تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال
(پوۋىست)
گۈلشەن ئابدۇقادىر
4 – قىسىم
تىمخورتوندىن قوغلاندى بولۇش.
2 يىلدىن كېيىن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ھۆكۈمدارلار مەجبۇرى تاڭغان ئىسمىم مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمان. مەن كىم؟ دېگەن سوئالغا ئەگىشىپ كىملىگىمنى ئىزلەپ تېپىش نىيىتىدە كاناداغا كەلگەن بىر كۆچمەن. مېنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ماڭا بىر خىل تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىك پەلسەپىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن مېنىڭ كىملىگىم ھەققىدە ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى ئاڭلاش، ئۆز – ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى ياخشى بىلىۋېلىش ئۈچۈن مۇساپىرلىق يولىنى تاللىغان سەرگەردان يولۇچىمەن. يالغان كىملىك بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتسەم، ئۆزۈمنى خۇددى چېگرادا تۇتۇلۇپ قالغان جىنايەتچىدەك ھېس قىلىمەن ئەلۋەتتە. بەلكىم مېنىڭ كىملىك ئىزلەش يولىدىكى بۇ ھىجرىتىم ئىشقا ياراپمۇ قالار.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، تىلى تۇرۇپ ئىشلىتەلمىگەن، ۋەتىنى تۇرۇپ ئەركىن ئازادە سۆيەلمىگەن، بايلىققا چىلىشىپ تۇرۇپ گاداي بولغان، ئانا زېمىنى تۇرۇپ ئۇنى قاتتىقراق دەسسىيەلمىگەن، يا تېلىقىپ كۈلەلمىگەن، يا ئۈن سېلىپ يىغلىيالمىغان يەكلەندى سۈرگۈنمەن. سۈرگۈن ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ياكى تۈگىشى ئەمەس بەلكى، يېڭى روھنىڭ باشلىنىشى. سۈرگۈن يېڭى ئۈمىد يوللىرىنىڭ ئاياققا ئېلىنىشى. سۈرگۈن، مۇزلار ئېرىگەندىن كېيىنكى ئۇششاق – ئۇششاق جىرالارنىڭ مىدىرلاپ، ئۆستەڭ ۋە دەريا يوللىرىنى ئىزلىشى. سۈرگۈن بىر نەرسىنى بىلگەنلىگىڭنىڭ ھەم شۇنداقلا بىر نەرسىنى ئىزلەۋاتقانلىقىڭنىڭ بىشارىتى. سۈرگۈن دۇنيادىكى ئويغاق ئىنسانلارنىڭ قۇچاقلىشىشى، ھۆرلۈك شۇئارىنىڭ توۋلىنىشى، سۈرگۈن چۇقان دېمەكتۇر. سۈرگۈن مەنمۇ بار بۇ دۇنيادا دېمەكتۇر.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ھەرىكەت جەھەتتە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن، ئەمما روھ قاتلىمىدا ۋەتىنىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن ئۇنى باغرىغا چىڭ ۋە چىڭ بېسىپ سۆيگەن مەجنۇنمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ئۆز شەھىرى، ئۆز ۋەتىنىگە پاتماي، بوخچىسىنى قۇچاغلاپ، ئۆزگە يۇرتقا كۆچ ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئاتا بوۋىلىرىمغا ئوخشاش، ئىككى بالامنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ، «ئاھ، ۋەتەن – ۋەتەن» دەپ يىغلىغانچە، ۋەتەندىن ئايرىلغان كىمسىز ۋە كىملىكسىز سەرگەردانمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، «غەرپ دېگەن بىر يەر باركەن، كىملىگىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلارنىڭ كىملىگىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن، ھەق ۋە ئادالەت شۇ يەردىكەن» دېگەن گەپلەرگە ئىشىنىپ، ئاشۇ كىملىك تېپىشىپ بەرگۈچىلەرنىڭ دۆلىتىگە چىرايىمنى ساماندەك سارغايتىپ، «نامەرتنىڭ كۆۋرىگىدىن ئۆتكۈچە، مەرتنىڭ دىۋانىسى بولاي» دەپ كەلگەن قەلەندەرمەن.
مەن كىملىگىمنى ئىزلەش سەپىرىگە چىقىپ كاناداغا كېلىپ توختىغىچە بولغان بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە، دۇنيادا كىملىك كۈرىشى بولۇۋاتقانلىغىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.
كىم – كىم بولغان ئەمدى كىم بولۇۋاتىدۇ. كېلەچەكتە كىم – كىم بولىدۇ. كىم شاھمات تاختىسىدا تۇرالايدۇ ۋە كىم شاھمات تاختىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ مانا بۇ كۈرەش. مەنمۇ بۇ كۈرەشنىڭ بىر ئۇچىدىن يەر ئالماقچى بولدۇم.
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەھەللىلەردە بولىدىغان جىدەللەردە، «مەن كىم؟ سەن كىم؟» دېگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايتتىم. ھازىر دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە «مەن كىم؟ سەن كىم؟» ئوپىراسى ئوينالماقتا.
ئەمما كىملىگىڭنى ئىزلىمەكچى بولساڭ، «مەن كىم» دەپ ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇشۇڭ، مېڭىشىڭ، بىر نەرسىلەر ئىزلىشىڭ ۋە بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك. كىملىك رىقابىتى خۇددى بازار رىقابىتگە ئوخشايدۇ. كىملىك رىقابىتى بىزدەكلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەش رىقابىتى دېمەكتۇر.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ئەقلىمنى تاپسام بىر دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازاننىڭ ئىچىدە تۇغۇلغانكەنمەن. ئاشۇ قازاننى چېقىپ تاشلاپ، يورۇق دۇنيانى تاپقان، چېگرا ۋە توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ بىپايان كەڭلىكتە ئەركىن نەپەس ئېلىشنى سىنىماقچى بولغان، مۆرىتى كەلسە ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا سەكرەپ كەتكەن، ئۇزۇنغا سەكرەش ماھىرىمەن. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تەقدىر ۋە قىسمەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىگىزدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ ھەممە نەرسىنى نۆلدىن باشلاشنى قارار قىلغان ئەخمەقمەن.
