گەرچە ئەمەل كىرىشكە ئاز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، قارنىڭ شەپىسىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. بۈگۈن يالغۇز تەبىئەتنىڭ قاپىقى تۈرۈك بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن مەھەللە خەلقىنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن غولجا خەلقىنىڭ ھەتتا پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشى دەرتتە ئىدى. بولۇپمۇ مېنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ قاباھەتلىك كۈن بولۇپ ھېساپلىناتتى.
چۈنكى بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كىشى بىر ۋاقىتتىلا بۇ ئادالەتسىز دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشقانتى. ئەنە مەھەللىمىزنىڭ مەسچىت قوراسىدا قاتار ئۈچ تاۋۇت تۇرىدۇ. ئىچىدە ئۈچ گۇناھسىز ئىنساننىڭ مۇزلىغان تېنى مەڭگۈلۈك سۈكۈت ئىچىدە ياتىدۇ.
مەن بۇ قورقۇنچلۇق خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا مىڭەمنىڭ ئىچىدىن، يۈرۈگۈمدىن ۋە روھىمدىن ئىشقىلىپ ھەممە يېرىمدىن بىر ئاۋازنىڭ گۆرۈلتىسى كەلگەندەك بولدى. ئەقلىمدىن بوران چىققاندەك مېڭەمنى قوچۇيتتى، يۈرۈگۈم قىياغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان ياپراقتەك چارىسىزلىقتىن، ئەلەمدىن تىترەپ تۆۋەنگە قاراپ ئاغاتتى. ئەڭ مۇھىمى ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاڭلىغان بۇ يامان خەۋەر ماڭا ناتۇنۇش ئەمەستەك، ھەر ۋاقىت يۈز بېرىۋاتقان ئىشتەك، ھەتتا بۇندىن كېيىن بۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك خەۋەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدەك تۇيۇلىشى ئىدى. نېمە دىگىنىم بىلەن بۈگۈنكىسى يەنىلا غەم – قايغۇ، بىئاراملىق، كۆڭۈلسىزلىك، قورقۇنچلۇق كۈنلەرنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى. بىر جۈپ كۆزۈمدىن ئېقىۋاتقان ياش مەزلۇم يۈرۈگۈمدىن ئاققان قان تامچىلىرى ئىدى.
مانا مۇشۇ ئېچىنىشلىق ئۆلۈم سەۋەبىدىن مەھەللىمىزدىكى خوشنا – خولۇمنىڭ ھەممىسى، مەسچىتنىڭ ئالدىغا توپلاشقان ئىدى. ئەرلەرنىڭ چىرايىدا شۇنچىلىك دەرىجىدىكى ئاچچىق غەزەپ – نەپرەت، ئىنتىقام ئوتىنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى. بالىلار، ئاياللارنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئەلەملىك ئېچىنىش، قورقۇش، ئەنسىرەش ۋەھىمىسى ئىچىدە مىشىلداپ يىغلايتتى. يەنە بەزىلەر مەسچىتنىڭ تام ياقىلىرىدا ئۆرە تۇرغان ئۆلۈكتەك ھېچ نىمىنى ئاڭقىرالماي، يىراقتىن جامائەتنى كۆزۈتۈپ تۇرغان ساقچى ماشىنىسىغا ئەندىشىگە چۆككەن ھالدا قاراپ تۇرۇشاتتى. دېمەككى ئۇلار ”بۇندىن كېيىن ھەممىمىز ئۆلۈمگە مەھكۇم بوپتۇق-تە“ دەپ، ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا چۆككەنلەردىن ئىدى.
توساتتىن مەسچىتنىڭ ئىمامى جامائەتنىڭ ھەممىسىنىڭ قوراغا كىرىشىنى، مېيىتلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىردىنلا يۈرۈگۈم كەچ كۈزدە شاختىن يەرگە دوككىدە چۈشكەن ئالمىدەك، بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپلا كېتىدىغاندەك بولۇپ كەتتى. مەن ھەرقانداق ئېھتىماللىقنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما، بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ سادىر بولىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىدىم.
