ئۇيغۇرلار ۋە كەلگۈسى
(1)
ئۇيغۇر ئىقتىسادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر پۇلىنى تارقىتىش ھەققىدە
«پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گىپى توڭ»
«گاچا بولسىمۇ، باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن»
—ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى
ئا.ب.پانتېكىن
بسم الله الرحمن الرحيم پۈتكۈل ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن،جىمى ھەمدۇ-سانالار اللە قا خاستۇر.
شۇنداقلا اللەنىڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئەگەشكۈچى ئۈممەدلىرىگە رەھمەت ۋە سالاملار بولسۇن.
مۇقەددىمە
ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار ياخشىمۇسىلەر!
«ئۇيغۇرلار ۋە كەلگۈسى» نامىدا تارقىتىلىۋاتقان ،شەخسىي كۆزقاراش ئاساسدىكى ئۇشبۇ نەزەريىۋى يازما، مېنىڭ شەخسىي كۆزقارىشم ھەم ئويلىغانلىرىم بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى مىللي ئازادلىق يولىدا ئازىراق بولسمۇ پايدىسى تىگىپ قالارمىكىن دىگەن مەقسەت بىلەن باشقىلارمۇ ئويلىغان ئەمما قەلەم تەۋرەتمىگەن ۋە ياكى پەقەت ئويلىشىپ باقمىغان ساھە بويىچە ئىستىراتىگىيەلىك قەدەم باسقۇچلارنى شەرھىيلەش ئاساس قىلىنغان يازمىدىن ئىبارەتتۇر.
ھېچبىر ئىنسان ياكى شەيئي مۇكەممەل بولمىغىنىدەك، كەمىنەنىڭ بۇ يازمىسدىمۇ نۇقسانلار يۇلتۇزدەك جىق بولۇشى ئېنىق. ئەممامەسلىنىڭ ئەيبىنىلا كۆرمەي، قوبۇل قىلغۇدەك ياخشى ۋە توغرا تەرىپىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مۇلاھىزە، تەھلىلىدىن ئۆتكۈزۈپ قوبۇل قىلىپ، ئىدىيە ۋەمەنبەدىن باشقا قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاق ھەمبەھىرلىنىدىغانلىقىڭلارغا ئىشنىمەن ھەم ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇرلار — ئۇزۇن تارىخقا،مول مەدەنىيەتكە ۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلارغا ئىگە قەدىمكى بىر مىللەت.
ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلاريەنە دۇنيانىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەمما ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار خىتتاي كوممىنىستىك پارتىيىسنىڭ كونتروللىقىدا ۋە يۇقىرى بېسىملىق ئىكىسپىلاتسىيەسى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى،مىللىي مەدەنىيتى،مىللىي ئىقتىسادىي ۋە مىللي مائارىپى يوقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان ھالەتتە بولۇپ: زادى قانداق قىلغاندا مىللتىمىزنى ، دۆلىتىمىزنى ئازادلىققا ئېرشىتۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر مىللتىنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللي ئازادلىق ھەركىتىمىزنى كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇرۇپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتىن سىرت، باشقا چوڭ -كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىزنىڭ ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىمىزدىكى ھەر تەرەپلىمىلىك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟…
دىگەندەك سوئاللار پۈتۈن ئۇيغۇر مىللتىنىڭ غەم -قايغۇسى بولۇپ قالدى.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلىلەرنىڭ نىگىزى نىمە؟
ئۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟
بۇ يازمىنىڭ ماۋزۇسدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ،ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللق داۋاسىنىڭ نىگىزلىك مەسلىسى : «ئىقتىساد»ۇر.
بىر مىللەت ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرشىمەي تۇرۇپ، مۇتلەق ئازادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
بىر مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقى، شۇ مىللەتنىڭ غورۇرى ۋە ئىززەت ئابرويىدۇر.
