تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (7)
(پوۋىست)
گۈلشەن ئابدۇقادىر
(قۇرئاندا كۆرسىتىلىشىچە، يەر يۈزىدە تۇنجى قېتىم قەلەم تەۋرىتىپ خەت يازغان پەيغەمبەر ئىدرىس پەيغەمبەر ئىكەن. ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ، بەيغەمبىرىمىزدىن مىراس قالغان بۇ قەلەمنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە كۈچلۈك تەۋرىتىشكە نىسىپ قىلغايسەن)
– مەريەمگۈل خاتىرىسىدىن.
تىمخورتوندا ۋەتەن خىيالى.
ھايات خۇددى تىمخورتوننىڭ ئاچچىق قەھۋەسىگە ئوخشايدۇ. قەھۋەنىڭ جىن شەيتاندەك سەت، كېچىدەك قارا، تولغاقتەك ئاچچىق، ئۆلۈمدەك رەھىمسىز بىر تەمى بار. ئاچچىق ۋە سەت قەھۋەنى ئاغزىڭىزغا ئالغان چاغدىكى بۇ چارىسىزلىك، يۈزلىرىڭىزدە ئىپادىلىنەر، يا تېشىغا پۈركىۋېتەلمىگەن، ياكى يۈتەلمىگەن خۇددى يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم مىنۇتلىرىدەك.
ئاچچىق قارا قەھۋە خۇددى قارا پۈركەنجىلىرى بىلەن، ھېچبىر سەۋەپ كۆرسۈتۈشلىرىڭگە پەرۋا قىلماي، ئۈستۈڭدە قىلىچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ قاراپ تۇرغان، رەھىمسىز پادىشاھنىڭ جاللاتلىرىغا ئوخشايدۇ. ئەمما سەن بۇ رەھىمسىزنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشنى بىلىشىڭ كېرەك. خۇددى مىڭ بىر كېچە رىۋايىتىدىكى شەھرىزات، بىر تەرەپتىن زالىم پادىشاھنىڭ ئاغزىغا خورما، چىلان، ئۈزۈم ۋە ناۋات سېلىپ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاخىرى تۈگۈمەيدىغان ھېكايە قىسسەلەرنى توقۇغىنىغا ئوخشاش. سەن قەھۋەنى ئۆز خۇي پەيلىڭ ۋە يۈرۈگىڭنىڭ خالىشى بويىچە شۇنداق قاملاشتۇرۇپ بىر تەڭشەيسەنكى، ئۇ خۇددى شىرىن ئەسلىمىلىرىڭدەك تاتلىق، بىر قاراشتىلا پۈتۈن ھارغىنلىقلىرىڭنى چىقىرىپ تاشلايدىغان سۆيگەن قىزىڭدەك ھارارەتلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ. يېتەركى سۈت، قايماق ۋە شېكەرلىرىڭ مول بولسۇن.
ئەسلىدە، تەڭشەلمىگەن جىن شەيتاندەك سەت قارا كوفىنى ئىچكەن چاغدىكى چارەسىزلىك، بۇ ھاياتتا مەريەمگۈل كۆرگەن چارەسىزلىكلەر ئالدىدا ھېچ نەرسىگە كار قىلماس. ئوھوي …… قانچىلىغان چارەسىزلىكلەرنى كۆرۈپ، قانچىلاپ لەۋلەرنى قاتتىق چىشلەپ، مۇشتلارنى قاتتىق تۈرۈپ، ئۈستەللەرنى قاتتىق مۇشلىدى مەريەمگۈل بۇ كاناداغا كەلگىچە.
خىتتاي ئەسكەرلىرىگە بىر تال تاش ئېتىپ قويغانلىغقى سەۋەبى بىلەن، قانچىلىغان قوراللىق خىتتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان 15 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىغا ئەمدىلا ياردەم قولۇڭنى سوزۇپ، ماشىناڭنىڭ ئىشىگىنى ئېچىشىڭ بىلەن، «تاڭ » قىلغان بىر پاي ئوقتا ئالدىڭغا يىقىلغان بۇ سەبىنىڭ، ئۆلۈم ئالدىدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى چارىسىز ھالىتىنى كۆرگەن چاغدىكى چارەسىزلىگىڭ، «قولۇڭنى كۆتۈر، تېرورچىغا ياردەم قىلدىڭ» دېگەن تۆھمەتلەر ئالدىدىكى ئۆز – ئۆزۈڭنى چۈشەندۈرەلمەسلىك چارەسىزلىگى. سۈكۈناتقا چۆمگەن مەھەللىلەردە، تۈنۈگۈنلا شېھىت قىلىنغان ئوغلىنىڭ مېيىتىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئېلىشقا داخىل بولالمىغان ئانا بىلەن، مەھەللە دوقمۇشىدا ئۇچرىشىپ قالغان چاغدىكى چارەسىزلىگىڭ…… مەسلىھەت چاي كۈنى، «بىر سائەت سۆھبەتلىشىمىز» دېگەن باھانە بىلەن ئاغىنىلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن نەۋقىران يىگىتنىڭ، ئەتىسى سەھەردە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، تۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن جەسىتى ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ تۇرغان ئەل – يۇرت جامائەتنىڭ چارەسىزلىگى. ھەر توي تۆكۈننى قىزغىن چاخچاقلىرى بىلەن قىززىتىدىغان ئايشەمخان ئانىنىڭ، ئوغلىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەندىن كېيىن نېرۋىلىرىدىن كېتىپ، دەرۋازا ئالدىدا ئوغلىنىڭ ئىسمىنى توختىماي تەكرارلاپ ئولتۇرۇپ قالغان ھالىتىنى كۆرگەندىكى چارەسىزلىگىڭ.