ھايات شۇنداق. ئۇنىڭدا مېڭىش ئۈچۈن بەزىدە ئەخمەق، بەزىدە قاچقۇن، بەزىدە ئاجىز، بەزىدە كۈچلۈك بولىسەن.
بۈگۈن تورونتودىكى بىر كورىيەلىك كاپىتالست ئاچقان تىمخورتوندا ئىشلەۋاتقىنىمغا 3 ھەپتە بولغان ئىدى. بۇ مېنىڭ 3 ھەپتىلك سىناق باسقۇچۇم بولۇپ بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ. «مەن بۇ 3 ھەپتىدە ناھايىتى ياخشى ئىشلىدىم. ئەمدى ماڭا رەسمىي ھەپتىسىگە 40 سائەتلىك ئىش بېرىدۇ» دېگەن تامادا ھاياجان بىلەن ئىشقا باردىم. 5 سائەت ئىشلىگەندىن كېيىن ئىشتىن چۈشتۈم. بىر خىزمەتدىشىم مېنى خوجايىننىڭ ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى ئېيتتى. مەن دەرھال خوجايىننىڭ يېنىغا كىردىم. خوجايىن ماڭا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن ئۇدۇللا:
– بۈگۈن سېنى ئىشتىن توختۇتۇشنى قارار قىلدۇق. چۈنكى، تىمخورتوننىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى بويىچە بىر ئىككى كوفى ئالغان خېرىدارنى بىر مىنۇتتا، ساندىۋىچ ئالغان خېرىدارنى 3 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقتتا ئۇزۇتۇشۇڭ كېرەك ئىدى، ئەمما سېنىڭ ئاددى بىر كوفى زاكاس ئېلىپ خېرىدارنى ئۇزۇتۇشقىچە بولغان جەريانىڭ پۈتۈنلەي 3 مىنۇتتىن چۈشمىگەن، مۇلازىمەت سۈرئىتىڭ بەك ئاستا، سېنىڭدە سۈرئەت ئېشىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا كۆزىمىز يەتمىدى. شۇڭا ئىشتىن چىقىرىشنى قارار قىلدۇق – دىدى ۋە ماڭا ئىشقا كىرگەن كۈنۈمدىن ئېتىبارەن خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالىمنى داۋاملىق كۈزۈتۈپ سىنغا ئېلىپ تۇرغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى قويۇپ بەردى. مەن خۇددى مۇز يېرىلىپ كېتىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئەندىكىپ كەتتىم. خوجايىن بىلەن مۇنازىرلەشكىم بار ئىدى، ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم. «ھەي، خەپ يەنىلا ئىنگلىزچە» دېدىم ئىچىمدە. خوجايىن:
– ماۋۇ 3 ھەپتىلىك ئىش ھەققىڭ، ماۋۇ 200 دوللار ساڭا قوشۇپ بېرىلدى. خاپا بولماي باشقا يەردىن ئىش تېپىۋال – دىدى.
مەن سۇسىز قالغان گۈل يوپۇرمىقىدەك سولاشقان ئىدىم. تورونتو كوچىلىرىدا قەدەملرىمنى تەستە ئېلىپ كېتىۋاتقاچ يولدۇشۇمغا تېلىفون قىلىپ، تىمخورتوندىن قوغلاندى قىلىنغانلىغىمنى ئېيتتىم. يولدىشىم تېلىفۇندا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە
– ئۇلار سىلەرنى ھېلىمۇ كېچىكىپ قوغلاندى قىپتۇ. مەن بولغان بولسام، سىلەردەك مىس- مىس خوتۇننى ئەتىسىلا قوغلاندى قىلىۋەتكەن بولاتتىم. دەرھال ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىڭلار، تىمخورتون جىدىلى ئەمدى تۈگىگەندۇ – دېدى چاخچاق قىلىپ.
مەن ئاپتۇۋۇز بېكىتىنىڭ يېنىدىكى بىر خىلۋەت گۈللۈككە جايلاشقان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ دەل ياز مەزگىلى بولۇپ سائەت كەچ 7 لەرنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنىغا قارىماي ھاۋا شۇنداق ئىسسىق ئىدى.
مەن ئورۇندۇقتا ئەمدىلا ئولتۇرۇشۇمغا تېلىفونۇمغا ئۇچۇر كەلگەنلىك سىگنالى بېرىلدى. تېلىفونۇمنى ئېچىپ ئۇچۇرلارنىڭ يىغىلىپ كەتكەنلىگىنى كۆردۈم ۋە بىرمۇ بىر ئاڭلاشقا باشلىدىم.
1 – ئۇچۇردا ماڭا ئاكاردىيۇن بىلەن چېلىنغان تۆۋەندىكى ناخشا يوللانغان ئىدى.
« كىردىمۇ چۈشلەرىڭگە،
ئۈچ دەرۋاز كوچىلىرى.
ئەسلەرسەنمۇ بىزنى مەريەمگۈل.
تورونتودا يۈرگەنىڭدە……
ناخشىنىڭ ئارقىسىدىن ئو…… ھوي… ياشاپ كەت……ھە……. ھە » دېگەن ئاۋازلار، ئاياللارنىڭ كۈلكىلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ۋەتەندىكى ساۋاقداشلىرىم 20 يىللىق ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشىدا ئولتۇرۇشۇپتۇ.
