ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم گوللاندىيەدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار
، يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن ھەر خىل تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ قارا قولىنى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ سوزماقتا. ئۇلار ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىملىكى، پاسپورتى، ئۆيىنىڭ ۋە ئوقۇۋاتقان ، خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلىرىنىڭ ئادرېسى، پوچتا نومۇرى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېنىق يۈز كۆرۈنۈشى بولغان رەسىم قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆزلىرىگە يوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، بىر قىسىم قېرىنداشلار بۇ خىلدىكى تەھدىتلەرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن رايىشلىق بىلەن ئۆز ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەمىنلەپ بەرگەن. چۈنكى، خىتاي تەرەپ بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى سورىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەندە ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنى تەربىيىلەش لاگىرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە قامايدىغانلىقى ۋە باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. بىز بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئۇچۇر تەمىنلەپ ياردەم سورىغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلاردىن بۇنداق مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سورىدۇق ۋە بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزنى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە سورىغان مەسلىھەتىمىزگە مۇنداق جاۋاب بېرىلدى:
ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇخراسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق. شۇ سەۋەب، چەتئەل گراجدانى بولمىغان بىر شەخسنىڭ ئۆز ئۇچۇرلىرى بىلەن چەتئەل ھۆكۈمىتىنى تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىمۇ يوق، دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ ، بۇنداق تەھدىتكە ئۇچرىغۇچىلار ئالدى بىلەن يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرىغا كىرىپ دىلو مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ئىككىنجىدىن، كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى يەنى Vlugtelingwerkكە بېرىپ ئۆز ئەھۋالىدىن ئۇلارنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش.
ئۈچىنچىدىن، كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ئەگەر يۇقارقى ئورۇنلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمەي ئۆز ئالدىغا شەخس ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلىگەندە، ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ بۇ كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالسا، ئۇ چاغدا بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرلاردىن ھەر خىل ئۇسۇلدا پايدىلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇ شەخسنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ساختا دىلو تۇرغۇزۇپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ كىشىنى ئۆزلىرىنىڭ گوللاندىيەگە ئەۋەتكەن جاسوسلۇق خادىمى دېگەندەك بۆھتانلار بىلەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇ سەۋەب، گوللاندىيەدە ياكى دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا ياشاۋاتقان ۋە بۇ خىل تەھدىتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە ئاساسەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي يوللار بىلەن قوغدىشىنى،يۇقارقىدەك تەھدىتلەرگە ئۇچرىغاندا ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەن ئاۋاز، خەت قاتارلىق ئالاقەت ئىسپاتلىرىنى ئوبدان ساقلاپ قويۇشىنى ۋە ئۆزىنىڭ شەخس ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قەتئىي تەمىنلىمەسلىكىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز.