شەرقىي تۈركىستان … ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرت – ئەلەملىرىگە ئۈن چىقارمىغان بىز، بۇنچە بىغەم بولماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. بىز خىتتاي تىلغا ئېلىنسا ئېسىگە پەقەت چىراي شەكلىلا كېلىدىغان بىر مىللەت بولماسلىقىمىز كېرەك ئىدى.
خىتتاي تىلغا ئېلىنسا ئەقلىمىزگە زۇلۇم- سىتەمدىن باشقا نېمىمۇ كېلەر …؟
دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن خىتتاي كارخانلىرىدىن چىققان ئويۇنچۇقلار بىلەن، بالىلىرىمىز كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ. بىز خىتتايلارنىڭ ئويۇنچۇقى بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىمىز. ئۇلار بولسا ئويۇنچۇق زاۋۇتلىرىدا غۇبارسىز قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپىتىگە قارا ساناۋاتىدۇ.
بىزلەر ئويۇنچۇقنىڭ كەينىدىكى made in china خىتتايدا ئىشلەنگەن دېگەن يېزىقنى كۆرۈپ خۇشال بولۇۋاتىمىز. «خىتتاينىڭ ماللىرى ئەرزان كېلىدۇ »دەپ …
ماللىررىدىنمۇ پاخال بولغان ئىنسانلىرى بار خىتتايدا. مىللەت ئايرىمچىلىقى قىلىپ جانغا زامىن بولۇۋاتقان ئىنسانلارغا پاخال لەقىمىمۇ بەك ياراشمايدۇ. ئاللاھقا شۈكرىكى، بىر ھېساب – كىتاب كۈنى بار.
شەرقىي تۈركىستان 1949 – يىلى خىتتاي كۇممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. 60 يىلنى تاماملىغان بۇ خىتتاي زۇلۇمى كۈنىمىزدە تېخىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتتايدا ئەڭ نامرات رايۇن قايسى دەپ سوراشنىڭ ھاجىتى بارمۇ! ؟
شەرقىي تۈركىستان …
ئاتوم يادرۇسى سىناقلىرىنى ئۆز مىللىتى ئىچىدە قىلمىغان خىتتاي، ئاتۇم-يادرۇ سىناقلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىپ قېرىنداشلىرىمىزنى زەھەرلەۋاتىدۇ. مىڭلارچە بوۋاقلار مېيىپ تۇغۇلۇۋاتىدۇ. تېخى دۇنيا بىلەن تونۇشماستىن (دۇنياغا كۆز ئاچماستىن) خىتتاي زالىملىرى بىلەن تىركىشىدىغان بوۋاقلار بار. خېمىيىلىك ماددىلار ئىنسانلارنى تۈرلۈك كېسەللەرگە دۇچار قىلىپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ . خىتتاي زۇلۇمنىڭ مەركىزى. بىر كىچىك بالا مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ياشاش ھەققى يوق دېگەن بىر ئەقىلگە سىغمايدىغان قىلمىش (جىنايەت ) بىلەن ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدىن ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ.
شۇنداق، ئۇ مۇسلىمە ئانىلارنىڭ قورساقلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن مەسۇم بوۋاقلار بىر كۈنى بىزدىن ھېساب سوراش ئۈچۈن جەننەتتە ساقلاۋاتىدۇ.
ئاچا، ئاكا سىلەر قەيەردە ئىدىڭلار !؟
مەن سلەرنى ھېچ كۆرمىگەنىدىم ئاكا ! دېمەككى، بىزگە زۇلۇم قىلىنىۋاتقاندا سىلەر ھېچ يېنىمىزدا بوپ باقماپسلەر. بولمىسا تونۇغان بولاتتىم ئاكا. ئانامنىڭ ئاھۇ – زارلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىڭلار. ئەمما سىلەر ئانامنىڭ ئىڭراشلىرىدىن بەكرەك كۈلەتتىڭلار. ھايات سىلەر ئۈچۈن ئويۇن – تاماشا ئىدى، بىز ئۈچۈن بىر ئىمتىھان ئىدى ئاكا.
نېمىشقا قارشىلىق كۆرسەتمىدىڭلار ئاكا !؟؟ (نېمىشقا بېشىڭنى ئىچىڭگە تىقىۋالدىڭ، نېمىشقا سۈكۈت قىلدىڭ؟
(خىتتاي پات – پات يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ( مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ )
ئۆز تىلىدا ئىلىم ئۈگۈنىشىگە چەكلىمە قويغان، سۆزدە ھەققانىيەتچى خىتتاي …
2000 – يىلىدىن ئېتىبارەن مۇسلىمە قىز – چوكانلىرىمىزنىڭ ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ. ئىپپەتسزلەر ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەكلا يۈرۈيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىپپەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مۇسلىمە قىزلار كەسىپ ئۈگۈتۈش، بېيىتىش باھانىسى بىلەن خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ قىزلىرىمىزنى يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئىشتىن بوشىتىپ، ئەخلاقسىز ئورۇنلارغا يۆتكەيدۇ. ئەخلاقلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن تانسىخانا، پاھىشىخانا ۋە قاۋاقخانىلاردا مۇلازىمەتكە سالىدۇ . مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلگەن قىزلىرىمىزنىڭ سانى بىر مىليۇندىن ئاشتى.
شەرقىي تۈركىستانلىق 800 كىشىنى شياۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا ئىشلەتتى. بۇ يەردە مۇسۇلمان خانىم – قىزلار ۋە مۇسۇلمان ئوغوللارمۇ بار ئىدى. خىتتاي زالىملىرىنىڭ مۇسلىمە قىزلارغا چېقىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەرىكەتكە كەلدى. 26 – ئىيۇن كېچە سائەت ئىككى ئەتراپىدا جىدەل يوقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى.5000 غا يېقىن خىتتاي 800 كىشىلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۇرۇۋاتقان ياتاقتا ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ئۇرۇپ – سوقۇشقا باشلىدى. سوقۇشۇش تەخمىنەن تۆت سائەت داۋام قىلدى. چۈنكى، نەق مەيداندا ساقچى يوق ئىدى. خۇددى ھەممەيلەن يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خۇرسەن ىولغاندەك قىلاتتى. جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ – كىچىك تاھارەت قىلىپ قويۇشاتتى.
مۇسۇلمان بولۇش ئۇنداق ھەركىمگە نىېسىپ بولىۋەرمەيتتى. ئاللاھنى بىلمىگەن ئىنسانلار ھېساب – كىتابنىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرەتتى. ئۇنىڭدىن ئېشىپ جەسەتلىرىنىمۇ خورلايتتى. تازىلىقچىلار سوقۇشۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەلگەنىدى. چۈنكى، يەردىكى قانلار دەرھال تازىلىنىشى، جەسەتلەرنى ئورنىدىن يۆتكىۋېتىشى كېرەك ئىدى . بۇ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈش ئاخباراتقا چىققاندىن كېيىن، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. خەلقنىڭ تېلىفۇن ۋە ئېنتېرنىت تورىنى توختىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇچۇر ئالاقىنى توسۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىر خەۋەر ئىشلىدى. ئىشلىگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتايلارنى ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە خىتتايلارنىڭ قولىدىكى كالتەكلەر، تۆمۈرلەر خەۋەرلىرىدە ھىچ كۆرۈنمەيتتى. بىرقانچە يارىلانغان خىتتاينى كۆرسەتتىمۇ بولدى. جەسەتلەر ئاشكارىلىنىپ قالمىسۇن دەپ جەسەتلەرنى خىرەلەشتۈرۈۋەتكەنىدى. تىرىكلەرگە قىلچە مەرھەمىتى بولمىغان ئىنساننىڭ ئۆلۈكلەرگە بىر شەپقەت قىلىشى مۇمكىنمۇ! ؟
شۇنداق قېرىندىشىم، بىر ۋەھشىلىك بار كوچىلاردا.
ئاللاھنى تونۇمىغان ئىنسانلار نېمە دېگەن ھەيران قالارلىق – ھە! مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزالىرىنى ئوغۇرلاپ خىتتايلارغا قىممەت باھادا سېتىپ بېرىدىغان ۋىجدانسىز دوختۇرلار بار. شۇنداق، ئەخلاق بولغاندىلا ئاندىن ئىلىم بولىدۇ.
مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسچىتلىرىنى چېقىپ تاشلىدى. مۇسۇلمانلار مەسچىتكە بارغىنىدا بۇ سۆز بىلەن ئۇچرىشىدۇ :
«كەت! نامىزىڭنى ئۆيۈڭدە قىل» جۈمە نامىزىنىمۇ قىلالمىغان ئىنسانلار كېلىدۇ ئەقلىمگە. يەنە ئەقلىمگە پەقەت جۈمە كۈنلىرىلا نامازنى ئېسىگە ئالىدىغان ئىنسانلار كېلىدۇ.
بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ناماز ئوقۇغانلار ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشمۇ بىر جىنايەت. ئۆچ كۆرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقلا كۇپايە…
تۈركىيەمىزدە رامىزاندا يىغىلىشلار ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. شەھەرلەرگە ئەڭ سۆيۈلگەن سەنئەتچىلەر بېرىپ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.
رامىزانلىق چىدىرغا غېرىپ – غۇرۋالاردىن بەكرەك ئۆيىدە تاماق ئېتىشتىن ئېرىنگەنلەر بارىدۇ. ئىپتاردا يىغساڭ، ئون ساھابىنىڭ ئىپتارلىقىغا تۇغرا كەلگۈدەك يېمەكلىك بىلەن تولدۇرۇلغان ھەشەمەتلىك شىرەلەر، تۈرلۈك – تۈرلۈك ئىچىملىكلەر …نېمىدىگەن بىھۇدىلىك ھە رامازاندا …
شەرقىي تۈركىستاندا بولسا، مېنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىم روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرىلىدۇ. مېنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمنىڭ رامىزاندا پەريادى تېخىمۇ چىڭغا چىقىدۇ.
بىزچۇ!؟ بىز نېمىش قىلىۋاتىمىز قېرىنداشلىرىم؟ بەلكى، دىيىشىڭىز مۇمكىن: قانداقمۇ قىلارمىز!؟
ئۇزاق بىر يەردە يۈز بېرىۋاتىدۇ بۇ ئىشلار. ئۇنى قانداق توسۇيالامىز…!؟؟
ھېچ بولمىغاندا تەشۋىق قىلايلى. ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خۇشال رەسىملىرىمىزنى ھەمبەھىرلەشمەيلى. ئەمەلىيەتتە، بىر ئايالنىڭ رەسىمىنى ھەمبەھىرلىشىنى رەببىم ياقتۇرمايدۇ. لېكىن، سىز كۈلۈپ تېلىقىپ قالىدىغان ۋىدىئولارنى ھەمبەھىر لەۋاتسىز. توغرا، خۇشاللىق ھەممىمىزنىڭ ھەققى، ئەمما بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇنداق كۆرۈنۈشتىن ھايا قىلىشىمىز كېرەك …
تېخىمۇ كۆپ ھەمبەھىرلىشىمىز كېرەك. دېمەكچى بولغىنىم كۈن تەرتىپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك. جەسىتىگىمۇ زۇلۇم قىلىنىدىغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى، يېمەك – ئىچمەك تەشۋىق قىلالمايدۇ.
ھەلەبكە، پەلەستىنگە، قۇددۇسقا ۋە باشقا مۇسۇلمان جۇغراپىيەسىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز شۇنداقمۇ! ؟
«يوقالسۇن ئىسرائىل» دېگەن لوزۇنكىلار بىلەن ئاز ئايلانمىدۇق كوچىلاردا.