مەن ماڭا سوۋغا قىلىنغان، ماڭا تونۇش ۋە مەن كۆپ ئېيتىدىغان بۇ سۈيۈملۈك ناخشىنى ئاڭلاپ، باشلىرىمنى ئالقانلىرىمنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كەتتىم. مەن ئاۋازىمنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتمەسلىگى ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىغى ئۈچۈن ئۆز ھاياجىنىمنى تەستە كونتىرول قىلىۋاتماقتا ئىدىم. مەن تېلىفونۇمغا قاراپ، «ھەي خەق…… مەن تورونتودا ئىشتىن قوغلاندى بولۇپ يۈرەي سەن خەق ئويناپ يۈرۈش ھە……» دېدىم. ئىچىمدە ئاچچىق بىر چىدىماسلىق، سېغىنىش ۋە مەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ئىنسان تەبىئىتىدە بار بولغان بارلىق ئاجىزلىقلار ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. يۈزۈمدىكى بارلىق سۇ ئاقىدىغان جايلىرىمدىن، خۇددى ماشىنا ئەينىگىگە قۇيۇلۇۋاتقان يامغۇر سۈيىدەك ياش ۋە باشقا نەرسىلەر ئاقماقتا ئىدى. مەن خۇددى ماشىنا ئەينىگىنى توختىماي سۈرتۈپمۇ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقان ئەينەك سۈرتكۈچتەك قوللۇرۇم، ياغلىقلىرىم ۋە قول قەغەزلىرى بىلەنمۇ سۈرتۈپ تۈگىتەلمەيۋاتاتتىم. ۋاي – ۋۇي ئاياللارنىڭ يۈرىگىدە سۇ نېمە دېگەن جىق – ھە!!
ئەي ئايال، يىغلا سەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن. يىغلاشتىن ھىېچ قورقما ھەم قورۇنما.خالىساڭ ئاۋازىڭنى قويۇۋېتىپ، خالىساڭ پىنھان يىغلا. يىغلاشقا يەردىن تاكى بىپايان كۆكلەرگە قەدەر ھەققىڭ بار. يېتەركى يىغلا، ئىچىڭدىكى سېنى بىئارام قىلىۋاتقان ئاچچىق زەرداپلار چىقىپ كېتىپ روھىڭ ۋە يۈرۈگۈڭ تېخىمۇ پاكىزلانسۇن.
سەندەك ئۆز دەردى ۋە غېمىدىن باشقا ۋەتىنى، مىللىتى ۋە خەلقىنىڭ غېمىنى يەپ يۈرگەن بىر ئايال ھەر دائىم يىغلاپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى يىغا باشقا يەردىن ئەمەس بەلكى يۈرەكتىن كېلىدۇ. ئەگەر بىر ئايالنىڭ قەلبى يىغا ۋە ياشلارنى ئىشلەپچىقىرالمىسا دېمەككى ئۇ ئايال بىخوت ئايال دېمەكتۇر.
ئەي ئايال، يىغلاشتىن ھېچ قورقما ھەم قورۇنما. يىغلىغاندىن كېيىنكى ئايال، جەسۇر ۋە كۈچلۈك ئايالدۇر. ئەقىللىق ئاياللار، ئەقىللىقلىق بىلەن بەرگەن كۆپلىگەن قارارلىرىنى يىغىدىن كېيىن بەرگەن. نۇرغۇنلىغان ئەرلەر يىغلاۋاتقان ئايالغا بىزارلىق بىلەن يىغلىما – يىغلىما دەپ ۋارقىرسىمۇ، ئەمما يىغلاپ بولغاندىن كېيىنكى ئايالنى باغرىغا بېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۇنكى يىغلاپ بولغاندىن كېيىن ئايال شۇنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك لاتاپەتلىك، شۇنچىلىك قەيسەر ۋە مەردانە بولۇپ كۆرۈنىدۇ دۇنياغا.
مەن يىغلاۋېتىپ ئاۋازىمنىڭ يۇقىرى چىقىپ كەتكەنلىگىنى سەزمەپتىمەن.
– خانىم ئۆزىڭىز تېنچلىقمۇ؟ ياردەمگە ئېھتىياجىڭىز بارمۇ – دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا ئىككى ساقچى ئوفىتسېرى ماڭا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.
– ياق، ياق. مەن ياخشى، ياردەمگە ئېھتىياجىم يوق.
– ئەمما ئاۋازىڭىز يۇقىرى چىقىپ كەتتى خانىم، ئەگەر ياردەمگە ئېھتىياجىڭىز بولسا ئېيتىڭ خانىم، بىز سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايلى – دېدى ساقچى ئەپەندىم ماڭا تولىمۇ مۇلايىم ۋە سىلىقلىق بىلەن.
– ياق، ياق. مەن ياخشى. ئۆزۈم كېتەلەيمەن. سەل چارچاپ قاپتىمەن، بۇ يەردە بىر ئاز دەم ئالغۇم بار، ياردەمگە ئېھتىياجىم يوق – دېدىم مەن ساقچىغا. ساقچى:
– ئۇنداقتا بوپتۇ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ خانىم، خەيرلىك ئاخشاملار – دېدى ۋە كېتىپ قالدى.
مەن ساقچىنىڭ ئارقىسىدىن:
– ساڭ……ئىمۇ….. – دېدىم قوپاللىق بىلەن ئىچىمدە غۇدۇراپ، – بۇ تورونتو دېگەن ساراڭ شەھەردە ئاۋازىنى سەل چىڭ چىقىرىپ گەپ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ – يە، – دېدىم مەن يەنە غۇدۇراپ.
مەن تېلىفونۇمدىكى 2- ئۇچۇرنى ئاچتىم.
ئۇچۇر دوستۇم زەينەپتىن كەلگەن ئىدى. « ئاداش 20 يىللىق ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشى قىلدۇق. سېنىڭ يوقلۇغۇڭ بەك بىلىندى ئاداش .بارغان يەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ۋىيەي، مەريەمگۈل بۇ يەرلەرنى ھەجەپ ياخشى كۆرەتتى دىدۇق.ئاكاردىيۇن چېلىنغاندا، سېنىڭ ھېلىقى بىزگە، يەنى ئاياللارغىلا ئېيتىپ بېرىدىغان مەردانە جىرلىرىڭنى ئەسلىدۇق. ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمىزمۇ بۇ شەھەردە مەريەمگۈلدەك ۋالىسقا چىرايلىق پىقىرايدىغان ئايال يوق جۇمۇ دېيىشىپ، ساڭا يۇقىرى باھا بېرىشتى».
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قولۇم بىلەن ئاغزىمنى تۇتقانچە، خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلداپ قالدىم. ئازادە بىر يەرنى تېپىپ خاتىرجەم ھالدا ئۇزۇن – ئۇزۇن يىغلىۋالغۇم بار ئىدى.
ھەي دۇنيا نېمە دېگەن تار ھە!!
ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس كېچەلمەس نەرسىلىرى بولىدۇ. مەن ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا، بۇنداق ئولتۇرۇشلارنى مېنىڭ كىملىگىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يوقۇتۇشۇمغا سەۋەپ بولۇۋاتقان ئامىللار دەپ قارىغان ۋە بۇ بىر غەپلەت بۇنىڭدىن ئۆزەمنىمۇ ۋە ئەۋلاتلىرىمنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۇ ئۆز نەرسىلىرىمدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالماي تۇرۇپتىمەن.
مەن ئېسەدەپ تۇرۇپ 3 – ئۇچۇرنى ئاچتىم. بۇ كوللىكتىپ رەسىم بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى.
مەن 4 – ئۇچۇرنى ئاچتىم. بۇ ئۇچۇر دوستۇم رەنادىن كەلگەن ئىدى. «ئاداش، قانداق ئەھۋالىڭ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن. ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشىدا سېنىڭلا گېپىڭنى قىلىشتۇق . ئاداش سېنى ئېيىغا 2000دوللار مۇئاش ئالىدىكەن، 2 بالىسىغا ھۆكۈمەت مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل بېرىدىكەن دەپ ئاڭلىدۇق، راسمۇ ئاداش، كانادا بالىنى تازا جىق تۇغىدىغان يەركەن جۇمۇ ئاداش ھا……ھا ……ھا».
مەن مىيىغىمدا كۈلدۈم. «سېنىڭ ماۋۇ قوغلاندىچىلىقلاردىن خەۋىرىڭ يوقتە دوستەك» دېدىم مەن ئىچىمدە يەنە غۇدۇراپ.
مەن 5 – ئۇچۇرنى ئاچتىم.
«ھەي……مەريەك……ھەي مەريەك. كاناداغا بېرىپ ھەممىسىگە تېلىفون قىپسەن. ماڭا بىر تېلىفون قىلپمۇ قويمىدىڭ……خەپ جۇمۇ مەريەك». بۇ كىچىگىمىزدىن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان، ھەم تام خوشنام، ھەم باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دىلشات ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھاراقنى جىق ئىچىۋالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئارقىدىن يەنە ئەر – ئاياللارنىڭ چاخچاق ۋە كۈلكىلىرى شۇنىڭدەك دىلشاتنىڭ خانىمىنىڭ، «دىلشات بولدى قىلىڭ» دېگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپلا ئۈزۈلۈپ قالدى. بىلىنىپ تۇرۇپتىكى دىلشاتنىڭ سۆزلىرى كېسىۋېتىلگەندەك قىلاتتى.
دىلشاتنىڭ ئۇچۇرى مېنى ئالتۇندەك ياشلىق چاغلىرىمىزغا باشلاپ كەتتى.
بىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە كەتكەندە، ساۋاقدىشىم دىلشات سودا قىلىش ئۈچۈن گۇاڭجۇ، شاڭخەي قاتارلىق دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە كەتكەن ئىدى.
مەن يازلىق تەتىلدە كەلگەن ۋاقتىمدا، دىلشات بىلەن دەرۋازا ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالاتتۇق.
– قاچان كەلدىڭ مەريەمخان – دەيتتى ئۇ مېنى تېرىكتۈرۈپ.
– ساراڭ، تۈز گەپ قىل. مېنىڭ ئىسمىم مەريەمخان ئەمەس، مەريەمگۈل بىلىپ قوي – دەيتتىم مەن تۇمشۇقلىرىمنى سوزۇپ زەردە بىلەن.
بىر كۈنى مەھەللىمىزدە بىر توي بولدى. ئۇ چاغلاردا ئۇزۇن ئۈزۈم باراڭلىق ھويلىلاردىن يەنە بىر مەھەللىلەردىكى ھويلىلارغا قىز كۆچۈرۈلەتتى. ئەمدىلا ساز چېلىنىپ توي باشلىنىشى بىلەنلا دىلشات نېرىدىن:
– ھەي مەريەمخان، قوپە ۋالىس ئوينايمىز – دېگەنچە ئالدىمغا كەلدى. «مەريەمخان» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، توي ئەھلى پاراققىدە كۈلۈشتى. مەن لەيلىققازاق گۈلىدەك قىزارغان پېتى ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئىككىمىز ۋالىسقا پېقىرىغاچ ئۇرۇشۇۋاتاتتۇق.
– نېمىگە مەريەمخان دەيسەن؟؟
– مەريەمخان بولغاندىن كېيىن مەريەمخان دېمەي نېمە دەيمەن؟
– مېنىڭ دادام ئەزان ئېيتىپ قويغان ئىسمىم مەريەمگۈل بىلىپ قوي!!
