ئۈچ ئادەم
ئىقبال
ئىنشائاللاھ بىرى جەننەتتە،
بىرى ياتار ئالتۇن قەپەستە.
ئىستانبۇلنىڭ ھاۋاسى يەتمەي،
بىرى كېتىپ قالدى ھەسرەتتە.
بىرى ئۇستاز ھەقنى ئۈگەتكەن،
بىرى ئەرباب قېرىغان دەرىتتە.
بىرى يەتمەي دۈشمەننىڭ ئوقى،
قېرىنداشنىڭ ئوقىدا لەختە.
بىرى ماياك ئىدى يورىغان،
بىرى گۈدۈك بولغانتى ھەقكە.
بىرى بېسىپ كەلسە ئىزىغا ،
چىقىرىلدى مەجبۇرى چەتكە.
بىرى ئىدى ئەخلاقتا ئۈلگە،
بىرى ئىدى ئۆمەردەك گەپتە.
بىرى قالغان ئىدى مىراسقا،
پاتۇرمىدى تۇققانلار خەقلە.
بىرى ئىدى ئاتا مىسالى،
قەدەم ئالدى ئاللاھ تەرەپكە.
بىرى ئىدى يېقىن دوستۇڭدەك،
ئۈچىنچىسى ياراشقان سەپكە.
بىرى ئىدى يېتىمگە پاناھ،
بىرى ئىدى چۆلدىكى گىياھ.
ئۈندى دىسەك ئۈچۈنچىسىنى،
ئۇچۇپ كەتتى قۇيۇندەك تەپتە.
بىرى كەلمەس، ئەمما ئۆلمىدى،
بىرى كېلەر، ئەسلەيمىز تاڭدا.
بىرى ھەمراھ دىسەك ئايرىلدى،
كىلەلەرمۇ ئەمدى كانادا …؟!