ئاخىرقى زامانلاردا ئىران ۋە رۇسىيەگە غەزەپلەندۇق.
بەزەن ئاۋازىمىز ئاڭلاندى. ئۈممەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەلەبكە باردۇق. ئۈممەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قۇددۇس بىزنىڭ داۋاملىق قانىغان يارىمىز بولدى. شۇنداق، بىر قانىغان يارىمىز بار ئىدىكى ئۈممەت بولغانلىقىمىزدىن كۆنۈپ قالدۇق دېيىشتىن نومۇس قىلىمەن.
شەرقىي تۈركىستاننى بىز پەقەت رامىزاندىلا كۈن تەرتىپكە كەلتۈرەمدۇق! ؟ قالغان 11 ئايدا خۇشال – خۇرام ئۆتىۋاتىدۇ دەپ ئويلامدۇق! ؟
تەسەتتۇرىنى (ھىجابىنى) ئۆلگىچە، خالىغانچە كىيىپ ياشىيالمايۋاتقان ياش قىزلارنى كۆرمەيۋاتامسىز؟؟
بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا ئەركىنلىك بار. ئاللاھ رازى بولمايدىغان بىر ئەركىنلىكتە ئايلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار.
ئورانغانلارمۇ زالىم خىتتاينىڭ كىيىنىش چەكلىمىسىگە مۇۋاپىق كىيىنىدۇ. بىز روزا تۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن دۆلىتىمىز يېمەكلىك تارقىتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بولسا روزا تۇتىشىغىمۇ رۇخسەت يوق. ئاللاھقا شۈكرى، كوچىلاردا تەسەتتۈرىمىزنى (ھىجابلىرىمىزنى) ئاللاھ بۇيرىغاندەك كىيىپ يۈرەلەيمىز. ئېكران ئالدىدا ياشانغان بىر تاغام خىتتاي ئىشكەنجىسىنى سۆزلەۋاتقان چاغدا يىغامنى تۇتالمىدىم.
مېنى ئەپۇ قىل تاغا دېدىم!
ئاچچىق قىزىلمۇچ بىلەن تۇز ئارىلاشتۇرغان زەھەرنى، بۇرنىغا شىپرىس بىلەن ماڭدۇرۇپتۇ تاغامنىڭ. بىز ئاسپىرىن ئۈچۈن خىتتاينىڭ زۇلۇمىنى قوللىنىمىز. ئەمما قېرىنداشلىمىزغا قىلىنغان خىتتاي ئىشكەنجىلىرىنى ھېس قىلالمايمىز.
قاراشتىنمۇ قورقىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بار. خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پىرىنسىپى شۇكى: ئىنسان پەقەت ئىقتىدارلىق چېغىدا قىممەتلىكتۇر. نەزەرىيە ئاساستۇر. يەنى دۆلەت سېستىمىسىنىڭ پەقەت باستۇرۇش بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر چۈشەنچە.
مەن بىر مۇسۇلمان ۋە مېنىڭ دىنىمدا ئىنسان، ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك. مۇسۇلمان بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئاچ، پېقىر بولسىمۇ، ھېچ ئىقتىدارى بولمىسىمۇ …
مەن بىر مۇسۇلمان . مېنىڭ دىنىمدا پەرۋەردىگارىم ياراتقان ھەر بىر قۇل قىممەتلىكتۇر.
ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ دىنىدا بولمىغان بىرسى مېھمان بولۇپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى:
– ئاللاھنى بىر دېگىن، ساڭا ئىززەت كۆرسىتەي، مېھمان قىلاي.
ئۇ كىشى:
– بىر لوقما غىزا ئۈچۈن دىنىمنى، ئەجداتلىرىمنىڭ دىنىنى تەرك ئېتەمدىم!؟ – دەپ ئايرىلىپتۇ. ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسالامغا مۇنداق ۋەھىي قىپتۇ:
– ئىبراھىم، ئۇ كىشى توغرا دېدى. ئۇ كىشى ماڭا يەتمىش يىلدىن بۇيان شىرىك كەلتۈرۈۋاتقان تۇرۇغلۇق ئۇنىڭ رىزقىنى بەردىم. سەن بىر لوقما غىزا ئۈچۈن ئۇنىڭ دىنىنى، ئەجداتلىرىنىڭ دىنىنى تەرك ئېتىشىنى ئۈمىد قىلۋاتىسەن!؟
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەرھال ئۇ ئادەمنىڭ كەينىدىن يېتىشپتۇ ۋە ئەپۇ سوراپتۇ. ئۇنىڭ غىزا يىيىش ئۈچۈن ئۆيگە قايتىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ.
مۇشرىك:
– ساڭا نېمە بولدى! ؟ – دەپ سورىشىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ:
– رەببىم مېنى سەن سەۋەبلىك ئەيىبلىدى. ۋە ماڭا شۇنداق دېدىكى: « مەن، مېنى ئىنكار قىلىپ تۇرسىمۇ يەتمىش يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا رىزىق بەردىم. سەن بىر لوقما تائام ئۈچۈن ئۇنىڭ دىنىنى ۋە ئەجدادىنىڭ دىنىنى تەرك ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىسەن».
بۇنىڭغا جاۋابەن مۇشرىك مۇنداپ دەپتۇ:
– مېنىڭدەك بىرسى ئۈچۈن بولدىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى!؟ ئۇنداق بىر زاتقا قۇللۇق قىلىش كېرەك.
كېيىن مۇسۇلمان بوپتۇ ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسالام بىلەن بىللە قايتىپتۇ.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىيلىقى ئاللاھنىڭ ياراتقان بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا تارقالغان ئىدى.
بۇ تېمىدا سورىغانلارنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باققىن.
– مەن سېخىيلىقنى رەببىمدىن ئۈگەندىم. كۆردۈمكى رەببىم دۈشمەنلىرىنىمۇ زايە قىلىۋەتمەيدىكەن. مەنمۇ ئۇلارنى زايە قىلمىدىم. – دېگەن ئىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا:
– سەن مېنىڭ ھەقىقى دوستۇمسەن، – دەپ ۋەھىي قىلغانىدى.
شۇنداق، قايغۇغا جۆر قىپ قويدۇق سىلەرنى. بەلكىم بالدۇرراق تۈگۈتۈپ كىتابنى يېپىشنى ئويلاۋاتقانسىلەر… ئىچىڭلار ئېچىشىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ …؟
تەسەتتۇر كىيمىگەن ( ئورانمىغان، ھىجاپلانمىغان) قېرىندىشىم رەببىمنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك پۇرسەت بەرگەنلىكىنى ئەسلىدى. ناماز قىلىشتىن ئېرىنىدىغان بىر ئىنسان مەھەللىسىدىكى چوڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىنمايدىغان مەسچىتىنى ئەسلىدى.
تەسەتتۈر رۇخسارىغا توسالغۇ بولغان پەردازلىق قىزلار، ئىشتانچاق قىزلار، تۈگۈلمە چاچ قىزلار ۋە رەڭگارەڭ ياسانغان قىزلار تەسەتتۈرىنى (ھىجاپلىرىنى) خالىغانچە كىيىپ ياشىيالمايۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قىزلاردىن ھايا قىلدى. خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئەنسىرەيدىغان ئانىلار، قارنىدىكى چېغىدىلا بالىلىرىنى مەجبۇرى قولىدىن تارتىپ ئېلىۋالىدىغان ئانىلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنەلمەيدۇ. سىرتقا چىقار چاغدا «مەن چىرايلىق بولدۇممۇ» دەپ ئەينەككە نەچچە قېتىم قارايدىغان قىزلار تەسەتتۇر ( ھىجاب) ھوزۇرىنى ھېس قىلالمايدۇ قېرىنداشلىرىم.
شۇنداق، ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى خېلىلا بار. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ. پەقەت رامىزاندىلا ئېسىمىزگە ئالمايلى. دۇئا قىلايلى. چۈنكى بىز ئىشىنىمىزكى، ئۈممەتنىڭ دەردى بىلەن ئورتاقلاشساق، ئاللاھ بىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بىز دەردلىنىپ ھېس ـ تۇيغۇلىرىمىزنى ئىپادىلەيلى. ئەمما بۇنى يۈزىمىز بىلەن ئەمەس، ئىمانىمىز بىلەن ئىپادىلەيلى.
ئاللاھ تۇيغۇلىرىمىزنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. ئۇنى چۈشەنمەيدىغانلار بۇنىڭدىن نىسىۋىسىزدۇر. ئۇنى بىلگەنلەر بولسا ۋاپاسىزدۇر. ئاللاھ ۋاپاسىزلىقتىن ساقلىسۇن.
تۆۋەندە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ھەر ئاڭلىغىنىمدا ئىچىم سىيرىلىدىغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ شېئىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن:
سەن بىلەن سەن بولاي شەرقىي تۈركىستان،
بارچە تىللار ئۈندىمەس، جىمجىتلىقنىڭ ئەسناسىدا.
يىغلاشمۇ!؟
چارىسىمۇ كۆز يېشى بىر تارىخنىڭ يېشىغا!؟
كۆلەڭگىسىگە چاقماق چۈشتىمۇ،
قاباھەت باسقان قەلبلەرنىڭ! ؟
نېمىشقا بۇنچە پەرىشان، ئىلاجىسىز …
ئىنسانلىقنىڭ نېسىۋىسى يوقمۇ!؟
باھارى يوقاپ كەتتىمۇ ئۈمىدلەرنىڭ.
كۆزلىرىمدە يۇلتۇزلار ئۇچۇۋاتىدۇ …
ئۇزاق ئىقلىملارنىڭ مەيىن شاماللىرى سىيپاپ ئۆتكەن ئالقانلىرىمغا
دۇئالار كۈچسىز !
دۇئالار يالغۇز!
ئۈمىدكە تېتىتقۇ قىلدىم بىرلىك بولۇشنى،
ئىنسانلىق نامىغا…
قايغۇ جىمىرلايدۇ ھەر يەردىن
ئىشلار تېگى بار بىر ئەسەردە
ئەزانسىزدۇر مۇنارىلار
يېتىم قالدى نارەسىدىلەر
كەمسۆزلىكىڭ كەلدى يادىمغا …
چاقىرىق مېنى چۆكتۈرۈپتۇ قايغۇغا،
شېئىرى ھىمايىسىگە ئالغان مىڭەم بىلەن.
جاسارەت قىلىچىنى چىقىرىپ يۈرەكتىن،
يازايلى كۆك يۈزىنىڭ ھۆرلىكىگە
بۇ تارىخنى يېڭى باشتىن …
ئەتىر گۈللىرىڭ قان … ئەتىرگۈللىرىڭ يىرىڭ …
نېمە قالدى سەندە، بۇ پەرۋاسىز زۇلۇمدىن!؟
يېڭىدىن كۆك رەڭگە پۈركىنەرمۇ بۇ بايراق !؟
بىر ئاسارەت زەنجىرى ساڭا يېزىلغان ھەر داستان ،
سەن بىلەن سەن بولاي شەرقىي تۈركىستان.
كۈتاھيا، زۇلەيھا ئۆزباي بىلگىچ…
شەرقىي تۈركىستانغا دۇئا ۋە سالاملىرىم بىلەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئاپتورى: سۇمەييە قارتال
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئابدۇمىجىت
“BİR DIRAM, KIRK KELAM, DOĞU TÜRKİSTAN” «بىر پاجىئە، 40 سۆز: شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن تاللانما