– سەن قېرىغاندىمۇ ھەممە ئادەم سېنى مەريەمگۈل دەپ چاقىرامدا؟ ئۇ چاغدا سېنى مەريەمخان دەيدۇ خەقلەر ماڭا ئوخشاش- دەيتتى ئۇ باشلىرىنى سىلكىپ تۇرۇپ سۆزلەپ.
– ساراڭ…… – دەيتتىم مەن جىلى بولۇپ.
– مەريەمخان…… مەريەمخان – دەيتتى ئۇ تېخىمۇ چىشىمغا تېگىپ.
مەن شۇ كۈنكى تويدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئىنتايىن خىجىل بولغان ئىدىم. شۇڭا كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى چۈشكە يېقىن دىلشات بازارغا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دىلشاتنىڭ ئاپىسى خۇرشىدەم ھاجىم بىلەن ئابلىكىم ھاجىم ئاكىمىزنىڭ ئالدىغا دەۋاغا كىردىم.
– ۋاي… ۋاي… داشۆسىڭ كىرىپ قاپتىغۇ، داشۆسىڭ – دېدى مېنىڭ دەرۋازىدىن كىرىپ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرگەن ئابلىكىم ھاجىم ئاكا ناھايىتى چىرايلىق نەقىشلىنىپ سېلىنغان پىشايۋانلىق ئۆيلىرىدىن چىقىپ كېلىۋاتقاچ. – خۇرشىدەم ھوي خۇرشىدەم، مەريەمگۈل كىردى مەريەمگۈل.
– ھوي…… مەريەمگۈل قىزىم كېلىڭ، كېلىڭ. قانداق رىسالەتخان، ئابدۇراخمان ئەپەندىلەر تېنچلىقمۇ؟ يۈرۈڭ قىزىم ئۆيگە كىرەيلى- دېدى خۇرشىدەم ھاجىممۇ مەن بىلەن تېنچلىق ئامانلىق سورۇشۇپ.
– رەھمەت. سالقىنراق مۇشۇ چايخانىدا ئولتۇرايلى، – دېدىم مەن قورۇنغان ھالدا.
مەن دىلشاتنىڭ مېنى «مەريەمخان» دەپ چاقىرىپ چىشىمغا تېگىدىغانلىقى، نۇرغۇن ئادەم چاقىرىلغان تويدىمۇ مېنى «مەريەمخان» دەپ چاقىرىپ، ھەممە ئادەمنى كۈلدۈرۈۋەتكەنلىگىنى، بۇندىن كېيىن «مەريەمخان» دىيىشنى توختۇتۇپ مەريەمگۈل دىيىشى كېرەكلىگىنى، ۋە ئۇلارنىڭ دىلشاتقا گەپ قىلىپ قويۇشى كېرەكلىگىنى ئۆتۈنۈپ كىرگەنلىگىمنى بىرمۇ بىر ئاڭلاتقان ئىدىم.
– ئاللاھ – ئاللاھ، ما بالىنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىنى، ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ قىزىم، بىز دادىسى ئىككىمىز ئۇنىڭغا ياخشى گەپ قىلايلى – دېدى خۇرشىدەم ھاجىم. ئابلىكىم ھاجىممۇ ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن:
– مەن بۇ بەغەرەزگە تازا ئوبدان گەپ قىلىمەن، بۇندىن كېيىن سىزنى ھەرگىز مەريەمخان دېمەيدۇ – دېگەن ئىدى.
خىياللىرىم شۇ يەرگە كەلگەندە يۈزلىرىمنى سومكامنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، خىقىراپ كۈلۈشكە باشلىدىم. بايىقى يىغىلىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىچ – ئىچىمدىن بىر شەيتان كۈلكىسى كەلمەكتە ئىدى. « ھەي توۋا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىغا دەۋاغا كىرىپمۇ ئۇنى مەريەمگۈل دېگۈزەلمىگەن ئىدىم».
ئەي بالىلىق، ئەي ياشلىق نېمە دېگەن بىغۇبار، نېمە دېگەن پاك چاغلار ھە!!
تورونتو كوچىلىرى رەتلىك، پاكىز ۋە تىپ – تېنچ. يا ماشىنىلارنىڭ سىگنال بەرگىنىنى، يا ئادەملەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىمايسەن. كىشىلەر بىر – بىرىگە ئىنتايىن سىلىق ۋە دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەر ۋاقت ئادەملەرنىڭ ئادەملەرگە قىلىۋاتقان، « مەرھەمەت، كەچۈرۈڭ، رەھمەت» دېگەن يېقىملىق سۆزلىرىنى ئاڭلايسەن. ئەمما مەن ھەر ۋاقت ئۆزۈم تورونتودا بولساممۇ خىياللىرىم شاۋقۇن سۈرەنگە لىق تولغان ئاشۇ كىچىككىنە خىلۋەت شەھىرىم ۋە مەھەللەم بىلەن ياشاپ كەلدىم. ئاغچەيلەم، كىقىرىشماق، ئاتلانغۇچ ئويۇنلىرى، سىركايىلارنى دۈم كۆمتۈرۈپ قاپ قارا ئوسمىلارنى چىڭ سىقىپ قاشلىرىمىزغا قويۇشلىرىمىزدىن تارتىپ، ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە سۆيۈملۈك ئەسلىمە ئىدى.
