تۇيۇق يولغا قايتا نەزەر
تۇنيۇقۇق
خىتتاينىڭ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە كۈتىدىغان ئاساسلىق ئالتە تەلىپى بار بولۇپ، ئۇلار: بىرلا جۇڭگو پىرىنىسىپىنى قوللاش، خىتتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشىنى قوللاش، خىتتاينىڭ بىر پارتىيە سىياسىي تۈزۈلمىسى خىتتاينىڭ ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى قوللاش، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز چېگرا مەسىلىسىگە تەگىمەسلىك، يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىنى ئەمىلىي قوللاشتىن ئىبارەت. يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسى 2013 – يىلى 9 – ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا دۆلەت ئىستىراتىگىيەسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما 5 يىللىق جەرياندا خىتتايلار ئۇنى “ئىستىراتىگىيە” دېمەي ” تەشەببۇس” دەپ ئاتاشقا مەجبۇر بولماقتا. 2018 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەر ، كەسكىن رىقابەتلەر يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىنىڭ قاتمۇ – قات توسالغۇلاردا قالغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
20 – ئەسىردىكى ئۈچ چوڭ ئىستىراتىگىيە نۇقتئىنەزىرىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن خىتتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسى نەزىرىيە جەھەتتىن ناھايىتى كاتتا، تەشۋىقات جەھەتتىن ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان، شەرقىي ياۋرو – ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر يەنىلا سۈكۈتنى ئەلا بىلمەكتە. بۇ غەربى ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە دەل خىتتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىدىكى نىشان دۆلەتلەر بولۇپ، ئامېرىكىدىن قالسا ياۋروپا خىتتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ بازىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتتاي شەرقىي ياۋروپانى كىرىش ئېغىزى قىلىپ غەربى، شىمالى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق، سىياسىتىگە تەسىر قىلىشنى خالايدۇ، ياۋروپانىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكا، ئەقلى مۈلۈك بىلىملىرىنى ئوغۇرلاش ئارقىلىق، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن غەربى ياۋروپادىكى دۆلەتلەر خىتتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىدىن ئەنسىرەيدۇ، خىتتاينى سودىلاردا خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش، ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى ئىستىراتىگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىگە قاتناشقان 34 دۆلەتتىكى %89 قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى خىتتاي كارخانىلىرى بولۇپ، چەت ئەل كارخانىلىرى ئارانلا %11 ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتتاي كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن بولغاچ، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ رىقابەتلەشمىكى تەس بولۇپ، سودىدىكى تەڭسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەزكۇر ئەقىل ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوناسىن خىلمەن(Jonathan Hillman):” يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسى بولسا بىر ماركا، قاتتىق بەلگىلىمىلەرگە ئىگە پىلان تۈرى ئەمەس. ھەرقانداق بىر چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولالايدۇ. دەل شۇنداق بولغاچ، ئەگەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇددىتى ئۇزىراپ كىتىش، چىقىمى ئېشىپ كېتىش، مۇھىتنى بۇلغاش، يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتمەستىن، خىتتاي ئىشلەمچىلىرىنىلا ئىشلىتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم مەسىلىلەر يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرىدۇ” دېگەن.
بۇ يىل بېشىدا فىرانسىيە خىتتاينى زىيارەت قىلغاندا گەرچە يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىنى ئاغزاكى قوللاپ قويغان بولسىمۇ، يەنە يىپەك يولى خىتتاينىڭ جاھانگىرلىك يولى بولۇپ، ئۆتەڭ دۆلەتلەرنىڭ قوشۇمچە بويۇمغا ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما خىتتاي خەۋەرلىرىدە ماكروننىڭ يىپەك يولىنى ماختىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسكەرتمىسىنى تىلغا ئالمىدى. خىتتايغا زىيارەتكە كەلگەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تىرىسا مىي خانىممۇ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىگە قول قويمىدى.
