تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال
(پوۋست)
گۈلشەن ئابدۇقادىر
5 – قىسىم
تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك بىر ئىش ئورنى . ئۇلارنىڭ تىمخورتوندىن ئالىدىغان تەسىراتلىرى بەكلا ئاددى ۋە ئوخشاش، ئەمما ماڭا ئوخشاش يېڭى كەلدى كۆچمەنلەر ئۈچۈن، تىمخورتون ئوخشىمايدىغان ئاچچىق – ئاچچىق تەجرىبىلەر بەرگەن بىر ئورۇن. خۇددى پايپاسلاپ كېتىۋاتقان بىر تال يوغان چۈمۈلىنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە بىر دەرەخ شېخىنى تاشلاپ قويغاندا يۈز بېرىدىغان ئۆزگۈرۈشنى تاماشا قىلغاندەك.
كانادادا بارلىق سىياسىغا چېتىلىپ قالمىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن بەختلىك. ئەمما سىياسىي بىلەن چېتىلىپ قالغان ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بەختسىز كەچمىشلىرى بار. ئالدى بىلەن ئۇلار ۋەتەنگە بارالمايدۇ. شۇڭا كانادادا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار گەپ سۆز ھەرىكەتتە، رەسىمگە چۈشۈش ۋە ۋىدىئولارغا چىقىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا، سىياسىغا ئارىلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلىشتىمۇ.
مەن سىياسىدىن قېچىش ئۈچۈن، «تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال» ناملىق بۇ پوۋىستنى سىياسىي ئىبارىلەر ئارىلاشمىغان ھالەتتە يېزىپ ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىش ۋە بۇ ئەسىرىمنى خەلقىمگە سۇنۇش نىيىتىدە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن يازدىم. ئەسىرىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا ھېچقانداق سىياسىي ئىبارىلەر يوق دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ۋەتەندىكى نوپۇزلۇق تور بەتلىرىدىن ئالغان تاتسىز جاۋاپلار مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار «ھۇش كاللامنى يىغىۋېلىشىمنىڭ كېرەكلىگىنى، ئەسىرىمدە بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق شۇنداقلا، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان گەپ – سۆزلەرنىڭ تولۇپ تۇرغانلىقىنى، مەندەكلەرنىڭ كاساپىتىدىن ۋەتەندە چىقىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىنى» تىلغا ئېلىپ مېنى تويغۇزۇپ قويغان ئىدى. دېمەككى سۇ ئاستىغا چۆككەن ئادەمنىڭ سۇنىڭ سوغۇقلىقىنى ھېس قىلمىغىنىدەك، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ سىياسىغا قانچىلىك دەرىجىدە چىلىشىپ كەتكەنلىگىمنى ئۆزۈم ھېس قىلالمىغان ئوخشايمەن. خۇددى سىركىگە چىلىغان كۆك پەمىدۇردەك.
ئۇنداقتا مەن قاچاندىن باشلاپ سىياسىلىشىپ كەتتىم؟
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن سىز ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريا ۋە كۆللەرگە تاش ئېتىپ باققانمۇ؟
بىر تال تاشنىڭ ئۆزىگە ئېتىلغىنى بىلەن دەريانىڭ ئەمەس بەلكى ئېرىقنىڭمۇ پەرۋايى پەلەك، تاشنى قوينىغا ئېلىپ، ئېقىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ تاغلارنى تاغلارغا، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە ئۇلاپ كېتىۋېرىدۇ. ئەمما كۆلدە ئۇنداق ئەمەس. بىر تال تاشنىڭ ئېتىلىشى بىلەن كۆلدە غايەت زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ. كۆلگە ئېتىلغان بىر تال تاش بىلەن، كۆل تېگى تەكتىدىن قوچۇلۇپ كېتىدۇ كۆل يۈزىدە توختىماي چەمبىرەكلەر ھاسىل بولىدۇ. كۆل بويىدا كۆلدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرغىنىڭىزدا ئىختىيارسىز «ۋاھ…… ناھايىتى بىر تال تاش، ھەجەپ قوچۇۋەتتى كۆلنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى» دەپ ھەيران قالىسىز.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تاكى خىزمەتكە چىققانغا قەدەر ئۆزۈمدىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئويلىمايدىغان، گۇاڭجۇ، شاڭخەيلەردە تىجارەت قىلىدىغان ئاكىلىرىم ئەكىلىپ بەرگەن كىيىملەرنى كىيىپ، ئەتىرلەرنى چېچىپ، ۋاقتىمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ياسىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئەكە نايناق بىر قىز ئىدىم. مۇئاشىمغا ئالىي دەرىجىلىك شاكىلات، كەمپۈت، پەشمەت، تاڭگا… ئىشقىلىپ يەيدىغانلا نەرسە بولسا ئېلىپ يەپ غەمسىز كۈن ئۆتكۈزەتتىم.
– مەريەمگۈل، بۈگۈن ۋىلايەتلىك پىلانلىق تۇغۇت يىغىنى ئېچىلىدۇ. سىز بېرىپ خەۋىرىنى يېزىپ كېلىڭ – دېدى باش تەھرىرىم مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ.
– بولىدۇ – دېدىم مەن خوشاللىق بىلەن.
چۈنكى بۇنداق يىغىنلار ھەققىدە خەۋەر يازماق ناھايىتى ئاددى ئىدى. يەنە كېلىپ ئېچىلىش مۇراسىمى، ئوتتۇرىدىكى مۇزاكىرە ۋە يېپىلىش مۇراسىمى خەۋەرلىرىدىن باشقا، ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى دوكىلاتى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ بىر ئايلىق خەۋەر يېزىش ۋەزىپەمنى بىر ھەپتىدە تۈگىتىپ، ئارام خۇدا كەمپۈت، شاكىلاتلىرىمنى يەپ، لەلەڭشىپ ئىشقا كېلىپ، لەلەڭشىپ كېتىپ دېگەندەك كۈن ئۆتكۈزەتتىم. شۇنداق قىلىپ شۇ ئايدا مەن پۈتۈنلەي پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدە خەۋەر يازدىم.
قىشنىڭ ئاپپاق قار قاپلىغان، قىش ئاپتىۋى پارقىراپ تۇرۇپ ئادەملەرنى زەھەرلىك نەشتىرى بىلەن چېقىۋاتقان بىر كۈنى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيۈمگە قايتتىم. ئىدارە دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا ئارقامدىن:
– مەريەمگۈل – دەپ چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئىتتىك ئارقامغا قارىدىم. ئىدارىمىزنىڭ 70 ياشقا كېلىپ قالغان كونا تەھرىرى مەنسۈر ئەپەندى ۋەلسىپىتىنى يېتىلىگەنچە ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى. مەنسۈر ئەپەندى گەرچە پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تەھرىر بۆلۈمىمىز ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتاتتى. مەن توختاپ مەنسۈر ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى ساقلىدىم. مەنسۈر ئەپەندى ماڭا قاراپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا كونىراپ كەتكەن قارا سوكنى پەلتۇ كىيىۋالغان بولۇپ، بوينىغا يوغان چاقماق يۇڭ شارپا سېلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ سول پۇتى سەل ئاغرىسا كېرەك، قەدەملىرىنى ئاياپ ئالاتتى. ئۇ كونا تۆمۈر ۋەلسىپىتىنى سوڭخەيچىلاپ ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ۋەلسىپىتىنىڭ ئالدىغا قېلىن پاختىلىق پەلىيىنى ۋە قۇلاقچىسىنى ئېسىۋالغان ئىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە قۇلاقچا ۋە پەلىيىنى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىققاندا، ۋەلسىپىتكە مىنىشتىن ئاۋال كىيەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى خۇددى يېڭىلا چېلىنغان رىشالىدەك ئاق ۋە يۇمشاق ئىدى.
