«سوبىبوردىن قېچىش » ۋە ئۇيغۇرلار
سەھەر
سادىر پالۋاندىن بۈگۈنگە قەدەر—-يامۇلدا تولا ياتىپ، چېچىم بىر قۇچاق بولدى. يامۇلنى تېشەر چاغدا قوۋۇرغام پىچاق بولدى. يەنە 25 ئۇيغۇر تايلاند تۈرمىسىنى تېشىپ قاچتى. بۇ قېتىم ئۇلار جېنىنى پىچاق قىلدى.
(خاتىرەمدىن)
ئەگەر دۇنيادا راي سىناش ئېلىپ بېرىلىپ، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بارغان جازا لاگېرلىرى ۋە ئۆلۈم لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان بىر لاگېرنىڭ ھازىر يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە سورالغاندا، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بەلكى بىر ساراڭلىق بۇنداق بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان دەھشەتلىك لاگېرلارنىڭ 21- ئەسىردە قۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس دېيىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق لاگېرلار ھازىر مەۋجۇت. يەنى خىتتايدا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بەزى ھالقىلىرى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ مەخپىي.
ئەگەر دۇنيادا راي سىناش ئېلىپ بېرىلىپ تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار قەھرىمانمۇ ياكى تېررورچى، جىنايەتچىمۇ دەپ سورالغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇلارنى تېررورچى ۋە ياكى ئەلۋەتتە تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن جىنايەتچى بولدى – دە دېيىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن.
ئۇيغۇر خەلقى پۈتۈن ئاۋازى بىلەن دۇنياغا شۇنى جاكارلىشى كېرەككى، بۇ 25 ئۇيغۇر خىتتاينىڭ 21 – ئەسىردە بەرپا قىلغان «سوبىبور تۈرمىسى» دىن قاچقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىرى خۇددى جەنۇبى ئافرىقا خەلقى تەرىپىدىن 1976 – يىللىرىدا ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان تىم جەن كىن، ستېفېنلى قاتارلىقتەك.
1976 – يىلى، جەنۇبى ئاغرىقىدىكى ئىرقچىلىق مەزگىلىدە، تىم جەن كىن، ستېفېن لى (ستەپھەن لەئە) قاتارلىق 3 ئەركىنلىك جەڭچىسى، ئۆزلىرى تۈرمىدە ياسىغان ئاچقۇچلار بىلەن قاتمۇ – قات تۆمۈر ئىشىكلەر بىلەن قۇلۇپلانغان ئافرىقىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ھالدا قوغدىلىدىغان تۈرمىنىڭ 10 ئىشىكنى ئېچىپ تۈرمىدىن قاچىدۇ. تارىخ بۇلارنى تېررورلۇق بىلەن جازالانغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەيدۇ.
تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان 25 ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دۇنياغا ئېيتىدىغان تۈرمىدىن قېچىش ھېكايىلىرى بار. بەلكى بۇ ھېكايىلەر دۇنيا تارىخىدىكى تۈرمىدىن قېچىش ھېكايىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ھېكايىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەلكى دۇنيا بۇ 25 ئۇيغۇرنىمۇ خۇددى تىمجەنكىن، ستەفەنلى (ستەپھەنلى) لارنى خاتىرىلىگەندەك تېررورلۇق بىلەن جازالانغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ خاتىرىلىشى مۇمكىن.
دۇنيادا شۇنداق كىشىلەر ياشاپ ئۆتتى بەزىلەر ئۇلارنى تېررورچى دېدى بەزىلەر قەھرىمان، بەزىلەر ئۇلارنى ئالما دەپ قوينىغا سالدى، بەزىلەر چالما دەپ ئاتتى، بەزىلەر تۇلپار دېدى بەزىلەر قوتۇر ئېشەك، تارىخنىڭ ھەر دائىم ئىككى تامغىسى بولۇپ كەلدى بىر ياخشىلىق تامغىسى يەنە بىرى يامانلىق تامغىسى ئەمما زالىملارنىڭ يامانلىق تامغىسىغا قارشى مەزلۇملارنىڭ ياخشىلىق تامغىسى تەييار تۇردى. دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۈگۈنگە قەدەر بىر قانۇنىيەت ئۆزگەرمىدىكى، زالىملار تۇتۇش ئۈچۈن ئات چاپتۇرغاننى مەزلۇملار قوينىغا ئالدى.
