ئاپتور ھەققىدە

كۈرەش ئاتاخان

كۈرەش ئاتاخان

كۈرەش ئاتاخان، 1965.05.24 ئۇيغۇرىستاننىڭ ئارتۇش شەھەرىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە ئارتۇش ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، كېيىن ئۇيغۇرىستان ئۇنىۋەرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، نەشرىياتتا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.ھازىر گېرمانىيەدە ياشايدۇ.ئۇيغۇرىستان كۈلتۈر مەركىزىنىڭ پرېزدېنتى.مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست!

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

2 ئىنكاس

  1. 1
    كۆرەش ئاتاخان

    كۆرەش ئاتاخان

    مىللىي مۇستەقىللىق بايرىقى ئاستىدا بىرلىشەيلى!
    -مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت!
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قەرىنداشلىرىم. ھەممىڭىزلارنىڭ ئۇلۇغ رۇزى-رامازان كۈنلىرىگە قۇتلۇق بولسۇن.
    مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، دوستقا ئۆلۈم، دۈشمەڭە توي قۇرۇپ بەرمەيلى! ئەزىز خەلقىمىزنىڭ بېشىغا تارىختا ھىچ كەلمىگەن مىڭبىر مۇشاقەتلەر كەلگەن بۇگۈنكىدەك قارا كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىستەراتەگىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ ياخشى بولدى. ئەمما بۇ پاالىيەتكە مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ ۋەكىلى قىلىنىپ دۇنياغا تونۇتۇلغان رەبىيا كادەەر خانىمنىڭ تولۇق ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتقىنى تازا توغرا بولمىدى. بەزى ھادىسىلەردىن يىغىننى تەشكىللىگەن قېرىنداشلارنىڭمۇ خېلىلا كۆپ پىرىنسىپلىق خاتالارغا يول قويغانلىقى مەلۇم بولماقتا. يىغىننىڭ ئالدى كەينىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ تەپسىلاتىدىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە غۇم باركەن، دېگەن قاراشقا كەلدۇق!
    بولدى بەس! خەلقىمىز بۇنداق ئىچكىي قۇرساق سوقۇش سالدۇرۇشلاردىن جاق تويدى. ئات ئايلىخان، يول سارىخان بولۇپ قالسا بولمايدۇ. مىللىي ھەركىتىمىزدە ئادەمنىڭ ئەمەس، داۋانىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشايلى، پايدا-مەنپەەتنىڭ، دۇايى-سالامنىڭ ئەتراپىغا ئەمەس، خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسى تەرەپكە ئۇيۇشايلى! خەلقىمىزدە ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ، دېگەن ماقال بار. ئەمدى خەلقىمىز بىھۇدە بىر-بىرىنىڭ قەلبىنى قىرمىسۇن!خەلقىمىزنىڭ كۆزىدىن قان ئېقىۋاتىدۇ، قېرىنداشلىرىمىز نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتىدۇ بىلمەيمىز. ئەمدى بولسىمۇ ھەقىقەتكە قايىتايلى، ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى، راست گەپ قىلايلى، توغرا يولدا ماڭايلى!
    مىللىي داۋا قوشۇنىمىزدا ئۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدىغان، دۈشمەننى ئۇنتۇپ ئۆز ئىچىدىن دۈشمەن ياسساپ چىقىپ خەلقىمىزنى بىھۇدە زىيان تارقۇزىدىغان ئىشلار بارغانچە ئەۋىج ئېلىپ كەتتى.بۇنداق ئىشلار 10 يىلدىن بەرى ئارقا-ئارقىدىن ناھايىتى كۆپ يۈز بەردى. مىسال: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ماارىپ تەشكىلاتى قاتارلىق بەزى بىر مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى، خىتايلار قۇردى دەپ سۆز-چۆچەك تارقىتىلدى.
    مىللىي داۋا قوشۇنىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پىداكار ۋە قابىلىيەتلىك شەخىسلەر خىتاينىڭ جاسۇسى، دەپ سېسىتىلىپ، ئاۋام-خەلىق ئارىسىدا ئابرويسىزلاندۇرۇلدى.ئۇنىڭدىن باشقا ھۈرمەتلىك ئىلھام ماھمۇت، سەمەت ئابلا، ئەركىن ئەكرەم، مەمەت توھتى ۋە ئۆمەر قانات قاتارلىق يەنە نۇرغۇن ئەپەندىلەرنىڭ مىللىي داۋانىڭ مۇھىم سەپلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلىشى ئۆزلىرىنى ئۆزى مۇھىم دەپ قاراپ باشقا ھەممىنى كۆزگە ئىلمايۋاتقانلارنىڭ بىجىرىكسىزلىكىدىن ئوتتۇرغا چىقتى.