– ھە، مەنسۈركا قايتتىڭىزمۇ؟
– ھەئە، قايتتىم قىزىم، قايتتىم – دېدى ئۇ جاۋابەن. بىز خېلى بىر يەرگە كەلگىچە پىيادە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. ئاندىن ئۇ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلدى.
– قىزىم مەريەمگۈل، سىزگە دەپ قويىدىغان بىر گەپ بار،- ئۇ شۇنداق دىدى-دە، تۆت ئەتراپقا ئېھتىيات بىلەن بىر قارىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
– مەريەمگۈل، باشقا ئادەم بولغان بولسا بۇ گەپنى قىلمىغان بولاتتىم. ئەمما سىز ئىدارىمىزدىكى بىردىن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقىغان قىزىمىزسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىڭىز بىلەنمۇ ياخشى ئۆتىمەن. – ئۇ 2 – 3 سېكۇنت تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە – ئەڭ ياخشىسى قىزىم پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدە كۆپ خەۋەر يازمىغان بولسىڭىز. پىلانلىق تۇغۇت بىزگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى قىزىم. – ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا ھارغىن چىرايى ۋە نۇرسىز كۆزلىرى جىددى ۋە كەسكىن بىر تۈسكە كىرگەن ئىدى.
– يەنە پاراڭلىشارمىز قىزىم ،قانداق دەيسىز؟ – ئۇ شۇنداق دىدى-دە، مۆرەمگە يېنىك قىلىپ بىر قانچىنى ئۇرۇپ قويدى.
– چاتاق يوق مەنسۈركا، چاتاق يوق – دېدىم مەن ئۇنىڭغا. ئۇ پاختىلىق پەلىيى ۋە پاختىلىق قۇلاقچىسىنى ئالدىرىماي كىيدى-دە:
– خوش، ئەتە كۆرۈشەيلى. – دېگەنچە ۋەلسىپىتىنى سولخەيچىلاپ مىنىپ يۈرۈپ كەتتى.
قار ۋە مۇز قاپلاپ كەتكەن بۇ يولدا، ئۇنىڭ قولاشمىغان ۋە كېلەڭسىز ھەرىكەتلەر بىلەن سولخەيچىلاپ ۋەلسىپىت مىنىشى، كىشىگە ئۇ ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
ئەمما ئۇ يىقىلىپ كەتمىدى. ئۇ ۋەلسىپىتنىڭ چاقىنى يېنىك ئايلاندۇرۇپ، ئادەملەر توپى ئارىسىغا كىرىپ كەتتى.
مانا بۇ مېنىڭ ھايات كۆلۈمگە ئېتىلغان بىر تال تاش ئىدى. بۇ تاش مېنىڭ روھىي دۇنيارىمنى خۇددى ئۇزۇن يىللار تاشلىنىپ قالغان بىر ئۆڭكۈرگە شام يېقىلغاندەك، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ بىر ئامباردا بىر تال سەرەڭگە چېقىلغاندەك يورۇتۇۋەتكەن ئىدى. مەن بۇ مويسىپىت ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ ھەيران قالدىم. خەلق ئارىسىدا نېمە دېگەن ئۇلۇق ئادەملەر بار ھە……
مەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك بىر سىياسەت ئىكەنلىگىنى بىلسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئەمىلى ھەركىتىم بىلەن قارشى تۇرۇشنى ئەڭ ئاز دېگەندە نارازى بولۇشنى بىلمىگەن ئىدىم.
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، مەن مەنسۈر ئەپەندىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان بولدۇم. ئۇنى خۇددى مېنىڭ ۋە بۇ دەۋرنىڭ مەنىۋى تەۋەررۈگىدەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم.
ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەنسۈر ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كەتتى. مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، مېيىتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى مېيىت بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىشى كېرەك ئىدى. مەن قىستىلىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ يۈزىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، ئەڭ يېقىندىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇ ئىنتايىن تەمكىن، خاتىرجەم ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياتاتتى. ئۇ ماڭا نىسبەتەن، مەن خەلقىمگە يۈز كېلەلمىگىدەك بىر نەرسە يازمىدىم، قەلىمىمنى پەقەت ئۆزەمنىڭ ئىرادىسى بويىچىلا ئەمەس بەلكى، خەلقىمنىڭ ئىرادىسى بويىچە تەۋرەتتىم. شۇڭا ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق دەۋاتقاندەك بىلىندى.
مەن ئۇيغۇرچە ياپىلاق تىلدا ئېيتقاندا، مەنسۈر ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن پۈتۈنلەي سىياسى بولۇپ كەتتىم. ئۇيغۇرچە ئېيتقاندا ھۆكۈمەت «تەشۋىق قىل» دېگەننى كۆپ تەشۋىق قىلماسلىق، يازغان نەرسىلەردە ھۆكۈمەتنى دارتمىلاپ چېقىۋالىدىغان نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش، سىياسىي ئىبارىلەر ۋە ماختاشلاردىن خالىي بىر نەرسە يېزىش سىياسىي بولۇپ كەتكەنلىك ھېسابلىناتتى.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان. تورونتو كوچىلىرىدا ئالدىراش مېڭىپ «تىمخورتون» ئاتلىق ئىش ئورنۇمغا ئىشلەش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن. «تىمخورتون» كانادانىڭ 1 – نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رېستۇرانى. پۈتۈن كانادادا 3200 دىن ئارتۇقراق «تىمخورتون» بولۇشى مۈمكىن يەنى زەنجىرلىشىپ كەتكەن. ئۇدا ئىككى قېتىم تىمخورتوندىن قوغلاندى بولۇپ ئەمدى بۇ 3 – سىگە خېلى سىڭىپ قالدىم. مەن «تىمخورتون» ئاتلىق بۇ كانادانىڭ 1 – نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رېستۇرانىدا ئىشلەش جەريانىدا، قوغلاندى بولۇشتىن تارتىپ ھازىرغىچە، 5 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندەك بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم دېسەم پو ئاتقان بولماسمەن بەلكىم. تىمخورتوندىكى تۇنجى كۈنۈمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ. مەن ئۇ كۈنى خۇددى بىر پېقىرىتىپ تاشلىۋەتسە، ئافرىقىدىكى ياۋا ئادەملەر بار ئورمانلىققا چۈشكەن بىر ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدىم. ئەلۋەتتە كانادالىقلار ئۇ ياۋا ئادەملەردەك قورقۇنچلۇق ئەمەس بەلكى ئىنتايىن سەمىمى ۋە ياردەم سۆيەر، بۇ يەردىكى ئاساسلىق گەپ، مەن ھاياتىمدا كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەتنىڭ بولغانلىقىدا ھەمدە، مېنىڭ بۇ سەۋىيە بىلەن ماسلىشالماي سۆرۈلگەنلىگىمدە.
2 – قېتىم تىمخورتوندىن قوغلاندى بولغان ۋاقتىمدا، باشلىغىم مېنى ئىشخانىسىغا چاقىردى. باشلىغىم يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن بىر سەمىمى ئادەم ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى:
– ئۈزگۈنۈم مەريەمگۈل، مېنىڭ سېنى ئىشتىن چىقىرىۋەتكىم يوق ئىدى، ئەمما شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. سېنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭغا ئامەت تىلەيمەن. – گەرچە ئۇ مېنى قوغلاندى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ماڭا ھېچ ئېغىر كەلمىدى.چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى خۇددى بىر ئۇيغۇر ئاتاۋاتقاندەكلا مەريەمگۈل دەپ تولۇق ۋە چىرايلىق تەلەپپۇز قىلغان ئىدى.