ھەر چارەسىزلىك مەريەمگۈل ئۈچۈن خۇددى تىمخورتوننىڭ قەھۋەسىدەك ئاچچىق ھەسرەت ئېلىپ كەلدى. يۈرەك نېمە دېگەن سىرلىق، ئۇلۇغ ۋە ئاجايىپ مۆجىزىلىك نەرسە – ھە! مۇشتۇمدەك بولغىنى بىلەن شۇنچە نۇرغۇن ئاچچىق- ئاچچىق چارەسىزلىكلەرنى سىڭدۈرەلەيدىكەن. يەنە بىرلا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئالەمشۇمۇل بوشلۇقلارنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدىكەن، خۇددى ھاياتلىق سۇ، تۇپراق ۋە بوشلۇقتىن تەركىپ تاپقاندەك.
مەريەمگۈل ۋە ئۇنىڭ دوستى زەينەپلەر ئۆز ۋاقتىدا، ئۆز شەھىرىنىڭ ئەڭ غۇرۇرلۇق، ئەڭ بالدۇر ئويغانغان، ئۆزىدىن ھالقىپ ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىلغار قىزلىرىدىن ئىدى. فېۋرال ئايلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاتتىق سوغۇق بىر كۈنى، نوركا ياقىلىق سوكنى پەلتۇ ۋە نوركا قۇلاقچا كىيىشكەن 5 جۈپ قىز يىگىت، زەينەپ بىلەن جەسۇرنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆز ئارا ئاددى ئۆتكۈزۈپ، كۈلكە – چاخچاقلار ۋە ئاكاردىيۇنغا تەڭكەش قىلىنغان جىرلار بىلەن، بۇ بىر جۈپ ياشنى سانجاق – سانجاق مەھەللىلەرنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، يوغان پىشايۋانلىق قورۇدىكى، سەرەمجانلىق بىر ئېغىزلىق ھوجرىغا كۆچۈرۈپ قويۇشتى.
ئاپپاق پەردىلەر، چامىدان ۋە ساندۇق ئۈستىگە يېپىلغان رىشىلىيە ئىشلەنگەن ياپقۇچلار، ساندۇق ئۈستىگە رەتلىك تىزىلغان يوتقان ۋە يېكەندازلار، ئوتقاشتەك خوتەن گىلەملىرى شۇنداقلا، چۆيۈن مەشتىن كېلىۋاتقان ئىسسىق ھارارەت قوشۇلۇپ بۇ كىچىككىنە قىز ھوجرىسىنى تېخىمۇ ھارارەتلىك كۆرسەتمەكتە ئىدى. مەريەمگۈل زەينەپكە ھەم قولداش بولغان ئىدى.
ئاھ …… بىباھا، تەرىپلەش قىيىن بولغان ئايال قەلبى. ھەمدە ئۇيغۇر ئايالنىڭ قەلبى. بۇ تەرىپلەش قىيىن بولغان قەلىبكە بىر ئەر قەلبى يەرلەشتىمۇ بولدى، ئايال قەلبى شۇنىڭ بىلەن پىچىرلىشىپ، شۇنىڭ ھەسرىتىنى باغرىغا تېڭىپ ياشايدۇ. لېكىن ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس، بىر ئەر كىشى بىر ئايالنى سۆيگەن تۇرۇقلۇق، مۆرىتى ۋە پۇرسىتى كېلىپ قالسا، ياندىكى باشقا بىر ئاياللار بىلەنمۇ…….
ئەمما يەنە بىر نۇقتىمۇ باركى، بىر ئەر كىشىنىڭ قىزىقىدىغىنى مىڭ، قوغلاشقىنى بىر بولىدۇ.