مەن ئۆيگە قايتىشنى ئويلۇدۇم، ياز كۈنلىرى كەچ سائەت 8 بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، تورونتودىكى سودا مەركەزلىرى ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى. ماشىنا توختۇتۇش مەيدانلىرى ماشىنا بلەن لىق توشۇپ كەتكەن ئىدى. تورونتولۇقلار باي ۋە غەمسىز. چوڭ – چوڭ سودا سارايلىرى ۋە يېمەك – ئىچمەك سارايلىرىدىن ھەر كۈنى ئادەم ئايىغى ئۆزۈلمەيدۇ. ئۇلار لىق تولدۇرۇلغان مال سېتىۋېلىش ھارۋىلىرىنى غەمسىز سۆرىشىپ، ماشىنىلىرىنىڭ ئارقىسىنى نەرسە كېرەككە لىق تولدۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ.
مەنمۇ يىغا ۋە كۈلكە بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بۈگۈنكى بۇ كۆڭۈلسىز كۈنۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆيۈمگە قايتماقچى بولۇپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە كەلدىم ۋە ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇردۇم.
دوستلۇرۇم ئەۋەتكەن ئاكاردىيۇن بىلەن چېلىنغان ھېلىقى ناخشا كاللامدا تەكرارلانماقتا ئىدى.
« ئەسلەرسەنمۇ بىزنى مەريەمگۈل،
تورونتودا يۈرگەنىڭدە…»
مەن كۆزلىرىمنى يۇمۇپ تۇرۇپ، يېقىملىق كۈلۈمسىرىدىم ۋە قانداقتۇر بىر بەخت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەللەيلەندىم.
مەن ئۆيۈمنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ كىرگىنىمدە قىزىم ۋەتەنگۈل بىلەن ئوغلۇم تۇپراقجان:
– ئاپا، بىز سەندىن بەك ئەنسىرىدۇق، نېمانداق ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن – دېگەنچە يۈگۈرۈپ كېلىشىپ بوينۇمغا ئېسىلىشتى. يولدۇشۇم خۇددى بىر نەرسىگە كۈلگىسى كېلىپ كەتكەندەك بىر قىياپەتتە تۇراتتى. «ھەقىچان مېنى تىمخورتوندىن قوغلاندى قىلىۋېتىپتۇ دەپ كۈلگىسى كېلىپ كېتىۋاتقاندۇ» دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.
ئەي ئائىلە…… مۇساپىرچىلىقتىكى ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلى. ئۆي ئىچىدىن ئاچچىق قىزىلمۇچ بىلەن پىدىگەن قورۇمىسىنىڭ مىزىلىك پۇرۇقى كېلىۋاتاتتى، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى يولدۇشۇم مېنى «تىمخورتوندىن قوغلاندى بوپ كېتىپتۇ» دەپ، مەن ياخشى كۆرىدىغان پىدىگەن لازا قورۇمىسى بىلەن لەڭمەن ئېتىپتۇ.
ئۆي ئىچى مەن ھېچقاچان تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان دەرىجىدە پاكىز تازىلانغان بولۇپ، ئاياقلار ئاياق قويىدىغان ئىشكاپقا رەتلىك تىزىلغان، چاپان ۋە سومكىلار كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىلغان ئىدى. ئۆي ئىچىدە ھېچقانداق قالايمىقان بىر نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
مېھمانخانا ئۆيگە قويۇلغان شىرە ئۈستىدە، ناھايىتىمۇ يوغان بىر ئەينەك گۈل لوڭقىسىدا، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سېرىق ئەتىرگۈلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەڭگا – رەڭ ئەتىرگۈللەر لىق تولۇپ تۇراتتى.
– ۋاي – ۋۇي، نېمانداق چىرايلىق گۈللەر بۇ، كىم ئەكەلدى بۇ گۈللەرنى؟ كىم ئەكەلگەن بولسا ئۇنىڭدىن ئاللاھ رازى بولسۇن – دېدىم مەن گۈزەل گۈللەرنى قانماي پۇراپ تۇرۇپ.
– ئاپا، دادام سېنى سېرىق ئەتىرگۈلنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئەكەلدى بۇ گۈللەرنى – دېدى ئوغلۇم تۇپراقجان.
– ھە شۇنداقمۇ؟ – مەن يولدۇشۇمغا قارىدىم. ئۇ:
– شۇنداق مەريەمگۈل، مەن ئەكەلگەن. مەن گۈل ئەكەلسەم بولمامدىكەن، نېمانداق ھەيرانلىق بىلەن قارايسىلەر ئادەمگە- دېدى ئۇ يۇمۇرلۇق ھالەتتە. بۇ چاغدا خىياللىرىم يولدۇشۇم ئىككىمىزنىڭ گۈل ئۈچۈن كۆپ قېتىم تاكاللىشىپ قالغان كۈنلىرىمىزگە كەچتى:
– يەكشەنبە كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم. ماڭا سېرىق يەنە كېلىپ تۇخۇم سېرىقى ئەتىرگۈل سوۋغا قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
– ھە شۇنداقمۇ؟ تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا ئۆزۈڭلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سېرىق ئەتىرگۈلدىن، ئۆزۈڭلار خالىغانچە تاللاپ بىر قۇچاق سېتىۋېلىڭلار، مانا پۇل – دەپ ئۈستەل ئۈستىگە پۇلنى قويۇپ قوياتتى يولدۇشۇم.
– ياق! ئۆزۈڭلار بازاردىن سېتىۋېلىپ، تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دەپ، تۈرك ئەرلىرىدەك ئالدىمدا تۇرۇپ باققان بولساڭلار.- دەيتتىم مەن ئۇنىڭدىن رەنجىپ.