– مەريەمگۈل سەن دۇنيانىڭ نەرىدە بول، سودا تىجارەتنىڭ مۇنداق بىر ئاچقۇچى بار، بۇنى ئېسىڭدە تۇت – دېدى باشلىغىم ماڭا قاراپ، دانە – دانە ئالدىرىماي سەمىمىيلىك بىلەن ئىنگلىزچە سۆزلەپ، – بۇنىڭ بىرى سۈپەت، يەنە بىرى پاكىزلىق، يەنە بىرى كۈلۈمسىرەش. خېرىدارلار سېنى كۈلۈمسىرەشنى بىلمەيدىكەن دەپ شىكايەت قىلدى. ئەگەر سەن داۋاملىق تىمخورتوندا ئىشلىمەكچى بولساڭ داۋاملىق كۈلۈمسىرەپ تۇر.
باشلىغىمنىڭ بۇ سۆزى بىلەن مەن ئوڭ تەرىپىمدە ئېسىغلىق تۇرغان ئەينەككە چاندۇرماي قارىدىم. ئاللاھ، ئەينەككە قارىدىم-دە، ھەممىنى بىلدىم. مەن كۈلۈمسىرەلمەسلىك يەنى كۈلەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن. دەرھال خىياللىرىم قاقاھلاپ كۈلۈپ قوغلاشماق ئوينىغان، ئاغچەيلەم ئوينىغان، بالىلىق چاغلىرىمغا، مەردانە قاقاھلاپ كۈلۈپ، چەيزىرەڭ پوننى سارجا كۆينەكلىرىمنى لەپىلدىتىپ ۋالىسلارغا پېقىرىغان ياشلىق چاغلىرىمغا كەچتى. «ئۇ چاغلاردا ھەجەب كۈلەلىگەن ئىدىم، ئەمما ھازىر نېمىشكە كۈلەلمەيمەن. ھە بىلدىم …… بىلدىم مەن نېمىشكە كۈلەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم دېگەن بىر كىتاپ يېزىپ چىقىشىم كېرەك. ئوف….. ئوف…….كاشكى ئاش تاماقلىرىمنى ئېتىپ كىر – قاتلارنى يۇيۇپ بېرىدىغان بىر خىزمەتكارىم بولسا ئىدى ھە؟» قارشى تەرەپتىكى ئەينەكتىن سۆرۈن تەلەت ئۆزەمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتىم . «بۇنداق بىر كۈلۈمسىرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، سۆرۈن تەلەت ئايالنى قانداقمۇ ئىشلەتسۇن ھە…….» مەن باشلىغىمنىڭ مېنى تىمخورتوندىن قوغلاندى قىلىۋېتىشىدىكى بۇ سەۋەبىگە تامامەن قايىل بولغان ئىدىم.
– بىز خېرىدارلارغا بىر ۋەدە بەردۇق مەريەمگۈل، ئۇ بولسىمۇ مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ساپ ۋە يېڭىلىقى، – دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى باشلىغىم، – ئەگەر بىز بۇ ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلمايدىكەنمىز، تىجارىتىمىز شۇ زامات چۆكۈپ كېتىدۇ. ھەر بىر چۆگۈن يېڭى كافى ۋە چاي دەملەنگەندە، ئۇ پەقەت 20 مىنۇت ئىچىدىلا سېتىلىپ كېتىشى كېرەك .ئەگەر 20 مىنۇت ئىچىدە سېتىلىپ تۈگىمىسە ئۇنى تۆكۈۋېتىشىڭ كېرەك. بىز سېنىڭ، تىمخورتوننىڭ بۇ شەرتلىرىگە تازا ئەمەل قىلىپ كەتمىگەنلىگىڭنى ھېس قىلدۇق. ئەگەر سەن تىمخورتوندا ئىشلىمەكچى بولىدىكەنسەن، ھەر زامان خۇددى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئالدىدىكى ئەسكەردەك جىددى ھالەتتە بولۇشۇڭ كېرەك، سەل قاراشقا، يالغانچىلىق قىلىشقا، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. سېنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق بىر كىچىك مەسئۇلىيەتسىزلىگىڭ، گېزىت ۋە رادىئو، تېلىۋىزورلار ئۈچۈن مۇھىم خەۋەر ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى ۋە بىزنىڭ، خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئەپۇ سورىشىمىزغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى ھەتتاكى، تىمخورتوننى تاقىشىمىزغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. چۈنكى بىز خېرىدارلارغا شۇنداق ۋەدە بەردۇق. كانادادا خېرىدار دېمەك خۇدا دېمەك. كانادادا خېرىدارلار شىكايەت قىلىپ ھەرقانداق مۇلازىمەت ئورگىنىنى تاقىتىۋېتەلەيدۇ.
مەن باشلىغىمنىڭ سۆزىنى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلىماقتا ئىدىم. راستىنى ئېيتقاندا، بەك يۇگاشلاپ كەتكەن ئىدىم. كانادا مېنى شۇنچىلىك يۇگاشلىتىۋەتكەن ئىدىكى ئەيھانناس، ھېلىقى مۇنازىرىچى مەريەمگۈلدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.
دېمەككى، خېرىدارلار « 20 مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان كوفىنى ساتتى »دەپ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىپتۇ.
باشلىغىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.
– مەيلى تىمخورتون ماركىسى ئاستىدىكى سۇيقاش بولسۇن، مەيلى كافى، چاي بولسۇن، سەن ئۇنىڭغا چوقۇم قاچان ياسالغانلىقىنى ۋە قاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئېنىق قىلىپ خېرىدارلار كۆرەلىگىدەك دەرىجىدە ئۈستىگە يېزىپ قويۇشۇڭ كېرەك. ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىكەن ئۇ قانچىلىك قىممەت نەرسە بولسىمۇ، ئۇنى دەرھال ئەخلەتكە تاشلىشىڭ كېرەك. ئەگەر بىر خېرىدار ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بىر نەرسىنى تىمخورتوندا يەپ قېلىپ، قورسىقى ئاغرىپ قالسا، تىمخورتون ئۇ خېرىدارغا تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولىمىز.
ئارىنى سۈكۈنات قاپلىدى . باشلىغىم بىر ھازا قولىدىكى دەپتەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، باشلىغىم مېنىڭ يېتەرسىزلىگىمنى بىر دەپتەرگە خاتىرىلەپ ماڭغان ئىكەن.
– سەن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا خاسىڭ مېيى. كانادادا نۇرغۇن كىشىلەرگە خاسىڭ مېيى رىئاكسىيە قىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر خېرىدار باگېل(گىردىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نان) غا خاسىڭ مېيى سۈركەپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسا، سەن بۇ خېرىدارغا چۇقۇم پلاستىك پىچاق ئىشلىتىشىڭ كېرەك ۋە ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پىچاقنى تاشلىۋېتىشىڭ، شۇنداقلا ئەتراپىڭنى پاكىز تازىلاپ دىزىنفىكسىيە قىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلماي خاسىڭ مېيىغا ئىشلەتكەن ئوخشاش پىچاقنى 2 – خېرىدارغا ئىشلىتىپ قېلىپ، 2 – خېرىدار خاسىڭدىن رىئاكسىيەلىنىپ قالسا ئۇ چاغدا تىمخورتون ئۇ خېرىدارغا تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.
مەن كاللامدا باشقا خىياللىرىمنىمۇ بىرلىكتە قىلغاچ باشلىغىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا ئىدى.
– تىمخورتوننىڭ كانادادا شۆھرەت قازىنىشىدىكى يەنە بىر ئاچقۇچ پاكىزلىق. مەن سەندىن بىر نەرسە سوراپ باقاي مەريەمگۈل، تىمخورتوننىڭ ئىچىدىكى ئۈستەل ئىشكاپ، ۋە قازان بېشىلىرىنى دىزىنفىكسىيە قىلىدىغان يەنى دەسمالنى سېلىپ سۈرتىدىغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى قانچە بولۇشى كېرەك؟
– ئۆي تېمپىراتۇرسى بولۇشى كېرەك.