(ئا.ب.پانتېكىن)
ئەلۋەتتە باش تېما توغرىسدا توختىلىشتىن بۇرۇن، دەل مۇشۇنداق سەلتەنەتلىك تارىخ ئىگىسى، قەدىمدىن مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نىمە سەۋەپتىن ھازىرقى تەقدىرگە مۇپتىلا بولغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ تۈپكى سەۋەپلىرى توغرىسدا قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
چۈنكى بۇ بىزنىڭ كىيىن تەھلىل قىلماقچى بولغان ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىشمىزغا،ھازىرقى كەمدىن-كەم ئۇچىرايدىغان ياخشى پۇرسەتنى بىخەستەلىك بىلەن ئۆتكۈزۋىتىپ، ئوخشاش تارىخى خاتالىقلارنى قايتا سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشمىزدا كۆپ پايدىسى بار دەپ قارايمەن.
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق،ئۇيغۇر مىللىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 500-يىللاردىن مىلادى 1650-يىللارغىچە ئۆزى ياشىغان رايونلاردا سەلتەنەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلىك سالاھىيىتى بىلەن مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ، دۆلىتىنى قانۇن- تۈزۈم، دىنىي ئەھكاملار بىلەن باشقۇرۇپ ئۆز خەلقلىرىنى ئاسايىشلىق ۋە پاراۋانلىق تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشقا تىرىشقان.
مىڭ ئەپسۇسكى، مىلادىيە 1600 -يىللاردىن باشلاپ خەلقىمىز جاھالەت، زۇلمەت ۋە نادانلىق پاتقىقىغا بارا-بارا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېلىم پەندىن يىراقلىشىپ ،ئات ئۈستىدە قىلچ ئوينىتىپ دۇنيا غەملىرىدىن مۇستەسنا يۈرگەن مەزگىللىردە، قوشنا ئەللەر بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە پەن-تېخنىكا دولقۇنى قوزغىلىپ، ئېغىر سانائەت كۆلەملىشىپ، يېرىم ئاپتوماتىك قوراللار ئومۇملىشپ، ئۆز ئارمىيە-قوشۇنلىرىنى شۇ دەۋىرلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ئىلغار بولغان توپ زەمبىرەك ۋە يېرىم ئاپتوماتىك قوراللاربىلەن تولۇق قوراللاندۇرغان، كېمىسازلىقنى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىرتقى كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىغا كىرىشىپ بولغانىدى. دەل مۇشۇ مەزگىل ئۇيغۇر خەلىقنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم باشقىلاردىن تولۇق ئارقىدا قېلىش پەردىسىنىڭ ئېچلىىشدۇر.
مىلادىيە 1700-يىللارغا كەلگەندە، ئۇيغۇر خەلقى غەپلەت ئۇيقۇسىغا ئەڭ چوڭقۇر پاتقان ۋاقىتلارغا توغرا كەلدى. سەۋەبى، ئەسلى تېگى تاجىك بولغان ھىدايتۇللا ئاپئاق خوجا17-ئەسىردە باشچىلىق قىلغان <ئىشقىيە>مەزھىپىنىڭ تەسىردە پۈتكۈل ئۇيغۇرخەلقى سوپا-ئىشانلارغا ئەگەشتى. توغرا دىن ۋە ئىلىم پەندىن دەرس بېرىدىغان مەدرىسلەر چېقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى خانىقا، مازارلار ئىگەللەپ خەلقىمىزنى جاھالەت ۋە نادانلىقنىڭ ئاسارىتىگە مەھكۇم قىلدى. 1758-يىلى مانجۇ ئىمپىراتورلىرىنىڭ جۇڭغار موڭغۇللىرىنى تارمار قىلىپ، ئۇيغۇر زىمىننى پۈتۈنلەي ئىستىلاھ قىلىشى ئۇيغۇر مىللتىنى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىدىن ئايرىپ، يېرىم مۇستەملىكە مىللەت بولۇشىغا سەۋەب بولدى .
ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىك ئىشلار شۇكى، ئوخشاش مەزگىللەردە دۇنيادا تۆۋەندىكى سېلىشتۇرما خاراكتېرلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن:
- 1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقللىق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتى بارلىققا كەلگەنىدى.