ئۇ تەرىپى گۇاڭجۇ، شاڭخەي، بۇ تەرىپى ئالماتا، قىرغىزىستانلاردا قاتىراپ يۈرۈپ تىجارەت قىلغان جەسۇرنىڭ، دەرھەقىقەت ئالماتا، بېشكەك ۋە تاشكەنتلەردىكى ناز – كەرەشمە ئاياللار بوستانلىقلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى تەسكە توختىغان چاغلىرىمۇ بولدى. ئەمما قەلب تۆرىدە ھەر ۋاقت زەينەپنى ساقلىدى.
قىز بىلەن يىگىت ئۆز ھۆجرىلىرىغا كۆچۈرۈپ كىرىلىپ، قائىدە بويىچە بىر پەدە چاخچاق بولغاندىن كېيىن، جەسۇر بىلەن زەينەپنىڭ دوستلىرى قايتىش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
مەريەمگۈل شۇ چاغدا جەسۇرنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە، ئۇنىڭغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى.
– ماڭا قارا جەسۇر! ئەگەر بۈگۈندىن ئېتىبارەن دوستۇم زەينەپنىڭ كۆزىدىن بىر تال ياش ئاققۇزىدىغان بولساڭ، ئۇنى ئۆي ئايالى قىلىپ تاشلاپ قويۇپ، ئۆزۈڭ ھېلىقى نامى مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرۈيدىغان بولساڭ، مەن ساڭا ساۋاقدىشىم، مەھەللىدىشىم، يىراق بولسىمۇ تۇققۇنۇم دەپ يۈز خاتىرە قىلمايمەن بىلىپ قوي، ئۇ چاغدا ساڭا دەيدىغان تۆت ئېغىز گېپىم بار – دېدى قوللىرىنى يېنىك شىلتىپ چاخچاق ئارىلاش.
– ئاللا… ئاللا … تۆت ئېغىز گېپىڭگە يەنە ئىككى ئېغىزنى قوشۇپ، ئالتە ئېغىز قىلىۋەتكىنە مەريەمگۈل، بىراقلا جىق – جىق ئاڭلاپ، بىراقلا قۇتۇلۇپ كېتەي … بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن جۇمۇ، پۇت قوللۇرۇم تىتىرەپ كېتىۋاتىدۇ سېنىڭ ئۇ تۆت ئېغىز گېپىڭنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا……
بۇ ئىككى نەپەر ساۋاقداش ۋە دوستلارنىڭ ئۆز ئارا قىلىشىۋاتقان چاخچاقلىق دىئالوگلىرىدىن ئەتراپىدىكى قەدىناس دوستلار كۈلۈشمەكتە ۋە دىققەت بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى.
جەسۇر، بىرەر رۇمكا ئىچكى ئىچكەن بولسا كېرەك، يۈزلىرى سەل قىزىرىپ تۇراتتى. ئۇ سوزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى ھەممە شەرتلەرگە كونگەن قىياپەتتە:
– ماقۇل… ماقۇل… مەريەمگۈل، مەن دوستۇڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان ھەر بىر تال ياشنى ساناپ، ساڭا ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ دوكىلات سۇنىمەن ھەر كۈنى. سەن بۇنىڭدىن خاتىرجەم بول…… – جەسۇر بۇ سۆزلەرنى شۇنچىلىك يۇمۇرلۇق سۆزلىدىكى ئۆي ئىچىدىن كۈلكە قىقاس چىقىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە بىر قېتىم چاخچاق باشلىنىپ كەتتى.
– ئەسلىدە مۇشۇ ئولتۇرغان خانىملارنىڭ ھەممىسى، ئوتتۇرا ئاسىياغا سېنى تىڭ – تىڭلىغىلى چىققان زەينەپنىڭ ساقچىلىرى…….ۋەيت…….
– مەريەمگۈل، بۇ ئايال ساقچىلارنىڭ باشلىغىكەن….باشلىغى ۋەيت…………
– ئالماتاغا سومكىچىلىق قىلغىلى چىققان ئاياللارغا ھەرگىز ئۇچۇر بەرمەسلىگىمىز كېرەككەن ئاغىنىلەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەريەمگۈل قۇرغان ئايال ساقچىلار ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرىكەن ۋەيت……
– ئاغىنىلەر بۇ قېتىم سورۇننى سەل يىراققا، تاشكەنت تەرەپكە يۆتكىمىسەك، ئالماتا ئىشەنچىلىك بولماي قېلىۋاتىدۇ. – قەدىناس دوست – يارەنلەر كۈلكە ۋە چاخچاقلار بىلەن بۇ يېڭى قۇرۇلغان ئىسسىق ئۇۋىدىن ئايرىلغاندا، كېچە سائەت 12 نى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.