– توغرا، توغرا ئېيتتىڭ. دىزىنفىكسىيە قىلىدىغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 60 ۋە ياكى 70 سىلسىيە گرادۇس يەنى ئۆي تېمپراتۇرسى بولۇشى كېرەك ھەمدە ھەر 30 مىنۇتتا بىر ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلۇشى كېرەك. پىچاقلار ھەر 2 سائەتتە يۇيۇلۇپ دېزىنفىكسىيە قىلىنىشى، دۆشىلەر ھەر ئىسمىنا ئالماشقاندا يۇيۇلۇپ دىزىنفىكسىيە قىلىنىشى، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، قايماقلار ۋە پىشلاق سېلىنغان ئاليۇمىن قاچىلار ھەر ئىسمىنا ئالماشقاندا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلۇشى كېرەك. ساڭا دەۋاتقانلىرىم تىمخورتوننىڭ قائىدە تۈزۈمى، شۇنداقلا تىمخورتوننىڭ فورمۇلاسى. ئەگەر سەن بۇ فورمۇلاغا تولۇق چۈشمىسەڭ سېنى تىمخورتوندا كۆرۈشنى خالىمايمىز……. – ئىچىمدە غۇدۇراشقا باشلىدىم.
– مەن ھاياتىمدا ھېچقاچان بىر فورمۇلاغا چۈشۈپ باقمىغان. كاناداغا كېلىپ كۆرمىگەننى كۆرەمدىم نېمە.
– مەريەمگۈل ساڭا ئېيتىپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، سەن خېرىدارلاردىن زاكاس ئالغان ۋاقتىڭدا، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ زاكاس ئېلىشىڭ كېرەك. كانادادا قارشى تەرەپتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ سۆزلەش قارشى تەرەپكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.
– ئەمما مېنىڭ مەدەنىيىتىمدە، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلىشى ھاياسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. – مەن دەرھال نارازىلىق بىلدۈردۈم.
باشلىغىم بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
– مەريەمگۈل، سەن تىمخورتوندا ئىشلەيمەن دەيدىكەنسەن كانادالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك – دېدى ئۇ يەنە. – مەريەمگۈل، ئەلۋەتتە سەن بىزنىڭ تىمخورتوندا ئىشلەش جەريانىدا يۇقىرىقى جەھەتلەردە بەزەن سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەن بولساڭمۇ ئەمما، يەنە نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارغا توغرا مۇلازىمەت بېرىپ ئۇلارنى رازى قىلىپ يولغا سالدىڭ. مەن سېنى بۇ مۇۋەپپەقىيىتىڭ ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن. باشلىغىم ماڭا قولىنى ئۇزاتتى ۋە قولۇمنى چىڭ سىقتى. بۇ 50 دوللارلىق تىمخورتون كارتى، خۇشال كۈنلىرىڭدە ئىشلەت. مەن كارتقا ئاستا قولۇمنى ئۇزاتتىم ۋە
– رەھمەت، رەھمەت – دېگەن سۆزنى ئارانلا ئاغزىمدىن چىقىرالىدىم.
– مەريەمگۈل ئەگەر سەن خالىساڭ يەنە بىر يىلدىن كېيىن مەن ساڭا يەنە مۇشۇ تىمخورتونغا كىرىپ ئىشلەش پۇرسىتى بېرەلەيمەن. سەن بۇ بىر يىل جەريانىدا ئىنگلىزچەڭنى تېخىمۇ ياخشىلا. تىمخورتون كۆچمەنلەر ئۈچۈن سىناقلىرىدىن ئۆتۈشى ئىنتايىن تەس بولغان بىر ئالىي مەكتەپكە ئوخشايدۇ. مېنىڭمۇ ئاتا – ئانام كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئانام ئىنگلىزچىنى 20 يىل توختىماي ئۆگەنگەن، ھەتتە ئانامنى ھاياتىدا ئىنگلىزچە ئۆگىنىپ بۇ ئالەمدىن كەتتى دېسەممۇ خاتالاشمايمەن. بىز كۆچمەنلەر كانادا جەمئىيتىگە سىڭىپ كىرىمىز دەيدىكەنمىز، ھەركۈنى ئىنگلىزچە ئۆگىنىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق ئۆزىمىز كانادادا، كاللىمىز، روھىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدە قالغان بىرى بولۇپ قالىمىز. مەن سېنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە كاللاڭدىكى ئېغىر يۈكلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تولۇپ تاشقان كۈچ جاسارەت بىلەن تىكىلپ قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالايدىغان ۋە ھەر ۋاقىت كۈلۈمسىرەپ تۇرالايدىغان بىر ئايالغا ئايلىنىپ قايتىپ كېلىشىڭگە تىلەكداشمەن.
مەن تىمخورتوندىن خوشلىشىپ، سىرتقا چىقتىم. تورونتونىڭ مەركىزى كوچىلىرىنىڭ بىرىدە كۈلۈمسىرەشتىن خالى، سۆرۈن تەلەت چىرايىم بىلەن، كېتىۋاتىمەن. روژدىستىۋا بايرىمىغا ئاز قالغانلىقى ئۈچۈن كوچىلار ئاۋات، ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئەتراپىمدىكى ئادەملەر قوللىرىدا مەرتلىك بىلەن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋېلىشقان نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ خۇشال – خورام بىر – بىرلىرى بىلەن ئىنگلىزچە پاراڭلىشىپ، چاخچاقلىشىپ كېتىۋاتماقتا.
خىياللىرىم دولقۇنلاندى. مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەردە ھەر كۈنى ئىشقا بارغۇچە ۋە يانغۇچە، «ياخشىمۇسىز؟ ياخشىمۇسىز؟ ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم» دەپ ئۆز تىلىمدا خەلقىم، دوست – بۇرادەر، خىزمەتداش ۋە خولۇم -خوشنىلار بىلەن سالاملىشىپ ماڭاتتىم. ئەمدى تورونتو كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ شۇ كۈنلەرنى سېغىنىمەن ئەسلەيمەن. بەزىدە چوڭ ياشتىكى مويسىپىت كىشىلەر، «مەريەمگۈل» دەپ مېنى چاقىراتتى-دە، يولنىڭ خىلۋەت جايلىرىدا ئاستا قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە قانداق يېڭى گەپ سۆزلەر بار؟ نامايىشقا چىققان بالىلارنى قويۇپ بېرىدىغاندەك تۇرامدۇ قانداق؟ دەپ سورايتتى مەندىن. ئاھ بەختلىك چاغلار…… تورونتو كوچىلىرىدا بۇنداق سالام – سائەتلەر يوق.
كانادالىقلار ئىنتايىن باي. ئۇلار ماشىنىنىڭ ياخشىسىنى، ئۆينىڭ ياخشىسىنى، تېلىفوننىڭ نوچىسىنى، ساياھەتنىڭ نوچىسىنى قىلىش، ئونۋىرسىتېتنىڭ ياخشىسىنى تاللاش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ياشايدۇ.
ئۇلاردا «بۈگۈن بۇنى يىدىم، ئەتە نىمە يەرمەن» دېگەن غەم – قايغۇ، پۇلنى سىقىپ يىغىدىغان مىجەز – خارەكتىر يوق. بالىلىق چاغلىرىمدا دادامنىڭ تەڭتۈش ئاغىنىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، « ھەي ھاياتتا تۇرخۇندىن ئىس چىقىرىشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن زور بىر ئىش» دېگەنلىرى يادىمغا كەلسە، ھايات، ياشاش، پۇل ۋە بايلىق ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلارغا مۇپتىلا بولىمەن.
