ۋەھىمەمنى ئېلىپ تاشلىدىم
سەئىد ئەمىر
مەن بۇرۇن مۇنداق ئويلايتتىم، «مەن نامايىشلارغا قاتنىشىپ كامىراغا چۈشۈپ قالسام ئاتا – ئانامغا، قېرىنداشلىرىمغا بىر ئىش بولۇپ قالامۇ؟ زۇلۇمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالارمەنمۇ؟» دەپ، ھازىرمۇ ھەم مۇشۇ ئەندىشىلىرىم يوق ئەمەس. لېكىن مېنى ئاتا – ئانا سۆيگۈسىدىنمۇ ئارتۇقراق بىر سۆيگۈ بۇ يولغا دادىل قەدەم قويۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن سۆيگۈسى. مەن ۋەتىنىمنى ئاتا – ئانامدىن يۇقىرى بىر ئۇرۇنغا قويدۇم. مېنىڭ چۈشەنچەم بۇ ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن يەنە بىر ئەقىل تاپتى. يۈرۈگۈم ماڭا، مەن ھەر قېتىم «ئاتا – ئانام، قېرىنداشلىرىم » دېگەن ۋاقتىمدا،« سېنىڭ بىرلا ئاتا – ئاناڭ يوق، قېرىندىشىڭمۇ بىرقانچە ئەمەس» دەپ خىتاب قىلىدۇ.
توغرا، مېنىڭ ئاتا – ئانام بىلەن ۋەتەندىكى بارلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ نېمە پەرقى بار؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغۇ، مىللەتنىڭ قىزلىرىغۇ، مىللەتنىڭ ئۇغۇللىرىغۇ، ئۇلارمۇ مېنىڭ قېرىنداشلىرىمغۇ، مەن ۋەتىنىمدىن ۋەتىنىم ئۈچۈن ئايرىلمىغانمىدىم، دىنىم ئۈچۈن ئايرىلمىغانمىدىم، بۈگۈنگە كەلگەندە ۋەتەن ئۈچۈن بايراقلارنى لەپىلدىتىپ زەپەر دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان مۇشۇنداق پەيىتتە،« ئاتا – ئانام » دەپ چېكىنىش يولىنى تاللاپ قالسام، مەن ئاتا – ئانامغا يۈز كېلەلەمدىم؟ ۋەتىنىمگە يۈز كېلەلەمدىم ؟ ئاچا – سىڭىللىرىمغا يۈز كېلەلەمدىم ؟ ئاكا – ئىنىلىرىمگە يۈز كېلەلەمدىم ؟ ياق، ھەرگىزمۇ يۈز كېلەلمەيمەن. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمەن ، رەببىمگە بۇنىڭ جاۋابىنى بېرەلمەيمەن .
مەن بۇلارنى ئويلاپ شۇنداق بىر قارارغا كەلدىم ۋە رەببىم ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن دۇئالىرىمدا يىغلاپ تۇرۇپ، ئاغرىغان يۈرىگىمگە سوغۇق نەرسىلەرنى قۇيۇپ تۇرۇپ، كېرەملىك ئىگەمدىن سورىدىم . «ئەي! دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىگىسى بولغان كېرەملىك زات، ئەگەر مەن دىنىم، ۋەتىنىم ، مىللىتىم ۋە ھۆرلىكىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولۇمدا، ئاتا – ئانامنىڭ خاتىرجەملىكى ياكى ئۇلارغا بىر زىيان يېتىپ قېلىشتىن قورقۇشۇم سەۋەبلىك، بۇ يۇلۇمدىن توختاپ قېلىشىمغا سەۋەبچى بۇلۇپ قالسام، ئۇلارنى شېھىت قىلىۋەتسىلە، ئۇلارغا ئۆز دەرگاھىلىرىدا رەھمەت قىلسىلا ۋە ئۇلارنى مەغپىرەت قىلسىلا » دەپ دۇئا قىلدىم .
ھەقىقەتەن بۇنداق بىر غەيرەتكە كەلمەك بەك تەس ھەم بەك مۈشكۈل ، لىكىن مەن بۇنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم . چۈنكى مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدىلا بۇ جېنىمدىن كىچىپ بولغان. ئەمما، ئاتا – ئانامدىن كېچەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن سىڭگەن نېنىمنى يىيىشكە مەجبۇر بولغان، زۇلۇملارغا كۆز يۇمۇشقا مەجبۇر بولغان. ۋەتەندىن ئايرىلدىم، يەنىلا ئاتا – ئانامنى ئويلاپ ھېچ ئىش قىلالمىدىم. ھەتتاكى بىر قانچە ئۇيغۇر يىغىلغان يەرگە بېرىشتىنمۇ قورقتۇم .
ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئاتا – ئانامنىڭ ۋاقىتلىق ئاتالمىش خاتىرجەملىكىدىن كەچتىم ۋە چۈشۈنۈپ يەتتىمكى جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولمايدىكەن ، بىرلىك بولماي تىرىكلىك بولمايدىكەن .
قېرىنداشلار قورقمايلى ! ئاتلىنايلى !
ئۆلۈم ئىنسانغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن مەردانىلەرچە شېھىت بولايلى ياكى غازى، بىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرىمىزمۇ بىزگە ئوخشاش قەددىنى تىك تۇتۇپ مەردانىلارچە شېھىت بولۇشقا تەييارلانسۇن، جەڭ مەيدانلىرىدا مىڭلارچە جان بەرسەكمۇ بېرەيلى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەيلى .
بۇ يولدا يا شېھىت بولايلى ياكى غەلىبە بىلەن غازى بولايلى قېرىنداشلار !
ئاللاھ يولىمىزنى ئوچۇق قىلىپ بەرسۇن، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقىنى تېزلەشتۈرۈپ بەرسۇن. ئامىن!
2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 31 – كۈنى. ئىستانبۇل.