– ھە…… مەن مۇشۇ…… مۇشۇ…… گۈللەرنى ئاياللارغا ئىگىلىپ تۇرۇپ سوۋغا قىلىدىغان ئىشلارنى تازا ياخشى بېجىرەلمەيدىكەنمەن……- دەيتتى ئۇ تەسلىكتە چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
– ئاياللارغىمۇ؟ ئاياللارغا ئەمەس، ئايالىمغا دەڭ مانداق – دەپ تۈزۈتۈش بېرەتتىم مەن ئاچچىغلانغان ھالەتتە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
– ھە، توغرا…… توغرا ئايالىمغا… ئايالىمغا، ئاياللارغا ئەمەس … مەن … مەن مۇشۇنداق نازۇك ئىشلارنى تازا بېجىرەلمەيدىغان بىر ئەركەنمەن. مېنىڭ بارىم مۇشۇ … ھە… مېنى سۆيسەڭلا مېنىڭ مۇشۇ ھالىم بىلەن سۆيگەن بولساڭلار. – دەيتتى ئۇ يۇمۇرلۇق ھالەتتە.
– مەن سىزدىن قىممەت باھالىق بىر ئالتۇن زەنجىر تەلەپ قىلىۋاتمايمەنغۇ، ناھايىتى كەتسە بىر دەستە گۈل تەلەپ قىلىۋاتقىنىم……
– ئەگەر تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا ئالتۇن زەنجىر ئالغىڭلار بولسا، ئۇنىمۇ ئېلىڭلار مانا پۇل، خالىغىنىڭلارنى ئېلىپ ئاشقان پۇلنى ياندۇرۇپ كېلىڭلار – دەيتتى ئۇ پۇلنى ماڭا ئۇزۇتۇپ.
– قانداق گەپكەن ئۇ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئۆزى سوۋغا ئالىدىغان. سىز بىللە چىقىپ ئېلىپ، ئاندىن چاچلىرىمنى قايرىپ تۇرۇپ بوينۇمغا ئېسىپ قويىسىز.
– ياق …..ياق……ياق مېنى ئۇنداق قىينىماڭلار، قانچىلىك قىممەتنى ئالساڭلار ئېلىڭلاركى، ئەمما مېنى «ئېسىپ قويۇڭلار» دېگەن گەپنى ھەرگىز قىلىپ قالماڭلار. مەن مۇشۇ ،ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ بوينىغا زەنجىر ئېسىپ قويىدىغان ئىشنى ھەرگىز… ھەرگىزمۇ بېجىرەلمەيمەن… – يولدۇشۇم خۇددى ھازىرلا بىر ئادەم ئۇنى ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويۇشقا قىستاۋاتقاندەك جىددى قىياپەتتە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە ئىدى.
– ئاياللارغا ئەمەس… ئايالىمغا دەڭ. – دەيتتىم مەن تۈزۈتۈش بېرىپ.
– ھە… ھە… ھە ئايالىمغا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن زەنجىرلەر سىلىق ۋە نازۇك بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ بۇ ئامبۇر، كۇلۇچ، بولقا، كېسەك، لاي دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆپ تۇتقان قوپال قوللىرىمدا، ئۇ نازۇك نەرسىنىڭ قۇلۇپلىرىنى ئاچماقمۇ بىر مۈشكۈل ئىشتە…
مەن يەنە ئۇنىڭغا داۋاملىق تۈزۈتۈش بېرىپ، «ئاياللارنى ئەمەس … ئايالىمنى» دەيتتىم.
– قېنى شىرەگە كېلىڭلار. – يولدۇشۇمنىڭ مېنى شىرەگە تەكلىپ قىلىشى خىياللىرىمنى بۇزۇۋەتتى.
– مەن سىلەرنى بۈگۈن ئۆز قولۇم بىلەن، بىر قوللۇق مېھمان قىلىپ قوياي جۇمۇ. – يولدۇشۇم سۆزلىگەچ تەخسىگە لەڭمەننى سېلىشقا باشلىدى.
مەن شىرەگە كېلىپ ئولتۇردۇم. يولدۇشۇم مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىدىگەن مۇچ قورۇمىسى ۋە كەرەپشە، بەرەنگە قورۇمىسىدىن ئىبارەت 2 خىل قورۇما قورۇپ لەڭمەن ئەتكەن ئىكەن. مەن بەخت قوينىدا ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم. مەن ھەر ۋاقت تاماق ئېتىپ «شىرەگە كېلىڭلار» دېگۈچى ئىدىم. ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن باشقىلارنىڭ قولىدىن تاماق يەپ باقمىغىلى. مەن ھەر ۋاقىت ئائىلەم ئۈچۈن تاماق ئەتكۈچى بولۇپ كەلگەن ئىدىم. شۇڭا يولدۇشۇمنىڭ بۈگۈنكى بۇ لەڭمىنى ماڭا پۈتمەس تۈگىمەس بىر بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلغان ئىدى.
يولدۇشۇم لەڭمەننى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ئىنتايىن تۈز ۋە ئىنچىكە تارتقان ئىدى.
بىر ئايال كىشى ئۈچۈن يولدىشى ئېتىپ بەرگەن لەڭمەننى يىيىشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك. مەن بەخت بۆشىگىدە ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم. ئىچىمدە «تىمخورتوندىن قوغلاندى بولغىنىممۇ ياخشى بولدىمۇ نېمە» دەپ ئويلايتتىم.
ئەي …… ئايال…… كونىلار «ئاياللار ئۆچكە يېغى بىردەمدە ئېرىپ كېتىدۇ، ئاياللار ياخشى گەپنىڭ قۇلى» دېيىشىدۇ. يولدىشىممۇ مېنى بىر لەغمەن بىلەن ئېرىتىۋالغان ئىدى. مەن لەڭمەننى لەززەتلىنىپ يىگەچ، «ئەسلىدە يولدۇشۇم مەن ياخشى كۆرگەن ھەممە نەرسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى بىر ئەركەن، ئەمما مەن ئۇنى ئورۇنسىز ئەيىپلەپ يۈرۈپتىمەن» دەپ ھەممە گۇناھنى ئۆز – ئۆزۈمگە ئاللىقاچان ئېلىپ بولدۇم.