كانادامۇ ئىنتايىن باي دۆلەت. كانادا ھەم ئامېرىكىدەك ئۇرۇشقاق ئەمەس. كانادا دۇنيادىكى ئۇرۇش جىدەللەر ۋە سىياسىي ماجرالارغا كۆپ كىرىپ قالماي تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى مەقسەت قىلغان بىر دۆلەت. ئامېرىكىدا ھادىسە يۈز بېرىپ بىر چىمچىلاق قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە 40 مىڭ دوللار، بىر كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە 60 مىڭ دوللار، بىر ئوتتۇرا بارمىقىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە 70 مىڭ دوللار يانچۇغىڭىزدىن چىقىرىپ تۆلەيسىز. ئەمما كانادادا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىكارلىق. ئەگەر خانىمىڭىز ئامېرىكىدا يەڭگىپ قالسا، سۇغۇرتىڭىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، پاھوي… نۇرغۇن دوللار تۆلەشكە مەجبۇرسىز. كانادادا تۇغۇت ۋە بارلىق ئوپىراتسىيە شۇنداقلا، تەكشۈرتۈش ئۈسكۈنىلىرىگە چۈشۈشنىڭ ھەممىسى بىكارلىق. ئۇنى ئاز دەپ بىر بالىڭىز تۇغۇلسا كانادا ھۆكۈمىتى ھەر ئايدا سىزگە ئازراق كەم 500 دوللار پۇل بېرىدۇ، بۇ تاكى بالىڭىز 18 ياشقا كىرگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. كانادالىقلارمۇ مانا مۇشۇنداق بىر باي دۆلەتتە ياشىغانلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشايدۇ. ئۇلار نە ۋەتەن غېمى، نە ئىشسىزلىق غېمى، نە بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالماي قېلىش غېمى دېگەنلەرنى بىلمەيدۇ.
2015 – يىلى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان. بۈگۈن كاناداغا كەلگىنىمگە 10 يىل، «تىمخورتون» ئاتلىق كانادانىڭ بۇ 1 – نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رېستۇرانىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا 5 يىل بولدى.
2 – تىمخورتوندىن ئىشتىن توختۇتۇلغاندىن كېيىن، قوپالراق سۆز بىلەن ئېيتقاندا قوغلاندى قىلىنغاندىن كېيىن دەل بىر يىل ئۆتكەندە، ھېلىقى تىمخورتوننىڭ باشلىغى ۋەدىسى بويىچە، ماڭا 2 – قېتىم يەنە بىر پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن تېلىفون قىلىپ، مېنىڭ ئىزچىل ھالدا تىمخورتوندا ئىشلەشنى ئويلاۋاتقان ۋە ئويلىمايۋاتقانلىغىمنى سورىدى. مەن خۇشاللىق بىلەن ئىشلەشنى خالايدىغانلىغىمنى بىلدۈردۈم ۋە ئىشلەپ كەتتىم.
ھازىر تەرجىمىھال يېزىشقىمۇ خېلى ئۇستا بولۇپ قالدىم. 5 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇ تەرجىمىھالىمغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ. ئىش ئورۇنلىرى بىلەن بولغان يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشلاردا، قارشى تەرەپ سورايدىغان سوئاللارغىمۇ قانداق جاۋاپ بېرىشنى يېڭى كەلگەنلەرگە ئۆگىتىپ كېتىمەن ئۆزەمچە. كانادانىڭ «تىمخورتون» ئاتلىق بۇ 1 – نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رېستۇرانىدا نېمىلەرنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەنلىگى ئۇ بىر رومان. مەن تىمخورتوندا خۇددى سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان بىرسىنى دەرياغا ئىتتىرىۋەتكەندەك، ئۇياققا ئۇرۇلدىم، بۇياققا ئۇرۇلدۇم بەزىدە سۇنىڭ رايى بويىچە ئىتتىك ئاقتىم، بەزىدە قورام تاشلارغا ئۇرۇلدىم. قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئاخىرى قىرغاققا چىقتىم. ھازىر مەن تىمخورتوننى تاشلىۋەتسەم تاشلىۋېتىمەنكى تىمخورتون مېنى قوغلاندى قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئەمما مەن تىمخورتون ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بۇ كۈن ۋە بۇ يىللىرىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى مەن تاللاش نۆۋىتىدە ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن ياشاشنى ئەمەس بەلكى، ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن ياشاشنى تاللىغان ئىدىم. سۇمۇ ئېقىپ – ئېقىپ يولىنى تاپقانغا ئوخشاش مەنمۇ يولۇمنى تاپماقتا ئىدىم.
تورونتو كوچىلىرى كەچكۈزنىڭ سەرسان يوپۇرماقلىرىغا پاناھلىق بېرىۋاتقان بىر كۈنى، مەلۇم بىر تىمخورتوندا تەرجىمان يىگىت بىلەن تەسادىپەن ئۇچرىشىپ قالدىم. تەرجىمان يىگىت مېنى كۆرۈپ «ئاللاھ…….» دېگەنچە پىشانىسىغا بىرنى ئۇرۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
– ھەدە سىز تېخىچە تىمخورتوننىڭ پېشىنى قويۇۋەتمىدىڭىزمۇ؟ – دېدى ھەيرانلىق بىلەن.
كېيىنكى كۈنلەردە تەرجىمان يىگىت، مېنىڭ تىمخورتوندا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى يادلىشىمغىمۇ ياردەمچى بولغان ئىدى.
– ھەدە بۇ خەقنىڭ دونات دېگەن بىر نېمىسى بار بەك ياخشى كۆرىدۇ. دىپ دېگەنلىرى ئوتتۇرسى تۆشۈك بولغانلىرى. مەسىلەن خونەي دىپ دونات دېسىلا دەرھال ئوتتۇرىسى تۆشۈك بولغانلىرىغا قاراڭ – دەپ تاكتىكا ئۆگىتەتتى ئۇ ماڭا.
ھايات خۇددى سۈرەتلەر يىغىندىسى. ئەمما سەن بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈلۈمسىرەلمەسلىگىڭ مۈمكىن. يەنە كېلىپ مېنىڭدەك كىچىككىنە بىر دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازان شەھەردە تۇغۇلغان، نۇرغۇن ئادەملەر دۇنيانىڭ چوڭلىقى مۇشۇنچىلىك ئوخشايدۇ دەپ ياشايدىغان بىر جۇغراپىيەدە يېتىلگەن مەندەكلەر ئۈچۈن تورونتو، قانچە ئەسىر بۇرۇن ياشىغان بىر ئادەمنى تىرىلدۈرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ قانداق ياشايدىغانلىغىنى تاماششا قىلىۋاتقان تاماشىبىنغا ئوخشايدۇ.
بۈگۈن يەنە، تورونتودا قاتتىق سوغۇق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش بەرگىنىگە قارىماي، 2 ئۆي ماكانسىز كىشىنىڭ كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلدى. كىشىلەر بۇ 2 ۋەتەنداش ئۈچۈن تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شەھەر باشلىقى جوننى جاۋابكارلىققا تارتتى. جون نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ 2 كانادا ۋەتەندىشىنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىقىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە نامايىشچىلارنىڭ ھەق ئادالەت ۋە كانادانىڭ ئىنسانلىق قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەق ئادالەت ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. تورونتو شەھىرىنىڭ باشلىقى يەنە دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تورونتودىكى ھەرقايسى مەركىزى ئورۇنلارغا، سوغۇقتا قالغانلار ئىسسىنىۋېلىش ئورنى قۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ۋەتەننىڭ نۇر بەكرىسى بولغىچە، كانادانىڭ ئاددى بىر پۇقراسى بولغاننى ئەۋزەل كۆرگەن بىر ئۇيغۇرمەن. تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغاندىن، كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بولۇشنى ئەۋزەل كۆرگەن ئۇيغۇرمەن.
قورقۇنچاقلارنىڭ قولىدىكى قىلىچى بولغاندىن، جەسۇر بىر ئايال بولۇشنى تاللىغان ئۇيغۇرمەن. ئەلۋەتتە جەسۇر ئايالنىڭ بىر قارىشى، قورقۇنچاق ئادەمنىڭ قىلىچىدىن نەچچە ھەسسە بەكرەك دۈشمەننى تىترىتەر. ئەگەر ئۆز – ئۆزۈمگە باھا بېرىشقا توغرا كەلسە، مەن ئۆزۈمدىكى ئەنە ئەشۇ جەسۇرانە بىر قاراشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. ئەشۇ جەسۇرانە بىر قاراش مېنىڭ، مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاشۇ تۈگمىدەك شەھەردىن يولغا چىقىپ، كاناداغا كېلىپ توختىغىچە بولغان سەپەرلىرىمدە ماڭا ھەمرا بولدى.