لەۋ ئىنسان ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئەزا. لەۋ سۆيگۈ مۇھەببەت ۋە ساداقەتكە تۇنجى تامغىسىنى ئۇرغان ئەزا. لەۋ يەنە، سۆيگۈنىڭ چىنلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ساپ تىنىقلار، يۈرەكنىڭ دۈپۈلدەپ تەڭكەش قىلىشى، ھاياجاندىن تىتىرىگەن بەدەننىڭ ھەمراھلىقى ۋە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن، دۇنيانى سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ گۈزەللەشتۈرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتكە ئىمزا ئاتقان ئەزا. لەۋ سۆيگۈگە بېسىلغان تۇنجى قەدەم ۋە ئاخىرقى قەدەم. لەۋ بۈگۈنكى تاتلىق كېچىنىڭ خەير – خۇشى، لەۋ يەنە ئىككى يۈرەكنىڭ تاڭ سەھەردىكى مەرھاباسى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتىن زېمىنغا قوغلاندى قىلىنىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان جۇدالىقتىن كېيىن، ئەرافات تېغىدا ئۇچراشقاندا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغان لەۋ، ھازىرغا قەدەر دۇنيانى سۆيگۈ مۇھەببەت بىلەن زىننەتلەشكە ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ كەلدى. ھوجرىدىن پەس ئاۋازدا چېلىنغان تەمبۇر مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ، بۇ ئىككى ئاشىق – مەشۇقنىڭ گۈزەل سىمفونىيەلىرىگە يەنە بىر ئاكورت قوشۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. جەسۇر، تۈزلا قىلغان بىرەر ئېغىز گەپ سۆزى، بىلىپ بىلمەي شەھلا كۆزلۈك خانىملارغا بىر تەبەسسۈم قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم زەينەپ تەرىپىدىن ئېغىر جازالارغا تارتىلغان، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز – ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي، كۆپ قېتىم لال بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە شۇنداق بولۇشى كېرەكتە. چۈنكى، ئاشىقنىڭ كۆڭلى نازۇك. ئۇنى ئاز دەپ زەينەپنىڭ مەريەمگۈل ئىسىملىك ھولمىستەك رازۋىتچىك دوستى بولۇپ، «ماڭا قارا جەسۇر ئەگەر دوستۇمنى بوزەك قىلىدىغان بولساڭ…….» دەپ كوتۇلداپ چىقاتتى بىر ياقلاردىن. جەسۇر يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، يەنە بىر ئېغىز سۆز ۋە بىر ھەرىكەتنى خاتا قىلىپ قويۇپ بۇ غۇرۇرلۇق قىزنى توي كېچىسىدە خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. جەسۇر بىلەن زەينەپ بۇ كېچە، ئەنە ئاشۇ سۈيۈملۈك ۋە نامسىز شۇنداقلا، يازغۇچى شائىرلار قەلىمىدە كۆپ تەرىپلەنمىگەن لەۋنىڭ ئەلچىلىگىدە بىر – بىرىگە تامامەن تەسلىم بولۇشقان ئىدى.
تاڭ سەھەر، جەسۇرلارنىڭ دەرۋازىسى ئەنسىز ۋە قاتتىق ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ئەنسىز ئۇرۇشلار سەھەر جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، پۈتۈن مەھەللىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. بىر ماشىنا قوراللىق خىتتاي ئەسكىرى، جەسۇرلارنىڭ ئۆگزىلىرى، ھەتتاكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەھەللە دوقمۇشىغا قەدەر قورال تەڭلەپ تۇرۇپ، جەسۇرنىڭ قوللىرىغا كويزىلار سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى.
قاتتىق سوغۇق ۋە شىۋىرغان ھۇۋلىماقتا. جەسۇرنىڭ تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىشى بىلەن توينىڭ چىللاق ۋە باشقا نەرسىلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھەممە چارەسىزلىك ئىچىدە، نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراشماقتا ئىدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، جەسۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن، جەسۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىگى، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى پارچىلاشقا ۋە تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ماتىرىيال تاپشۇرۋالدى.
ئەي چارەسىز شەھەر، ئەي بىچارە چارەسىز خەلق. ئۇلارنىڭ نە بارىدىغان قازىسى ياكى قانۇنى، نە تۇتىدىغان ئادۋۇكاتى بار. ئۇياققا تىپىرلىدى، بۇياققا تىپىرلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق ئىدى.