بىردەمدىلا مەسچىت قوراسىنىڭ ئىچى جامائەت بىلەن لىق تولدى. جامائەتنىڭ ئالدىدا قاتار ئۈچ تاۋۇت تۇراتتى. بۇ تاۋۇتلارنىڭ ئىچىدىكى بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇبارەك جەسىتى ئىدى. ئوڭ تەرەپتىكى بىرىنچى تاۋۇتتا مەھەللىمىزنىڭ مۆھتىرەم مەزىنى موللاخۇن ئاكىنىڭ جەسىتى بار ئىدى. ئىككىنچى تاۋۇتتىكىسى موللاخۇن ئاكىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپادا بىرگە بولغان ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ھاۋاخان ئانا ئىدى. ئۈچىنچى تاۋۇتتىكىسى بولسا ئۇلارنىڭ سۈيۈملۈك ئوغلى، ئىككى دۇنيالىق پەرزەنتى زۇلپىقار ئىدى.
موللاخۇن ئاكا يېشى 70 تىن ئاشقان ئاپئاق ساقاللىرىنى رەتلىك تاراپ، ناھايىتى پاكىز كىيىنىپ يۈرۈدىغان، ئوتتۇرا بويلۇق، خىزىر سۈپەت ئادەم ئىدى. ئەسلىدە مۇشۇ مەھەللىمىزدىكى مەسچىتنىڭ مەزىنى ئىدى. موللاخۇنكام بىلەن ھاۋاخان ئانا ئىككىسى ھېچ بالا يۈزى كۆرمىگەن بولۇپ، ياشلىرى 50 تىن ئاشقاندا بىر ئوغۇلنى بېقىۋالغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مەھەللىمىزدىكى ھازىرقى ياشلارنىڭ ئالدى زۇلپىقار ئىدى. مانا بۇ ئەمدىلا 20 گە كىرگەن باھادىر يىگىت، قارا كۆزلىرىنى، تاتارغان لەۋلىرىنى مەڭگۈلۈك يۇمۇپ ئالدىمىزدىكى تاۋۇتنىڭ ئىچىدە ياتاتتى. بۇ يىگىت تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ياشانغان بوۋاي – موماينى بېقىش ئۈچۈن مۇزدوزلۇق ھۆنىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگەنگەندىن كىيىن ئۆز ئالدىغا دۇككان ئېچىپ، تۇرمۇشنىڭ كاتاڭلىق يوللىرىدا ھاياتلىق ھارۋىسىنى تارتىشقا باشلىغان كاسىپلاردىن ئىدى.
بۇ يىل 5 – فېۋرال غولجا قىرغىنچىلىغىدا زۇلپىقارنىڭمۇ قولغا ئېلىنغان خەۋىرى مەھەللىمىزگە يېتىپ كەلگەنتى. بۇ ۋەقە پۈتۈن مەھەللە ئاھالىسىنى شۇنداق ساراسىمغا سېلىۋەتكەنتى. مەھەللىمىزدە زۇلپىقاردىن باشقا يەنە ئونغا يېقىن بالا قولغا ئېلىنغان ئىدى. بۇ قورقۇنچلۇق خەۋەردىن كېيىن ياشىنىپ قالغان موللاخۇن ئاكىمۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە يەنى ئالدىنقى كۈنى زۇلپىقارغا “ئۆلۈم جازاسى” بېرىلگەنلىك ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قاباھەتلىك خەۋەر يەنە مەھەللىمىزگە يېتىپ كەلدى.
مانا بۈگۈن سەھەردىلا ھاۋاخان ئانا ئوغلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بازارغا بارغان. چۈنكى بۈگۈن زۇلپىقار قاتارلىق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان يىگىتلەرنى، شەھەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ئايلاندۇرۇپ، خەلققە “ئىبرەت” ئالغۇزغاندىن كېيىن، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلماقچى بولغان. ئەمما خەلق ھېچ ئىككىلەنمەي ئۆز قەھرىمانلىرىغا مەدھىيەلەر ئوقۇغان. ئۇلارغا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، يىغلاپ تۇرۇپ، دۇئالار قىلغان. يولنىڭ چېتىدىكى مىڭلىغان ئادەملەر دېڭىزى ئىچىدە، ھاۋاخان ئانىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، ماغدۇرسىز بەدىنى ، نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئۆز ئوغلىنى بېسىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىنى ئاللاھدىن يۈز مىڭ قېتىم تىلەپ، يولىغا تەلمۇرۇپ قاراپ تۇرغان ئىدى. ئەپسۇس جاللاتنىڭ پىلىمۇتىدىن تاتاتلاپ ئېتىلغان ئوقتىن ئۆلگەن بىگۇناھ يول ياقىسىدىكى يۈزلىگەن ئىنسانلار قاتارىدا، ھاۋاخان ئانىنىڭ ماغدۇرسىز بەدىنىمۇ ساق قالمىغان ئىدى. بۇ پاجىئەللىك تراگىدىيەدىن خەۋەردار بولغان موللاخۇن ئاكىمۇ شۇ زامات جان ئۈزگەن ئىدى.
دەل مانا مۇشۇ ئەڭ تراگىدىيەلىك مىنۇتلاردا، زۇلپىقار جازا مەيدانىغا كېتىپ باراتتى. ئۇ ئۆز خىيالىدا ئۆزىنى مىڭ مۇشەقەتتە بېقىپ قاتارغا قوشقان مېھرىبان ئاتا – ئانىسىغا ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىۋاتاتتى. ئۇ باشلىرى ئىگىك ھالدا، ھارغىن بەدەنلىرىنى ئازراق مىدىرلىتىپ، ئازاپقا تولغان دىلىدا، ۋىجدان قەلىمى بىلەن مۇنداق مەكتۇپ يېزىۋاتاتتى:”ئەي سۈيۈملۈك دادا! كىچىك ۋاقتىمدا تىزىڭدا ئولتۇرۇپ، ساقاللىرىڭنى ئويناپ تۇرۇپ، مېنىڭ ئىسمىمنى نېمىشقا زۇلپىقار قويدۇڭ دېگىنىمدە، سەن ماڭا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىدىڭ.” ئوغلۇم ئوبدان قۇلاق سال! زۇلپىقار دېگەن بۇ مۇبارەك نام سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە بەرگەن ئىككى ئۇچلۇق قىلىچىنىڭ شانلىق ئىسمىدۇر. ھەزرىتى ئەلى بولسا يىگىتلەرنىڭ پىرىدۇر. زۇلپىقار ناملىق قىلىچنىڭ بىر ئۇچچى ئىلىمگە، بىر ئۇچچى ئادالەتكە سىمۋول قىلىنغان. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىچى ئىلىم ۋە ئادالەتنى ئۆزىگە مۇقەددەس ۋەزىپە قىلغان. ئۆز زامانىسىدا مۇسۇلمانلار فەتىھ قىلغان يەرلەرگە ئىلىم بىلەن ئادالەتنى يايغان. شۇڭا مەن ئۆز ئوغلۇمنى بىلىملىك ۋە ئادالەتلىك بولسۇن ھەمدە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن دەپ، ئىسمىڭنى زۇلپىقار قويدۇم” دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىڭ. گەرچە مەن تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىلىملىك بولالمىساممۇ قىسقىغىنە بۇ ھاياتىمدا بىر ئىنساندەك ياشىدىم. ھەمدە ئاشۇ مۇقەددەس ئادالەت ئۈچۈن، ئەركىنلىك ئۈچۈن دوستلىرىم بىلەن بىرگە نامايىش قىلدىم. مانا شۇ تاپتا، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئاشۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن، ئۆز پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ جىنايەت دەپ قارالغان بۇ ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ تۇرماقتىمەن. مېنىڭ ئارزۇيۇم مۇنداق ئۆلۈش ئەمەس ئىدى. پەقەت ئاددى، ئەركىن بىر پۇقرا بولۇپ، سىلەرگە خاتىرجەم بىر تۇرمۇش ئاتا قىلىشنىلا ئويلايتتىم. ئەكسى ھالدا ھازىر قوللىرىم