ئۇيغۇرلار ۋە كەلگۈسى
(2)
ئۇيغۇر ئىقتىسادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر پۇلىنى تارقىتىش ھەققىدە
«پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گىپى توڭ»
«گاچا بولسىمۇ، باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن»
—ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى
ئا.ب.پانتېكىن
يازمىنىڭ باش قىسمى تارىخنى ئەسلەش ھەم ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى بايان قىلىش ھەققىدە بولغان بولسا، ئەمدىكى قىسمىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ۋە ئەمەلىي پىلان باسقۇچلارنى نەزەرىيە ئاساسىدا بايان قىلىش مەركەز قىلىندۇ.
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىقتىسادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر پۇلىنى تارقىتىش مۇقەررەر ۋە تەخىرسىز مەسلە بۇلۇپ قالدى؟
بۇنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن سياسەت ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى سىياسى ئورنى ھەققىدە ئازىراق چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
سياسەت – – – دۆلەت، تەشكىلات ياكى شەخىسلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەتىنى كاپالەتدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، ھەر ۋاقىت ئۆزمەنپەئەتلىرى ئۈچۈن <دوست بىلەن دۈشمەن، دۈشمەن بىلەن دوست >بولالايدىغان ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشتىن باش تارتماي، يۇمىشاق ياكى قاتتىق ۋاسىتلەر ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدىكى مەۋقەسىنى، قاراشلىرىنى بايان قىلىدىغان قارار، سۆھبەت ياكى دىپلوماتىيەلىك ۋاستىسدۇر.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سىياسەتنىڭ ئۆزى بىر سودا. بۇ سودا :
دۆلەت بىلەن دۆلەت،
دۆلەت بىلەن ھەر تۈرلۈك پارتىيە – تەشكىلات،
دۆلەت بىلەن خەلق،
شۇنداقلا پارتىيە بىلەن پارتىيە-تەشكىلات،
پارتىيە بىلەن خەلق ئارىسدا ئېلىپ بېرىلدىغان ھەر تەرەپ ئۆز مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان سودىدۇر.
دىمەك:
سىياسەت = مەنپەئەت دىمەكتۇر.
ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي ئورنىنى ،ھەر قايسى دۆلەت،تەشكىلات ياكى شۇ دۆلەتنىڭ خەلقىگە يەتكۈزگەن <مەنپەئەت>تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچەپ باقساقلا:
نىمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلىمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ مىللي مەسلىمىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟
نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ مۇستەقىللىق داۋايمىزنى قوللىمايدۇ ؟
قاتارلىق بىر تۈركۈم <نىمە ئۈچۈن؟>لەرنىڭ جاۋابىغا تەبئىيلا ئېرىشەلەيمىز.
چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ جاھان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسەتتىن ئىبارەت مەنپەئەت سورۇنىدا سودىلاشقۇدەك <دەسمايە>سى يوقتۇر.
شۇنىڭغا بىزنىڭ مەسلىمىز دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئارىسدا بولدىغان <مۇھىم سىياسي مەسىلىلەر> قاتارىدا ئەمەس بەلكى كۆپىنچە <كىشلىك ھوقۇق ۋە دىني ئەركىنلىك>تىن ئىبارەت ئىنسان ھوقۇقلىرى سورۇنلىرىدا تەكىتلىنىدۇ .
ئەمەلىيەتتە تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت مۇستەقىللىق مەسلىسنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ،بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاجىز بىر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، خىتتايدىن تېخىمۇ كۆپ پۇل ئۈندۈرىۋىلىش ۋاستىسى خالاس. بۇ خىلدىكى خىتتاينى پارچىلاش كوزورىنى قولىدا تۇتىۋىلىپ، خىتتاينى قاقتى-سوقتى قىلىش خاراكتىرلىق پۇل-مۇئامىلە سىياستىنىڭ يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقمۇ ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
بۇ ھۆكۈمەتلەر خىتتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندە، بىزنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىشىمىزنى قوللىسا،خىتتاي بىلەن مۇناسۋىتى ياخشى بولغاندا، بىزنىڭ ئاپتونومىيەنى،خىتتاينىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مۇھىمى، بىز ھازىرقىدەك شارائىتتا باشقىلارنى چوڭ مەنپەئەت بىلەن قانائەتلەندۈرەلمەيمىز ھەم بەزىبىر دۆلەتلەرنىڭ بىزنى كونتىروللىقىدا كوزۇر قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن مىللي ئازادلىق ئىشلىرىمىزنى ۋە داۋايىمىزنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن يەنە شۇ دۆلەتلەرنىڭ چىرايغا قاراپ ئىش قىلىشقا دائىما مۇھتاج بولىمىز.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى تەمىنىلگەن ھەر تەرەپلىمىلىك مەنپەئەتى ئالدىدا، زور كۆپ قىسىم دۆلەتلەر<ئۇيغۇرلارنى دەپ خىتتاينى رەنجىتىشكە ئەرزىمەيدۇ> دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇلار بىزنىڭ يولۇققان كۈلپەتلىرىمىزگە پەرۋاسىز.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تەھلىل قىلساق، ئىقتىسادىي ۋە قورال كۈچىگە ئىگە بولمىغان بارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا خەتەر تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرالمايدىغان سىياسىي پائالىيەتلەردۇر.
ئۇيغۇر مىللىتى ئىقتساددا بىرلىككە ئىگە بولغان كۈنى ،خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقىي تەھدىد كۈچىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللي ئازادلىق كۆرۈشى باشلانغان كۈنىدۇر.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا قارىساقمۇ، چوڭ دۆلەتتىن – روسيە ۋە خىتتاي ؛ كىچك دۆلەتلەردىن- قازاقستان، ئۆزبىكستان، قىرغىزستان، تاجىكىستان، پاكىستان قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاد، مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى خالىمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلشىدىن سىرت، ئازادلىقتىن كىيىن ھاسىل بولىدىغان تېرىتورىيە،تارىخ،ئىقتىساد مەسللىرىدىن باشقا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللي ئىقتسادىي بىرلىكىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، مىللي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى بەسىي مۈشكۈلدۇر. مىللي ئازادلىق ھەرىكىتىمىز ۋە داۋايىمىزنىڭ ئەڭ نىگىزلىك مەسلىسى (ئىقتىساد) مەسلىسدۇر.
ئۇنداق بولسا، بىز قانداق قىلغاندا ئىقتسادىي بىرلىككە كېلەلەيمىز؟
پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ، جاھان يىڭىلىقلىرى ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ، ئاستا-ئاستا تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمغا ئايلاندى. بۇ يېڭىلىقلار<ئۇيغۇرلار>غا قانداق پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
-2008يىلى بارلىققا كەلگەن مەۋھۇم پۇل (بىت تەڭگىسى)دۇنيا مىقياسىدا مەۋھۇم پۇل سودىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ ئۆز ئالدىغا پۇل ئىشلەش ۋە سودا مۇناسىۋىتى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇنداق بولسا بىز مەۋھۇم پۇل ۋە مەۋھۇم پۇل سودىسى ھەققىدە ئازاراق چۈشۈنچە ئېلىپ بارايلى.
مەۋھۇم پۇلنى چۈشىنىشتىن ئاۋۋال بىز چوقۇم <بۆلەك زەنجىرى يەنى رايونلۇق باغلىنىش زەنجىر>نى بىلىشىمىز كېرەك.
بۆلەك زەنجىرى،رايون باغلىنىش زەنجىرى (blockchain or block chain)دىگىنىمىز:
يەنى يايسىمان(كەڭ) تارقالغان سان -سېغىر ئامبىرىنى تونۇش، خاتىرە قالدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭ قىممەت تورى بولۇپ، باھا قىممەت ئۆلچەش تورى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ توردىكى ھېسابات دەپتىرى بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ھېسابات دەپتىرى ئېنتايىن ئوچۇق ئاشكارا؛ توردا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر سودا ئېنىق ۋە ئوچۇق خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ. شۇ توردىن پايدىلانغان ھەرقانداق ئادەم بۇ ھېسابات دەپتىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنەلەيدۇ.
