بۇ يىل رامىزان كىرگەندىن باشلاپ، ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئۇچىسىغا ئاپئاق كېپەنلىك ياكى خىتتاينىڭ جازا لاگىرىدىكى مەھبۇسلار كىيىمىنى كىيگەن، بوينىغا شەرقىي تۈركىستاندا ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رەسىملىرىنى ئاسقان، پۇت – قوللىرى ئېغىر تۆمۈر – كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەنگەن، ئىككى ياش شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
بۇ مۇقەددەس ئايدا، پىژغىرىن ئىسسىقتا ھاردىم – تالدىم دېمەي، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان، شۇ مەزلۇم خەلقىمىز ئۈچۈن دۇئا تەلەپ قىلىۋاتقان ئەنۋەرجان، ئېھسان ئىسىملىك بۇ ئىككى پىدائىيلىرىمىز، رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ئەھمەت، ئەمىن ئۆنۈ، فاتىھ، ئەيۇپ سۇلتان،چاملىجا، باغچىلى ئەۋلەر قاتارلىق جايلاردىكى جامىيلارنىڭ ئالدى ياكى كىشىلەر كۆپ ئۆتىدىغان چوڭ مەيدان، كوچىلاردا خىتتايغا بولغان نارازىلىقىنى يۇقارقىدەك ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.
ۋەتەن دەۋاسىنى قولىمىزدىن كەلگەن شەكىلدە، ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىمىزدىكى ئاممىغا ئاڭلىتىش مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.