1943 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا (سس) نىڭ باشلىقى ھېيىنرىخ ھىممەر (ھەئىنرىچ ھىممەر)، رېيىنچارد (رەيىنچارد) زەربىسى دەپ ئاتىلىدىغان، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىي مەسىلىسىنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىشتىكى چارىسى سۈپىتىدە داڭ چىقارغان، «يەھۇدىيلار ئۆلۈم لاگېرى» نى قۇرغان ئىدى. بۇ ئۆلۈم لاگېرلىرى پولشانىڭ شەرقىدە بولۇپ، سوبىبور بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەخپىي ئۆلۈم لاگېرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەينى يىللاردا سوبىبوردىن ئىبارەت بۇ مەخپىي لاگېردا، بىر مىليوندىن ئارتۇق يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، 1943 – يىلى بۇ دەھشەتلىك ئۆلۈم لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان 600 نەپەر مەھبۇس قېچىشنى پىلانلاپ، 300 نەپىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ۋە سوبىبور ئۆلۈم لاگېرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ.
بۈگۈنكى شەرقى تۈركىستان، تارىختىكى ئەنە شۇ «سوبىبور ئۆلۈم لاگېرى» نىڭ بۈگۈنگە كۆچۈرۈلمىسى. ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاش مۇمكىنچىلىكى تاپالمىغان، سەرگەردان قاچاق ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە، مالايسىيا، كامبودژا، تايلاند، بۇلغارىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇچرىتىمىز.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن سوبىبوردىن قېچىش دېگەن فىلىمنى كۆرەلەيسىلەر. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بەك ئوخشايدۇ.
مەن ھەر قېتىم «سوبىبور ئۆلۈم لاگېرىدىن قېچىش» ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرگەندە خۇددى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋە 40 – يىللاردىكى كارتىنىسىنى كۆرگەندەك بولىمەن.
سوبىبوردىن قاچقان يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاتاتلىتىپ ئېتىۋاتقان گېرمان ئەسكەرلىرىنى كۆرگەندە، بارىن ئىنقىلابى، 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە، ئاتۇش، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە قېچىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاتاتلىتىپ ئېتىۋاتقان خىتتاي ئەسكەرلىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن.
ياپيالىڭاچ قىلىنىپ، مۇنچىغا چۈشۈرۈش ھىيلىسى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەندە، ئاتۇشنىڭ ياۋاغ تۈرمىسىدە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوت يۈرەك زىيالىيلىرىمىزنى، باي سودىگەرلىرىمىزنى يادىمغا ئالىمەن. ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقان، ئىچكى ئەزالىرى بۇلىنىۋاتقان، خىتتاينىڭ رەزىل سۇيىقەستلىرى ئۈچۈن، دان سىناقلىرى ئېلىنىۋاتقان خەلقىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. يېقىندا خىتتايدىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىققان باي سودىگەر گو ۋېنگۈيمۇ ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىك كۆمۈلۈش ۋە ئىچكى ئەزالىرى يۆتكىلىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى ۋىدىئولارنى كۆرەلەيسىز.
بۈگۈن، خىتتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستى ئوچۇق خىتتاي «سوبىبور» دىن دۇنياغا قاچماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپتىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى، خىتتاي بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قوغلىماقتا. «سوبىبور» دىن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا يۆنىلىشى بىلەن قاچقان ئۇيغۇرلارنى بولسا تايلاند بىلەن مالايسىيا قوغلىماقتا ۋە تۈرمىگە تاشلىماقتا.
