مەتبۇئاتلاردا ۋە خەلق ئارىسىدا قوللۇنىلىۋاتقان ئۇيغۇرىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىرلا مەنانى بىلدۈرىدىغان ئىسىملاردۇر. مەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا مىراس ۋەتىنى، دېگەنلىكتۇر.
بۇ ئىككى ئىسىمنى قاچاندىن تارتىپ، كىملەرنىڭ قوللانغانلىقىنى بىلىشتىن ئاۋال، بۇ ئىسىملارنىڭ نېمە ئۈچۈن قوللۇنۇلغانلىقىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ ئىسىملارنى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن ئاتا مىراس قۇتسال تۇپراقلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللۇنۇپ كەلگەن. ھەر ئىككىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى دۇنيانى پادىشاھلار ھاكىمىيەت ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقا مىراس قالىدىغان مانارخىست تۈزۈملەر بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن. پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاز ساندىكى بايلار بىلەن كۆپ ساندىكى نامراتلارنىڭ، ئاز ساندىكى كۈچلۈك مىللەتلەر بىلەن كۆپ ساندىكى ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىپ كەتكەچكە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەتلەر ئورتىغا چىقىپ، ئىنسانلار كىرزىس ئىچىگە پاتقانىدى.
شۇ دەۋرنىڭ سەرخىللىرى بولۇپمۇ ئىلغار مىللەتلەر ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەرلرى ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرزىسلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ، بەزى نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
ئىلغار پىكىرلىك مىللەتلەر ۋە شەخسلەر:
يۈجە رەببىمىزنىڭ قۇتسال ئىرادىسىنى يەر شارىغا ھاكىم قىلىش؛
ئىلىم – پەننى تەبىئەتلەرنى، مىللەتلەرنى ۋە جەمئىيەتلەرنى ئىلمىي رەۋىشتە پىلانلاشقا خىزمەت قىلدۇرۇش؛
ئىرىقلارنىڭ، مىللەتلەرنىڭ، مەدەنىيەتلەرنىڭ، دىنلارنىڭ ۋە كۆپ خىل تىللارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛
دىن ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرىڭ ھەمدە فېئوداللىق سىستەم تەرىپىدىن ھىمايە ئاستىغا ئېلىنغان ئاق سۆڭەكلەرنىڭ تارىختىن كەلگەن ھاكىم مۇتلەقلىقىگە چەك قويۇش؛
يەر شارىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئېزىش – ئېزىلىش بولمىغان، باي بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايغان دۇنيا بەرپا قىلىش؛
مىللەتلەر ئارا ھەمكارلىق، مەدەنىيەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە دىنلار ئارا دىئالوگنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇش قايناپ كەتكەن، مىللەتلەر ئارا دۈشمەنلىك سەۋەبىدىن قان كۆلىگە ئايلىنىپ كەتكەن دۇنيادا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛
قاتارلىق ئالىي غايىلەر ئاساسىدا بىر قاتار پىلانلارنى تۈزۈپ چىققان.
تۈزۈپ چىقىلغان پىلانلاردا ئىرىقچىلىق ۋە ئىمپىرىيالىزىمغا قارشى تۇرۇپ، ھوقۇقنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە ياكى يەرلىك مىللەتلەرگە تەمسىلچىلىك قىلالايدىغان مىللەتلەرگە ئۆتۈشىنى تېزلىتىش، فېئوداللىق سىستىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلىك تۈزۈلمىسىگە قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىدىغان كاپىتالىستىك ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى تىكلەش، دىنىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى تەڭرىنىڭ ۋەكىلى، دۇنيانىڭ ئىگىسى دەۋاتقانلارنىڭ قولىدىكى ھاكىمىيەتنى خەلقنىڭ يەنى مىللەتنىڭ دېموكراتىك ئۇسسۇلدا سايلاپ چىققان تەمسىلچىلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش قاتارلىقلار يەر ئالغان.
