ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
1.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ــــ ئاشىنا شىر
ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى. كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583 – يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626 – يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئىسىيان كۆتۈردى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ماڭدۇردى. ئاشىنا شىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى __ بوسات تېكىن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى. مىلادى 629 – يىللىرى ئاشىنا شىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھازىرقى جىمسار ئەتراپىغا كېلىۋالدى. شۇ يىلى شەرقىي تۈركلەر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاشىنا شىر غەربىي تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربىي تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى دۇب خاقان(都布可汗) دەپ جاكارلىغان. دەل شۇ پەيتتە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىرتاردۇشلار خانلىقى(مىلادى 628 – 646 يىللار) ئىگەللىگەن. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى ئازراق كۈچلەندۈرگەن ئاشىنا شىر شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان سىرتاردۇشلار خانلىقىنى ئىگەللەپ شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنىدۇ. تۈركلەرگىمۇ، سىرتاردۇشلارغىمۇ ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ قاتتىق نارازى بولغان ئاشىنا شىر مىلادى 635 – يىلى تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ. ئۇ تاڭ تەيزوڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ سولقانات باقاۋۇللار ئۇلۇغ سانغۇنى (左卫大将军) دېگەن مەنسەپكە تەيىنلىنىپ خاننىڭ سىڭلىسى نەنياڭ مەلىكە (南阳公主) گە ئۆيلىنىدۇ، ئاشىنا شىرمۇ تاڭ تەيزوڭغا ناھايىتى ساداقەتمەن بولۇپ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.
مىلادى 637 – يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقتە باش كۆتەرگەن ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىدىكى سىرتاردۇشلار خانلىقىنىڭ، شەرقىي – جەنۇبتا تىبەت خانلىقىنىڭ، غەربتە غەربىي تۈركلەر ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا تاڭ تەيزۇڭ «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دېگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن، غەربىي تۈركلەرنى ئاشىنا شىر ئارقىلىق يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشنا شىرنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ باش سانغۇنى قىلىپ تەيىنلەپ 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ. ئاشىنا شىر ئالدى بىلەن قۇچۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا قۇچۇ خانلىقىنىڭ خانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، بۇ قېتىم ئاشىنا شىر توسالغۇسىزلا ئىدىقۇتنى ئالىدۇ ھەمدە قېينىئاكىسى تاڭ تەيزۇڭغا بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. ئاشىنا شىر چىڭخەيدىكى تۇيغۇنلارنى، ئاندىن قومۇلنى، قۇچۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئالغاندىن كېيىن، غەربىي تۈركلەر جىددى تەدبىر قوللىنىپ كۆسەنگە بولغان كونتۇرۇللۇقىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن، ھەتتا كىنگىت(ھازىرقى قارا شەھەر) خانىنىڭ قىزلىرىغا غەربىي تۈرك يابغۇسى چۇلى ئاكا – ئۇكىلار ئۆيلىنىپ قۇدىلاشقان. مىلادى 644 – يىلى ئاشىنا شىر 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىنگىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۆز ئارا ئۇرىشىۋاتقاندا غەربىي تۈركلەر بىلەن كۆسەن خانلىقى ئاشىنا شىرغا قارشى زور قوشۇن چىقىرىپ، كىنگىتنى ماددى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن، يەنە كېلىپ ئاشىنا شىر قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇنى چېكىندۈرگەن. مىلادى 648 – يىلغا كەلگەندە تاڭ تەيزۇڭ كۆسەنگە ئىككىنچى قېتىم ئاشىنا شىر قوماندانلىقىدىكى 100مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ. ئاشىنا شىر بۇ قېتىم كۆسەن خانلىقى بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن،بىر يۆلىنىش قوشۇننى كۆسەننىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە غەربىي تۈركلەرنىڭ يابغۇسى قۇلۇبۇ بىلەن شىخۇي تۈركلەرگە ئۆزلىكىدىن تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تاڭ قوشۇنلىرىغا يول باشلىغۇچى بولغان. شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاشىنا شىر بىر قانچە قېتىم ئېلىشىش ئارقىلىق كۆسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆسەن خانى خېلىبوسبى ۋە باش سانغۇنى جالالىدىن قاتارلىقلارنى تىرىك ئەسىر ئالغان. كۆسەن ۋەزىرى نالى كېچىدە قېچىپ كېتىپ غەربىي تۈركلەر تەرەپكە بېرىپ ياردەم سوراپ ھەمدە قالدۇق كۆسەن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، كۆسەن شەھىرىنى ساقلاشقا قالغان گوشىيۋلۇ ئاتا – بالا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆسەن شەھىرىنى ئىگەللىۋالغان. بۇنى ئاڭلىغان ئاشىنا شىر كۆسەنگە قايتا يۈرۈش قىلغان، بۇ ۋاقىتتا نالىنى كۆسەنلىكلەر ئۆزلىرى تىرىك تۇتۇپ ئاشىنا شىرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئاشىنا شىر ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ بەش چوڭ شەھەرنى ۋە 70 نەچچە كىچىك شەھەرنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلىپ بەرگەن.
ئاشىنا شىرنىڭ ھاياتى كېچە – كۈندۈز تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش، تاڭ ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش، چېگرا رايۇنلىرىنى تېنچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇلۇغ تارىخىي ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات. مىلادى 655 – يىلى ئاشنا شىر پايتەخت چاڭئەندە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندا تاڭ گاۋزۇڭ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاڭلىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇپ، قەبرىسى ئۈستىگە ئابىدە تىكلىگەن
2. قىرغىزلارغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سانغۇن ــــ كۇلۇگ باغا
مىلادى 839 – يىلى ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتىن نىزا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە يۈز بەرگەن جۇدۇن ئاپىتىدە ئات – ئۇلاغلار، مال – چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ ۋابا كېسىلى تارقىلىپ، خانلىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتتە ئۇيغۇر سانغۇنى كۇلۇگ باغا خاككاسلار(قىرغىزلار) تەرەپكە بېرىپ ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خاككاسلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى كېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارگاھى قارا بالغاسۇننى ئىشخال قىلىدۇ. ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلايدۇ.
3. موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ـــ ئاپپاق غوجا
ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ ، مىلادىيە 1626 – يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ غۇجا مىلادىيە 1620 – يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن. ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكىرەملىك مىرسەئىد جېلىل دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ. ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638 – يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان. 1667 – يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە «ئىسھاقىيە» مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان غۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپپاق غۇجا ئۈزلۈكسىز مۇرت كۆپەيتىش، كۈچ توپلاش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ، ھاكىمىيەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678 – يىلى جۇڭغار ئىشغالىيەتچىلىرىنى باشلاپ كېلىپ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنچى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق غۇجا خانلىقىنى تىكلەپ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى.
ئاپپاق غوجا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئون بىر قېتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى. ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيسى بولغان جۇڭغار ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇ – قات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قېتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسيانى كۆتۈرۈلدى. ئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىققا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ، مىلادىيە 1679 – يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى. ئۇ يەنە، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ، مەسچت – مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى، قۇرئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاب، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخىي قول يازمىلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. بۇنىڭغا نارازى بولغان، قارشى چىققان شەرىئەت پېشۋالىرىنى، دىنىي ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى.
ئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. بىر كېچە – كۈندۈزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان»غا ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىقىغا دەپنە قىلىندى.
4. تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ
پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ، مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم – سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ، نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەبچىسىدۇر. نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «زوڭتۇڭ دارېن» نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى، ھېچ بولمىسا «چەنتو»لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا «زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ، «ئۆز پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىيلىق قىلىدۇ، ئۇنى ئاپىرىپ تۈرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۈرمىگە قامىغان. شۇندىن ئېتىبارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورنىدا ھاراق ئىچىشكە، ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ 25 كۈن بولدى دېگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان، زەي زىنداندا سېسىپ، يىرىڭلاپ، قۇرتلاپ، بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان. ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ، كۆتەرتىپ يېڭىشەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ پېتى كۆمدۈرۈۋەتكەن .
5. ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ـــ ئەھمەد مەزىن
ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا – قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئەمەلدارلار(ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار) شەھەر كاتتىسى تەرىپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارىلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كېرەكلىگى، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جېكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زېرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي، پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارىلانمايدۇ. قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشىتىلىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل – ئاھانەت، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ. روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېيىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ.
1924 – يىلى ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳۈﻳﯩﻘﻪﺳﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۇنىڭ شاگىرتى ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯلىشىدۇ.
6 .شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن ـــ شاپتۇل داموللام
ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﭘﻪﻳﺰﺍﯞﺍﺕ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. لېكىن ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ سېپى ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳۈﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺷﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ سېلىپ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ 1934 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ كېيىن، ﻳﻪﻧﻰ شېڭ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 1935 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ كېلىپ، ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ئېچىلغان « ئىككىنچى قېتىملىق ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻛﻮﻧﻔﯩﺮﯨﻨﯩﻴﯩﺴﻰ » ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، شېڭ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﻼﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ شېڭ شىسەينىڭ « ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ » ﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
1936 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﺪﺍ، شېڭ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﺎﯞﭼﻪﻧﮕﻪ تېلىگرام بېرﯨﭗ،«ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ئېكىسكۇرسىيە ﯞﻩ ﺯىياﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎنلىقىنى، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ بېرىشى ﻻﺯىملىقى»نى ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. شېڭ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ بېرﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ كېچىدﻩ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳوﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮلتۈﺭﮔﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
7. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ شىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــــ روزى موللام
1931 – يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئەجەللىك زەربە يەپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەندە، روزى موللام شىڭ شىسەيگە غالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى «دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى» دەپ چاقىدۇ. شىڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى سەبداشلىرى بىلەن باتۇرلاچە قۇربان بولىدۇ.
8. لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دېگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل.مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.
ئىزاھلار:
ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، «سۈي،تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر» 65 – 71- بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 – يىل 7 – ئاي.
ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى.
ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان«بە دەۋلەت – ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11 – بابىدىن ئېلىندى.
مەنبە: ئەلكۈيى مۇنبىرى