- ئوسمان تۈرك ئىمپىراتورلىرىنىڭ ياۋرو-ئاسىياغا سوزۇلغان ئىمپىراتورلىقى يۈكسەكلىكتىن پارچىلىنىش ۋە زاۋالىققا قاراپ يۈزلەنگەنىدى.
- 1-قېتىملىق 1760-1840سانائەت ئېنقىلابى پارتىلاپ، غەرب دۆلەتلىرى ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىغا ماشنا كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، سانائەتلىشىش كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى تېزلەتتى.
مانا بۇ دەۋىردە ئۇيغۇر مىللىتى يەككە-يېگانە، دۇنيا ۋە پەن -تېخنىكىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئەھلىدىن يىراقلىشىش قەدىمىنى باستى. لېكىن بۇ قېتىملىق ئارقىدا قېلىش ئەجەللىك ھەم پاجىئەلىك ئىدى .چۈنكى تۇنجى قېتىم مۇتلەق ئازادلىقتىن ئايرىلىپ قۇللۇققا مەھكۇم بولۇشتىن سىرت، كەلگۈسى200-300يىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتلىق تاللاش بوسۇغۇسىدا بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز <جىم>تۇرۇشنى، خۇراپاتلىقنى، نادانلىقنى، شۈكرانلىقنى تاللىدى.
مىلادىيە 1800-يىلدىن مىلادىيە1930-يىلغىچە بولغان130 يىل ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئومۇمىيۇزلۈك ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىگە قەدەم قويغان؛بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى(1914-1918يىللىرى) پارتىلاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىقتىسادى كۈچ ،قورال كۈچى ۋە ئېغىر سانائەتلىشىش كۆلىمى ھەم سۈرئىتىدە بەسلىشىدىغان ھالەتكە يەتكەن؛ مانجۇ چىڭ سۇلالىسى تارىخ سەھنىسىدىن يوقۇتۇلۇپ، ئامېرىكانىڭ ياردىمىدە جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتى قۇرۇلۇپ، گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىدا ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق باشقۇرۇپ، چىڭ سۇلالسدىنمۇ ۋەھشىيلەرچە ئېكىسپلاتاتسيە سىياستىنى يۈرگۈزۈشنى داۋملاشتۇرغان. بۇ دەۋىردە ئۇيغۇر جەمئىيىتدە ئابدۇقادىر داموللا، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوف، مەمەتئېلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ… قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوتيۈرەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپى جەھەتلەردە ئاقارتىش ۋە مىللي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە باشچىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي كىملىكى، مىللىي مەدەنىيىتى، مىللي ئىقتىسادىي نىسبەتەن كۈچەيگەن دەۋر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى200 يىل مابەينىدە خەلقىمىزگە ئۇدۇم قالغان نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق ئۇرۇقى يەنىلا ئۆز تەسىرىنى يوقاتمىغان بولغاچقا ،خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مەرىپەتپەرۋەر زىيالىيلار <ئىشقىيە مەزھىپى>نىڭ خاتا تەسىرىدە دىننىڭ دۈشمىنى،خەلىقنىڭ دۈشمىنى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىستىداتلىق ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى پىداركارلىقلىرى تالاي توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراشتىن باشقا ھەر خىل ئۇسۇللار، ئىچكى -تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن يوق قىلىۋېتىلگەن. مۇھىمى بىز ھەرجەھەتتە باشقىلاردىن بەكلا ئارقىدا قالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ 130 يىل جەريانىدىكى ھەر تۈرلۈك مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. مانا بۇ بىزنىڭ دۇنيادىن 3-قېتىملىق ئارقىدا قېلىشىمىزدۇر.
مىلادىيە1930-يىلدىن 2010-يىلىغىچە بولغان 90يىل ئىنسانلار يۈكسەك تەرەققىياتقا ئىگە بولغان؛ پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بىر مەزگىلدۇر. بۇ 90 يىل جەريانىدا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى 2 –قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى،چاۋشىيەن ئۇرۇشى، ۋىېيتنام ئۇرۇشى، ئامېرىكا -روسىيە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، ئوتتۇراشەرىق ئۇرۇشى، پارس قولتۇقى ئۇرۇشى، ئاففانىستان، ئىراق، پەلەستىن، سۇرىيە ئۇرۇشى قاتارلىق چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.