مەريەمگۈل، دوستى زەينەپ ۋە جەسۇرنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ بۇ ئېغىر كۈنلىرىدە يېنىدا بولدى.
مەريەمگۈل ۋە جەسۇرنىڭ بارلىق دوست بۇرادەرلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەرلىك پارتىكوم، شەھەرلىك ساقچى قاتارلىق ئورۇنلارغا قاتراپ، جەسۇرنىڭ ئىز – دېرىگىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. ئەمما جەسۇرنىڭ قايسى تۈرمىگە قامالغانلىقى ھەققىدە زەررىچىلىكمۇ ئۇچۇر ئالالمىدى. بۇ ئىش ئۇيغۇر ساقچى ۋە ئۇيغۇر باشلىقلاردىنمۇ ئىنتايىن مەخپى تۇتۇلغان ئىدى.
قەھرىتان قىش كېتىپ باھار كەلدى. بىر كۈنى سەھەردە مەريەمگۈلنىڭ تېلىفونى چېلىندى. تېلىفون ئۇرغان مەريەمگۈلنىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشى سادىق ئىدى. ئۇ بۈگۈن بۇ شەھەردە يېپىق سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى، ئەمما يېپىق سوت ئورنى ئىنتايىن مەخپى تۇتۇلغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن شەھەرنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى، بۈگۈنكى بۇ يېپىق سوتتا بەلكىم جەسۇرنىڭ سوتلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتىپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى. شەھەر ھەر يەرگە قويۇلغان قوراللىق چارلاش ئەترەتلىرى سەۋەبىدىن ساراسىمگە چۈشكەن ئىدى. كېچىلەردە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگەن خىتتاي قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى، ياشلارغا يوقىلاڭ تۆھمەتلەرنى چاپلاپ تۇتقۇن قىلماقتا ئىدى. ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ياشلارنىڭ سانى كۈندىن – كۈنگە ئاشماقتا ئىدى.
مەريەمگۈل دەرھال تېلىفوننى قويۇپ، بۇ ئەھۋالنى زەينەپ، جەسۇرنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئاغىنىلىرىگە تېلىفون بىلەن ئۇقتۇردى. شۇنداق قىلىپ بۇ خەۋەر ئىنتايىن تېزلىكتە جەسۇرنىڭ ئىز – دېرىگىنى ئالالمايۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلدى. يېپىق سوتنىڭ ئەتتىگەندە ئېچىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىدى.
شۇ كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7:30 دا مەريەمگۈل بىلەن زەينەپ ئىككىسى ئۇچرىشىپ، ۋەلسىپىت بىلەن چېپىپ يۈرۈپ، يېپىق سوت ئېچىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق مېھمان سارايلارنى تەكشۈرۈپ چىقتى. بۈگۈن شەھەر كوچىلىرىدا ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپەيگەنلىگى، شۇنداقلا، چىقىراپ ئۇياق – بۇياققا ئەنسىز ئۆتۈپ تۇرۇشلىرى، يول يوللاردا قۇرۇلغان توساقلار بۈگۈن بۇ شەھەردە ئۇيغۇر تارىخىغا تامغىسىنى ئۇرىدىغان، جاللات ياڭ زىشىڭ، جاللات شىڭ شىسەيلەر بۇ زېمىندا كۆپ قېتىم سادىر قىلغان، يەنە بىر زور ۋەقەنىڭ يۈز بېرىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
تۇيۇقسىز، ساقچى ماشىنلىرى چىرقىرىغانچە، بىر يۆنۈلۈشكە يەنى شەھەرلىك كونسۇل مېھمانخانىسى تەرەپكە قاراپ چېپىشقا باشلىدى. مەريەمگۈل ۋە زەينەپ شۇنىڭدەك، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز – دېرىگىنى ئالالمايۋاتقان ئاتا – ئانىلار توپىمۇ، توك كالتەكلىرىنى كۆتۈرىشىۋالغان ساقچىلارنىڭ قاتتىق توسۇشلىرىغا قارىماي، كونسۇل مېھمانخانىسى تەرەپكە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى.
ئەتتىگەن سائەت 11:30 بولغان چاغلار بولسا كېرەك، ئوچۇق سوت ئاخىرلىشىپ، قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ چوڭ كوزۇپلۇق ھەربى ماشىنىلىرى كونسۇل مېھمانخانىسى تەرەپتىن چىقىشقا باشلىدى. ئالاھەزەل 5 ياكى 6 گە يېقىن ماشىنا چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئوچۇق سوت قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى سېلىنغان ھەربى ماشىنا كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
– ئارقىغا چېكىنىڭ، ئارقىغا چېكىنىڭ، – خىتتاي ساقچىلىرى شەھەر كوچىلىرىغا سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان ئادەملەر توپىنى چەتكە ئىتتىرىپ يول ئاچماقتا ئىدى. ھەربى ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 7 نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى سېلىنغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە جەسۇر 2 نەپەر خىتتاي ئەسكىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىشى بىلەن چارەسىزلىك ئىچىدە، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا شەھىرىگە تويماي باقماقتا ۋە بۇ كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرىنى ئىزلىمەكتە ئىدى.
