توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا
ئارتۇچ بۇغرا
شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ تەڭ ماسلىشىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش، تىنچلىق شەكىلدە نامايىش ئېلىپ بېرىش ۋە تەشۋىق قىلىش، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، بايانات ئېلان قىلىپ دۇنياغا ئاڭلىتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى دۇنيا كۈن تەرتىۋىگە ئېلىپ كىردى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەرىكەتكە ئاتلانغان، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بەزى دۆلەتلەردە خىتتاي تەرەپدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەسىس قىلىشقا باشلىدى.
خىتتاي تەسىس قىلغان «ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسى» قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە يېشىل چىراق يېقىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستانغا تۇققان يوقلاشقا بېرىپ – كېلىشتە ئاۋارىچىلىققا ئۇچراتماي، ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بەردى. «يېگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ» دېگەندەك، بۇ يېشىل چىراقتىن ئۆتكەن ۋە ئۆتۈش تەماسىدا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بارلىق سىياسىي تەشكىلاتلاردىن يىراق تۇرۇش، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىقى قوبۇل بولغاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا تەشكىلاتلاردىن ئايرىلىش، بەدەل ھەققى تولىمەسلىك، پائالىيەتلەردىن قېچىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ باھانىسى بىردەك، «ئانام رازى بولمىدى»، « ئۆيدىكىلەرنى ئاۋارە قىلىپ كەتتى» …… دېگەندەك، پاناھلىقتىن بۇرۇن رازى بولغان ئانسى يېنىۋالغان، تۇتۇلمىغان تۇققانلىرى رۇخسەت چىققاندىن كېيىن تۇتۇلۇشقا باشلىغان…
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پائالىيەتكە قاتنىشىپ تۇرغان بەزى ئۇيغۇرلار رەسىمگە چۈشۈشتىن قاچىدىغان، ۋىدىئوغا چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان، ھەتتا چىقىپ قالغان بولسا، تەشكىلات تور بەتلىرىدىكى رەسىملەرنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان بولدى.
بىر تۈرك مۇخبىر مەندىن سوراپ قالدى:
– سىلەر قىزىق ئىكەنسىلەر، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇنداق زۇلۇم بولدى، بۇنداق زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىتىدىكەنسىلەر. ئەمما « تېلىۋىزورغا چىق ياكى ئاۋازلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىل، سېنىڭ دەردىڭنى بىز ئاڭلىتايلى» دېسەك «ياق بولمايدۇ، ۋەتەندىكى تۇققىنىمنى ئانداق قىلىۋېتىدۇ، مۇنداق قىلىۋېتىدۇ» دەيدىكەنسىلەر؟ شۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ سىلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى، يۈزۈڭلارنى ئېتىپ بولسىمۇ ئاڭلىتىشقا تىرىشماي قاچىدىكەنسىلەر. مەن بۇنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم.
زالىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھەق سۆزلەشنىڭ ئىماننىڭ قانداق ھالىتى ئىكەنلىكىنى، سىلەردەك مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ياخشى چۈشىنىدۇ. لېكىن سىلەر بۇنىڭدىن باش تارتىدىكەنسىلەر.
توغرا چۈشىنىمەن. چۈنكى خىتتايدەك بىر زالىم، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تاجاۋۇزچىنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى سىلەرنى قورقتى دەپ زۇلۇمنى توختاتقىنى يوق، داۋاملىق كۈچەيتىۋاتىدۇ.
نەچچە يۈز ئۇيغۇرغا يېشىل چىراق ياققان بىلەن، نەچچە مىليون ئۇيغۇر ئۆز ئۆيلىرىدە تۈرمىدىكىدەك ھايات كەچۈرمەكتە.
بەلكىم سىلەردىن، يېقىندا ۋەتەندىن چىققان شاھىتلار تەرەپ – تەرەپتىن ئۆزى شاھىت بولغان ئىشلارنى، ۋەقەلەرنى دۇنياغا ئاڭلاتسا، ئادىل ئابدۇلغەنىدىن نەچچە يۈز كىشى چىقسا، بىر ئادىل ئابدۇلغەنى ئاڭلاتقاندىن نەچچە ھەسسە جاراڭلىق چىقمامدۇ.
باشقا قېرىنداش مىللەتلەرمۇ بىزنىڭ دەۋايىمىزغا يېقىندىن كۆز تىكىپ تۇرماقتا. ئۆتكەن يىلدىكى « 5 – ئىيۈل ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقى» نامايىشىغا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا كەلتۈرگەن بېسىمى ئېغىر بولدى.