3-قېتىملىق سانائەت ئېنقىلابى پارتىلاپ، ئنسانلار يادرو-ۋودورود بومبىلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن بىئو-خىمىيەلىك، گېن قوراللىرىنى تەتقىق قىلشقا، راكىتا-سۈنئىي ھەمرا قويۇش بېرىشىتن، ئالەم قاتنىشى پونكىتى قۇرۇپ، ئاي ۋە مارسقا كۆچمەن بولۇشقا؛ چوڭ ھەم كېلەڭسىز ھېسابلاش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىشتىن، ئەپچىل ھەم كىچىك بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومىپيوتېرلارنى، تېلېفۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىشكىچە بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مانا مۇشۇ مەزگىللەردىمۇ ئۇيغۇر مىللتى ئارقىمۇ -ئارقا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كەلدى.
مەسىلەن:
1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى قۇرۇلدى.
1934-يىلى بۇ جۇمھۇرىيەت يىمىرىلدى.
1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى قۇرۇلدى.
(-1949 يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىغا قوشۇۋېتىلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى، مىللىي ئارمىيە، مىللي پوللىك قىلىپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تەركىبى قىسمى قىلىپ قوشۇۋېتىلدى،1999-يىلى مىللي پوللىك يوق قىلىۋىتىلدى)
1945-1949-يىلىغىچە، يىڭى دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلىدى،ئەمما بۇ دۇنيانىڭ يىڭى تەرتىۋىدىن ئىبارەت سىياسي ئويۇندا ئۇيغۇرلار سياسەتنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەتتى.
1966-يىلىدىن1976-يىلىغىچە سوزۇلغان 10 يىللىق <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ 4-قېتىملىق دۇنيانىڭ ئارقىدا قېلىشغا ئەڭ چوڭ سەۋەب بولدى.
1977-يىلدىن1997-يىللارغىچە ئۇيغۇرلار يېزىق ئۆزگەرتىش دولقۇنى ،ئۆي،خىزمەت تەقسىملەش قاتارلىق بىر تۈركۈم سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە ئاتا-ئانىسى ئوقۇيالايدىغان خەتنى بالىلىرى ئوقۇيالمايدىغان، بالىلىرى ئوقۇيالىغان خەتنى ئاتا-ئانىسى ئوقۇيالمايدىغان، ئاتا-ئانىسنىڭ ئورنىغا بالىلىرى خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغان، جان سانىغا قاراپ ئۆي تەقسىملەيدىغان تەييارغا ھەييار بولۇش، جان باقتىلىق، تىرىشماسلىق، توي-تۆكۈن، ئائىلىۋى سورۇن پەرەسلىك ئەۋج ئېلىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا تايىنىۋېلىش خاراكتىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىدە 5-قېتىملىق دەۋىرنىڭ ئارقىدا قېلىش سىگنالى چېلىندى.
1997-يىلدىن 2004-يىلغىچە،خىتتايدا ئىشكىنى ئېچىۋېتىشنىڭ تەسىرىدە، ئالدىن تەرەققىياتقا ئېرىشكەن دېڭىز بويى قىرغاق رايونلىرىدىن مەملىكەت ئىچىگە تەسىر قىلىشقا باشلىغان ئومومىيۈزلۈك <زامانىۋى بازارئىگىلىكى تەرەققىياتى> ۋە <رىقابەتلىشىپ خىزمەت ئورنىغاچىقىش سىياسىتى>—ياستۇقىنى قىرلاپ تىنىق ئۇيقۇدا ياتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئويغىنىشقا ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇش دولقۇنى شۇنداقلا رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكى ئۇيغۇرلارنى<خىتتايچە زامانىۋى بازارئىگلىكى>دولقۇنىدا چايقاپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغاندىن سىرت، بىلىم قۇرۇلمىسى،ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلاردىكى بوشلۇق ئۇيغۇرلارنى يارلىۋىگە قىستاپ ئۇيغۇرجەمئىيتىدىكى باي -نامراتلىق پەرقى چوڭلاپ، قۇتۇپلىشىش سۈرئىتى تېزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2004-يىلدىن2016 -يىلغىچە بولغان بۇ يىللار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە غايەت زور ئويغىنىش، يىڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش، ئۆگىنىش يىللىرى بولدى دېسە-كمۇ بولىدۇ.
بۇ يىللاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ، سودا-ساياھەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇردى. كۆپلەپ مىللىي كارخانىلار بارلىققا كەلدى،نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئاشۇردى. ئۇيغۇرخەلقى بىلىم ئارقىلىقلا ئۆز تەقدىرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇرجەمئىيىتىدىكى ھەرخىل ئىجدىمائىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ئەۋجىگە چىقتى.
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى،چىن چۈەن گو جۇڭگو كوممىنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈسىتىدىكى ئەشەددىي رەزىل سياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ۋەتىنىمىزگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا ئەينى ۋاقىتتىكى جاللات شىڭ شىيسەيدەك قاتتىققوللۇق سىياستىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بارلىق ئالىملارنى،جامائەت ئەربابلىرىنى، ئىختىساسلىق ياشلارنى تۈرمىگە سولاش، باستۇرۇشتىن باشقا بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلىقنى ناتسىستلارچە جازا لاگىرىغا <ئۆگىنىش> نامى بىلەن يىغىۋىلىپ، ئۇيغۇر مىللتىنى (دىنسىزلاشتۇرۇش،ئاسسلماتسىيەلەشتۈرۈش،ئۆلتۈرۈش)قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى نۇرغۇن رەزىل جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى ھەم ئۆتكۈزۋاتىدۇ.
مانا بۇ بىزئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ··········كىچككىنە بىر كارتىنىسى خالاس.
يۇقىردا يېزىپ ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك، «ئەجدادلارنىڭ تەدبىرسىزلىكى، ئەۋلادلارنىڭ چارىسىزلىقى، خورلۇقىغا سەۋەب بولىدۇ»
ھەممىز بىلىمىز ھەم رىئاللىققا كۆز يۇمالمايمىز، ھازىرقى خىتتاي 100يىل ئاۋۋالقى، ياكى 10يىل ئاۋۋالقى ختتاي ئەمەستۇر… رەقىبىمىز مەيلى يۇمشاق، مەيلى قاتتىق دۆلەت كۈچىدە بولسۇن ۋە ياكى ماددىي، مەنىۋى جەھەتلەردە بولسۇن بىزدىن غايەت زور دەرىجىدەئۈستۈن ھەم كۈچلۈكتۇر.
ئەمسە بىز ھەقىقەتەن ئامالىسز ۋە تەدبىرسىزمۇ ؟
ياق، جانابىي كېرەملىك اللە ئىنسانلارنى جاۋابسىز ياراتمىغان، ھەرقانداق قىيىن بىلىنگەن ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەل قىلىش چارىسى ،شۇ مەسلىنىڭ ئۆزىدىن كۆپتۇر.
بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەت ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، ئەڭ ئاۋۋال شۇ مىللەت ۋە شۇ دۆلەتنىڭ ئىتقاد بىرلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئاساسىي چوقۇم كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.
ئىتقاد بىرلىكىدىن ۋە ئالي غايە نۇقتىسدىن ئالغاندا،مىنىڭ نەزىرىمدە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىتقاد بىرلىكى شەك شۈبىھسىزكى —ئىسلامدۇر.
ئالي غايسى بولسا—مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتكە ئىگە بولۇشتۇر.