شۇ ئەسنادا شەھەر خەلقى ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ، ھەربى ماشىنا چىقىۋاتقان دەرۋازا تەرەپكە بوينىنى سوزۇپ، تەشۋىش ۋە سەراسىم ئىچىدە قاراۋاتقان زەينەپ، ئۆلۈم جازاسى تاختىسى ئېسىلغان جەسۇرنى كۆردى، زەينەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:
– جەسۇر، جەسۇر… – دەپ ۋاقىرىغاچ، ھەربى ماشىنىنى ئەگىشىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. مەريەمگۈل ۋە بارلىق بۇ كوچىغا توپلانغان كىشىلەر، ئۆلۈم جازاسى مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغان بۇ قاتىللار ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىدىن توختىماي، ئەزىمەتلەرنىڭ ئىسمىنى ۋاقىراپ يۈگۈرۈشمەكتە ئىدى. شۇ ئەسنادا جەسۇر بىلەن زەينەپنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. زەينەپنىڭ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدى-دە، ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدى. ئاھ چارەسىزلىك… زەينەپ ھامىلە ئىدى.
بۇنداق ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن شەھەر خەلقى پات – پات ئۇچرىشىپ تۇراتتى. بۇنداق چاغلاردا خەلق، زالىم فىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، مۇسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قوغلاپ كېلىپ قىزىل دېڭىز گىرۋەكلىرىدە قاپسىلىپ قالغاندا، قىزىل دېڭىزنىڭ ئىككىگە يېرىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى فىرئەۋىندىن قۇتۇلدۇرغاندەك بىر مۆجىزىنىڭ پەيدا بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
7 نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىنى ئېلىپ، دەريا بويىدىكى ئىجرا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان خىتتاينىڭ ھەربى ماشىنىسى، شەھەرلىك ئاساسلىق يوللارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن سولغا قايرىلدى -دە، سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە باشلىدى. كىشىلەر توپى:
– ياتقان يېرىڭلار جەننەت بولسۇن شېھىتلەر، سىلەرنى ئاللاھقا تاپشۇردۇق – دەپ يۈگۈرگەنچە، ئەزىمەتلەرگە قول پۇلاڭلاتماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا، « تا…تا ….تات» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ خىتتاي ئەسكەرلىرى خەلقنى ئوققا تۇتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەريەمگۈلمۇ بار ئىدى. 4 كىشى ئۆلدى. 3 كىشى ئېغىر يارىلاندى. ئوق مەريەمگۈلنىڭ مۈرىسىنى سۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، يېنىك يارىلاندى. ئۆلگەنلەر تېرورچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، خىتتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا، مېيىتى يۇيۇلۇپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەنلا نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن يەرلىگىگە خۇپىيانە قويۇلدى. نەزىر – چىراق ۋە ھېچقانداق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشكە رۇخسەت قىلىنمىدى. مەھەللە ۋە زەرەتكالىق 3 ئايدىن 6 ئايغا قەدەر خىتتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىق نازارەت قىلىشى ئاستىدا بولدى.
5 يىلدىن كېيىن.
ياز ئايلىرى، ئىگىز پىشايۋانلىق، ئۈزۈم باراڭلىق، ھەر خىل گۈل – چىچەكلەر بىلەن تولغان ئازادە ئۇيغۇر قورۇلىرى. قورۇدا 5 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئويۇنچۇقلىرىنى ئوينىماقتا. بۇ جەسۇرنىڭ ئوغلى جەۋلان ئىدى. پىشايۋان ئۈستىگە قويۇلغان ئۈستەلدە 2 نەپەر قەدىناس دوست چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا ئىدى. بۇ ئىككەيلەن، مەريەمگۈل بىلەن زەينەپ ئىدى.
– ئاداش مەن كېلەر ھەپتە تۈركىيەگە ماڭماقچىمەن – دېدى مەريەمگۈل ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.
– نېمە دەيدىغانسەن ئاداش، سەن مېنىڭ بىردىن بىر تەسەللىچىم ئىدىڭ، ئەمدى سەنمۇ كەتسەڭ مەن بۇ يۈرەك يارىسى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە قانداقمۇ ياشارمەن – دېدى زەينەپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.