ئۇندىن باشقا، خىتتاينىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ چىرىكلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى چۆچۈتىۋەتكەن. ئىقتىسادىي كىرىزس تۈپەيلى ئېغىر قەرزگە بوغۇلغان گىرىتسىيە خىتتاينىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، 2016 – يىلى 8 – ئايدا گىرىتسىيەنىڭ پىرايۇس Piraeus پورتىنىڭ كۆپ قىسىم پايچىكىنى خىتتايغا سېتىپ بەرگەن. ئوتتۇرا دېڭىزغا قارايدىغان پىرايۇس پورتى خىتتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىدە ياۋرو – ئاسىيا، ئافرىقا لىنىيەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، خىتتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشتىكى بىر چوڭ دەرۋازا ھېسابلىنىدۇ. 2017 – يىلى 6 – ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت دا خىتتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەيىبلىمەكچى بولغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت گىرىتسىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن توسۇپ قېلىندى. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. “يىگەن ئېغىز ئۇيۇلار” دەپ، گىرىتسىيەدىن باشقا ۋىنگىرىيە، كىرودىيە قاتارلىق ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرمۇ خىتتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبى دېڭىز مەسىلىلىرىدە خىتتاينىڭ چىشىغا تەگمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان. 4 يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىگە قاتناشقان شەرقى ياۋروپادىكى ۋىنگىرىيە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى بىۋاستە خىتتاي كارخانىسىغا ھۆددىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتتاي كارخانىسىنىڭ ناتوغرا رىقابەت قىلغانلىقى گۇمان قوزغىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىنگىرىيەنىڭ بۇ كېلىشىمىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىمۇ مەسىلە بولۇپ قالغان. 5ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتتاي كارخانىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ناتوغرا ئىقتىسادىي يوللار ئارقىلىق ياۋروپاغا سېڭىپ كىرىپ، خىتتاي مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش، سىياسىي تۈزۈلمىسى، قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىشتىن ئەنسىرىمەكتە. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتتاي كارخانىلىرىنى قانۇن ئارقىلىق چەكلەش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ڧىرانسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوللىدى. ياۋروپادىكى يېتەكچى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ خىتتايدىن ئەندىشە قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەۋقەسىنى ئىپادىلەپ بەردى.
ئۆتكەن يىلى 11 – ئايدا ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر دىن تەشكىللەنگەن ھىندى – تىنچ ئوكيان ئىستىراتىگىيەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىستىراتىگىيە ئىلگىرىكى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتتاينىڭ زورىيىپ كېتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. 19 – ڧىۋرال بۇ تۆت دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى “ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرەققىيات ھەمكارلىق پىلانى” توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار ئەتەي “بۇ خىتتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسى بىلەن رىقابەتلەشكەنلىك ئەمەس” دەپ قويدى. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى دۇنيا بويىچە بىرىنچى، ياپونىيەنىڭ ئۈچىنچى، ھىندىستان يەتتتىنچى، ئاۋىستىرالىيە13، بۇلارنىڭ يىغىندىسى ئەلۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى كۈچى ئىككىنچى بولغان خىتتايدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ تۆت دۆلەت بىرلىشىپ ھىندى – تىنچ ئوكياندا خىتتايغا تاقابىل تۇرسا، خىتتاينىڭ كۈچى يەتمەسلىكى ئېنىق. 10- مارت، ڧىرانسىيە پىرىزدىنتى ماكرون ھىندىستانغا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتكە باردى، ھىندىستانغا قۇرال سېتىپ بەردى، ھىندى ئوكياندىكى ڧىرانسىيە ھەربىي بازىسىنى ھىندىستاننىڭ ئىشلىتىشىگە قوشۇلدى. ڧىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ زىيارەتنى “خىتتايغا قارشى ھىندىستاننى يۆلەپ تەڭپۇڭلۇق يارىتىش” دېدى. ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى بولسا:” ماكروننىڭ بۇ قېتىملىق ھىندىستان سەپىرى “ياۋروپا بىلەن ھىندىستاننىڭ خىتتاي بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستىراتىگىيەسىگە قارىتا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشتا بىر پۇرسەت بولۇپ قالغۇسى” دېدى.