20 – نويابىر كۈنى، خىتتايدىن ئىبارەت “سوبىبۇر” ئۈستى ئوچۇق تۈرمىسىدىن قېچىپ، يىللاردىن بېرى خىتتاي شېرىكى تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 25 نەپەر ئۇيغۇر مەھكۇمنىڭ تۈرمە تاملىرىنى تېشىپ، يوتقان كۆرپىلىرى بىلەن تۈرمىنىڭ ئەتراپىدىكى سىم توسۇقلارنى مۇداپىئە قىلىپ تۇرۇپ قاچقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنياغا تارالدى. 25 كىشىنىڭ تەشكىللىك ھالدا ئۆزىگە ناتونۇش بولغان باشقا بىر دۆلەتتىكى تۈرمىدىن بۇنداق يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەمكارلىق بىلەن قېچىش يۇقىرى ئىقتىدار تەلەپ قىلاتتى ھەر جەھەتتىن. دېمەك، ئۇيغۇرلار بىر ئىش قىلالايدىغان بۆلىۋېتىپتۇ. ئۇنداقتا ئەسلىدىكى پىچاق قىڭراق بىلەن، چىش تىرنىقىغىچە قوراللانغان خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر مىليون ھەربىي قوشۇنى بىلەن ( بۇ سان خىتتايدىكى ئومۇمى ئەسكەر سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ) ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر كۈنى ئىپتىدائىي پىچاقنى تاشلاپ قورال ئېلىشنى بېجىرەلەيدۇ دېگەن گەپ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى غۇلجا مولتوختىيۈزلۈك سادىر پالۋان 1800 – يىللاردا مەنچىڭ چېرىكلىرى باغلاپ ماڭغان 3 ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇپ 15 يېشىدا سادىر پالۋان دەپ ئاتالغان، ئۇمۇ خۇددى ھازىرقى تايلاند تۈرمىسىنى تېشىپ قاچقان ئۇيغۇرلاردەك، مەنچىڭ خانىدانلىقىنىڭ يامۇلىنى تېشىپ قاچقان. دېمەك تۈرمە تېشىش ئۇيغۇرلارغا يات ئىش ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقى يەنە ئۆز تارىخىنى ئاغزاكى قوشاقلىرى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان خەلق.
سادىر پالۋان قوشاقلىرىدا:
يامۇلدا تولا يېتىپ،
چېچىم بىر قۇچاق بولدى.
يامۇلنى تېشەر چاغدا،
قوۋۇرغام پىچاق بولدى.
دەيدۇ.
گەرچە بۇلارنىڭ 5 نەپىرى شۇ كۈنى تۇتۇلۇپ قالغان. ئارىدىن 2 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە 2 سى تۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما قالغان 18 نەپىرى ھەققىدە خەۋەرلەر جىم. تايلاند تۈرمىسىنىڭ باشلىقى مۇخبىرلارغا، 18 بىلەن 20 نىڭ ئارىسىدىكى بۇ ساننىڭمۇ ناھايىتى جىق سان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇنداقتا دۇنيا ئادالىتى ئىزدەپ، خىتتاي سوبىبورىدىن قاچقان، 2 – بىر خىتتاي غالچىسى دۆلەتتىكى يەنە بىر سوبىبورغا قامالغان، دۇنيانىڭ نەزىرى چۈشمىگەن بۇ بىر توپ «قاچقۇن» يا تىل، يا ئۇچۇر ئالاقە، يا ئىقتىساد، يا يېگۈدەك بىر نەرسىلەر يوق شارائىتتا، خىتتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئارقا ھويلىسى ھېسابلانغان تايلاند بىلەن مالايسىيانىڭ، چېگرا ياقىلىرىدىكى سىم توسۇقلىرىدا، قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۇلار ھازىرغىچە نەدە؟
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شۇنداقلا دۇنيا ئادالىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر يوق. دۇنيادا كېچىككەن ئادالەت ھۆكۈم سۈرمەكتە.
ئەلۋەتتە سۈرىيەدىكى دەھشەتلىك بومباردىمانلار، ئۆلۈۋاتقان بوۋاقلار، دۆۋىلەنگەن جەسەتلەر، بىرمىدىكى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا، 25 ئۇيغۇرنىڭ مالايسىيا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى ناتونۇش جۇغراپىيەدە قېچىپ يۈرۈشى ئۇيغۇرلاردىن باشقىلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمەيدىغان ئىشلار.