    مىللىي كۈرەش سېپىمىزدە ئورتىغا چىققان بىر قاتار چۇۋالچاق ھادىسىلەر داۋا قوشۇنىدىكىلەرنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىپ، تەشكىلاتلارنى پارچىلىۋەتتى ياكى يوق قىلىۋەتتى…خەلقىمىمىزنىڭ مىللىي ھەركىتىمىزدىن كۆڭلى سوۋۇدى…ۋاھاكازالار!
    ئارقا ئارقىدىن يۈز بەرگەن يوقارقىدەك ھادىسىلەر، مىللىي داۋايىمىزدا بۇگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق قىپ-قىزىل پاجىيەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولدى!بۇ خاتالارنىڭ زىيىنى كۈندىن-كۈڭە ئېغىر بولۇپ كېتىۋاتسىمۇ يەنىلا قۇرساق سوقۇشتۇرىۋاتقانلارنى ئىتتىپالاشتۇرۇپ قويساقلا ھەممە ئىش پۈتىدۇ، دەپ قارالدى. بىر پۈتۈن مىللىي ھەرىكەت سىستىمىسىدىن چىققان چاتاقنى نەچچە ئادەمنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇپلا ئوڭشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلغا قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولدى.بۇلار بىزنىڭكىدەك سىياسىي تەقدىرى مۇرەككەپ مىللەتلەر ئۈچۈن كوللىكتىپ ھالاك قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان، ئالدىنى ئالمىسا قەتتىي بولمايدىغان ھادىساتلاردۇر.
    توغرا، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي داۋا ھەققىدە ئۆز ئالدىغا پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار. پىكىرلەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا دېموكراتتىك پىرىنسىپلار ئاساسىدا باھا بەرىش لازىم ئەلبەتتە.مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىغا زىيان سالمىغان ئەھۋالدا تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ بولىشى، تەشكىلاتلاردىكى شەخىسلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ھەر خىل بولىشى غايەت نورمال بىر ئىش! ئەمما تۈپ پىرىنسىپلار ئاياق ئاستى قىلىنغاندا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، غەلبە دېگەنلەردىن ھەرگىز سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ…ئەگەر مىللىي داۋانىڭ ئىھتىياجىغا لايىق، ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆلچەم بولمىسا نېمەنىڭ توغرا، نېمەنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنىمۇ پەرىق ئەتكىلى بولمايدۇ. ھازىر مىللىي داۋايىمىزدا خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جىددىي قايىدە ۋە پىرىنسىپلار يوق بولغاچقا، داۋا سېپىدىكىلەر ئۆزىنىڭ تار مەنپەەتلىرىنى ئويلاپ مەسەلىلەرگە باھا بېرىۋاتىدۇ ۋە خۇددى بۇگۈنكىدەكلا مىللىي تەقدىرىمىزگە جىددىي مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا يول بەلگۈلەپ مېڭىۋاتىدۇ.
    خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىدا خىتايلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق كوممېنىست سىستېمىسى قالدۇرغان ئېغىر يارالار بار. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تار بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرى بىلەن مىللەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا باھا بەرمەكتە. دەمىسىمۇ بەزىلەر رەبىيا كادەەر خانىمنى خۇددى لىن بىودەك كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇلۇق ئىنسان دەپ ماختاۋاتىدۇ. ماۋۇ باشقىلار بولسا ئۇنداق ئەمەس دەۋاتىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ياخشى-ياماننى بېكىتىشتە ئۆلچەم قىلىدىغان، خەلىق ھېمايە قىلىدىغان ھىچقانداق بىر تارازىغا توختىغۇدەك ئۆلچىمى بولمىغاچقا، بىر-بىرىگە چالا ساۋات كىشىلەردەك ھوجۇم قىلىشماقتا.