ئەمدى ئۇيغۇر مىللي ئىقتسادىغا كەلسەك؛
ھەممىزگە ئايان، ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋىي پۇل(ئالتۇن ۋە قەغەز پۇلغا قارىتىلىدى) ساھەسىدە، مەركىزى ھۆكۈمىتى بولمىغان سەۋەبلىك پۇل ئىشلەش ،بېسپ تارقىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىقتىن، ئىقتىساددا خىتتايغا تايىنىپ قېلىشقا،خىتتاي پۇلىنى قانۇنلۇق پۇل ئورنىداسودا ئوبوروتىدا قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇرمىللىي ئىقتىسادىنىڭ ئېقىش يۆلىنىشى ساغلام بولغان ئايلانما زەنجىرسىمان ھالەتتە بولماستىن، بەلكى سىرتقا ئېقىش ھالىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، يىلدا نەچچە يۈز مىلىيارد دوللارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خىتتاي ئاققۇنلارغا ۋە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئېقىپ كېتىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇر ئىقتىسادىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى بولسا؛
دىھقانلار——— يەردىن ھوسۇلغا ئېرىشپ، ئۆزى ئېرىشكەن دارامەتلەرگە يىزا، ناھىيە ياكى شەھەر بازىرىغا بېرىپ ئۇيغۇرلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ياكى ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مىللىي مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدۇ.
سودىگەرلەر——— دىھقانلار تۇرمۇشىغا ئېھتىياجلىق تېراكتور، ئوغۇت، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى 90%خىتتاي ئاققۇنلىرىنىڭ قولىدىن پەقەت 10% ئۇيغۇر مىللي كارخانىلىرىنىڭ قولىدىن توپ ياكى پارچە ئېلىپ دېھقانلارغا ساتىدۇ. شۇنداقلا تاپقان پۇلىغا چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەھەر مەركەزلىرىدىن يەنە خىتتاي ئاققۇنلار سالغان بىنا ياكى دۇكانلارنى، ئېسل ماشىنىلارنى، تېلغۇنلارنى، كىيىم -كېچەكلەرنى سېتۋىلىپ پۇلنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا خىتتاي ئاققۇنلارغا ياكى ھۆكۈمەتكە ئېقىپ كېتىشگە سەۋەب بولىدۇ.
پەقەت ئاز بىر قىسىم ھۆكۈمەتتىن، خىتتاي شېركەتلىرىدىن مۇئاش ئېلىۋاتقان، سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارلا ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىقتىسادنى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن ئۇيغۇرجەمئىيىتىگە قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بۇ ئىقتىسادىي قايتىشنى ئېقىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئىقتىساد بىلەن سېلىشتۇرغاندا دىڭىز بىلەن دەريانىڭ نىڭ سېلشتۇرمىسغا ئوخشايدۇ)
ھازىر پەقەت دىنىي ئىتقادىمىز سەۋەپلىك گۆش سېتىۋىلىش، مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنى ئىستمال قىلىش، مۇسۇلمانچە ئاشخانىلاردا غىزالىنىش قاتارلىق ئىتقادى تاللىشىمىز سەۋەپلىك، ئۇيغۇر ئىقتسادىنىڭ يىلتىزى ساقلاپ قېلىندى دىسەك ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلاردا باقمىچىلىق-قاسساپلىق ، مۇسۇلمانچە گىرىم بۇيۇملىرى،مۇسۇلمانچە ئاشخانا ۋە مۇسۇلمانچە يىمەك -ئىچمەك پىششقلاپ ئىشلەش تىجارىتىدە باي بولغانلار كۆپ. ئەمدى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىل ئامبىرىدىكى ئاقىللار ئۇيغۇر ئىقتسادىنىڭ بۇ مىللىي ئاساسىنىمۇ يوق قىلىۋىتىپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قاراشلىق قىلىپ قويۇش، كۈنلەردىن بىر كۈن ۋەتىنىمىز ئازادلىققا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ يىڭى دۆلىتىمىزنى پۈتمەس-تۈگىمەس قەرىزدارلىق پاتقىغا تىقىپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر بايلىرىنى تۈرمىگە سولاش، مىللىي كارخانلارنى بىر-بىرلەپ يوق قىلىش، ئۇيغۇلارنى ئىتقادسىزلاشتۇرۇش، بارلىق مۇسۇلمانچە نامىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش ياكى يوقۇتۇش قاتارلىق تەدبىر سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادنىڭ مەنبەسىنى تۈپتىن يوق قىلىش ئۈسىتدە داۋاملىق جىددي تۈردە ھەرىكەت قىلماقتا.
داۋامى بار.