ئەي…… جەسۇر ئايالنىڭ بىر قارىشى ئۈمىد، ئىشەنچ، روھ ۋە ھەق ئادالەت ئالىمىنى كېزىشكە يېتەكلىگەن قاراش.
مەن يەنە، ئىنسانلار ھۆكۈمەتلەردىن قورقىدىغان يەرلەرنىڭ خەندانسىز بۇلبۇلى بولغاندىن، ھۆكۈمەتلەر ئۆز پۇقرالىرىدىن قورقىدىغان دۇنيالارنىڭ جاپاكەش چۈمۈلىسى بولۇشنى تاللىغان ئۇيغۇرمەن. مەن يەنە قەپەز ئىچىدىكى يالتىراق توز بولغاندىن، ئەركىن دۇنيانىڭ ئېرىقىدا ئەركىن ئاققان سۇ بولۇش يولىنى تاللىغان ئۇيغۇرمەن.
مەن يەنە ئۆلۈك بىر ئىمپىراتور بولغاندىن، ھايات بىر تىلەمچى بولۇشنى تاللىغان بىر ئۇيغۇرمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان. ئۆز نۆۋىتىدە كانادانىڭ 1 – نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رېستۇرانىدا ئىشلىگەن بىر ئايال ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئىسىمنى كانادالىقلارغا تونۇتۇش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ يۈرگەن مەدىنى دىۋانە تىلەمچىمەن. ۋەتەندىكى تىلەمچىلەردىن پەرقىم، ئۇلار ئېتىگىگە 10 تىيىن تاشلانغىنىغا خۇش بولسا، مەن بىر ئادەمنىڭ ئۇيغۇرنى بىلگەن ۋە تونۇغىنىغا خۇش بولۇپ، ئۇنىڭدىن پۈتمەس تۈگىمەس ئۈمىد، جاسارەت ۋە روھ ئېلىپ ياشايدىغان ئۇيغۇرمەن.
ئەي دۇنيا……كىملەر پارتىكوم شۇجىسى بولۇش تاماسىدا، ھۆكۈمدارلار سورۇنلىرىنىڭ ئېغىز سۈرتىدىغان قولياغلىغى بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلدى، يەنە كىملەر ئۇلارنىڭ ئاچچىق ھاراقلىرىنىڭ زاكۇسكىسى بولدى. يەنە كىملەر ……. نېمە ئىشلارغا رازى بولمىدى …… يەنە كىملەر نۇر بەكرى بولۇپ قېلىش ئۇۋالچىلىقىدىن بەدەر قاچتى، ھەتتا قىتئەلەر ئاتلاپ خۇددى مەندەك.
كانادادا ئۆتكەن بۇ يىللار، مەندە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر ھاسىل قىلدى. ئەڭ مۇھىمى ھەر ۋاقىت مېنىڭ روھى دۇنيارىمنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان، «مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمەن» دېگەن ماڭا مەجبۇرى تېڭىلغان بۇ سۆرەم پالاز ئىسىمدىن قۇتۇلدۇم. ھازىر مەن مەريەمگۈل. كانادا پاسپورتۇم ۋە كانادا كىملىگىمدە شۇنداق يېزىلغان. خىزمەتداشلىرىم مېنى مەريەم دەپ چاقىرىشىدۇ. مەن بۇ كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن چەت ئەلدىكى بىردىن بىر مۈلكۈم، پۇل ۋە قۇدرەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇم. مۇراسىمدا يەنە يېقىن دوستلىرىمىزدىن، تورونتو كۇتۇپخانىسىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىغى پاملا خانىم، ئۈرۈمچى قەشقەرلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر لەڭمىنىگە بولۇپمۇ خىتتايچە «بازىمىئەن» دېيىلىدىغان لەڭمەن تارتىشقا ھېرىسمەن بولغان پەتەر ئەپەندى، شۇنداقلا مەن ئىشلەۋاتقان تىمخورتوننىڭ باشلىغى سۇ خانىملار بار ئىدى. دەستىرخىنىمىزدا ئۇيغۇر تاماقلىرى بولغان پولو، سامسا، مانتىلاردىن باشقا يەنە پىززا، پاپايىز شۇنداقلا، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ پاستا، تۈركلەرنىڭ دولما ۋە باكلاۋالىرىمۇ بار ئىدى. مۇزىكىلاردىن، ھارۋىكەش ناخشىسى، قاپقارا قوي كۆزلۈگۈم، يار سېنىڭ دەردىڭ 2 – شۇنداقلا، بۇلبۇللار، بۇلۇتلار ئاراسىدىن قاتارلىقلار بوش ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
بۇ كىچىك تەبرىكلەش مۇراسىمىدا مەن ئائىلەمدىكىلەرگە ۋە 3 نەپەر دوستىمىزغا نۇتۇق سۆزلەپ:
– بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىسمىنىمۇ توغرا ئاتىيالماي، ھۆكۈمدارلار مەجبۇرى تاڭغان ئىسىملار بىلەن يۈرۈشى بىر پاجىئە. مەن بىر ئىنقىلاپ قىلدىم ۋە بۇ ئىنقىلاپتا كانادادا غەلىبە قىلدىم – دېدىم. ئۇلار چاۋاكلار چېلىشىپ مېنى تەبرىكلەشتى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مەن كېچىلىرى كۈلۈمسىرەپ ئۇخلايدىغان بولدۇم. شۇنداق، مەن بۇ 10 يىل جەريانىدا يەنە نۇرغۇنلىغان قانۇنىيەتلەرنىمۇ يەكۈنلەپ چىقتىم.
يەكۈنلىگەن قانۇنىيەتلىرىمنىڭ بىرسى شۇكى، بىر ئىنساننى ۋەتىنىدىن ئايرىۋەتكىلى بولىدىكەن ئەمما، ۋەتەننى ئۇنىڭدىن ئايرىماق مۈمكىن ئەمەسكەن. مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان گەرچە ئۆزۈم ۋەتەندە بولمىساممۇ ئەمما بۇ 10 يىلدا ۋەتەن بىلەن پىچىرلىشىپ ياشىدىم. چۈنكى مېنى مەن قىلىپ تۇرۇۋاتقان، مېنىڭ ئىچكى ھىسسىياتلىرىمنى ئەللەيلەيدىغان ھەممە نەرسە ۋەتەندە ئىدى. دەرەخ قانچە ئىگىز ئۆسسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى يەنىلا يەرگە چۈشكىنىگە ئوخشاش، مەن كانادادا ئىگىز ئۆسكەن بىر دەرەخ بولساممۇ، ئەمما مېنىڭ يوپۇرماقلىرىم ۋەتەن زېمىنلىرىغا ھەتتا، ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا قەدەر چۈشمەكتە ۋە ئانا زېمىنغا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدى.
مەن يەنە كانادا بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىپ كانادانىڭ ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتتۈم. ئەلۋەتتە بۇ مەن مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمەن دېگەن ئار نۇمۇسۇمغا تېگىدىغان ئىسىمنى پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن بولدى. مەن كانادا بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىۋاتقان ۋە « ئو………….كانادا » دېگەن كانادانىڭ دۆلەت گېمىنى ئورۇنلاۋاتقان ۋاقىتلاردا، بەدەنلىرىم مەن ھېچبىر زامان ھېس قىلىپ باقمىغان چىن ئەقىدە ۋە ساداقەت ھىسسىياتى بىلەن لاۋۇلداۋاتقاندەك بولدى. ۋەتەن ۋە تۇپراق ھەققىدە ۋەتەندىن ئايرىلغاندىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇھەببەتلىك تونۇشقا ئىگە بولدۇم. ئەگەر قەلبىمدە ۋەتەن دېگەن بىر ئۇقۇم يالقۇنجىمىغان، ۋەتەن دېگەن بىر سايە ماڭا ئەگەشمىگەن، ۋەتەن دېگەن بىر ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە زايە بولمىغان بولسا ئىدى. مەن كانادانىڭ بۇ رەھىمسىز ۋە ناتونۇش دەريا – ئۆستەڭلىرىدە ئاقالمىغان بولاتتىم.