ۋەتىنىمىزدە، ئىسلام شەرىئىتى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئۇيغۇر قەشقەرىيە دۆلىتى قۇرۇلغان دەۋردە، خەلقئارادا ئاللاھ بۇرۇن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان سىستىمىدىكى چوڭ – كىچىك دۆلەتلەرگە كەڭ – كۆلەمدە ھوجۇم باشلانغان ئالاھىدە بىر زامان ئىدى. يەر شارىدا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان بۇ سىستەمنى ئىنگلىزلار، گېرمانلار ۋە گېرمان يەھۇدىلىرى (ئاشكىنازىلەرى) قۇرۇپ چىققان. بۇ دۇنيانىڭ يېڭى كۈن تەرتىۋىنى بەلگۈلەيدىغان سىستەم قۇياش پاتماس ئىمپىرىيە دەپ ئاتالغان بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بايرىقى ئاستىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاخىرىدا ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەسىرلەپ داۋام قىلغان جاھانگىرلىك ئەنئەنىسىنى يوقۇتىۋېتىشنىمۇ بۈيۈك مەقسەتلىرىنىڭ بىرى قىلىپ قويۇشقان ئىدى.
خەلقئارادىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى، تەڭ – باراۋەرلىكنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ۋە ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يەر شارى خاراكتېرلىك يېڭى تەرتىپ ئورنۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ تۈرتكىسىدە بابۇر ئىمپىراتورلۇقى، مەنچىڭ ئىمپىراتۇرلىقى، چاررۇسىيە ئىمپىراتۇرلىقى، فىرانسىيە ئىمپىراتورلۇقى، ئوسمانىيە ئىمپىراتورلىقى، ئىسپانىيە ئىمپىراتورلۇقى قاتارلىق يۈزلىگەن مۇنارخىست تۈزۈملەر – ئەلبەتتە ئۆزىنى ئوسمانىيە ئىمپىراتورلۇقىنىڭ شەرقتىكى پارچىسى دەپ ئاتىغان – شەرقىي تۈركىستان قەشقەرىيە دۆلىتىمۇ شۇ قاتاردا ئاغدۇرۇلۇپ كەتتى! بۇ سىستەم دۇنيادىكى مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ بىرلىشىپ بىر دۆلەت قۇرۇشىنىلا ئەمەس بەلكى بىر – بىرىدىن ئۇزاق بولسىمۇ بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ بىر دۆلەت قۇرۇشىنى چەتكە قاقاتتى.
شۇنداق، بىر خەلقئارالىق تەقەززا سەۋەبىدىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ سەرخىل كۈچلىرى ئاللا بۇرۇنلا يەنە قانچە ئەسىر ئىلگىرىلا دۇنيانى بىر ياكى بىرقانچە قۇتۇپ ئارقىلىق ئەمەس بەلكى بىرقانچە يۈز ھەتتا بىرقانچە مىڭ قۇتۇپ ئارقىلىق باشقۇرۇشنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى دۇنيا تەرتىۋى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ!
بۇ پىلان يەنى دۇنياۋىي يېڭى تەرتىپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللۇنىلىۋاتقان چارىلەرنى بىز يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە ئەينەن ئېيتىپ بېرەلمەيمىز. ئەمما بىز ئۇيغۇرىستانلىقلارنىڭمۇ دۇنياۋى يېڭى تەرتىپ ئورنىتىۋاتقانلارنىڭ قاتارىدا رول ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم!
ھەممىدىن ئېچىنىشلىق ۋە تىراگېدىيەلىك بولغىنى بۇ يېڭى دۇنياۋىي سىستېمدا يېڭى تۈركلەر، يېڭى خىتتايلار، يېڭى ئەرەپلەر ۋە يېڭى ياپونلار دۇنياغا كەلدى، ئەمما يېڭى ئۇيغۇرلار دۇنياغا كېلەلمىدى.
بىز بەزىدە بۇ چوڭ سىنارىيەدە ئىجابىي پىرسوناژنىڭ رولىنى ئالساق، بەزىدە سەلبىي پەىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىۋاتىمىز! بىز ئۇلارنىڭ غايىسى تەرەپدارى بولساق ئالىدىغان رولىمىز ئىجابىي، ئەگەر ئۇلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك غايىسىگە قارشى تەرەپتىن چىقساق رولىمىز سەلبىي تەرەپتە بولىدۇ. ھازىرغىچە ئۇلارغا قارشى تۇرۇپ ئاياقتا قالغان بىر كۈچ يوق! بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپىراتورلۇقى، چاررۇسسىيە ئىمپىراتۇرلىقى، مەنچىڭ ئىمپىراتۇرلىقى ھەتتا شۇ دۆلەتلەرنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان سوۋىتلار ھاكىمىيىتىنىمۇ ئۆز غايىسىگە ئۇيغۇن ھالدا 20دىن ئارتۇق دۆلەتكە پارچىلاپ ئۆزى يىقىتتى!
ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئەشۇ رۇسچە ئىتتىپاق ۋە خىتتايچە ئىتتىپاقنىڭ رول ئالىدىغان سەھنىلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپكە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلسا تەقدىرى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭكىدەك، خەلقئارا تەرتىپكە قارشى ھەرىكەت قىلسا تەقدىرى مۇڭغۇل ياكى مانجۇلارنىڭكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دەپ قاراپ كېلىندى.
مەنبەلەرگە قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان دېگەن سۆز، ئوسمانىيە ئىمپىراتورلىقىنىڭ شەرقىي گىرۋىكى، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىسىم ئىككى ئەسىردىن بېرى پەقەت چەللىدە ئات چاپتۇرىۇۋاتقان ئانادولۇ تۈركلىرىنى خۇشال قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى يەتكۈچە بىئارام قىلغاننى ئاز دەپ كېيىنكى يېرىم ئەسىردە مىللىي مۇستەقىللىقىنى مىڭ تەستە قولغا ئالغان قازاق، قىرغىز، ئۈزبەك، تۈركمەن ۋە تاجىكىستان قاتارلىق تۈركىي قەۋىملەرنىمۇ يەتكۈدەك ساراسىمگە سالماقتا!
دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھەممە مىللەتلەر دۇنياۋى يېڭى تەرتىپتە، خەلقئارا ئېقىمغا ماسلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مىللىي سالاھىيەتلىرى ئارقىلىق رول ئېلىۋاتىدۇ ۋە مەڭگۈ شۇنداق بولۇشنى خالاۋاتىدۇ! ئۇيغۇرلار بولسا ۋەزىيەت ۋە دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قالغان مۇزىي مىللەتلىرىنىڭ قاتارىدا دىن ۋە ئىرىق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغاچقا، قەيەرگە بارسا بۇرنىغا يەپ تارىختا تىكلىگەن شانلىق نامىنى بىر پۇلغا ئالغۇسىز قىلىۋالدى.
ئىلىم – پەن ساھەمىزدە ئىرقىي، دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى خەلقئارا سەۋىيەدە پىلانلىيالايدىغان بىر قوشۇننى تېخىچە بەرپا قىلالمىغانلىقىمىزدىن مىللىي ئىنقىلاۋىمىزنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، بىزنى ھېچكىم ھىمايە قىلمايدىغان دۈشمەن مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق!
ھازىرقى دۆلەتلەر مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى، تىل – يېزىقى ۋە قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان، ئاڭ سەۋىيەسى يوقۇرى، ئىرقىي، دىنىي، كۈلتۈرال ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە ئۆزىنى – ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، باشقا مىللەتلەرنى، دىنلارنى، مەدەنىيەتلەرنى ۋە خەلقئارا نازۇك مۇناسىۋەتلەرنى خەلقئارا قانۇنلارنىڭ يول قويغان دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلالايدىغان خەلقلەرگە ئۇيغۇن كۆرۈلىۋاتىدۇ!
بىزدەك تىكىشى بىلەن سۆكۈشىنىڭ پەرقى يوق، ئاڭ سەۋىيە جەھەتتە بەكلا دۇنيانىڭ ئارقىسىدا قالغان يۈرىكى ئىرقىي ئۆچمەنلىك، دىنىي كەمسىتىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يەكلىمىچىلىك بىلەن تولغانلار يوق قىلىۋېتىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇلغاندۇر! شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ مىللىي ئىنقىلاۋىمىز دۇنياۋىي تىنچلىق، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە دىنلار ئارا دىئالوگقا قارشى دەپ قارالغاچقا قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.بىزگە ئوخشاش مىللىي ئىدىئولوگىيسىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي ۋە ئىرقىي بەلگۈلەرنى ئاساسىي پەلسەپە قىلغان فېئوداللىق كېسىلىدىن 21-يۈز يىلدىمۇ قۇتۇلالمىغان ئورتا ئەسىر مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرى باشقىچە پىلانلانغان بولۇپ، زوراۋان مىللەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇپ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ مەجبۇرىي شەكىلدە ئاسسىمىلاتسىيەگە ئىتتىرىۋېتىشتۇر!