دەۋا سېپىدىن ئايرىلىپ قالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە بېرىشنى، ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىشتىن مۇھىم بىلىپ، دەۋا سېپىدىن يىراقلاشتى. ئۆزلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي يەنە، ئەتراپىدىكى باشقا ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشقا ئۈندەپ، ئۆزلىرى سەزمىگەن ئاساستا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تەرىپىنى ئالدى ۋە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشتى.
ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى سۆز قىلىش، خەۋەر، يازما تارقىتىشتىمۇ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن مەنپەئەتى بىرلىشىپ قالغانلار ئۈچۈن «سىياسەتنى باشقا توپتا قىلىڭلار»دەپ تەنبىھ بېرىدىغان سەھنىسىگە ئايلاندى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ بېكىتىپ تامغا ئۇرۇپ بولدى. پەقەت ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش ۋاقتىلا قالدى.
مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋاقتى كەلسە نۇر بەكرى بىلەن شوھرەت زاكىرنىمۇ ئېتىپ تاشلايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تازىلىق قەغىزى بولۇپ قالمايلى ۋە ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ قالمايلى.
شەرقىي تۈركىستان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى پىداكارلىق كۆرسەتكەندە، ئىقتىسادىنى، ۋاقتىنى، جېنىنى تەقدىم قىلالىغاندا ئاندىن مۇستەقىل بولالايدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر پىدائىيلار خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قورقماي شېھىت بولۇۋاتسا، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قورقۇپ دەۋادىن يىراق تۇرۇپ، گەپمۇ قىلالماي كەشىمىزنىڭ كەينىگە دەسسەپ، يۈزىمىزنى داپتەك قىلىپ خىتتاي كونسۇلىدىن ۋىزا ئېلىپ، نومۇس قىلماي ۋەتەنگە ھىجىيىپ بارساق بىزگە يارىشارمۇ؟… تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلاپ بارالىساق، پۇل كىرگۈزۈپ تاماق ئېلىپ بېرەلىسەك، قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقالىساق بارساق بولىدۇ.
بولمىسا ئۇلارنىڭ شېھىتلىق بەدىلىگە ئېرىشكەن چەت ئەلدىكى پاسپورت، ئىقامەتلىرىمىزنىڭ جاۋابىنى، قىسقا مۇددەتتە كېلىدىغان ئۆلۈم بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا جاۋاپ بېرىشىمىز مۇقەرەر.
توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا دەيدۇ.
زالىمغا كۈچۈكلىنىپ ياشاش بىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسا ئىدى، بىز ئاللىبۇرۇن زۇلۇمدىن قۇتۇلغان بولاتتۇق.
تاجاۋۇزچى خىتتايلارغا قارشى شەرقىي تۈركىستاندىكى پىدائىيلىق ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئەڭ چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.
بىز بەرگەن پىداكارلىقىمىز سەۋەبلىك، خىتتاي تاجاۋۇچىلىرىنىڭ پېيىنى سىقىراتتۇق. ئۇيغۇرنى كۆرسە ۋەھىمە باسىدىغان ھالەتكە كەلدى. ئۇيغۇرغا كەيدۈرمىگەن دوپپىسى قالمىدى. ئەمما، ھەمما دوپپا ئۇيغۇرغا چوڭ كەلدى، ئۆزلىرى مازلىشىپ خەلقئارادا مەسخىرىگە قالدى.
خۇلاسە شۈكى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم شەرقىي تۈركىستاندا ئاللاھنىڭ قانۈنىنى ئۈستۈن قىلىش، قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇستەقىل، ھۆر ياشاشقا ئېرىشتۇرۇش ھەممەيلەنگە پەرز.
بۇ ئۇزاق يول. ئاللاھ بۇ يولنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئىمتىھان مەيدانى قىلدى. بۇ يولدا ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان تاجاۋۇزچى خىتتاينىڭ تەرىپىنى ئالامدۇق؟ ياكى ئاللاھنىڭ يولىنى تۇتامدۇق ؟ بۇ ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تاللاشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقا يارىغان ھالەتتە ئاللاھقا يۈزلىنىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن يولىدا نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەي، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ ياشاشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلارنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىشقا نېسىپ قىلسۇن!!