ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بوكسۇرچى فارۇق سادىق ئۆزى بىلەن ئوخشاش دەرىجىلىكلەر مۇسابىسىدە 2016-يىلى 10-ئايدا بېلگىيەدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىدى.
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى فېنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپيونلۇقىنى تاللاش مۇسابىقىسدە فېنلاندىيەلىك 26ياشلىق ماھىرنى يېڭىپ ياۋروپا چىمپيونلۇقىقا ئېرىشتى.
فېنلاندىيە ماھىرى ئۆزىنىڭ مۇسابىقە تارىخىدىكى 11قېتىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 4 قېتىمىدا رەقىبىگە يېڭىلىپ قالغان.
ئۇيغۇر بوكىسچى فارۇق قۇربانوف 12قېتىملىق مۇسابىقە تارىخىدا رەقىبىگە يېڭىلىپ باقمىغان.
12ئايلانما ئۇچرىشىشتا فارۇق رەقىبى بولغان فېنلاندىيە ماھىرىنى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، ياۋروپا چىمپىيونلۇق كەمىرىنى بېلىگە تاقىدى.
بۇ نەتىجىسى بىلەن فارۇق قۇربانوف بېلگيەدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس بەلكى، پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۇردى.