ئاقىل
ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى تىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى دەۋردىكى دەرەخ تۇتىمى بىلەن دەرەخنى ئۇلۇغلاش قارىشىدىن شەكىللىنىپ بارلىققا كەلگەن خاس ئادەت. بۇ خىل ئادەتنى ھازىرمۇ يېزا شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەجدادلار ئولتۇراق ئۆي ياساپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ئادىتىگە كۆچكەندىن باشلاپ، ئۆينى سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق – ئۆستەڭ بويىغا سېلىش، ئۈژمە دەرىخى تىكىپ ئىشىك ئالدىنى كۆكەرتىشنى ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرغان.
ئۈژمە دەرىخى باراقسان ئۆسىدىغان، ئۆمرى ئۇزۇن مىۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ مىۋىسى ياز پەسلىنىڭ بېشىدا، باشقا مىۋىلەر پىشىشتىن بۇرۇن پىشىدىغان، يۇمران ئەتلىك، سۇلۇق، شىرىن مىۋە. ئۇنىڭ تۈرلىرى ئاق ئۈژمە، قارا قىزىل رەڭلىك ئۈژمە ۋە چېقىر ئۈژمە دېگەندەك ئۈچ خىل بولىدۇ. ئاق ئۈژمە دەرىخى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ. مىۋىسى ئىنتايىن شىرىن ھەم شىپالىق.
ئۈژمە خاسىيەتلىك دەرەخ. ئۇ كىشىلەر كۈزدە تەييارلىۋالغان ھۆل، قۇرۇق يەل – يىمىشلەر ئاخىرلاشقان، ئاشلىق تۈگەپ قالغان سېرىقتال مەزگىلدە پىشىپ، ئىنساننىڭ مىۋە يىيىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈژمە دەرىخىنى ئىشىك ئالدىغا تىكىشىدە يەنە ساۋاپ تېپىش قارىشىمۇ بار. ئۈژمە پىشقاندا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن غېرىپ – غۇرۋالار، يولۇچىلار، بالىلار ئۈژمىنى ئېرغىتىپ يېسە ئۇسسۇزلىقى قانىدۇ. ئۈژمە يېگەنلەر ئۈژمە دەرىخى تىككۈچىگە ‹‹قولى دەرت كۆرمىسۇن، نازۇ – نېمەتلىرى مول بولسۇن›› دېگەندەك ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› دا، ئۈژمە دەرىخى بىر قانچە جايدا تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە دەرەخ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈژمە پىشقاندا ئۈجمە دەرىخى بار ئادەملەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا مەھەللىدىكىلەر كېلىپ ئۈژمە يېيىشىدۇ، شەھەرلەردىن كىشىلەر توپلىشىپ يېزىلارغا چىقىپ ‹‹ئۈژمە سەيلىسى›› قىلىپ، ئۈژمە يەپ، ئۈژمىنىڭ خاسىيىتىدىن بەھىر ئالىدۇ.
ئۈژمىنىڭ شىپالىق رولى:
ئۈژمىنىڭ جىگەر، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تەمرەتكىنى ساقايتىش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىق روللىرى بار. ئاقىل ئەجدادلار ئۈژمە ئىككىنچى قېتىم پىشقاندا ئۇنىڭدىن ‹‹ئۈژمە شىرنىسى›› ياساپ، قىش پەسلىدە ئەتتىگەنلىك غىزادا 1 ~ 2 قوشۇقتىن ئىچىشنى ئادەتلەندۈرگەن. ئۈژمىنى قۇرۇتۇپ ‹‹ۋاسالغۇ›› قىلىپ، ئىستىمال قىلىشنىمۇ غىزالىنىش ئادىتى قىلغان.
ئۈژمە شىرنىسى تەييارلاش ئۇسۇلى:
پىشقان ئۈژمىنى داستىخانغا ئېرغىتىپ، بىللە چۈشكەن يوپۇرماق، شاخچىلارنى ئېلىۋېتىپ، قازانغا تۆكىمىز. قۇرۇق سۆگەت چىۋىقىنى يېقىلغۇ قىلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىمىز. ئۈژمە تېرىپىدىن ئايرىلغاندا چىۋىق چويلا بىلەن (چويلا ھۆل سېلىنمىسۇن) تېرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۈژمە سۈيى قارامتۇل رەڭگە كىرگۈچە قاينىتىمىز. شىرنە تەييار بولغاندا قۇرۇق قاچىغا ئېلىپ ساقلىساق بولىدۇ. شىرنىنىڭ قۈۋىتى كۈچلۈك، شىپالىق رولى چوڭ بولىدۇ.
ۋاسالغۇمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈژمە دەرىخى تىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ پىلە بېقىش ۋە پىلىدىن يىپەك چىقىرىپ ‹‹ئەتلەس››، ‹‹شايى تاۋار›› قاتارلىق نەپىس رەختلەرنى توقۇپ، ئۇنىڭدىن خاس كىيىملەرنى تىكىپ كىيىشكە ئاساس سالغان.
ئۈژمە دەرىخى ياغىچى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ياغاچ. ئۇنىڭ ياغىچى چىڭ، چىداملىق، ئويۇش، يونۇشقا ئەپلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن تەڭنە، ئاياق، قوشۇق ئويۇلىدۇ. چالغۇ ئەسۋاپلاردىن تەمبۇر، راۋاپ، دۇتتار، داپ چەمبىرىكى، سۇناي دەستىسى، ناغرا قاتارلىقلارنى ياسىسا كۆركەم بولىدۇ.
مەنبە: ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر›› دىن.
مەنبە: ئاقىللار مۇنبىرى.