– ئاداش كۆڭلۈڭنى بۇزما، بىز ھاياتىمىزنى بۇنداق سولۇنۇپ قالغان ھالەتتە زايە قىلماسلىقىمىز، بىر ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.- ئىككى دوستنىڭ چىرايى جىددى تۈس ئالغان ئىدى.
– ئاداش، – مەريەمگۈل ئەتراپقا ئېھتىيات بىلەن بىر قۇر سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، زەينەپنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا، – ئاداش مەن بۇ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ، بۇ زېمىندا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قارارىغا كەلدىم.- ئارىنى ئازراق جىددى بىر سۈكۈنات قاپلىدى ئاندىن مەريەمگۈل يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. – ئاداش جۇغراپىيەلىك ئورنىمىز شۇنداق ناچاركى، تولىمۇ ئىچكىرى بىر ئىچكى قۇرۇغلۇققا قاپسىلىپ قالدۇق. بۇ يان تەرىپىمىزدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر سىم توساق سوزۇلۇپ ياتىدۇ. شۇڭا مەن ھاياتىمنىڭ قالغان بىر قىسمىنى ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم.
زەينەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، قەدىناس دوستىنى چىڭ قۇچاقلىدى. ئىككى دوست كۆز يېشى قىلىشتى. شۇ دەملەردە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن بالىلىق ئەسلىمىلىرىگە ئائىت ھەممە نەرسە خۇددى كىنو ئېكرانلىرىدىكىدەك بىرمۇ – بىر ئۆتمەكتە ئىدى.
– ئاداش بىز جىممىدە سۈكۈت قىلىپ ئۆلۈپ كەتمەسلىگىمىز كېرەك – دېدى مەريەمگۈل قەدىناس دوستىنىڭ ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.
– ئاداش مەن نىمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن، مەن گەرچە تىرىك ياشاۋاتقان بولساممۇ، ئەمما روھىم ئاللىقاچان جەسۇر بىلەن تەڭ ئۆلۈپ بولدى – دېدى زەينەپ كۆز – ياشلىرىنى قول ياغلىقى بىلەن سۈرتكەچ. – مېنىڭ ھايات قېلىشتىكى بىردىن بىر سەۋەبىم پەقەت جەۋلان ئۈچۈن – دېدى ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ.
– ئۇنداق دېمە دوستۇم. بىز قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن. سەن توي – تۆكۈن ۋە نەزىر – چىراقلاردىن پايدىلىنىپ، پەقەت شەھەر بويىچە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشنىڭ يوقىلاڭ تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، قانچىلىك ياشنىڭ تۈرمىلەردە ئىكەنلىگى ۋە يەنە قانچىلىك ياشنىڭ ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىگىگە ئائىت بىرمۇ بىر ئۇچۇر توپلا. «تاما – تاما كۆل بولۇر» دېگەندەك سەن توپلىغان بۇ ئۇچۇرلار بىردىن بىردىن يىغىلىپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ بىر ماتىرىيالغا ئايلىنىدۇ. يېتەركى توپلا. توي – تۆكۈن ۋە نەزىر – چىراقلار شۇنىڭدەك ئاياللار يىغىلىشلىرى سەن ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى ئاداش، بۇ ئۇچۇرلار زالىمنىڭ زۇلمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چەكتىن ئاشقانلىغىنى بىلدۈرىدىغان…
– مەريەم، كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ ۋە يەنە بىر دەرىجە چوڭ كوفى ئىستاكانلىرى ئاز قاپتۇ، توشتۇرىۋەتكەن بولساڭ – دېدى باشلىق كوفىنىڭ ھەر بىر چوڭلۇقتىكى، كارتون ئىستاكانلىرى ئېسىپ قويۇلغان ئاسقىنى قولى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ. ئۇ يەنە، – پلاستىك ئېغىزلار، كوفى، چاي… يەشىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى لىقلا، يەنە بىر چۆگۈن چاي ۋە بىر چۆگۈن كوفى دەملە، خېرىدار كۆپىيىدىغان ۋاقىتقا ئاز قالدى. ئەخلەتلەرنى تۆكۈپ، ئەخلەت خالتىلىرىنى ئالماشتۇر. – ئۇ يەنە كىچىك خالتىلىق سۈت، شېكەر قويۇلىدىغان قاچىلارنىمۇ ئىشارەت قىلىپ – بۇلارمۇ ھەرگىز يېرىمداپ قالماسلىقى كېرەك – دېدى. باشلىق سۆزلىگەچ ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ مەريەمگۈلگە بۇيرۇق چۈشۈرمەكتە ئىدى.