شەرقتە تىنچ ئوكيان ئامېرىكىنىڭ ئالقىنىدا، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان تۆت دۆلەتنىڭ قوينىدا بولۇپ، خىتتايلارنىڭ دېڭىزدا تەسىر كۈچىنى زورايمىقى بەسى مۈشكۈل. قۇرۇقلۇقتا خىتتايغا قالغىنى بولسا شەرقى دېڭىزدىن شەرقى ياۋروپاغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رايونلار. بۇنىڭ ئىچىدىن خىتتاينى چىقىرىۋەتسەك، قالغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ياۋروپا بولىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى دۆلەتلەر ئاساسەن نىسبەتەن تەرەققىي قىلمىغان، ئىقتىسادى تۆۋەن، مۇقىمسىز، بېكىنمە دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. خىتتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان بۇ رايونلاردا تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ رايونلاردىمۇ خىتتاي يەنە روسىيە بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
خىتتاي قۇرۇقلۇق يولىدىن مېڭىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تۆمۈر يول، تاشيول، ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا تەسىر كۈچىنى زورايتمىسا بولمايدۇ. خىتتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچەيسە، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان روسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىپ قالىدۇ. نەچچە يىلدىن بۇيان روسىيە كۈزەتكۈچىلىرى بۇ توغرۇلۇق نەچچە قېتىم سۆزلىگەن، ئاگاھلاندۇرغان بولدى. خىتتاينىڭ تاجىكىستان، ئاڧغانىستاندىكى يېڭى قۇرۇلغان ھەربىي بازىلىرى روسىيەنى جىددىيلەشتۈرۈپ، خىتتاينىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقاردى. خىتتاي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتسە، كونا رەقىبى ھىندىستاننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. يېقىندىن بۇيان خىتتاي مالدىۋدا ھىندىستان بىلەن تەسىر كۈچى تالىشىۋاتىدۇ، ھىندىستان 16 دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ دېڭىز مانىۋىرى ئۆتكۈزۈپ ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ. ۋېتنام خىتتايدىن ئەنسىرەپ، كونا رەقىبى ئامېرىكىنى ياردەمگە چاقىرىۋاتىدۇ.
قارشى چىققان چوڭ دۆلەتلەردىن باشقا، يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىگە قوشۇلغان دۆلەتلەرمۇ ئوخشىمىغان قىيىنچىلقلارغا ئۇچرىغان. مەسىلەن 2017 – يىلى دېكابىر سىرلانكا خىتتايدىن ئالغان ئېغىر قەرزنى تۆلىيەلمەي، خامبانتوتا پورتىنىڭ (Hambantota) 70% پاي ھوقۇقىنى خىتتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە خىتتاينىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىنى رەت قىلغان. دۆلەت تېرىتورىيەسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويىدىغان بۇ خىل ئېغىر ئاقىۋەت ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى قاتتىق چۆچۈتكەن. نىپال، بىرما، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتتايغا ئېغىر دەرىجىدە يۆلەنگەن، زور سوممىلىق مەبلىغىنىڭ كەلگۈسىدىكى خەتىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، خىتتاي مەبلەغ سالغان سۇ – ئىنشائات قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 3 دېمەك، خىتتاينى چوڭ دۆلەتلەر قوللىمايدۇ، قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ تايىنى يوق ئەھۋال شەكىللەنگەن.
يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر نۇقتىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئۈچ نۇقتئىنەزەرنى بىرلەشتۈرگەنلىكى بولسا، ھالقىلىق مەسىلىلىرىدىن بىرىمۇ دەل شۇ بولماقتا. چۈنكى يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ماھىيىتى بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولىنى كونتىرول قىلىش بولۇپ، يېقىنقى زامان تارىخىدا ھېچقايسى بىر دۆلەت بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككىسىگە ئىگە بولالىغان ئەمەس. يەنە كېلىپ دېڭىز – قۇرۇقلۇق لىنىيەسىنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن، ئارىلىقتا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان بولغاچ كېلىشتۈرمەك تەس. شۇڭا ئىككى تۈمەن خىتتاي كارخانىسى چەت ئەلگە مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، %90 ئارتۇقى زىيان تارتقان.
ئەنە شۇنداق جۇغراپىيەلىك ئىستىراتىگىيە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، خىتتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسى گەرچە ئورتاق تەرەققىيات ۋە ئىچكى سىياسەتكە ئارىلاشماسلىقنى شۇئار قىلغان بولسىمۇ، خىتتاي ئېشىنچە تاۋار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى بازارغا سالىدىغان خىتتاي مەنپەئەتىنى ئاساس، تەڭسىز رىقابەت ۋە ئۇچۇر – تېخنىكا ئوغۇرلاشنى ۋاستە، ئىقتىساد ئارقىلىق سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان بۆرە بولغاچ، چوڭ دۆلەتلەر چىلبۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىۋاتىدۇ.
16-3-2018
پايدىلانغان مەنبەلەر:
https://www.independent.co.ug/france-signs-deals-china-warns-pillaging
https://www.ftchinese.com/story/001076174
http://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-42903364
https://cn.nytimes.com/china/20170620/china-human-rights-greece-united-nations/dual
http://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-42903364
https://www.ftchinese.com/story/001076137
http://www.xinhuanet.com/finance/2015-02/09/c_127473411.htm
بىر يولغا ئۈچ نۇقتئىنەزەر- تۇنيۇقۇق
جەنۇب ئىستىراتىگىيەسىدە مەۋجۇتلۇقىمىز – تۇنيۇقۇق
ئۇيغۇر نىداسى رادىئوسى سىياسەت سەھنىسى 9 -سان.