تۇنجى بولۇپ بارلىققا كەلگەن مەۋھۇم پۇل بىت تەڭگىسى (Bit coin) ۋە بۆلەك زەنجىرى(Block chain) ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى يايونىيەلىك(Satoshi Nakamoto)ساتوشى ناكاموتو بولۇپ، ئۇ 2008-يىلى (بىت تەڭگىسى- – -نۇقتا بىلەن نۇقتا ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئېلىكتىرونلۇق نەق پۇل سودىسى) دىگەن ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلغان؛ 2009-يىلى بىت پۇلى ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى ئېلان قىلغان؛ شۇنداقلا بىت پۇلى سودا-مۇئامىلە سېتىمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ دىيىشىچە،ساتوشى ناكاموتو ھۆكۈمەتسىزلىك تەرەپدارى بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋھۇم پۇل سودىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمۇ، پۇلنى مەلۇم دۆلەت ياكى مەلۇم بانكىنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ قالماسلىق ۋە بىت پۇلنى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتنىڭ كونتروللىقىدا، نازارىتىدە بولمىغان ھالەتتە، دۇنياۋى پۇل سۈپىتىدە سودا ئىشلىرىدا ئەركىن قىممەت ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان.
مەۋھۇم پۇل دىگەن نىمە؟
مەۋھۇم پۇل— (Digital Currency)
ئېلىكتىرونلۇق پۇل، سان-سېغىر پۇلى يەنە مەخپىي شېغىرلىق پۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى بۇ دىگىنىمىز ئېلىكتىرونلۇق پۇلنىڭ ھازىر بىز خەجلەۋاتقان قەغەز پۇلنىڭ ئورنىنى ئېلىشى دەپ ئويلىساق تامامەن خاتالاشمايمىز. مەيلى سان-سېغىرپۇلى بولسۇن ۋە ياكى مەخپىي شېغىرلىق پۇل بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىكترۇنلۇق پۇل بولۇپ مەۋھۇم پۇل كاتوگورىيەسدىدۇر.
مەۋھۇم پۇلنىڭ ئادەتتىكى پۇلدىن ئالاھىدىلىكلىرى قايسى؟
- مەۋھۇم پۇلنىڭ قىممىتى ئوچۇق -ئاشكارا. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەتتىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىلىدىغان پۇلنىڭ قىممىتى ئالتۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي بانكىسى تەرىپىدىن بېسىلىدۇ ھەم تارقىتىلىدۇ. دېمەك، ھۆكۈمەت پۇلنى كۆپ بېسىش ئارقىلىق پۇلىڭىزنىڭ قىممتىنى پاخاللاشتۇرسا، ئاز بېسىش ئارقىلىق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.لېكىن سىز قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ قىممتىنى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇمدۇرسىز.
- مەۋھۇم پۇل ئىنتايىن بىخەتەر.
مەۋھۇم پۇلنىڭ ئارقىدىن كونتورول قىلغۇچىسى ۋە مۇتلەق باشقۇرغۇچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدا پۇلىڭىزنى مۇسادىرە قىلدىغان، توڭلىتىپ قويىدىغان ۋە ياكى مەجبۇرلاش ۋاستىسى بىلەن زورلاپ ئېلىۋالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەستۇر.
- مەۋھۇم پۇل ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى پۇل مۇئامىلىنى قولايلىق ۋە ئاسانلاشتۇرىدۇ.
مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدا مەيلى سىز ئامېرىكىدا بولۇڭ ۋە ياكى ئانتاركتىكا قىتئەسىدە بولۇڭ پەقەت تورلا بولسا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا 10 مىنۇت ئىچىدە پۇلنى بىر ھېساباتتىن يەنە بىر ھىساباتقا يۆتكىيەلەيسىز. ئارلىقتىكى بانكا مۇلازىمەت ھەققى، تېلگرامما ھەققى، پۇل ئالماشتۇرۇش ھەققى…قاتارلىق نۇرغۇن ئارتۇقچە چىقىم ۋە ئارتۇقچە قەدەم باسقۇچلاردىن قۇتۇلىسىز.
- مەۋھۈم پۇل كەلگۈسى دۇنيانىڭ مۇقەررەر بولغان تەرەققىيات يۆلىنىشى ۋە ئېھتىياجىدۇر.
چۈنكى مەۋھۇم پۇل سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق سېتىش ۋە سېتىۋىلىش ئۇچۇرى ئوچۇق- ئاشكارا بولغانلىقتىن، پارىخورلۇق، چىرىكلىك، ئالدامچىلىق قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولۇشىدىن سرت، يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن ئارتۇقچىلىقلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى مەۋھۇم پۇل سودىسىغا جەلپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە سودىسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر ئېھتىياجىغا ئايلىنىدۇ.
ئەمسە بىز ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىمىز ۋە ئازادلىق كۆرەشلىرىمىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرىمىز؟
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ ھازىر قانۇنىي كۈچكە ئىگە، مۇستەقىل ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان دۆلىتىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز پۇل بېسىش ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم .دەل مۇشۇ ئىقتىسادىي كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئاجىزلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ھازىرقىدەك ھەممە كىشى پۇلنىلا تونۇيدىغان، ئاجىزلارنىڭ يىغىسىغا، نالە-زارىغا پىسەنىت قىلمايدىغان پەقەت ئىقتىسادىي ئاساسي كۈچلۈكلەرگە كۈلۈمسرەيدىغان بۇ دۇنيادا، ئىقتىسادىي كۈچلا سىزنىڭ دۇنيادىكى ۋە كىشىلەر ئارسىدىكى ئورنىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىمىزنى ئاشۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىق ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇن مۇمكىن بولمىغان، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلغان پۇل ئىشلەش ۋە ئىقتىسادىي بىردەكلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى ئەمدىلىكتە بىزگە يېتىپ كەلدى.
مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدا ئۇيغۇر پۇلىنى تارقىتىش بىزنىڭ يىڭى چىقىش يولىمىز بولۇپ قالغۇسى.
ئۇيغۇر مەۋھۈم پۇلى – – – تىللا
نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر پۇلىغا<تىللا >دەپ ئىسىم قويىمىز؟
ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمىقى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخى جەريانىدا نۇرغۇن پۇل بىرلىكلىرىنى ئشلەتكەن. مەسلەن:
تەڭگە، تىللا، ئاقچە، زىقچە، كۈمۈش، سوم، دوللار قاتارلىقلار بولۇپ،بۇلاردىن ھەقىقىي ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل خاراكتېرلىق پۇل بىرلىكى <تىللا>دۇر.
ھازىرقى زامانغا قارايدىغان بولساق،بىزگە قوشنا قەۋىم قېرىنداش مىللەتلەردىن :
تۈركىيە – – – لېرا
قازاقسىتان – – – تەڭگە
ئۆزبىكستان – – – سوم
قىرغىزستان – – – سوم
ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،<تىللا> دىن ئىبارەت پۇل بىرلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى تەخىرسىز ئېتىياجىمىزدۇر.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر پۇلىنى مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدا قانداق تارقىتىمىز؟
مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدا پۇل تارقىتىش ۋە ئۇنى بازارغا سېلىش پىلانى ICO (Initial Coin Offering)دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاكسيە بازىرىغا پاي سالماقچى بولغان شېركەتنىڭ IPO (Inital Public Offering)ئېلان قىلىنغىنىغا ئوخشاش ئىش. يەنى بازارغا سېلىنماقچى بولغان ئۇيغۇر تىللاسىنىڭ نىمە مەقسەتتە ،قانداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، تېخنىكلار قوشۇنى، ئۇ پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى، پۇلنى بازارغا سالغۇچى شەخس، شىركەت ياكى تەشكىلاتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى، پۇلنى تەقسىملەش ئەھۋالى، كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ۋە پۇلنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىگە بولغان ئىشەنچىسى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئىزاھلاش ئارقىلىق دۇنيا ئەھلىنى قايىل قىلىپ ، ئۇلارنى ئۇيغۇر تىللاسى سېتىۋىلىشقا قىزىقتۇرۇش ھەم ئۇيغۇر تىللاسنىڭ قىممتىنى ئاشۇرۇش جەريانىدۇر.
ئۇيغۇرتىللاسنى قانچىلىك مىقداردا تارقىتىمىز؟
تارقىتىلىش باھاسى ۋە كەلگۈسىدىكى باھاسى قانداق بولىدۇ؟
ئۇيغۇر پۇلى بىرلىكى – – – ئۇيغۇر تىللاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك سودا بىرلىك مىقدارى0.00000001 تىللادۇر.
ئۇيغۇر پۇلى دەسلەپكى باسقۇچتا 2مىليارد 800 مىليون پاي تارقىتىلىش پىلانلانغان بولۇپ، دەسلەپكى سىناق تارقىتىلىدىغان 10مىليوننىڭ تارقىتىلىش باھاسى 0.05$ ئامېرىكا دوللىرى . ئومومي باھاسى 500000$ مىڭ دوللار.
سىناق باسقۇچى تۈگىگەندىن كېيىن قالغان 2مىليارد 790مىليون ئۇيغۇر پۇلى بازارغا سېلىنىپ، 2140-يىلىغا كەلگەندە 2مىليارد 800 مىليون ئۇيغۇر پۇلى تولۇق تارقىتىلىپ بولىدۇ.
(ئەسكەرتىش: بۇ سان-سىفىرلار شۇ ۋاقىتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ)
كەلگۈسىدە ئۇيغۇر پۇلىنى قىزىقىپ سېتۋالغۇچىلارنىڭ كۆپ-ئازلىقى ئۇيغۇر پۇلىنىڭ ئومومىي قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، قىزىققۇچىلار كۆپ بولسا،1 ئۇيغۇر تىللاسى بەلكىم 20-30مىڭ دوللارغا چىقىپ كېتىش مۇمكىن.
ئەگەردە سىز 0.05$ ۋاقتىدا100$دوللار خەجلەپ 2000 ئۇيغۇر تىللاسى ئېلىپ قويغان بولسىڭىز،باھاسى ئۆرلەپ 1 تىللا 10$دوللارغا چىققاندا 20،000$دوللار، 100 دوللارغا چىققاندا 200،000$يۈزمىڭ دوللار،1000دوللارغا چىققاندا 2.000.000مىليون دوللار، 10،000$دوللارغا چىققاندا بولسا 20،000،000مىليون دوللارلىق قىممەتكە ئىگە بولغان بولىسىز.(بىت تەڭگىسى مىسال قىلىنىدۇ)
دېمەككى ، ئۇيغۇر تىللاسى ئۆرلەش قىممىتىگە ئىگە پۇل بولۇپ، ئالغان ھەر بىر ئادەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن يەنە ئۆزىمۇ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان قوش ئۈنۈملۈك پۇلدۇر.
ئۇنى قانداق سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟
ئۇيغۇر تىللاسى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىللاسنى مەۋھۇم پۇل سودا سۇپىسى (bitfinix,bittrex)قاتارلىقلاردا، دۇنيانىڭ ھەرقانداق پۇلىغا ئالدىن بىت پۇلى، ئېت پۇلى ياكى لېت پۇلىغا تىگىشىپ، ئاندىن شۇ مەۋھۇم پۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر تىللاسىنى سېتۋېلىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇلار ۋە دۇنيانىڭ قوللىشى تۈرتكىسىدە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىللاسنىڭمۇ مەۋھۇم پۇل دۇنياسدىكى ئاساسلىق پۇل بولۇپ قېلىشى تامامەن مۇمكىندۇر.
ئۇنى قانداق ئىشلىتىمىز؟
تەشكىلات تارقاتماقچى بولغان پۇلنى 7:3 پىرسەنت بويىچە بۆلۈش.
70% نى جاھان ئەھلىنىڭ ئېلىپ -سېتىشىغا ئەركىن قويۇپ بېرىش.
20% نى تەشكىلات ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۈندىلىك تەشكىلات پائالىيىتىنى نورمال ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىش.
10%نى (تەرەققىيات فوندى)نى قۇرۇپ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن زىمىن سېتىۋىلىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتىدىغان <مەھمۇدىيە ئۇنۋىرىستىتى>نى قۇرۇش، ئىختىساسلىق، بىلىملىك، ئەقىللىق ئۇيغۇر ئاقىللارنى نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش؛
ئاز-ئازدىن دۇنياغا داڭلىق مىدىيالارنى سېتۋىلىش، ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى بېرىش، ئۇيغۇرلار توغىرىسدا ھەر خىل تېمىلاردا ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردا ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ، جاھان ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى توغرا تونۇتۇش؛ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇش، ئىستىراتىگىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇش قاتارلىق تەخىرسىز بولغان تۈرلەرگە ئىشلىتىش.
(ئەسكەرتىش: بۇ سان-سىفىرلار شۇ ۋاقىتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ)
ئۇنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بار؟
ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىللاسى چوقۇم مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ نامىدا ئوتتۇرىغا چىققىنى ئەڭ ئەۋزەل. بۇ تەشكىلات چوقۇم بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتلىك قىلالايدىغان، بارلىق ئۇيغۇرلار مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئاستىغا توپلاشقان بولۇشى شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تەشكىلاتقا،جاھان مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل ئىگلىرى ھەم ئىختىساسلىقلار توپلاشقان بولۇشى، كەلگۈسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ھەم ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكىدىن قۇتقۇزۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولۇشى كېرەك.
مانا يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇرلار مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدىن كەلگەن ئىقتىسادى كۈچى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئازادلىق ۋە ھۆرلۈك پائالىيەتلىرى بىلەن پائال شۇغۇللىنالايدۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پارلاق ئەتىسىنى يارتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدۇ.
ئۇيغۇر تىللاسى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي قۇللۇقتىن، ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئازادلىق داۋاسىنىڭ سۈرئىتىنى نۇر سۈرئىتى تېزلىكىگە ئىگە قىلىدۇ.
خەۋپ-خەتىرى:
بىلىشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق شەيئىنىڭ ياخشى ۋە ياماندىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى بولىدۇ. بىز ئەلۋەتتە ياخىشى تەرىپىنىلا ئويلاپ يامان تەرىپىگە سەل قارىساق، يامان تەرىپىنىلا ئويلاپ ياخشى تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلىۋەتسەك ياخشى بولمايدۇ. مەۋھۇم پۇلنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خەۋپ – خەتىرى بولۇپ، خەۋپ -خەتەرلىرى تۆۋەندىكى نەچچە تەرەپلىملىك بولىدۇ.
1.خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تور ھۇجۇمى ۋەخىتتايلارنىڭ ئۇيغۇر مەۋھۇم پۇل سودىسىنى كونتورول قىلىشى.
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى—خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەڭ بېشنى ئاغرىتىدىغان، تاجاۋۇزچىلىغىنىڭ داۋاملىشىشى ھەم دۆلەت ئەمىنلىكىگە تەسىر قىلدىغان مەسلە بولغانلىقىدىن ھەر يىلى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۇرغۇن ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ئاجىرتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولغان بارلىق ساھەلەرنى ئالدىن كونتورول قىلىش، يوقۇتۇش ياكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز سۇيقەسىت پىلان قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرنى ئالساق، ھەقىقي ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان (uyghur.org)
دىگەن بۇ تور نامىنى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغان ۋە شىركەت ئاچقان بىر خىتتاي سېتۋالغان بولۇپ، بازارغا سالىمىغان ۋە سېتىشنى قەتئىي چەكلىگەن. يەنە ئوخشاش ھادىسە (uyghur.com) دىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ بازار باھاسىنى 180 مىڭ دوللار قويغان، سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ 180 مىڭ دوللار باھا قويغاندا، باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ باھا قويغانلىقىنى باھانە قىلىپ سېتىپ بەرمىگەن. دېمەككى، مۇشۇنداق تور نامىدىن ئىبارەت ئاددىي ئىشلاردىمۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارغا بولغان يۈكسەك ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ قويمىغان. ئەمدى ئۇيغۇر تىللاسى(ئۇيغۇر پۇلى) مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن ھامان چوقۇم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغايدۇ ۋە بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ تور ھۇجۇمى، بازارنى كونتورول قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىزنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي بىرلىك ھاسىل قىلىشغا جان -جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا بارلىققا كېلىدىغان ھادىسە بولسا:
- تور مۇقىملىقىغا تەسىر يىتىش،مۇلازىمىتېر توختاپ قىلىش،توربىكەت نورمالسىز بولۇش.
- ئۇيغۇر تىللاسىنىڭ باھاسى ئېگىز-پەس بولۇش،ئابونتلارنىڭ پۇلى يۈتۈپ كېتىش ياكى پۇل باھاسى زىيادە چۈشۈپ كېتىش .
3.خىتتاي تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىللاسىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش، مەۋھۇم پۇل تور سودىسى تور بەتلىرى ۋە سودا بازارلىرىغا ئۇيغۇر تىللاسى سودىسىنى چەكلەشكە دەۋەت قىلىش، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىللاسنىڭ بازار باھاسىدىكى ئورنىغا تەسىر كۆرستىش.
- خىتتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىللاسىنى (تېرورلۇققا ياردەم بېرىدىغان پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسى) دەپ ئېلان قىلىشى ياكى دۇنيادىكى مەتبۇئات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ سەلبى بولغان خەۋەرلەرنى يېزىپ تارقىتىپ، ئۇيغۇر تىللاسى ئىستېمالچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر تىللاسىغا بولغان ئىشەنچىسنى يوقۇتۇش.
- كۋانتلىق ھېسابلاش ماشىنىسى بىلەن كۋانتلىق ئالگورىفما ھېساپلاش ۋاسىتسى ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، شۇنداقلا كان كولاش چىقىمنى ئاشۇرۇپ،ئۇيغۇر تىللاسىنى يوقىتىۋېتىش.
قاتارلىقلار…
- ئەلۋەتتە ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىلەن بۇ ئىدىيە ئەمەلىيلەشمىسە، خەلق بۇ ئىدىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمىسە، بىر ئىنسان ياكى بىر نەچچە ئىنسان ھەرقانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ بۇ پەقەت ۋاقىت، ئىقتىساد ئىسىراپچىلىغىدىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. ئەگەردە بىر كىنونى نۇرغۇن ئەجىر ۋە مېھنەت سىڭدۈرۈپ ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، كۆرىدىغان ئادەم بولمىسا، قىممەت يارىتالمىسا ئۇ كىنو ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تۈر-پىلانلار مەغلۇبىيەتكە قاراپ يۈزلەنگەن بولىدۇ. بىر ئادەم بار كۈچى بىلەن ئۆزىدە بارىنى باشقىلارغا بېغىشلىغاندا، چاۋاك چالىدىغان ياكى ياردەمدە بولىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقى ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۆزىمىزگە بەش قولدەك ئايان، ئەڭ خەتەرلىك، ھالىقىلىق پەيىتتە يەنە قولنى قولغا،مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە كۈرەش قىلمىساق، ھازىرقى زامان پەن -تېخنىكسىنىڭ ھەم ئۆملۈكنىڭ كۈچىدىن پايدىلانمىساق ، ھايات ماماتلىق پەيتتە يەنە 300 يىل بۇرۇنقى ،100 يىل بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزدەك سۈكۈت قىلىشنى تاللىساق، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىكى ،ئىتقادىي ۋە مەدەنىيتى پۈتۈنلەي خارابلىققا قاراپ يۈزلىنىشگە بىز سەۋەپچى،خىيانەتكار ۋە ئىككى ئالەملىك گۇناھكار بولۇپ قالىمىز.
بىر مىللەت ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرشىمەي تۇرۇپ،ھەقىقي ئازادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
بىر مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقى شۇ مىللەتنىڭ غورۇرى ۋە ئىززەت ئابرويىدۇر.
مانا بۇ مەۋھۇم پۇل دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر تىللاسىنىڭ( بىرىنچى) خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن كېلدىغان خەۋپ -خەتىرى ۋە (ئىككىنچى) ئۇيغۇرلىرىمىز تەرىپىدىن كېلدىغان خەۋپ -خەتىرىدۇر.
ئاخىرى كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى