ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم سېپىل
سەھەر
يېقىندا، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ، «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججىتى» تارقىتىلغاندىن كېيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە قەلەم ئىگىلىرى، «ئۇيغۇر ئانا تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز» دېگەن تېما ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا ۋە قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىدى. مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئانا تىلىم دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىرىسلار شۇنداقلا، بۇ خىرىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
مېنىڭچە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يوق قىلىش مەقسىتىگە ئوڭۇشلۇق يېتىش ئۈچۈن، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى خانىۋەيران قىلىشتىن باشلىدى.
ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى، ئۇيغۇر پۇتبولى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى. گەرچە ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيادا ئىنتايىن قۇدرەتلىك دەپ قارالغان بىر ھەربىي كۈچ كونترول قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتلىرى بىلەن ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە ئۇلاپ، خىتتاينىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردە يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى مەنسىتمەي كەلدى. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۆلمىسۇن، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۆلمىسۇن مىللەت ئۆلمىسۇن.
ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بولىدۇ. بۇ ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بولغانغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەتلىك نەرسىسى. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇزاق تارىخلاردىن بۇيان، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوينىغان ھىيلە – مىكىرلىرىنى بىتچىت قىلىپ كەلگەن مۇستەھكەم قورغان. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇيغۇر مىللىي روھىيىتىنىڭ جۇغلانمىسى. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالىغان غۇلجا، قەشقەر، خوتەن، قۇمۇل، ئاقسۇ، كۇچار قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋار روھىيىتىمۇ ساقلىنىپ كەلگەن.
ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە غەربنى ئېچىش دەيدىغان شېكەر يالىتىلغان شوئارلار بىلەن، ۋەتىنىمىزگە شۇنداقلا غۇلجا شەھىرىگە بۆسۈپ كىرگەن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل مەھەللىلىرىنى دەسسەپ چەيلىدى. گۈل – گىياھ، باغۇچىمەنلىك بىلەن چىقىشالمايدىغان خىتتاي ئاققۇنلىرى، نى – نى قىممەتلىك قوغدىلىدىغان رايونلىرىمىزنى، باغۇ – بوستانلىقلىرىمىزنى، ساياھەت رايونلىرىمىزنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئۇلار بىرمۇ خىتتاي ئارىلىشىپ باقمىغان، ساپ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىن ئەندىشە ۋە قورقۇنچ ھېس قىلاتتى. گاھ بۇ مەھەللىلەر ئۇلار ئۈچۈن، خۇددى شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان دېڭىز تاشقىنى(تسۇنامى) نى ئەسلەتسە، گاھ غەزەپ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان شىر، يولۋاس ۋە بۆرىلەر توپىنى ئەسلىتەتتى. ھەر كۈنى چارلاش ئېلىپ بارىدىغان خىتتاي ئەسكەرلىرى نەزىرىدىكى غۇلجا مەھەللىلىرى. سىرلىق ۋە قورقۇنچلۇق جاي ھېسابلىناتتى. ئۇلار يىراق جېجاڭ، جاڭسۇ قاتارلىق ئىچكىرى خىتتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىنتايىن قورقاتتى.
دەرھەقىقەت، ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن بۇيان، سۈنئىي ھالەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلدى. ئەسكەرلەر، خىتتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە بىڭتۈەن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ۋەتەندە خىتتايلارنىڭ بىرەر كۈنمۇ ئارامىدا ياشىيالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.
غۇلجا شەھىرىدىكى مەشھۇر تەشلەپكى بازىرىدىن شىمالى يۆنىلىش بويىچە ماڭغاندا، ئۆزبېك مەھەللىسى، دۆلەت باغ مەھەللىسى، توپ تېرەك مەھەللىسى، تاجىۋاي مەھەللىسى، تۆرەم مەھەللىسى، غوپۇرباي مەھەللىسى، قازانچى مەھەللىسى، كۆنچى، ئۈچ دۇككان، تۆت دۇككان، تۆپىچى مەھەللىسى، تاشكۆۋرۈك مەھەللىسى، ئاغۇ مەھەللىسى قاتارلىق سانجاق – سانجاق ئۇيغۇر مەھەللىلىرى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلۇپ ئۆز – ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ مەھەللىلەر توپى، گاھى مۇستەھكەم پولات زەنجىرلەر توپىنى ئەسلەتسە، گاھى مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قاراۋۇللارغا ئوخشايدۇ.
بۇ مەھەللىلەر، رىۋايەتلەردىكى يېرىلىڭ تېشىمدەك يېرىلىپ، قانچىلىغان زۇلۇم ۋە قىيىن – قىستاق ئازابىدا ئىڭرىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋاقىتلىق بولسىمۇ باش پاناھ بولۇپ كەلدى. مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ پولات قورغان، خىتتاي قوغلىغان قانچىلىغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى ئوز قوينىغا ئېلىپ ئۇلارغا پاناھلىق بەردى.
ئۇيغۇر مەھەللىلىرى تىپ – تىنچ ۋە چەكسىز كەتكەن دېڭىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، بارلىق ئىنقىلابلارنىڭ ئوچىقى ئىدى. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى مەھەللە دېگەن نامى بىلەنلا، خۇددى خىتتايغا قارشى يوشۇرۇن يەر ئاستى تەشكىلاتقا ئوخشايتتى.
ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، كۈلكە چاقچاق، ساز نەغمىلىرى بىلەن بىغەم ۋە بىخۇدتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئويغاق ۋە ھوشيار ئىدى.
بىزنىڭ سانجاق-سانجاق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىمىز خىتتاي مۇستەملىكە قىلىۋالغان 60 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.
مەھەللىسى بولمىغان مىللەتنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ. ئۆز مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆز نەرسىلىرىدىن تېز يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان توي – تۆكۈن نەزىر- چىراغ، مەشرەپ، كۈلكە چاقچاق ۋە لەتىپە سورۇنلىرى ۋە پۇتبول سۆيەر روھ، خىتتاي سىياسەتۋازلىقى ۋە شۇئارۋازلىقىدىن خالى خاسلىقلاردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردۇر. غۇلجا خەلقى ھەر قايسى دەۋرلەردە بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت ۋە زۇلۇملارنى مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش پۇرىقىغا باي مەھەللىلىرى ئارقىلىق يېڭىپ كەلگەن.
سۈيۈملۈك ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملىنىپ كەلگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى، ئىلى خەلقىنىڭ خىتتاي ئېلىپ كەلگەن شۇنچە زۇلۇملارنى يېڭىپ روھى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى يەنە بىر مۇستەھكەم پولات قورغانىدۇر.