ئارقىدىن چەمبەر – چەس باغلانغان، باشلىرىم ئىگىلگەن ھەتتا تىللىرىم قىللار بىلەن چىگىلگەن ھالدا خەلق – ئالەم ئالدىدا سازايە قىلىنىۋاتىمەن. جېنىم ئانا! دادا! سىلەرنىڭ بۇنداق ئۈزۈلىشىڭلارغا جاۋابكارلىق مەندە ئەمەس. مۇشۇ ئادالەتسىز جەمئىيەتتە، ھاكىمىيەتتە، سىياسى تەڭپۇڭسىزلىقتا، تاجاۋۇزچىلىقتا. تەخمىنەن بى رسائەتتىن كېيىن ئىسمىم زۇلپىقارغا مۇناسىپ ھالدا، ئادالەت ئۈچۈن، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆلىمەن. بۇ مېنىڭ سىلەرگە دەۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىم. ئەمما بۇ سۆزلەرنى تىلىم بىلەن ئەمەس، دىلىمدىن دەۋاتىمەن. چۈنكى تىلىم زالىملارنىڭ قىلى بىلەن باغلانغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ تىلىمنى ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆزۈمگىلا خاس قىلغان كىچىككىنە ئېغىز بوشلۇغىدىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا ئىمكانسىزمەن. ئەمما، ھەسرەتلىرىم بىغۇبار قەلبىمدە، مىللەتكە جۈملىدىن سىلەرگە بولغان سۆيگۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانى مۇقەددەس روھىمدا!
ئەي! دادىلارنىڭ دادىسى، ئانىلارنىڭ ئانىسى بولغان ئاتا – ئانام مىڭ قېتىم، ئون مىڭ قېتىملاپ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىق يۈرىگىڭلارغا سېغىنىپ بىر ئۆمۈر مەڭگۈلۈك قەرزدار ئوغلۇڭلار بولۇپ قالىمەن.
سىلەرنىڭ ئۈمىد كۆزلىرىڭلارنى ياشلاپ، ئاشۇ نۇرسىز كۆزلىرىڭلاردىن مەندىن كۈتكەن ئارزۇلىرىڭلارنى يۇلۇپ ئالغانلىقىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭلار. مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈمدىن ئۇلۇغ نەرسىگە بېغىشلىغانلىقىم ئۈچۈن ھېچ پۇشايمان قىلمايمەن. ئەلۋىدا دادا! ئەلۋىدا ئانا! ئەلۋىدا ۋەتىنىم!، ئەلۋىدا مەھەللەم! ئەلۋىدا دوستلۇرۇم!”
زۇلپىقارنىڭ ئاشۇ بىغۇبار كۆڭلىدىكى خىياللىرىدىن كېيىن، جازا مەيدانىدا ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىپ، جەسىتىنى مەھەللىدىكىلەركە ئىبرەت بولسۇن دېگەندەك قىلىپ مەسچىتكە ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ساقچى تەرەپ چوڭ بىر ۋەقەنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەرھال مېيىتنى دەپنە قىلىشقا بۇيرۇق بېرىپ يېراقتىن نازارەت قىلىپ تۇرۇشاتتى. مانا جامائەتنىڭ ئالدىدىكى تاۋۇتلاردا ئاشۇ ئۈچ بىگۇناھ بىر ئائىلە مەزلۇملارنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرى بار ئىدى. ئىمامنىڭ رەڭگى – روھى ناھايىتى سۇلغۇن بولۇپ، ئىچىگە يۇشۇرۇن بىر ۋەھىمە چۈشۈپ بىئارامچىلىق ئىچىدە باشتا موللاخۇنكام بىلەن ھاۋاخان ئانىنىڭ مېيىت نامىزىنى قىلدۇردى ۋە جامائەتتىن ھالاللىق ئالدى. ئاخىرىدا زۇلپىقارنىڭ تاۋۇتى تەرەپكىرەك سۈرۈلۈپ نامىزىنى چۈشۈردى ۋە ئەلەمگە تولغان ئاۋازىنى تىترىتىپ تۇرۇپ جامائەتتىن ”ھەققىڭلارغا رازى بولدۇڭلارمۇ؟“ دەپ ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم سورىدى. بارلىق جامائەتنىڭ ”رازى بولدۇق! رازى!“ دېگەن ئاۋازلىرى مەسچىت تاملىرى ئۈستىدە سوغۇقتىن تۈگۈلۈپ تۇرغان مۈشۈكلەرنىمۇ ئۈركۈتۈپ قاچۇرىۋەتتى. ھەتتا ئۇزۇن قىشنىڭ قەھرىتان سوغاقلىرىدا، دەھشەتلىك قار – شىۋىرغانلىرىدا شاخلىرى ئىگىلىپ چارچىغان، ئۇيقۇغا پاتقان ئاق تېرەكلەرنىمۇ چۆچۈپ ئويغۇتۇپ ئۈستىدىكى قار – مۇزلارنى توزۇتۇپ، شاخلىرىدىكى قاغىلارنى ئۇچۇرۇۋەتتى. يىراقلاردا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاۋرال تاغلىرىدا ئۆزلىگىدىن سۇس ئۇچقۇنلار يېنىپ ئۆچكەندەك بولدى.
