسۇلمانلار. قاراخانىيلار، غەزنەۋىلەر قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق دۆلەتلەر مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسى رەئىسلىكى ۋەزىپىلىرى باشلىنىدىغان زاماننىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرى، كېيىنچە
ئوسمانلىلار ياۋروپاغا، تىمۇرىيلەر ھىندىستانغا ئىسلامنى تارقاتتى، تارىختىن بېرى خىتتايلارغا دىن تارقىتىپ ۋە دىننى ساھىبلىنىپلا قالماي تىرىشىپ قوغدىغان ئۇيغۇرلار خىتتايلارغا ئىسلامنى تارقاتمىغۇچە، خۇدايىمنىڭ “زىكىرنى چۈشۈردۇق ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قوغدايمىز ” دېگەن ئايەت بار، ” ئاللاھ شۈبھىسىز كافىرلارغا قارشى شەرەپلىك ۋە تەس كېلىدىغان، مۆمىنلەرگە كەمتەر ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سۆيىدىغان ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھنى سۆيىدىغان قەۋمنى ئەكىلىدۇ. بۇنى كىمگە خالىسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ” دېگەن ئايىتى بويىچە، بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىمىگىچە، كۈچلۈك ئاسسىمىلاسسىيەگە تاقابىل تۇرالايدىغان، ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان، ئەڭ تەس تىللارنىمۇ ئەڭ مۇكەممەل سۆزلىيەلەيدىغان ۋە ئىسلامغا كىرمەستىن بۇرۇنمۇ دىننى شەرققە تارقىتىپ ساھىبلىنىپلا قالماي ۋە جان تىكىپ قوغداش بىلەن بىرگە، بۇ دىنلار بىلەن مەدىنىيەتنى ئەڭ پارلاق شەكىلدە يارىتىپ كېلىۋاتقان بۇ دىن سۆيەر، ئوقۇشنى سۆيىدىغان ئۇيغۇرلار، بۇ تەقدىرىنى تونۇپ يېتىپ ھەرىكەتكە ئۆتمىگىچە، بۇ تەقدىر سىرىمىزنى ئاڭقىرمىغىچە بىز كەلگۈسىمىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ماڭالمايمىز، نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟دىننى سۆيگەنلىكىمىز ئەمما، نادانلىققا پېتىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىشانغا چوقۇنۇپ سۇلتاننىڭ ئۈستىدە ھۆرمەتلىگەن،
ئوقۇشنى سۆيىدىغان تەبىئىتىمىز مۇشۇ زاماندىمۇ كۆرىنىگلىك، مەن ئوقۇشنى دەپ ئائىلىسىدىن پۇل سورىماي تۈركىيىدە ئوقۇيدىغان ۋە بەل قويىۋەتمەي ئاخىرغىچە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن جەسۇر ئۇيغۇر قىزلىرىنى بىلىمەن، مەن 13يېشىدىلا ئىلىم ئالسۇن دەپ تۈركىيىدىكى تونۇشلىرىغا ھاۋالە قىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى بىلىمەن(بۇلارنى مەن كۆرمىگەن، لېكىن مەكتەپتىكى بالىلار مېنىڭ ئۇيغۇرلىقىمنى كۆرۈپ، بىزنىڭ كولىجدىمۇ ماندا ماندا قىزلار بار، ئائىلىسى ۋەتىنىدە دەپ بېرىدۇ، بۇنداق گەپنى مەكتەپتىكى قىزلاردىن ئاز دېگەندە سەككىز توققۇز قېتىم ئاڭلىدىم)، ياۋروپا تىللىرىدىن شەرق تىللىرىغىچە سۆزلىيەلەيدىغان قابىلىيەتگە ئىگە ئەڭ پارلاق مەدىنىيەتكە ساھىب ۋە دىن ۋە مىللىيىتىنى ھەرقانداق شارائىتتا قوغدىيالايدىغان بۇ مىللەت ئىسلامنى خىتتايلارغا تارقاتماي، كىم تارقاتسا بولىتى سىزچە؟ نېمىشقا بىز ئۇلارغا قوشنا بوپ كېلىۋاتقاندىمىز سىزچە؟ شور پىشانە دېمەڭ، ئاللاھنىڭ ھىكمىتىدىن گۇمانلانماقچىمۇ سىز؟ گەرچە تارىختىكى ئۈچ ئەسىرلىك چېكىنىشىمىز سەۋەبلىك بۇلار ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ ،تەقدىرنىڭ سىرىنى، ھىكمىتىنى ئاڭقىرىپ قەددىمىزنى تىكلىشىمىز كېرەك، تارىختا چېكىنىش، قايتا كۈچىيىش داۋاملىق يۈز بېرىدۇ، شۇئانكى ئەھۋالىمىز كەلگۈسى ئەھۋالىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ خىتتاي دىنغا ئىشىنىدىغان مىللەت ئەمەس دەمسىز؟ ئاتىلىرىڭىز نېمە قىلغان، سىزنى بۇنداق پاسسىپ قىلغان نەرسە نېمە، ئويلاپ بېقىڭ، كاللىسى بار، بىلىم ئىگىلەيدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە قەلبى بار ئىنسانلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشى بۇ تۇغما ئىش، قىسقىلا ۋاقىتتا خىتتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەزىسى مېتافىزىكنى ئويلاشتىن قورقسىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىرىنىڭ ئېتىقاد ئىزدەپ قايمۇقىۋاتقانلىقىنى مەن كۆرگەن، چۈنكى بىلىم ئالغان ئىنسان ھەقىقەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. ئەلۋەتتە جېنىنى بېقىش كويىدا باشقا ئىشنى ئويلىمايدىغانلارغا دىن تارقاتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا بىز ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن يوقاپ كەتمەيمىز، ئۆزىمىز كۈچىسەكلا، چۈشكۈنلەشمەي ئاۋال ئۆزىمىزنى بۇ ئەزىلى تارىختىن بېرىكى تەقدىرى ۋەزىپىمىز ئۈچۈن، ھەر مىنۇت ھازىرلىشىمىز كېرەككى، پۇرسەت كەلگەندە تەييار بىر شەكىلدە بۇ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولمىسا تارىخ كور بىر شەكىلدە چۆگىلەۋىرىدۇ. خۇدايىم بۇيرىغان ئىشنى قىلمىغۇچە. ئاللاھنىڭ پۈتۈن پۈتكەن قىسمەتلىرىنىڭ ھىكمىتى بولىدۇ، بەلكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ سۈيىقەست بىلەن يىقىلىشىنىڭمۇ بىر ھىكمىتى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچى. بىز ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز بۇنى قىلالايدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئانىلار بۇرۇنقىدەك بىخۇد ئەمەس، بالا تەربىيىلەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ھەقىقەتەن بەك جىق، كەلگۈسىدە تەربىيىلەنگەن بالىلار بۇنى چوقۇم قىلالايدۇ، بەلكىم سىز بەك ئىجابىي ئويلاپسىز دېيىشىڭىز مۇمكىن، بۇ مېنىڭ ئويۇم ئەمەس، تارىخ كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەت ۋە يول. مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىر ئوقۇتقۇچۇم ئالىي مەكتەپتە ،ساۋاقدىشى ئارقىلىق ئىسلامغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ۋەتىنىمىزگە كېلىپ ئۆيلۈك بولغان. ئىشەنمىسىڭىز مەيلى، مەن ئۇ مۇئەللىمنىڭ يۈرۈش تۇرىشىنى، ئىشلىرىنى ئىككى يىل دەرسكە كىرىش جەريانىدا كۆرگەنمەن. شۇڭا، بۇلارنى تارىخقا قاراپلا ئەمەس ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆرگەن، تۈركىيىدىمۇ يەتمىش يىل چەكلەنگەن ياغلىق تېخى يېقىنقى نەچچە يىلدا ئەركىنلىكى بېرىلدى، ياغلىق بىلەن پروففىسور بولالمىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ چەكلىمە قالدۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۆز ۋەتىنىدە پروففىسور بولالىدى، چۈنكى ئاللاھ سەبىر قىلغۇچىلارغا ۋە سەۋەب قىلغۇچىلارغا چوقۇم مېۋىسىنى بېرىدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز پەقەت ئۆزىمىزنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ھازىرلاپ بۇنىڭغا تەييارلىنىش، ۋەتىنىمىزدىكى خىتتايلار كۆپىنچىسى جان تىرىكچىلىرى بولسىمۇ، خىتتاي چوڭ شەھەرلىرىدىكى خىتتايلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بىراز دېموكراتىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ، ئىزدەيدۇ . ئەمما، كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن بىلمەيدۇ، چۈشەنمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇمۇسلۇق ئىشنى قىلىپ – ئىچكىرنىڭ مۇكەممەلسىز قانۇنىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆككەن -(تارىختىكى قىپ باقمىغان ئىشنى نادانلىقتىن بۇ ئەسىردە قىلدۇق)ۋەتىنىمىزدىمۇ جىنايەتچى ئەمەس بەلكى ئەخلاقسىز، ياخشىمۇ ئەمەس ئەسكىمۇ ئەمەس ياكى ئەقىلسىز كىشىلەردىن پايدىلىنىپ بىزنى بىر – بىرىمىزدىن سەسكەندۈرىدىغان قىپ قويدى، بىزنى ئۇيغۇردا ساتقىن جىق دېگەن چۈشەنچىگە ئەكەپ قويدى. ساتقىن ھەممە يەردە بار، شۇ ئىجتىمائى شارائىت بۇنىڭ جىق چىقىشىغا سەۋەبلىك، چۈنكى ئىككى يانغا مەيلى بار ئىنسانلار، شارائىت قايانغا باشلىسا شۇيانغا ماڭىدۇ، بىز بۇ توزاقلادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا يوچۇق بەرمەسلىك ئۈچۈن ئىنسانلىق تەربىيىسىنى، ھېچ بولمىسا ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئۈچۈن چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. چىڭدىن باشلاپ بىزگە قوللىنىپ كېلىنىۋاتقان بۇ توزاققا ئەمدى چۈشمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر – بىرىگە گۇمانلىق قارايدىغان بولۇشى، بۇ بولۇۋاتقان ئىشلاردىن شەكىللەنگەن بىر روھىيەت، بۇ مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىللەتكە خاس بىر نەرسە ئەمەس. مەن پەلەستىنلىك دوستلىرىمدىن يېقىن زامان مەزگىللەردە پەلەستىندىكى مەلۇم شەھەردە ئادەملەرنىڭ بىر بىرىگە گۇمان بىلەن قاراپ، كوچىغا چىققاندا گەپ قىلمايدىغان ۋاقىتلىرى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان. نۇرغۇن نەرسىلەر شۇ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەممىنى مىللەتكە باغلاپ ئويلايدىغانلار پاسسىپ چۈشىنىش شەكلىگە مايىل كىشىلەردۇر.
قىسقىسى ئۈمىدۋار بولۇپ دۇئا قىلى تەقدىرنىڭ سىرىنىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىشىنى تىلەيلى، بۇ زۇلۇملار نېمە دەمسىز، تارىخ ئوقۇپ بېقىڭ، خۇدايىم ئىنسانلارنى ئىنسانى كامىللىققا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك ئىمتىھانلار ئارقىلىق ئۇنى كۈچەيتىدۇ، پەقەت ۋايسىماي ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويمىساقلا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. دېمەككە ئاسان دېيىشىڭىز مۇمكىن، بىزنىڭ كۈچلۈك قورالىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ تەۋھىد ۋە دۇئا. بىز چىڭنىڭ قەسىرىگە ئىگىلمەي كىرگەن مەمۇرى ئەزەمنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرمىغىچە، بۇ كور تۈگمەندىن چىقالمايمىز. مېنىڭ دۇئايىم بىزنىڭ بۇ زۇلۇمدىن ئاسسىمىلاتسىيە بولماي، ھەرقانچە زامانىۋى قوراللار ئىشلەتسىمۇ، بۇنىڭدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىشىمىز ۋە ئۆزۈمنىڭ دۇئايى، ئاللاھ ئىگەم بەرگەن ئىلمىم بىلەن ئۆزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ نىېسىپ قىلغان كۈنى خىتتايغا بېرىپ، ئۇيغۇرنىڭ خۇدايىم يۈكلىگەن بۇرچىنى ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇش. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئەڭ توغرا يولغا باشلىسۇن!