ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى فلورىدا شتاتىدا ئۇچرىشىپ، شى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئامېرىكا تەرەپ سۆھبەتنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تېللىرسون، مالىيە مىنىستىرى منيۇكېن، سودا مىنىستىرى روس مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ترامپ بىلەن شىنىڭ نۇقتىلىق سودا-ئىقتىساد، شىمالىي كورېيە، جەنۇبىي دېڭىز، ئامېرىكا-خىتاي كەڭ دائىرىلىك دىئالوگ مېخانىزمى قۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تېللىرسوننىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتكە ئارىلىشىشى، خىتاينىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، تېخنىكا، تور سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ئەمگەك بازىرى، ئۇنىڭ ئېكسپورتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى جىددىي ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بازارنى بىر-بىرىگە ئېچىۋېتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنىڭ جىددىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ، كورېيە ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، ب د ت قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش، شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشقا قوشۇلغان.
تېللىرسون يەنە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇرۇن تەكىتلەپ كەلگەن جەنۇبىي دېڭىزدا خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلىش، بۇ رايوننى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ باشقا قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تېللىرسوننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ترامپ بىلەن شى يەنە ئامېرىكا-خىتاي كەڭ دائىرىلىك دىئالوگ مېخانىزمى قۇرۇپ، ئامېرىكا-خىتاي، ستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە قوشۇلغان.
ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلىرىنىڭ 6 ۋە 7 -ئاپرېل كۈنلىرىدىكى بۇ ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھەربىي ئايرودرومىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاي بىلەن شىمالى كورېيەگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال، دەپ قارىغان.
مەنبىە:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى