ئۇستازىم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھامى
سۈبەيرا ئابدۇلئەزىز
مەن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن، ئىسلامىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن سۆيگەنلىرىدىن ۋاز كەچكەن، قىساس ئوتىنى ھەر يەرلىرىگە تۇتاشتۇرۇپ ھىممەت ئۈچۈن بەدەلگە ھازىرلىنىۋاتقان، ھەر بىر ئېغىر – يېنىك قىيىنچىلىقلىرىدىن يىراق بولمىغان، كەلگۈسىدىكى ۋەتىنىگە لاياقەتلىق بولۇش ئۈچۈن تاۋلىنىش دەپ ئۈمىد بىلەن پەلەككە بېقىۋاتقان ئۇيغۇر قىزىمەن!
2018 – يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرى، تۇيۇقسىز كەلگەن ئۇستازىمىز ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ شېھىت بولغانلىق خەۋىرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىش بىلەن بىرگە، دۇئاسىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. 2015 – يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى تۇنجى قېتىملىق ئىلىم ئېلىش سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇستازىمىزنىڭ نەسىھىتىنى چاڭقاق دىلىمنىڭ داۋاسى قىلىش ۋە دۇئاسىنى يوللۇرۇمغا پايانداز كەبى سېلىش مەقسىتىدە، ئائىلىمىز بىلەن بىرگە ئۆيىگە باردۇق. سالام سائەت ۋە ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈم تەييارلىغان يازمامنى ئۇستازنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بېقىش ۋە تەلىم تەربىيەسىدىن سۇغۇرلىنىش ئىستىكىمنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىدىم. ئۇستازنىڭ رۇخسىتىدىن كېيىن ئۇقۇشقا باشلىدىم، ئۇ بىشىنى ئىچىگە چۆكۈرۈپ تۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى، كۆزۈمنىڭ ئۇچىدا ئۇستازنى كۈزۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتىم، ئۆينىڭ تىمتاسلىقىنى پەقەت مېنىڭ ئاۋازىملا بۇزاتتى، ئۇستازنىڭ كۆزى ئېچىلمىغان ھالەتتە بىشىنى ئىچىگە چۆكۈرۈپ تۇرۇشى، مېنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى ۋە ئەقلىمدىن «يېشى چوڭ بولغانلىقىدىن ئۇخلاپ قالغانمىدۇ» دېگەندەك ھەرخىل خىياللانىڭ كىچىشى بىلەن ئۈنۈممۇ ئىچىمگە چۆكۈپ كېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز چىققان «ھە، ئوقىۋېرىڭە » دېگەن يىقىملىق، مۇلايىم ئاۋازدىن كېيىن، ئەسلى ئۇستازنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قېتىرقىنىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلدىم – دە، تېخىمۇ ھاياجان بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم. بىر پەس سۈكۈت ئارىمىزدا ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن «مۇشۇ ئەقىدىڭىزدە سابىت تۇرۇڭ »دېگەن ناھايىتى يىغىنچاقلانغان لىكىن، مەن ئۈچۈن بىباھا مەقسەتلەر تېگىگە يوشۇرۇنغان نەسىھىتىنى قەلپ گۈلزارىمغا تىكتى-دە، قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، مەنپەئەتلىك ئىلىم، ئىمانىم ۋە ئەقىدەم ھەققىدە كۆپلەپ دۇئا قىلدى. مانا شۇ ئۇستازىمنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ھېلھەمگىچە ئەقىدەمدىن تايماي، ئىمانىمدىن قايماي، ئىلىم ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلىشتىن يانماي كەلدىم!
ئاتا – ئانام، قېرىنداشلىرىم يېنىمدا بولسىمۇ، ئەمما، نېمە ئۈچۈن يەنىلا غەمكىن يۈرۈيدىغانلىقىم ھەققىدە «نېمىشقا» دېگەن ھەيرانلىق سوئاللىرىغا، دائىم دېگۈدەك يولۇقۇپ تۇرىمەن. جاۋابەن ھەق ئاللاھنىڭ (انما المؤمنون اخوة) دېگەن سۆزىنى پەيغەمبىرىمنىڭ: : {مَثَلُ الْمُؤْمِنِينَ فِي تَوَادِّهِمْ وَتَرَاحُمِهِمْ وَتَعَاطُفِهِمْ مَثَلُ الْجَسَدِ إِذَا اشْتَكَى مِنْهُ عُضْوٌ تَدَاعَى لَهُ سَائِرُ الْجَسَدِ بِالسَّهَرِ وَالْحُمَّى}(13)دېگەن ھەدىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن!
ۋە ھەم مېنى قىېرىنداشلىقنىڭ پىغانلىرى چاقىرىۋاتىدۇ، ئۇ قېرىنداشلىق ئائىلەمگە خاس ئەمەس!