بۈگۈن تورونتو كوچىلىرى ئاچچىق سوغۇق ۋە ھۇۋلىغان شىۋىرغاندىن غال – غال تىترىمەكتە.
شۇنداق، فېۋرال ۋە يانۋار ئايلىرىدا تەبىئەت، مەن تۇغۇلغان ئاشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان كىچىككىنە قازان شەھەردىمۇ سوغۇق ھۇۋلاشلىرى بىلەن زەھەرلىك يىلاندەك جانلىقلارنى چېقىشقا ھازىر تۇرىدۇ. ئەمما سەن، كىملەر بۇ ئاچچىق سوغۇقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي كوچا – كويلاردا توڭلاپ ئۆلدى. كىملەر قالايدىغان كۆمۈرى يوق توڭلاپ ئۆلدى بىلمەيسەن. نە خەۋەر ئالالمايسەن، نە ساڭا خەۋەر بېرىدىغان بولمايدۇ. ئەمما كانادادا ئۇنداق ئەمەس، بۈگۈن تورونتولۇقلار 2 نەپەر ۋەتەندىشىنىڭ كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنىڭ ھېسابىنى ھۆكۈمەتلەردىن سوراش ئۈچۈن كوچىلارغا تۆكۈلدى. چۈنكى ۋەتەن دېمەك خەلقنىڭ كۈچى دېمەك. خەلقنىڭ كۈچى دېمەك ئادالەت دېمەكتۇر. ئادالەت دۇنياسى، بەزى يەرلەردە ئادالەت خۇددى لىق توك قاچىلانغان تېلىفونغا ئوخشايدۇ، بەزى جايلاردا بولسا توكسىز تېلىفونغا، گەرچە كۈننىڭ سوغۇق بولغىنىغا قارىماي، بۈگۈن مەن ئىشلەۋاتقان بۇ تىمخورتون ھەر كۈندىكىدىن ئىككى ھەسسە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۆچىرەتلەر تاشقىنلاپ، كوچىلارغا قەدەر سوزۇلۇپ كەتتى. چۈنكى مەن ئىشلەۋاتقان بۇ تىمخورتون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن ئەتراپتا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇزلىغان نامايىشچىلار تىمخورتونغا ئۆزىنى ئېتىشقان ئىدى.
مەن كوفى، چاي دەملەش، دەملىنىپ بولغان كوفى، چايلارنىڭ قىرىندىلىرىنى ئەخلەتكە تاشلاپ يۇيۇپ، تازىلاپ يېڭى كوفى چايلارنى دەملەشكە ھازىرلىنىش، زاكاس ئېلىش، خېرىدارلارنىڭ كوفى، چايلىرىنى دەملەپ بېرىش، خېرىدارلار زاكاس قىلغان تاتلىق – تۈرۈملەر شۇنداقلا، سۇيقاش ۋە ساندىۋىچ دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدىم. ھازىر 10 يىلنىڭ ئالدىدىكى مىشچان، ئېزىلەڭگۈ، يىغلاڭغۇ مەريەمگۈلدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. مەن شۇنچىلىك تېز ۋە شۇنچىلىك چەبدەسلىك بىلەن زاكاس ئېلىپ، خېرىدارلارنىڭ كوفى، چاي ۋە يىمەك- ئىچمەكلىرىنى شۇنچىلىك تېز يەتكۈزۈپ بېرەتتىمكى ئەيھەنناس، باشلىقىم توختىماي « مەريەم ياخشى ئىشلەۋاتىسەن» دەپ ماڭا مەدەت بېرەتتى.
ئەي … ئايال يىغلىما، مىشچانلار ۋە يىغلاڭغۇلار باشلىرىنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ، چەكسىز كەتكەن كۆكلەردىن ھوزۇر ئالالمايدۇ، يېتەركى دۈشمىنىڭگە خەنجەردەك سانجىلىپ قارايدىغان ئۆتكۈر كۆزلىرىڭ زەرەر كۆرمىسۇن. گەرچە تورونتودا قانچىلىغان رەڭلەرگە ساھىپ ئوخشىمىغان كۆزلەر مەۋجۈت بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدىن ئېقىۋاتقان ياشلار ئوخشاش ئىدى. تورونتولۇقلار خاس مىللەتلەر ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىنسانلىق ئۈچۈن ياش تۆكىدىغان خەلق. بۈگۈن تورونتو خەلقى قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئىككى نەپەر ۋەتەندىشى ئۈچۈن ياش تۆكتى ۋە يەنە ياش تۆكۈپ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالمىدى بەلكى ئىشلىرىنى تاشلاپ كوچىلارغا تۆكۈلدى.
مەن نامايىشچىلار زاكاس قىلغان كوفى، چاي، ساندىۋىچ ۋە سۇيقاش قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ نامايىشچىلار ئولتۇرۇشقان ئۈستەلگە باردىم. ئۈستۈمدە يارىشىملىق تىمخورتوننىڭ خىزمەت كىيىمى، مەيدەمدە مەريەمگۈل دەپ يېزىلغان ئىسىم كارتۇچكام، بېشىمدا تىمخورتون دېگەن خەت يېزىلغان شەپكەم بار ئىدى. روھىممۇ ئۈستۈن ئىدى. نامايىشچىلار ھارپەر ھۆكۈمىتىنى توختىماي ئەيىپلىمەكتە ئىدى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە، كانادادا 2 كىشىنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن نومۇس دەپ غەزەپ بىلەن سۆزلەشمەكتە. نامايىشچىلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ خىياللىرىم قاناتلاندى. كۆز ئالدىمدىن ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغان ئوغلىنى ئىزلەپ چۇقانلىرىنى دۇنيالارغا قەدەر ئاڭلىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئەمما بوغۇلۇپ قېلىۋاتقان قەيسەر ئۇيغۇر ئانىلىرى، دۇنيا ئادالىتىنىڭ ئۇرۇقى نېمە دېگەن تەكشى چېچىلمىغان ھە؟ بەزى يەرلەرگە بەك مول، بەزى يەرلەرگە بولسا ھېچ چېچىلمىغان.
مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازان شەھەردە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىز دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتتى. تۈرمىلەردە ئۆلدى…….قېنى بۇلار نەگە كەتتى؟ دەپ سورىغۇچىلارمۇ ئۆلدى. مەن ئاشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازان شەھەرگە ئادالەت ئېلىپ كېلەلىگۈدەك كۈچكە ساھىپ بولمىساممۇ ئەمما، ئادالەت ھۆكۈمسۈرۈۋاتقان بىر جاينى ئاخىرى تاپتىم. ھەمدە ھەق ئادالەت ئۈچۈن چۇقان سېلىۋاتقان بۇ ھەق ئادالەت ئىگىلىرىگە ئەڭ يېقىن ھالەتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلماقتىمەن. تورونتودىكى ئىنسانلىق قىممىتى بىلەن مېنىڭ ئۇ ئانا شەھىرىمدىكى ئىنسانلىق قىممىتى ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە زور پەرق بار ئىدى. ئاقنىڭ تەقدىرى كىرلەنمەك، قارىنىڭ تەقدىرى قارىلانماق بولغىنىدەك، مەن دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قارا قازان ئاستىدىكى، قارا تەقدىرگە دۇچار بولۇپ قارىلىنىپ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ پۇشتىدىنمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان كانادادا، ئادالەت ھەققىدە كۆپ نەرسىلەر ئۆگەندىم. بەزىلەر مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئۆگىنىدۇ. بەزىلەر ياشاپ ئۆگىنىدۇ خۇددى مەندەك. ياشىغانلار دېڭىزدىكى بوران – چاپقۇن چايقىغان كېمىگە ئوخشايدۇ.