بىز ئاتىلىرىمىزدىن مىراس قالغان قۇتسال تۇپراقلىرىمىزنى جاسارەت بىلەن ئۇيغۇرىستان، دەپ ئاتىيالمىساق مىللىي ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولىدۇ. تۈرك – ئىسلام دۇنياسى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ كەلگۈسى 50 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 2 مىليون كۋادىرات كېلومېتىر كېلىدىغان زېمىندىن ۋە 30 مىليونلۇق نوپۇسىدىن قۇرۇق قالىدۇ. بىز ئەلبەتتە باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋە ئارىمىزدىن چىققان پەن ئالىملىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى سىياسىي، ئىلمىي ۋە جۇغراپىيلىك ئېھتىياج سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان، دوغۇ تۈركىستان، ئىزىست تۈركىستان ۋە ئوستتۈركىستان دەپ ئاتىشىغىمۇ قارشى ئەمەس! دېمەكچى بولغىنىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى مۇمكىن بولغان بارلىق ئىمكانلار بىلەن ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرىستاندىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئۇيغۇرىستان، دەپ ئېلىشىنى ئوففىتسىيال شەكىلدە تالاش – تارتىش ۋە مۇرەسسەسىز ھالدا بېكىتىۋىتىشىمىز لازىم!
قازاقلار، ئۆزبېكلەر ۋە باشقا مىللەتلەر بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قايسى نام بىلەن ئاتىشىمىزغا رەسمىي ئارىلىشالمايدۇ. خەلق ئارىسىدا زىددىيەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققىنى بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەقىقەت ھەممە كىشى تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنىدۇ! ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ قىلىدىغان ئىككى مىللىي مەجبۇرىيىتى بار: 1- ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت پىكىرىگە بوي سۇنۇش. 2- ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك نامىدا قۇرۇلغان قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەردە شۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ رايىغا ماسلىشىپ ياشاش.
بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى قېرىنداش خەلقلەرگە ئۆز خەلقىمىزدەك مۇئامىلە قىلىپ كەلدۇق. بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان كۆپ خىل مىللەتلەر، دىنلار ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قوغداپ كەلدۇق! بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ۋەتىنىمزدىكى قان – قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرمەسلىكىنى، جىددىي سىياسىي مەسىلىلەردە ئۇيغۇرىستاننى ئۇيغۇر خەلقىدەك پىداكارلىق بىلەن قوغدىشىنى، نازۇك خەلقئارا مەسىلىلەردە ھېسىيات، ئوي – پىكىر ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ئۆزىنى خۇددى قېرىنداش تۈركىي جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلاردەك ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەقىقى تەمسىلچىلىرى كىملىكىدە يەنى ئۇيغۇر دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى سەمىمى ئىلتىماس قىلىمىز!
دۇنيادا ئىككى تۈركىيە، ئىككى قازاقىستان، ئىككى ئۆزبېكىستان بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار بارلىق مۇستەقىل دۆلىتى بار بولغان ئېتنىك توپلۇقلاردىن پەرقلىق بولغان ئېتنىك، كۈلتۈرال، دىنىي ۋە ئىرقىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە خەلق بولۇپ، نە خىتتايلار دەۋاتقاندەك خىتتايلارنىڭ، نە ئارىمىزدىكى ئايرىم ساندىكى دىۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بايقۇشلار دەۋاتقاندەك تۈرك مىللىتىمۇ ئەمەس!
ئۇيغۇرلار ئېتنىك، ئېىرقىي، دىنىي، تىل – يېزىق ۋە كۈلتۈرال تەرەپتىن باشقا ھەرقانداق خەلقلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر تۈركىي خەلق. بىزنىڭ سىياسىي تەرەپتىن خىتتايلار بىلەن، ئېتنىك تەرەپتىن تۈركلەر بىلەن، دىن تەرەپتىن ئەرەپلەر بىلەن ئايرىم دۆلەت بولۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغۇدەك ئالاھىدە بىر ئالاقىمىز يوق!
ئۇيغۇرلار مىللىي ھەرىكىتىدە ئەمەل قىلىۋاتقان پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى، ئېتنىك مەنپەئەتلىرى، تىل – يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر بولغاچقا، بۇ ئىشلارنى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭكىدەك بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ ئارىسىدا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك ئاممىۋىي ئاساسىمىز يوق!
بىز ئاڭ – سەۋىيە تەرەپتىن دۇنياۋىي يېڭى تەرتىپكە ماسلىشىپ ماڭالمىغاچقا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز خىتتايلارنىڭ قولى ئارقىلىق خۇددى ئاشۇ بەختسىز ئۇيغۇر قەشقەرىيە دۆلىتىدەكلا بۆشۈگىدە ئوجۇقتىرىۋېتىلدى.
