ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئەزىز ۋەتەنداشلار. ئۇيغۇر رادىيو – تېلىۋىزىيىسى، ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇ مەركىزى خىزمەت باشلىغاندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان كەڭ كۆرۈرمەنلىرىمىزدىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپ ھەم ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ يەردە بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
مەركىزىمىز ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، مەخسۇس ئېلخەت ساندۇقى تەسىس قىلدى. بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ئارزۇ قىلغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە ئەڭ قولاي، ئەڭ تېز، پۇرسەتتە يېتىشىشىگە تىلەكداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئېلخەت ئادرىسىمىز: urtxewer@gmail.com
ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇر رادىيو – تېلىۋىزىيىسى ئېلان تەشۋىقات بۆلۈمى