– مانا ماۋۇ قول سۈرتۈش قەغەزلىرىمۇ ئاز قاپتۇ، لىقلا – دېدى ۋە قۇتىنى مەريەمگۈلنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەردى. ئۇ يەنە، – تىمخورتوندا خىيال سۈرۈشكە بولمايدۇ. پۇت، قول، كۆز ۋە چوڭ مىڭە جىددى ئىشلەپ تۇرۇشى كېرەك – دېدى. تىمخورتوننىڭ باشلىقلىرى ھەر ۋاقىت كۈلۈپ تۇرۇپ، ئىشچىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قوياتتى.
بۇ بۇيرۇقتىن مەريەمگۈل خىياللار ئالىمىدىن ئويغاندى. ئۆزىنىڭ ۋەتەندە ئەمەس كانادادا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدى. ۋە قانداقتۇر بىر جىددى ھالەتتە باشلىغىنىڭ دېگەنلىرىنى يېرىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايپاسلىغىنىچە ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى.
ئەسلىدە، مەريەمگۈلنىڭ بەدىنى كانادادىكى تىمخورتوندا ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، يۈرىگى ۋە روھى ئۇزاقلاردا قالغان ئانا ۋەتىنى بىلەن بىللە سوقۇۋاتقان چاغلار، 40 نىڭ قارىسىنى ئالغان چاغلىرى ئىدى.
بىلەمسىز. بىر ئايال ئۈچۈن 40 ياش ئىنتايىن خاسىيەتلىك ياش. ئاياللار ئەسلىدە 40 ياشتىن كېيىن ياشايدۇ. 40 ياش قىزلىق، ئاياللىق ۋە ئانىلىقتىكى بارلىق ئارتۇقچىلىق ۋە لاتاپەتلەر مۇجەسسەملەشكەن دەۋر. قېينىئانا، قېينىئاتىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، كېچىسى بۆشۈك قۇچاقلاش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە يولغا سېلىش ۋاھاكازا …… دېگەندەك ئىشلار 40 ياشقا كەلگەندە ئازراق سېلىكىپ، ئاياللار ئۆزىگە قاراشقا باشلايدىغان، ساياھەت رەھبەرلىرىنى قولىغا ئېلىپ «نەلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلسام بولار» دەيدىغان. ئەينەككە قاراپ، ئەمدى ئۆزى ئۈچۈن ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىگىنى ھېس قىلىدىغان ياش.
ئەسلىدە 40 ياش قۇتلۇق ياش. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن 40 كۈنى توشقاندا، 40 نەزىرىسى بېرىلىپ، دۇئا تىلاۋەت قىلىنىدۇ.
ھەزرىتى مۇسا ئاللاھنىڭ ئەمىرىنى تۈر تېغىدا 40 كېچە – كۈندۈز ئالغان ئىدى. ئاللاھ ھەزرىتى ئادەمنىڭ بەدىنىنى لايدىن ئاپىرىدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن 40 كۈن ساقلىغان. ئاندىن 40 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆككە چىقارغانمىش.
ھەزرىتى نوھنىڭ كېمىسىدە، 40 ئايال، 40 ئەركەك ۋە 40 ھايۋان بار ئىدى. كېمە توپان بالاسى يۈز بېرىپ 40 كۈندىن كېيىن جۇدى تېغىدا توختىغان ئىدى. ئاللاھ ھەزرىتى ھاۋۋا ئانىمىزغا 40 پەرزەنت بەرگەن ئىدى. ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولغان. يوشۇرۇن دەۋەت قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 40 قا يەتكەندىن كېيىن، ئاشكارە دەۋەتنى باشلىغان. ھەزرىتى يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا 40 كۈن قالغان ئىدى.
ھەزرىتى داۋۇت 40 كېچە ۋە كۈندۈز تاماق يىمەي ئاللاھقا يىغلىغان. ئۈزۈم سۈيى ئاغزى تاقىلىپ 40 كۈن ساقلانسا سىركىگە ئايلىنىدۇ.
ھەزرىتى ئېلياس 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولغان ئىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىيامەت بولۇشتىن ئاۋال، 40 يېشىدا يەر يۈزىگە چۈشىدىغانلىقى ۋە 40 يىل ئىسلام دىنىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى مەلۇم.
دېمەككى 40 ياشلىق تىمخورتوندا ئىشلەۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئايال مەريەمگۈل، تىمخورتوننىڭ ئاچچىق قەھۋەسىدەك، خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاچچىق كەچمىشلەر ۋە ئاچچىق چارەسىزلىكلەر ئىچىدە يېتىلىپ، تاۋلانماقتا ئىدى.
7 – قىسىم تۈگىدى.