مەسىلەن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەھەللىۋىي تىل – يېزىقى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى، مىللىي خاراكتېرىنى ئالغان، مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىنسانىي قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بولدى.
بىزنىڭ مىللىي ئىنقىلاۋىمىزدا ئۇيغۇرىزىمچىلىق ئالدىنقى پىلان قىلىنىپ، قالغان ئېتنىك توپلۇقلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىز ئەكس ئەتكەن ۋەتەن ئىسمى، بايراق ۋە جۇمھۇرىيەت شەكلىنى ئالغان دۆلەتچىلىك ئىدىيسى ئورتاق ئېتىراپ قىلىنمىغاچقا، دۇنيادا تېخى بىزنى مۇكەممەل بىر مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس! بىز ئاددىسى ھازىرغىچە دۆلەت بەلگىسى يەنى گىربى سۈپىتىدە ئاللىقاچان يەرلىكىگە قويۇلۇپ كەلمەسكە كەتكەن ئوسمانىيە ئىمپىراتورلۇقىنىڭ دۆلەت ئارماسىنى ئىشلىتىۋاتىمىز!
بىز ۋەتىنىمىزنى ئۇيغۇرىستان، مىللەتنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر، دۆلەت تىلىنى ئۇيغۇر تىلى، دۆلەتنى جۇمھۇرىيەت ، تۈزۈمنى بارلىق مىللەت، دىن ۋە كۈلتۈرلەرنى قوغدايدىغان دېموكراتتىك دەپ ئوچۇق بېكىتمىگىچە، ئەركىنلىك ۋە ھۈرىيىتىمىزگە ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيمىز! ھەممىدىن مۇھىمى خەلقئارادىكى ئىززەت – نەپسىمىزنى، ۋىجدان -غۇرۇرىمىزنى ۋە شان – شەرىپىمىزنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ قوغدىيالمايمىز!
مەسىلەن: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەككىدىكى ئۇيغۇر قەشقەرىيە دۆلىتى ۋەخپىسىگە ئۆزبېكلەر بىلەن تۈركىستانلىقلار كىرسۇن دەپ يېزىپ قويۇشۇپتۇدەك. بۇ يەردە ئۇيغۇر قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئىسسىق قانلىرى بىلەن قۇرغان ئۇيغۇرلارنى ھېچنىمىگە ئىگە قىلىشمايدىكەن! مانا بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر سەلبىي دەرس بوپتۇ. بۇنىڭدىن مىللىي كىملىكىنى ئوچۇق بېكىتەلمىگەنلەرنىڭ ئىززەت – ھۈرمىتىنىڭمۇ ئېنىق بېكىتىلمەيدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
موشۇنداق قىلىشقانلىرى ياخشى بوپتۇ!
ئۇيغۇرلار كۆزىنى ئاچمىسا راستىنلا بولمايدۇ! بەزىلەر «بىز شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋەتسەك قازاقلار، قىرغىزلار، تاجىكلار ۋە مۇڭغۇللار نېمە دەيدۇ»دەيدىكەن. بىزچە بىز شىنجاڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان دېگەن دۈشمەنلەر بىزگە تاڭغان بۇ ئىسىملارنى ئۇيغۇرىستانغا ئۆزگەرتىۋەتسەك مىللەتچى خىتتايلار، مىللەتچى قازاقلار، مىللەتچى قىرغىزلار، مىللەتچى مۇڭغۇللار، مىللەتچى تاجىكلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ! ئەگەر خۇشال بولمىسا خىتتاي دۆلىتىدىكى باشقا مىللەتلەر قانداق قىلغان بولسا شۇنداق قىلىدۇ… قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قانداق قىلغان بولسا شۇنداق قىلىدۇ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار قانداق قىلغان بولسا شۇنداق قىلىدۇ!
بىز شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىم ئۈچۈن كۈرەش قىلامدۇق ياكى ۋەتىنىمىزدە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىدارە قىلىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت ئۈچۈن كۈرەش قىلامدۇق!؟
ئەگەر خىتتاي مۇستەملىكىسىدىن ئازات بىر دۆلەت قۇرۇلىدىغانلا ئىش بولسا قانداق ئىسىمدا بولۇشى مۇھىم ئەمەس. لېكىن دۇنيادا ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي تەقدىرىنى ئۆزى يالغۇزلا بەلگىلىيەلمەيدۇ. دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىۋىدە قازاقلارنىڭ، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ مەسىلىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، ئەگەر بىز ئىرقىي، ئېتنىك، دىنىي ۋە كۈلتۈرال تەرەپلەردىن خاتالىشىپ كەتمىگەن تەقدىردە، بىزنىڭ تەقدىرىمىزمۇ شۇنداق بېكىتىلگەن. دېمەكچى بولغىنىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ 10،000 يىللىق قۇتسال تۇپراقلىرىدا خىتتايىستلار دەۋاتقاندەك خىتتاي بىلەن قانداش 14 مىللەت، پانتۈركىستلەر دەۋاتقاندەك پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس بەلكى يەنە….پان ئىسلامىستلار دەۋاتقاندەك پەقەت ئۇيغۇرلام ئەمەس مۇسۇلمان ئۇيغۇر ياكى كاپىرلار….ھەتتا ئۇيغۇردىن باشقا 100 مىللەت بولۇپ كەتكەن…يەنە نەلەر….بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ يەردە ئاخىرقى قارارنى بەرگۈچى بىز ئۇيغۇرلار بولىمىز! بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن بۇ قۇتسال تۇپراقلاردا بىر دۆلەت قۇرۇلىدۇ ياكى بىر مىللەت ياكى بىرقانچە مىللەت ھالاك بولىدۇ!
ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇ قۇتسال تۇپراقلارنى ئۇيغۇرىستان دېيىشكە بۈگۈن جۈرئەت قىلالمىسا، ئۇنداق بىر پۇرسەت ئىككىنچى قېتىم ھەرگىز كەلمەيدۇ.
تۈرك تۇپراقلىرىدا يېڭىچە مىللىي ناملار بىلەن قۇرۇلغان دۆلەتلەر دۇنيانىڭ بىزگە قىلغان ئىشارىتىدۇر!
تەڭرى بىز ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان ئەشۇ ئەزىز تۇپراقلارنى ئۇيغۇرىستان، دېگەنلىك بەزىلەر دېگەندەك تۈركلىكىمىزدىن تانغانلىق ئەمەس، بەلكى ھەقىقى ئىگە چىققانلىق بولىدۇ!
ئۇيغۇر دېگەن سۆز بىلگەن ئادەملەر ئۈچۈن يەنە بىر شەكىلدىكى تۈرۈك دېگەن سۆزدۇر! ھەر ئىككىسىنىڭ مەنىسى بىر. ئەمما ئۇيغۇرلار ئەجدادىمىز ئوغۇز خاقاننىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلانغان شەھەرلەشكەن تۈرك قەبىلىلەرنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ!
ئۇيغۇر قەشقەرىيە دۆلىتى ئورنىغا كەلگۈسىدە بىر كۈنلەر كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۇشبۇ دۆلەتكە يەنىلا ئىگە قىلىشمايدۇ!
باشقا يەنە بىر ئاچچىق ھەقىقەت ھەم شۇكى ئۇيغۇرلار خەرىتىدىكى ئەشۇ ئەزىز ۋەتىنىنى ئۇيغۇرىستان نامى بىلەن ئاتىمىغان مۇددەتچە، ئۇشبۇ جۇغراپىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر دۆلەت ھەم قەتتىي قۇرۇلمايدۇ!
چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 10 مىڭ يىللىق قۇتسال تۇپراقلىرىدا ئەشۇ شەرقىي تۈركىستان نامدىكى بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ قالمىسۇن، دەپ ئارزۇ قىلغان ئىمپىرىيالىست كۈچلەر ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاننى بىلىپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان، دەپ ئاتىغان ۋە خەلقىمىز شۇ ئاساستا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان!
بەزىلەر مىللىتىم تۈرك، دىنىم ئىسلام، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان دېگەن شۇئارنى يەنە كۈچەپ توۋلىغىلى تۇردى. ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مىللىي كىملىكى دېگەن ۋاقتى ئۆتكەن بىر نەرسىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كىملىكى دەپ بىر كىملىك يوق! ئۇيغۇر دەۋاسى دېگەنلىك ناھايىتى چوڭ بىر خاتالىق بولۇپلا قالماي بەلكى مىللىي دەۋايىمىزغا قىلىنغان بىر خىيانەتتۇر…شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دېگەنلىكمۇ ئوخشاشلا خاتا بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنى ئېدىئولوگىيە تەرەپتىن خىتتايلارغا پايدىلىق شەكىلدە يوققا چىقىرىدۇ! بىزنىڭ دەۋايىمىز ئۇيغۇرىستاندىكى خىتتاي مىللىي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغان بارلىق خەلقلەرنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرىستان مىللىتىگە ئورتاق بولغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق بولغان مىللىي ھەرىكىتىدۇر! بىز پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرىستان مىللىتى دەيدىغان يېڭى بىر مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز! بۇ يېڭى مىللەتنىڭ تەركىۋىدە ۋەتىنىمىزگە سادىق بولغان، ئۇيغۇرىستانلىق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان، خىتتايلارنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا چىش تىرنىقىغىچە قارشى بولغان ئۇيغۇر ۋە تۈركىي بولمىغان خەلقلەرمۇ بار بولۇشى مۇمكىن…ھەتتا بىز بىلەن ھايات – ماماتتا بىرگە بولۇشقا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قەسەم ئىچكەن ۋە ئەمەلىي سىناقلاردىن ئۆتكەن خىتتايلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە…
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئەزىز ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستانغا بېرىلگەن شىنجاڭ دېگەن ئىسىم مىللىي ئىنقىلاۋىمىز ئۈچۈن قانچىلىك زىيانلىق بولغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىممۇ شۇنىڭغا ياتا – قوپا دەرىجىدە مىللىي ئىنقىلاۋىمىز ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ كەلدى!
دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلىرى بار، بەزىلىرى قان تەرەپتىن بەزىلىرى دىن تەرەپتىن، بەزىلىرى مەدەنىيەت تەرەپتىن تۇققان. بەزىلىرى يېقىن بەزىلىرى ئۇزاق دېگەندەك….ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدە ئىرانىي خەلقلەر بىلەنمۇ قېرىنداشلىق بېغى بولغان بىردىنبىر خەلقتۇر… ئىرانىي خەلقلەر بىلەن بولغان تىل ئورتاقلىقىمىز بىزنىڭ ئۇلاردىن ئەمەس ئۇلارنىڭ بىزدىن ئالغانلىقى تەرەپتىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب ئىستان سۆزىنى پارىسچە دەيدىغانلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈندۇر. ئىستان سۆزى پاك – پاكىز ئۇيغۇرچىدۇر….پارىسچىدا ئىستان سۆزى ئۇيغۇرچىدىكىدەك كەڭ تۈردە قوللۇنۇلمايدۇ….قوللۇنۇلغان بولسا دۆلىتىنى ئىران دېمەستىن ئىرانىستان دەيتتى….پارىسچىدىكى ئىستان دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستان دېگەن سۆزنىڭ يىلتىزىدىن ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كەلگەن. ئىستان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاستان، ئاستانە، ئاست+ئانا، يىلتىز، تۇرغان جاي… دېگەن سۆزلەردىن كەلگەن… ۋەتىنىمىزنى شەخسىي ھېسسىياتلارغا بېرىلىپ ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ تارىخى، قان ئالاھىيىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى تەرەپتىن ئەتراپلىق ئويلۇنۇپ، لايىق بىر ئىسىم يەنى ئۇيغۇرىستان دېگەن نام بىلەن ئاتىشىمىز لازىم! شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرىيە، دوگۇ تۇركىستان، ئۇيغۇر ئېلى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلاند، شىنجاڭ، غەربىي دىيار، خىتتاي تۈركىستانى ۋە ۋاھاكازالارنى كىشىلەر قوللانسا ئۇنىڭ بىزگە ئالاقىسى بولمىغان بىر سەۋەبى بار ….ئەمما ۋىجدانلىق، ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە ئالدىن كۆرەر خەلقىمىزنىڭ ئۇيغۇرىستان دېگەن ئىسىمنى ئوففىتسىيال قوللۇنىشىنى ۋە تەشەببۇس قىلىشىنى تەرغىپ قىلىشىمىز لازىم!
مانا بۇ تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ خەرىتىسى! مانا بۇ ئۇيغۇرىستان خەلقىگە خۇدا تەرىپىدىن ئىرادە قىلىنغان قۇتسال تۇپراقلاردۇر!
ئۇيغۇرىستان كۈلتۈر مەركىزى
13.07.2017
Uyghuristan we Sherqiy Türkistan Atalghusi Heqqide!