ئىمام ئۈچىنچى قېتىم ”ھەققىڭلارغا رازىمۇ؟“ دەپ سورىشىغىلا، قانداقتۇر ئارقا سەپتىن ”ياق رازى ئەمەس“ دېگەن ئاۋاز چىقتى. بۇ ئاۋاز كۆپچىلىكنىڭ قۇلىقىدىن كىرىپ ئۇدۇل مىڭىسىگە بېرىپ پارتلىدى. بۇ دەھشەتلىك پارتلاشنىڭ ساداسى ئۇلارنىڭ غەزەپ بىلەن ئارقىغا قارىغان كۆز چاناقلىرىدا ئۆز ئەكسىنى تاپقان ئىدى. مەسچىتنىڭ ھويلىسى توساتتىن چىققان بىر بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك ئاستىن – ئۈستىن بولۇپ كەتتى. بۇ ئاۋازدىن گاڭگىراپ قالغان ئىمام بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. چۈنكى بۇ تەكەببۇرلۇق ۋە مۇغەمبەرلىككە تولغان ئاۋاز ئىمامغا يات ئەمەس ئىدى. ئۇ مەھەللىمىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىغى، ئاساسى قاتلامنىڭ مەھەللىدىكى پايلاقچىسى ھېكىماخۇننىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجىككىنى ۋۇجۇدىغا ئوبدانلا ماسلىشىپ قالغان ئاۋازى ئىدى.
ئىمام قۇرۇپ قالغان يوپۇرماقتەك تىترەۋاتقان يۈرۈگىنى تىڭشاپ تۇرۇپ، ئۆزىنى بىر ئاز بېسىۋىلىشقا تىرىشتى-دە، ئاندىن:“ھېكىماخۇن جامائەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۆز مۇددۇئالىرىنى بايان قىلسىلا. مېيىتلارنى يەرلىكىگە قويۇشتىن ئاۋۋال ھەممە ئىشنىڭ جامائەت ئالدىدا ئېنىق بولۇپ كېتىشى ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى“ دەپ، بىر چەتتىن غودۇڭشىۋاتقان جامائەتنى بېسىشقا تىرىشتى. دەل مۇشۇ چاغدا ھېكىماخۇن جامائەتنىڭ ئالدىغا چىقىپ قويۇن يانچۇقىدىن بىر ۋاراق ھۈججەتنى چىقىرىپ، مۇغەمبەرلىك بىلەن جامائەتنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ ئىمامغا تەڭلىدى ۋە ”بۇ زۇلپىقارغا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئېتىلغان ئۈچ پاي ئوقنىڭ ھەققى ئۈچۈن كېسىلگەن ھۈججەت. جەمئى 60 يۈئەن. بۇ پۇلنى ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى ئاساسى قاتلام رەھبىرى ماڭا بەردى. شۇڭا مېنىڭ دەرھاللا كېلىشىم. چۈنكى بۇ پۇلنى تۆلەيدىغانلارنىڭ ھەممى….سى …“دەپ ئارقىدا تۇرغان ئۈچ تاۋۇتقا بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى ۋە قانداقتۇر ئىچىدە بىر قورقۇنچ پەيدا بولدى. تىتىرىگەن قەدەملىرى بىلەن بىر چەتكە ئۆتۈپ، جامائەتنىڭ غەزەپ بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىدىن كۆزىنى قاچۇرۇپ، ئوۋچىدىن قېچىپ ئۇۋىسىغا كىرىشكە ئۈلگۈرگەن تۈلكىدەك شۈمشىيىپ تۇردى. بۇ ئۈچ پاي ئوق يالغۇز بىر جانغا زامىن بولماي بەلكى ئۈچ جانغا تەڭ تەككەنلىگى ھېكىماخۇنغىمۇ بەش قولدەك ئايان ئىدى.