– مانا مەنتەڭ، مەنتەڭ ئىچمەي لەڭمەن يېدىم دېمىگۈلۈك دەيتتىڭلار، – يولدۇشۇم سۆزلىگەچ بىر تەخسە مەنتەڭنى ئالدىمغا قويدى.
بەخت نېمە دېگەن تاتلىق نەرسە -ھە!! شۇ مىنۇتلاردىكى بەخت تۇيغۇسىدىن كۆزلىرىم چاقناپ، سۇغۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىر تەشتەك گۈلدەك جىلۋە قىلماقتا ئىدىم.
مەنتەڭنىمۇ ئىچىپ بولدۇم. يولدۇشۇم بىر ھازا خوش…… خوش دېگەنچە قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ، چېچىنى يۇقىرى تەرەپتىن پىشانىسى تەرەپكە قارىتىپ سىلاپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ داۋاملىق جىددى بىر مەسىلىلەردە، جىددى قارارلارنى ئالغان ۋاقتىدا شۇنداق قىلاتتى.
مەن «ھە…… مەنتەڭنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر ئويلىمىغان يەردىن خۇش قىلىۋېتىش باركەندە …… تايىنلىق بىر تۈرك باكلاۋاسى كېلىدۇ ھەقىچان» دېگەن تاما بىلەن، بەخت بۆشۈگۈدە ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم.
– ۋەتەنگۈل، تۇپراقجان بۇياققا چىقىڭلار، دەيدىغان گەپ بار. – يولدۇشۇم بالىلارنى چاقىرغاچ تېلىۋىزور ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان قارامتۇل يېشىل مەخمەل ئۇيغۇر دوپپىسىنى بېشىغا كىيدى.
قىزىم بىلەن ئوغلۇممۇ شىرەگە كېلىپ ئولتۇردى. ئارىنى بىرنەچچە سىكۇنتلۇق سۈكۈنات قاپلىدى. يولدۇشۇم بىر نۇقتىغا تىكىلىپ بىر نەرسە ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈۋاتاتتى.
يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئىچكى ھىسسىياتلىرىم قاتتىق بىر توقۇنۇشتا بولۇپ، نېمە بولارىنى ئاڭقىرالمايۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا يولدۇشۇم جىددى بىر قىياپەتتە ئاغزىنى ئاچتى.
– مەريەمگۈل…… دادىمىز ئابدۇراخمان ھاجىم، ۋەتەندە قازا قىلىپ كېتىپتۇ. مەن بىر خەتمە قۇرئان قىلىۋېتەي. – يولدۇشۇم شۇ گەپنى قىلدى-دە، خەتمە قۇرئاننى باشلاپ كەتتى.
چىرايىم ئاقلىۋەتكەن كەرەپشىدەك ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. 2 – قېتىم مۇز يېرىلىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئەندىكتىم. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، قاتتىق يامغۇردا قالغان يېڭى شوپۇردەك تىترىدىم. روھلىرىم دەرەخ غولىدىن ئايرىلغان، كەچكۈزدىكى سەرسان يوپۇرماقلاردەك تىنەپ تەمتىرىمەكتە ئىدى. نەپەسلىرىم بوغۇلۇپ، مۆلدۈر سوققان قىزىلگۈلدەك خاراپ ھالەتكە چۈشتۈم.
ئىچكى دۇنيارىم، تۇيۇقسىز كەلگەن بىر سۇنامى ئاپىتىدىن كېيىن ۋەيران بولغان دېڭىز ساھىلىدەك پارام – پارچە ئىدى.
خەتمە قۇرئان تۈگىدى. مەن نەپەس ئېلىشقا، بىر ساپ ھاۋاغا ئېھتىياجلىق ئىدىم. مەن ئاران دېگەندە بالكوننىڭ ئىشىگىنى ئاچتىم-دە، ئۆزۈمنى بالكونغا ئاتتىم.
يېڭى كۆچۈپ چىققان، 21 – قەۋەتتىكى ئۆيىمىزنىڭ بالكۇنىدىن يىراققا نەزەر سالغىنىمدا، بىپايان گۈزەل شەھەر تورونتو كېچىسى كۆز قاماشتۇرۇپ سوزۇلۇپ ياتماقتا. مەن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ مەن تۇغۇلغان ئاشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان كىچىككىنە قازان شەھەرنى ئىزلىدىم. كۆزلىرىمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يەتمىدى كۆرەلمىدىم. كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم خىياللىرىم ۋە روھلۇرۇم ئۇزاقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. بۇ قازاننى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان چۇقان سۈرەنلەر، ھۇررا سادالىرى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە قولدىن قولغا ئېلىنىپ، زەرەتكالىققا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان دادام رەخمەتلىكنىڭ تاۋۇتى…… مەن ئاستا ئۆز – ئۆزۈمگە شىۋىرلىدىم. «خەلقىم ئامان بولسۇن. خەلقىم ئۆلمىسۇن».
خۇددى مىڭەمدە ساقلىنىپ قالغان كونا ئۇچۇرلارنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلغاندەك، دادام بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئۆلۈم، ۋەتەن ۋە مىللەت ھەققىدىكى سۆھبەتلىرىم كۆڭۈل غەزىنەمگە باشقىدىن يەرلەشمەكتە ئىدى. ھايات ئېرىشمەك ۋە يوقاتماق دېمەكتۇر. مەن كانادا تۇپراقلىرىغا ۋە كانادا ۋەتەنداشلىقىغا ئېرىشكىنىم بىلەن يەنە بىرلا ۋاقىتتا، ھاياتىمدا زۆرۈر بولغان يېقىن ئادەملىرىمنى يوقۇتۇپ ماڭماقتا ئىدىم.