– مەريەم – تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا بىرسىنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ يان ئۈستەلگە قارىدىم.
– مېنىڭ ئىسمىم ئالىكىس. تورونتو ئونۋىرسىتېتىدا ئوقۇيمەن . مەن بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسىمەن. تونۇشقىنىمغا مەمنۇنمەن، كوفىنى بەك ياخشى دەملەپسىز، رەھمەت – دېدى ئالىكىس ماڭا قول ئۇزۇتۇپ.
– رەھمەت، بۇ مېنىڭ خىزمىتىم – دېدىم مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن.
– مەريەم سىز ئۆزبىكمۇ؟ – دەپ سورىدى ئالىكىس ئارقىدىن.
– ياق مەن…… – مەن جاۋاپ بېرىشكە تەمشىلىۋىدىم ئۇ دەرھال:
– ھە توختاڭ…..توختاڭ مەن تاپىمەن – دېدى جىددى تەلەپپۇزدا. ئارقىدىن ئۇ يەنە،
– ئۇنداقتا سىز ئۇيغۇر شۇنداقمۇ؟ – دېدى.
– شۇنداق، ئەمما قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ – مەن بىر ئىنگلىزنىڭ مېنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىگىمنى پەرەز قىلىپ بىلىۋالغىنىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى.
– مەن تورونتو ئونۋىرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرى ئوقۇيمەن. مەن ئەسلىدە موڭغۇل تارىخىغا ئىنتايىن قىزىققان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدىم ئەمما، ئوقۇش جەريانىدا موڭغۇل تارىخىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىگىنى ھېس قىلدىم.
مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىدىغان بىر ئىنگلىز بىلەن تاساددىبى تىمخورتوندا ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم . ھاياجان سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئاغزىمغا باشقا گەپ كەلمەي، توختىماستىن:
– سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىگىمدىن مەمنۇن بولدۇم – دېگەن سۆزنى توختىماي تەكرارلاپ كەتتىم.
– مەريەمگۈل، تورونتودا قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟ – سورىدى ئالىكىس مەندىن.
– 150 ياكى 200 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى بولۇشى مۈمكىن.
– ناھايىتى ياخشى. – ئالىكىس مەن بىلەن سۆزلەشكەچ يانچۇغىدىن ھېسابلىغۇچنى چىقىرىپ، مەندىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەخمىنەن قانچىلىكتىن ئۇيغۇر ياشايدىغانلىغىنى سورىغاچ، خىتتاي چېگرىسى سىرتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىتاتىستىكىسىنى قىلماقتا ئىدى. ئۇ بىر ھازا ھېسابلىغۇچقا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى.
– خىتتاي ئۆزىنىڭ نوپۇس مەلۇماتى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئۇيغۇرلار 9 مىليۇن ئەتراپىدا. ئەگەر بۇلارنىڭ بىر مىليۇنى چەت ئەلدە بولدى دېگەن تەقدىردە، ئەگەر خىتتاي سىلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىڭلارنى يوق قىلىۋېتىش مەقسىدىنى ۋەتەن ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرالىغان تەقدىردىمۇ، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر مىليۇن ئۇيغۇر، ئۆز مىللى كىملىگىڭلارنى ساقلاپ ۋە قوغداپ قېلىشقا تامامەن يېتىسىلەر. شۇنداقلا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇش جەھەتتىكى رەقەملەرگە كەلسەك، سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر 5 مىليۇنلۇق نوپۇسى بىلەن مۇستەقىل بولۇپ تۇرماقتا. ئۇندىن باشقا ياۋروپادىكى نورۋىگىيە، دانىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرمۇ 5 مىليۇن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن نوپۇس سانى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت ھالىتىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا.
مەن ئىنتايىن ھاياجان ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئالىكىسنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشىماقتا ئىدىم.
– مەريەمگۈل سىلەر ھەر يىلى 5 – ئىيۇل ئىنقىلاۋى، بارىن ۋە غۇلجا ئىنقىلاپلىرىنى خاتىرىلەپ نامايىشقا چىقىۋاتامسىلەر؟
– ئەلۋەتتە چىقىۋاتىمىز.- دېدىم مەن جاۋابەن. ئىچىمدە بولسا ئالىكىسنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ھەرىكەتلىرىمىز بولغان كۈنلىرىمىز ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىدىن تېخىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم.
– ناھايىتى ياخشى، چۇقان سېلىش ۋە نامايىش قىلىش روھىڭلارنى يوقۇتۇپ قويماڭلار. چۈنكى كانادالىقلار جىمجىت سۈكۈتكە چۆمگەن مىللەتلەرنىڭ ئەمەس، ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن چۇقان سالغان مىللەتلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشنى تاللىغان خەلقلەردۇر. يەنە بىر گەپ، سىلەر بارىندا، ئۈرۈمچىدە، غۇلجىدا بىر ۋەقە چىقاردىڭلار ئەمەس بەلكى بىر ئىنقىلاپ قىلدىڭلار، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار قۇربانلىق بەردى. شۇنىڭ ئۈچۇن بۇ ھەرىكەتلەرنى سىلەر ئىنقىلاپ دەپ ئاتىشىڭلار، ئۆزۈڭلار قىلغان ئىنقىلاپلارنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىنقىلاپ دېيەلىشىڭلار كېرەك. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئىنقىلاپلىرىڭلارنى چەت ئەللىكلەر مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ – دېدى.
ئالىكىس ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى نامايىشقا چىققان بارلىق ھەمراھلىرى مېنى ئورىۋېلىشقان ئىدى. مەندىن ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىگى ھەققىدە توختىماي سوئال سورايتتى. مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن مەمنۇنىيەت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ھېس قىلدىم.
ئالىكىس يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
– ئەسلىدە مەريەمگۈل، يىپەك يولىنىڭ تاقىلىپ دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى سىلەرنىڭ ئەڭ زور تەلەيسىزلىگىڭلار ۋە بەخىتسىزلىگىڭلار بولدى. شۇندىن بۇيان تازىمۇ ئىچكىرى بولغان بىر ئىچكى قۇرۇقلۇققا قامىلىپ قالدىڭلار. توغرىسى خىتتاي سىلەرنىمۇ شۇ يەرگە قاماپ قويدى. دۇنيا سىلەردىن، سىلەر دۇنيادىن يىراقلىشىپ كەتتىڭلار. ئەمما خاتىرجەم بولغىنكى مەريەمگۈل، يېقىن كەلگۈسىدە يىپەك يولى ۋە تەكلىماكان دۇنيانىڭ ئەڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەيدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. خەير- خوش مەريەمگۈل، سېنىڭ تىمخورتوندىكى ئىشلىرىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن – ئالىكىس ماڭا يەنە قول ئۇزاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قول ئۇزاتتىم شۇ قاتاردا ئالىكىس باشچىلىغىدىكى نامايىشچىلار قوشۇنىمۇ ماڭا قول ئۇزۇتۇپ مېنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
ئالىكىس يەنە ماڭا ئىسىم كارتۇچكىسىنىمۇ بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرى بولغاندا چاقىرىشىمنى، ئۆزى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى، ئۇندىن باشقا ھەر تۈرلۈك ئۇيغۇرلارنى كانادادا تونۇتۇش مەزمۇن قىلىنغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ئويىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ تىمخورتوندىن ئايرىلدى.
مەن مىيىغىمدا مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلدۈم. بۇ مېنىڭ راست ۋە سەمىمى كۈلكەم ئىدى.
5 – قىسىم تۈگىدى.