ئىمام تېرىلىرى ئۇستىخىنىغا چاپلىشىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن تالۇننى ئېلىپ، بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن دەرھال ئەقلىنى تاپقاندەك يانچۇغىغا قولىنى سېلىپ قاتلاقلىق پۇللار ئارىسىدىن 60 يۈئەننى ئايرىپ ھېكىماخۇنغا بەرگەندىن كىيىن جامائەتكە يۈزلىنىپ:“كۆپچىلىپ ئۆزىمىزنى بېسىۋالايلى. ئالدىمىزدا ئۈچ مېيىت تۇرۇپتۇ. ھەممىمىز ناماز ئۈستىدە. بۇ پەقەت ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىشلارنى قانۇنى رەسمىيەتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان رەسمىيەتلەر ئىكەن. مەن جامائەتنىڭ مەسچىتىمىز ئۈچۈن توپلىغان پۇلىدىن تۆلىۋەتتىم. چوڭ ئىش يوق. قېنى مېيىتلارنى تۇرغۇزماي دەرھال نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىگىدە قويىۋېتەيلى“ دەپ، ئارقىدىنلا ”زۇلپىقار ئوغلىمىزدىكى ھەققىڭلارغا رازىمۇ؟“ دەپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ھالاللىشىشنى ئۆزىنى پەرۋاسىز كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سوئالنىڭ ئوخشاش نازۇك قەلىپتىن چىقىۋاتقان بىر ئەلەملىك مۇڭ ئىكەنلىكى ئىمامنىڭ ئاۋازىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىردەك ”رازى بولسۇن! رازى! رازى!“ دېگەن سادالىرىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلاردىن، مەسچىت مۇنارلىرىدىن، كۆلەڭگۈلەردىن ئەكس ساداسى كېلىپ، مەسچىت ھويلىسى پىنھان بىلەن تىترەپ كەتتى. بۇ ياڭرىغان سادا يارىلانغان كۆڭۈللەردىن چىقىۋاتقان بىر ئىنتىقامنىڭ مۇڭ زارى ئىدى. مانا بۇ ماتەم ئاۋازىغا تەبىئەتنىڭ ئورۇنلىغان ماتەم مىلودىيەلىرى قوشۇلۇپ ئەرشىدىن ئاپئاق قار لەپىلدەپ يېغىشقا باشلىدى.
مىڭلىغان جامائەت ئۈچ تاۋۇتنى غوللىرىغا ئېلىپ تۇپراق بېشىغا قاراپ يول ئالدى. مەھەللىدىن بارغانسىرى ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقان ئۈچ تاۋۇت، ئاپئاق قارلار ئىچىدە جامائەتنىڭ بېشى ئۈستىدە خۇددى دەھشەتلىك بىر دولقۇندا ئاپئاق يەلكەن ئېچىپ كېتىۋاتقان كېمىدەك كۆزۈمگە كۆرۈندى. مەن دەرھال ھۇشۇمنى يىغىپ، كۆزۈمدىن ئاققان ئىزتىراپ ياشلىرىدا ئېرىگەن سۇلغۇن يۈزۈمدىكى قار ئۇچقۇنلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئادەم دېڭىزى ئىچىدىكى ئۈچ تاۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن چاپتىم.
14.01.2018 گىرمانىيە