مېنى خەلقىمنىڭ ئازابى تولاۋاتىدۇ، كۆرمىڭ كۆزلەر نالە قىلىۋاتىدۇ، خۇشاللىق ئائىلەمنىڭلا جەم بولغانلىقى ئۈچۈن شاتلىنىشىمغا سەۋەب ئەمەس! مەن يىغلايمەن، يالغۇز ئۆزۈمگىلا ئەمەس! ئەنە شۇ تۇيغۇدا ۋە ھەقىقەت يولىدا ماڭا جەننەتنىڭ خۇش پۇراقلىرى پۇراۋاتىدۇ. ئەمما، ۋىسال يولى راھەت بىلەن ئەمەس دەپ جاۋاب بېرىمەن! قەلبىمدىكى ئىشتىياقنىڭ قەيەرلەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە سوراشسا مەن ئەنەس رازىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسسىنى سۆزلەپ بېرىمەن!
شۇ ئىشتىياقتىن بىخ ئۇرغان خەۋف ۋە رىجا ھەققىدە سوراشسا، مەن ھۇزەيفا رازىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىنى ئۆرنەك قىلىپ بېرىمەن!
بۇلارنى نەدىن ئۆگەنگەنلىكىم ھەققىدە سوراشسا، مەن ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىمەن!
ھېكمەت بوستانلىرىدىن «بەزى كىشىلەرنىڭ ھاياتىمۇ ئۈممەتكە خەيرىيەت بولغىنىدەك، ئۆلۈمىمۇ ئۈممەتكە خەيرىيەت ئېلىپ كېلىدىكەن» دېگەن ئۇنچە جاۋاھىراتلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالغان ئىدى. 2018 – يىلى 2 – فېۋرال كۈنى، قايتا – قايتا قايىللىق بىلەن بۇ ھېكمەتكە باش لىڭشىتتىم. دەرھەقىقەت ئۇستاز ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىنىڭ ئۆلۈمى گەرچە، بىزنى ۋىجدانى ۋە روھىي ئازاپقا بەنت قىلغاندەك، ۋۇجۇدىمىزدىكى بارچە تومۇرچىلاردىن قان دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقاندەك ئەلەملىك ھېسسىياتقا چۆمدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يوقۇتۇش روھىمىزنى ياشلىرىمىز بىلەن تەڭ يۇيۇپ، ھەر تەرەپتىن بىرلىك سىگناللىرىنى چېلىۋاتاتتى.
بۇ يوقۇتۇش بۈگۈننىڭ، قىلىچلارنىڭ بىسى ئەمەس، ئەقىدىلەرنىڭ ئەمەلىيىتى سىنىلىدىغان، بىلەكلەرنىڭ كۈچى ئەمەس، قەلب روھلىرىنىڭ قۇۋۋىتى سىنىلىدىغان تېخىمۇ ئۇلۇغ، تېخىمۇ بۈيۈك مەنىۋى جىھاتقا ھەر ۋاقىت ھازىر تۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى خاتىرىلىتىۋاتاتتى.
ۋە يەنە، بىر مۇھەممەد سالىھنىڭ ۋاپاتى مىڭلارچە مۇھەممەد سالىھنى چاقىرىۋاتاتتى.
مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىز باسارلىرى بولۇش ئىستىكى، ھەر سەبى قەلىبلەردە بىخ ئۇرۇۋاتاتتى. ئۇستازنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزاتتۇق. راھمان بىزدىن بىر مۇھەممەد سالىھنى ئالدى لېكىن، سالىھلاردىن بولۇشتەك بۈيۈك ئارزۈنى تومۇرلىرىمىزدا ئاقتۇردى.
ئىنشائاللاھ يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، شەرقىي تۈركىستان سالىھلىرى ئۇستازنىڭ خىزمىتىنى داۋام قىلدۇرغىسى ۋە ياندۇرغان شامىنى مەشئەلگە، مەشئەلنى گۈلخانغا ئايلاندۇرغۇسى!!!
ئەي ئۇستاز:
ئايرىلدۇق سەندىن ساڭا مۇھتاج ھالدا،
يۈرۈيمىز روھىڭنى ئىلمىڭنى ئېلىپ ياندا.
شەرقنىڭ ۋىسالىغا پالاق ئۇرماقتىمىز،
ئىنتىلىپ تەۋھىد يۇلتۇزى، ئاي سىماسىغا.
بىر ئىنكاس
ئىمان نۇرى
ماشائاللا ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن ، بەكلا ياخشى يىزىپسىز ، ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن ، ۋە قەلىمىڭىزنى دىن ئۈچۈن مىىلەت ئۈچۈن كۈچلۈك قورال قىلىپ بەرسۇن ???????❤❤