ۋەتەنسىز قويغىنىڭ
ئىقبال
ۋەتەنسىز قويغىنىڭ يارەب جىمى خارلىققا تەڭداشكەن،
تومۇردا ئاققىنى ھىجران، كۆزلەردىن ئاققان زەرداپكەن.
كېچە يۈ كۈندۈز ئەس يادنى قاماللىغان ۋەتەنسىزلىك،
ئالغان نەپەس تۈتۈن گويا، ئۆپكىدىن چىققان قىرتاقكەن.
ۋەتەنسىز قويغىنىڭ يارەب تىرىك تۇرۇپلا ئۆلمەككەن،
بايراقسىز ياشىماق ئۆزى ئىنسانلىققا زور تۆھمەتكەن.
ۋەتەن باشپاناھىڭكەن، بايراق يېپىنچاڭ ھەر يەردە،
باشپاناھسىزنى ياتلار، تاغدەك تۇرسىمۇ كۆرمەسكەن.
ۋەتەنسىز قويغىنىڭ يارەب روھ تەندىن ئۇزاقتا يۈرمەككەن ،
ھىجرانغا مەھكۇم يۈرەك ۋىسال ئىشقىدا چۈرمەككەن.
تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز كونىلار تەمسىلى بەرھەق،
مەككىدە يۈرسەڭمۇ، تىنىق ۋەتەن دەپ ئارام سۈرمەسكەن.
ۋەتەنسىز قويغىنىڭ يارەب جىمى مۇپتىلاغا باشكەن،
ھەركۈن ھەر يەردە قىسمەت، قۇرۇماس كۆزدىن قان – ياشكەن.
يېگەن لوقماڭ زەھەر ئىكەن، تۈرۈپ قالار كانايدا سۇ،
ئىمان يۆلەك بولمىسا گەر، ھەتتاكى ئۆلۈم لەززەتكەن.
ۋەتەنسىز قويغىنىڭ يارەب ھاياتتا چوڭ سىناغىڭكەن،
بايراقسىز قويغىنىڭ يارەب ئەسلى ئۆچكەن چىراغىڭكەن.
ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن دېسە، ئەجەبلەنگىنىم بولغان،
ئىمان نەپەس بولسا ئەگەر ۋەتەن سېنىڭ دىماغىڭكەن.
ۋەتەنسز قويغىنڭ يارەب ۋەتەن ئىشقىدا چاپماقكەن،
بايراق پىراقىدا ھەركۈن ھىلال، يۇلتۇز بوپ يانماقكەن.
تەۋھىدنىڭ ئەسلى مەناسى ھۆر ۋەتەندە ھۆرلۈك ھۆركەن،
ۋەتەن ئىشقىدا ئاللاھ دەپ شاھادەتكە توغرا چاپماقكەن.
ۋەتەنسز قويغىنىڭ يارەب ھەقنى باتىلدىن ئالماقكەن،
ۋەتەن قەرزىنى بىلمەسلىك ئەسلىدە ھەقتىن تانماقكەن.
ۋەتەنگە ھۆرلۈك بولماستىن، ئىمان ھەر يەردە نىمجانكەن،
شۇ مۇبارەك ئەزان ئۈچۈن ئاللاھ ئىشقىدا يانماقكەن.