ۋەتەنسىزگە سۆيگۈ ماتەم
ئىقبال
مۇھەببەتسىز يۈرەكلەرگە سىغماس ۋەتەن مۇھەببىتى،
ۋەتەنسىزدە ۋىجدان بولماس، بولماس ئىمان ھارارىتى.
ياشىغان يەر راھەت بەخىش باغۇ – بوستان بولسىمۇ گەر،
تۇغۇلغان يەر جاڭگال ۋە چۆل ياراتقاننىڭ ئامانىتى.
تۇغۇلۇپلا كىندىك قېنى تۇپراققا ئوي سىڭىشكەنلىك،
جىسمىمىزنىڭ ئول تۇپراقتىن كەلگەنلىكنىڭ ئالامىتى.
روھىمىزغا پۈۋلەنگەن روھ رەببىمىزنىڭ ھېكمىتى ھەم،
تۇپراق بىلەن بۇ روھ تەننىڭ يارىتىلىش كارامىتى.
ۋەتەنسىزنىڭ مىسالىدۇر چاچقا چۈشكەن پۇلسىز كىپەك،
تۇرار جاي يوق تۇرغاندىمۇ چاڭقاپ ئۆتەر دىل تارىسى.
ھەشەمەتلىك ئايۋان ساراي، شۆھرەتلەرمۇ قىلالماس خۇش،
چۈنكى ۋەتەن مۇھەببىتى، پاك ئىماننىڭ بىر پارچىسى.
ئىمانسىزغا ۋەتەن ماتەم، ۋەتەنسىزگە سۆيگۈ ماتەم.
ئىمان، ۋىجدان، سۆيگۈ ئەسلى ۋەتىنىنىڭ غەمخانىسى.