ئۇ ۋەتەن كىمنىڭ
ئىقبال
«مەن ئوغلۇمغا ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلۈشنى ئۆگەتتىم، سەن ئوغلۇمغا ۋەتەن ئۈچۈن ياشاشنى ئۆگەت دادا! »
بۇلارنى ئاڭلاۋېتىپ يۈرۈگۈم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالدى، كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى، بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى. ئۇياتتىن يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى، كۆزۈمدىن ياش ئاقتى، ياش ئەمەس ـ قان! ياش ئەمەس ـ ۋىجدان ھۈجەيرىلىرىم زەرداپ بولۇپ ئاقتى!…
بېشىمنى قاماللىغىنىمچە ئاسمانغا نەزەر سالدىم. رەتسىز بۇلۇتلار قېچىشقا باشلىدى. قۇياشمۇ مەندىن يۈز ئۆرۈدى. قۇياش ماڭا بەرگەن ھارارىتىدىن قىزغىنىپ، ئاستا – ئاستا تاغ كەينىگە ئۆتۈۋالدى.
قۇياشنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بىر ئىگىزلىكتىن تاغقا قارىدىم. تاغلار ماڭا ۋارقىرىدى:
– تەڭرىتاغنى تاشلاپ، ئالتاي تېغىنى تاشلاپ، قارا قۇرۇم تاغلىرىنى تاشلاپ ماڭا قايسى يۈزۈڭ بىلەن قاراۋاتىسەن؟!… – تاغلار غەزەپتىن تىترەيتتى، غەزەپتىن ۋۇجۇدى ئوت بولۇپ كەتكەنىدى. خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدىم. مەن دەسسەپ تۇرغان زېمىنمۇ ماڭا ئاچچىق غەزەپ بىلەن نىدا قىلدى:
– تەكلىماكاننى تاشلاپ قويۇپ مەندىن ئۈمىت كۈتۈۋاتامسەن؟ – تۇپراق شۇنداق دەپ قاندەك قىزىرىپ كەتتى. تاغلارغا دېدىمكى:
– ياق تەڭرىتاغنى تاشلىۋەتمىدىم! قارا قۇرۇمنى تاشلىۋەتمىدىم… – گېپىم تۈگىمەيلا، تاغلار قاپ – قارا لىباسىنى كىيىپ، ماڭا كەينىنى قىلىپ تۇرۇۋالدى. تۇپراققا يۈكۈنۈپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم:
– مەن تەكلىماكاننى …- شۇنداق دېيىشىمگە تۇپراق مېنى ئىتتىرىۋەتتى.
– سەن گۇناھكار بەندىسەن! سېنىڭ كىر جىسمىڭنى قۇچۇقۇمغا ئالالمايمەن!
– ئاھ، ئاللاھ !!…
«ئاللاھۇ ئەكبەر… ئاللاھۇ ئەكبەر… ئەشھەدۇئەن لائىلاھە ئىللەللاھ…» ئەزان ئاۋازى، بارلىق ئازاپ تۇيغۇلىرىمنى سەگىتىپ، مېنى خىيال دۇنياسىدىن رېئاللىققا قايتۇرۇپ كەلدى. ئۆز – ئۆزۈمگە دېدىم:
– تەكلىماكان كىمنىڭ؟ تەڭرىتاغ كىمنىڭ؟… ئەزاننىڭ ئورنىغا شىرىك ئالماشقان، مەسچىتنىڭ ئورنىغا قاۋاق ئەۋج ئالغان، ئىسلامنىڭ ئورنىغا كۇفران دەۋىر سۈرۈۋاتقان ئۇ ۋەتەن كىمنىڭ؟! ….- ئازاپ ئىچىدە ئۆزۈمنى سوراقلىدىم – ئەجدادىڭ ساڭا نېمىنى قالدۇرۇپ كەتتى؟ سەن ئەۋلادىڭغا نېمىنى قالدۇرۇپ كەتمەكچى؟…كۆيۈۋاتقان ۋەتەن كىمنىڭ؟ پۇچۇلىنىۋاتقان تۇپراق كىمنىڭ؟!… ئېزىلىۋاتقان روھ، ئىڭراۋاتقان ناتىۋانلار كىمنىڭ؟ … تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلىۋاتقان مەزلۇملار!…. « قېنى سەن،ئەي مۇسۇلمان؟…» دەپ نالە قىلىۋاتقان، ئىپپىتى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىۋاتقان نۇزۇگۇملار، قىيامەت كۈنى ياقاڭغا ئېسىلماسمۇ؟!… «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان؟…» دەپ، قان – ياش ئىچىدە تولغۇنۇۋاتقان ساناقسىز مەھبۇسلار، كىشەن ئىچىدىكى مەجرۇھ تەنلەر، زەينەپ غەززالى ۋە ئەسمانىڭ مىسالى نۇزۇگۇم، مۇنىرە ۋە رىزۋانگۈللەرنىڭ قىيا – چىيالىرى سەندىن ھېساپ سورىماسمۇ؟ بوينۇڭغا قەرز ئارقانلىرىنى سالماسمۇ؟!… جاۋاپ بەر ئەي ۋىجدان، سەن ئەۋلادىڭغا نېمىنى ئۈگەتمەكچى؟ سەن ۋەتىنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلماقچى؟!… مۇستەقىللىق ئۈچۈن قان تۆكۈشتىن قورققان مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەڭگۈ قۇللۇق تامغىسى ئاستىدا ياشايدۇ. مەن ئاللاھ ئۈچۈن، ۋەتىنىم دەپ ئۆلمەكچى! مەن ئەۋلادلىرىمغا بىر تارىخ، بىر ئىسلامى ۋەتەن مىراس قالدۇرۇپ كەتمەكچى!!…