ئامېرىكىنىڭ سانفىرانسىسكو ئارىلىغا جايلاشقان ئالكاتراز تۈرمىسى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تۆمۈر تۈرمىلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ تۈرمىدىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەگەر تۈرمىدىن قاچقان ھالەتتىمۇ، سانفىرانسىسكۇ ئارىلىدىن دېڭىزدا ئۈزۈپ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۈچۈن قاچقۇنلار دېڭىز سۈيىدە ئاللىقاچان بوغۇلۇپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمما 1962 – يىلى 11 – ئىيۇن كېچىسى 3 مەھبۇس ئالكاتراز تۈرمىسىدىن قاچتى. بۇ 3 مەھبۇسنىڭ قېچىشى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر سىر بولۇپ تۇرماقتا. ئۇلار ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلدىمۇ؟ ياكى دېڭىز سۈيىدە بوغۇلۇپ ئۆلدىمۇ؟ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى تېخىچە مەسىلىنىڭ پېشىدە.
خىتتاي ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچۈك زومىگەر بولغانلىقى بىلەن كىبىرلىنىپ مېنىڭ ئاسمىنىمدىن قۇشلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ، مېنىڭ سايەم ئاستىدىكى تايلاند، مالايسىيا، فىلىپپىن تۈرمىلىرى خۇددى ئامېرىكىنىڭ ئالكادراز تۈرمىسىدىنمۇ بەتتەر قېچىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان تۈرمىلەر دەپ قارايدۇ. ئەمما تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان 25 ئۇيغۇر، ئۆز ئەمىلى ھەرىكىتى ئارقىلىق سادىر پالۋاننىڭ نەۋرىلىرىگە «مۇمكىن ئەمەس» ئىبارىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
دۇنيادا نىيەت ۋە ھەرىكەت دېگەن بىر نەرسە مەۋجۇت. ئەگەر نىيەت ۋە كۈچلۈك بىر ئارزۇ ۋە ئىنتىلىش مەۋجۇت بولىدىكەن دۇنيادا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
25 ئۇيغۇرنىڭ تايلاند تۈرمىسىنىڭ تاملىرىنى تېشىپ، يوتقان كۆرپىلىرىنى قىرلىق سىم توسۇقلارغا يېپىپ يات بىر دۆلەت تۈرمىسىدىن قېچىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، ئافرىقىدىكى 10 قات تۆمۈر ئىشىكى بار ئافرىقا تۈرمىسىدىن قاچقان يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنلىق ۋە ئالكاتراز تۈرمىسىدىن قاچقان 3 مەھبۇس دۇچ كەلگەن قىيىنلىق بىلەن ئوخشاش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە، پەقەت بۇ 25 نەپەر قەھرىمان ئەركىنلىككە ئېرىشكەندە شۇنداقلا سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە ئاندىن ئىگە بولىمىز.
ئەسلىدە، ئۇيغۇرلار پەقەت تايلاند تۈرمىسىدىن قاچمايۋاتىدۇ. ئۇلار خىتتايلار «سوبىبور» تۈرمىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن دۇنياغا قاراپ قېچىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى.
پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنىپ ۋەتەن ئىچىگە سولىنىپ قالغان ئۇيغۇرلار خۇددى «سوبىبۇر » تۈرمىسىدىكى «مۇنچىغا چۈشۈش» ھىيلىسى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولغان يەھۇدىيلارغا ئوخشايدۇ.
40 يىلاردىكى ئاتۇش ياۋاغ تۈرمىسىمۇ ئەنە شۇ «سوبىبۇر» نىڭ تەقلىدى ئىدى.
ئەسلىدە تارىخ تەكرارلانمايدۇ. ئەمما زالىملار تارىختىكى زالىملارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن تەجرىبىلەر ۋە ئۆرنەكلەر ئىزدەيدۇ. بۈگۈن ئۈچۈن كۆچۈرمەكچى بولىدۇ.