ئۇرۇمچى ئاق مەسچىت ئىمامى ئابدۇشكۇر راھمىتۇللاھ داموللامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارلاندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتىئون مەركىزىنىڭ ۋەتەندىن ئالغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي باسقۇنچىلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىم سىياسىتىنىڭ كەلگۇسىدە ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى شۇڭا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىملارنى بوشاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر راھمىتۇللاھنى قارا قالپاق كەيگۈزۈپ تۇتقۇن قىلغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۇتقۇن قىلغان ئابدۇشۈكۈر راھمىتۇللا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن ئەرتىۋالىنىپ خىزمەت قىلدۇرغان ئىدى.
خىتاي ئۇچۇر ۋاستىرىلىرىدە ئىلگىرى ئابدۇشكۇر داموللام “سەييارە نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «قۇران كەرىم»دە تەشەببۇس قىلىنغان دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىناقلىق مەزمۇنلىرىنى رېئال تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇقەددەس كىتابنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، دىن ئەقىدىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان” دەپ تەرىپلىگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 5-ئايدا 8-كۈنى ئابدۇشكۇر داموللام باشلىق دىننى زاتلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئومەك مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىينچىلىقىنى ھەل قىلىمىز دىگەن نىقاپ بىلەن پەدازلىنىپ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ھىمايە قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۈلۈمنى ئاشكارىلىماسلىق، قايتىپ بارغاندىن كېيىن خىزمەت تەقسىماتىغا ئىگە قىلىنسىلەر دىگەندەك يالغان تەشۋىقات بىلەن مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ تەرپىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى.
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى پۈتۈن ئۇيغۇرنى دۇشمەن قىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۇپ بولدى، نوۋەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ يوق قىلىپ، ئىسلام دىننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددى ھەركەت قىلماقتا.