    بىز دەموكراتتىك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭچە دەل بۇ مەسەلىدە جاھىللىق قىلىۋەرمەي ھەقىقەت قايسى تەرەپتە بولسا شۇ تەرەپتە تۇرغانىمىز ياخشى. ھەقىقەت ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپتە بولمىسا، ھەقىقەت تەرەپتارلىرىنى يېڭىدىن تەشكىللەپ چىقىشىمىز لازىم بولىدۇ. بىزنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزغا زىيان سالغان بىرىنچى مەسىلە خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەس بەلكى نادانلىق، بىلىمسىزلىك، شۆرەتپەرەسلىك، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك شۇنداقلا ئازغىنە ماددىي مەنپەەتنى دەپ مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ تۈپ قايىدە پىرىنسىپلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق يامان ئىللەت تەشكىلاتلارغا ۋە ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان شەخىسلەردىن تارتىپ، ئەڭ ئادەتتىكى ئاۋام پۇخرالارغىچە خۇددى يوقۇملۇق كېسەلدەك يامراپ كەتتى، ھەرگىز تۈزۈتىلمىدى.
    رەبىيا كادەەر خانىم ئەينى چاغدا مەن پادىشا، ئۇيغۇرلار مەنىڭ قۇلۇم، بۇ ھوقۇق بۇندىن كەيىن ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مەنىڭ ۋە مەنىڭ جەمەتىمنىڭ قولىدا بولىدۇ، دەگەنىدى. مېڭىچە بۇنداق ئويلاش تولىمۇ كۈلكۈلۈك ھەم بىمەنە بىر ئىشىدى.
    بۇ مەزلۇم يەنە بىزنىڭ مەقسىدىمىز دەۋلەت قۇرۇش ئەمەس، مىللىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگۈلەش ۋە خىنجاڭنى ئۆز ئالدىمىزغا خەنزۇلار بىلەن بىرلىكتە سوراش، دېدى. بىز ئۇنىڭ رەسمىي سورۇنلاردا تەكىتلەيدىغان بۇ بىر قانچە تەشەببۇسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتۇق، پايدىسى بولمىدى.
    توۋا دەپ ياقامىزنى تۇتتۇق، ئەتراپىمىزدا بىزگە ئوخشاش پىكىردىكىلەرنىڭ مىللىي داۋا يولىدا قىلغانلىرىنىڭ ھىچقانداق ئەتىۋارى بولمىغاچقا قاتتىق بىارام بولۇپ كەتتۇق. مەزلۇمنىڭ گەپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا ئىش چاتاق ئىدى. مەسەلەن مەن شۇ چاغدا قاتتىق ئەپسۇسلىنىش ۋە ئۈمىتسىزلىك ئىچدە دۇق تىن ئايرىللپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ياقىلايدىغان بىر ئاساسىي قانۇننى ئۆزىگە تۈپ پەلەسەپە قىلغان، ئۈزىل-كېسىل مۇستەقىللىق تەرەپتارى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنى كۈچلەندۈرۈش لازىم، دەپ قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلانغانلارنىڭ بىرى بولدۇم .
    بىرقانچىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتىنى قايتىدىن تەشكىللىدۇق. بىز مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ، جان چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ ئىدىولوگىيە تەرەپتىكى تۈپ پىرىنسىپلىرىنى بىر ئامال قىلىپ قوغداپ قەلىش كەرەك، دەپ قارىدۇق. بىز قولىمىزدا بار بولغان ئازغىنە ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى نامىدىن تەشۋىقاتنى بار كۈچۈمىز بىلەن كۈچلەندۈردۇق.
    بۇ ئىشلارغا 10 يىل بولاي دېدى. خەلقارا مۇناسىۋەتلەر ۋە خىتاينىڭ مىللىي زۇلۇمىدا نۇرغۇن ئىلگىرلەشلەر بولدى. مىللىي داۋايىمىز خۇددى قېتىپ قالغان تاشتەكلا بىر يەردە تۇرماقتا. رەبىيا كادەەر خانىم: “بىزنىڭ مەقسىدىمىز دەۋلەت قۇرۇش ئەمەس، مىللىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگۈلەش ۋە خىنجاڭنى ئۆز ئالدىمىزغا خەنزۇلار بىلەن بىرلىكتە سوراش”،-دېگەن پىرىنسىپىدىن بۇگۈڭىچە سىرلىق بىر شەكىلدە ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىدى.
    رەبىيا كادەەر خانىمنىڭ ئۇيغۇر بىلەن يالغۇز قالسا بىزگە مۇستەقىللىق دەپ، ياتلار بىلەن جۈملىدىن خىتايلار بىلەن بولغان رەسمىي سورۇنلاردا بىزگە مىللىي باراۋەرلىك ۋە دىنىي ئەركىنلىك كېرەك، دەيدىغان داۋا ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك تەشەببۇسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشقانلار، ئارقا-ئارقىدىن ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى.
    رەبىيا كادەەر خانىم “مىللىتىمىز خىتاي ئەمەس. ۋەتىنىمىز خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. مەقسىدىمىز مىللىي مۇستەقىللىق!” قاتارلىق ئۈچ جۈملىنى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ مۇقەددەس بايرىقى سۈپىتىدە ئېگىز كۆتۈرۈشىمىزگە بىر ئاماللارنى قىلىپ توسقۇنلۇق قىلدى ۋە قەتتىيلىك بىلەن ئۇنداق ئورۇنۇشلىرىمىزغا قارشى تۇردى! بۇ ھادىسىنىڭ قاتتىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئىنچىكە ھېساپلىمىدى. گۇمانلىق، ئارقا كۆرۈنىشى قاراڭغۇ ئادەملەرنى ئەتراپىغا بولىشىغا توپلىۋېلىپ، ھەقىقى پىداكار ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئادەملەرگە ئېغىر زەربە بەردى.
    يىللاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ جانىجان مەنپەەتىگە ئالاقىدار بولغان مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى قوغداش ھەققىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنىڭ تۈزكرەك پايدىسى بولمىدى.قاراڭ بۇ مەزلۇم 10 يىلدىن كەيىنمۇ يەنە، بولسا مەنىڭ دەگىنىمدەك بولىدۇ، بولمىسا ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىمەن دەۋاتىدۇ. بۇ ئىنسان قەرىغاندا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر پىسىخىك ئەيىپتۇر. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق رىيالىق تامامەن ئوتتۇردا تۇرسىمۇ مىللىي ھەركىتىمىزدە يۈز بەرىۋاتقان چەكىنىشلەرنى كۆرمەسكە سەلىپ، يەنى رەبىيا كادەەر ۋە ياكى پالانچى پۇستانچى، دەپ ھۇررا توۋلىشى خۇددى يىقىلغان چەلىشقا تويمىغاندەكلا بىر ئىش بولىۋاتىدۇ. بۇ نادان خەلىق ئەگەر يەنە سايلام ئېچىلىپ قالسا رەبىيا كادەەرنى يەنە سايلايدىغاندەك قىلىدۇ.
    گەپنى ئوچۇق ئېيىتساق يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سايلامنى سايلام دېگىلى بولمايدۇ. سايلاملار مىللىي داۋاغا بولغان مەسۇلىيەت ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئەمەس پۈتۈنلەي سىياسىي يامان غەرەزلەر ئارلاشقان خەتەرلىك ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ. سايلام مەزگىلىدە كىملىكىنى تازا بىلگىلى بولمايدىغان، سايلامدىن باشقا ۋاقىتتا سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ئۇششاق ئادەملەر ئاۋاز بېرىپ رەيىس سايلاۋاتىدۇ. بىزنىڭ رەيىس سايلايدىغان ئىشىمىز يېزا باشلىقى سايلايدىغان ئىشقا ئوخشىماسلىقى كېرەك. سايلام ئەھلىدە سايلانغان ئادەمنىڭ چوقۇم خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان بولىشى، قارىي-قۇران ئادەم بولىشى، مىللەتنى دەپ رىيازەت چەككەن ئادەم بولىشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغان بىر قاتار خاتا قاراشلار بار. مىللىي ھەركىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشى، مىللىتىمىزنى، تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ئاكادېمىك سەۋىيەدە بىلىدىغان، دوستىمىزنى، دۈشمىنىمىزنى، خەلقارا نازۇك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ پۈتۈن ئالاھىيدىلىكلىرىنى ئالىي مەكتەپ سەۋىيسىدە چۈشىنىدىغان، ئۆزىمىزنى، خىتاينى، خەلقارا جەمىيەتنى، دىن ۋە مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى خۇددى كىچىكلىتىلگەن شەھەر مودىلىدەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، جىددىي پەيىتلەردە مىللەتكە ھەقىقىي پايدىلىق قارارلارنى چىقىرالايدىغان قابىلىيەتلىك مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلەرنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. مىللىي ھەركىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان قوشۇننى باشتىن ئاخىرغىچە سەرخىللاشتۇرۇشتا بىلىمدىن ئۇزاق ھالدا خۇراپىي ھىس ھاياجانغا بېرىلىپ ئىش قىلىۋەرسەك بولمايدۇ.
    چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرىنى سايلايدىغاندا سايلامغا ئالاھىيدە قاتتىق تەلەپ قويۇشىمىز، ئىشىكى يۈتۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىنى سايلامغا يىغىۋالماي، بىلىم ئارقا كۆرۈنىشىگە، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋە سىياسىي قىياپىتىگە ئالاھىيدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم! بىزنىڭ ئەھۋالىمىز خەلقارادا سايلام قىلىۋاتقان ھەرقانداق مىللەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئەمدى بۇرۇنقىدەك مەسۇلىيەتسىزلىك، بىخۇتلۇق ۋە بىپەرۋالىق بىلەن كۆتۈرۈلگەن قولنىلا ساناپ سايلام ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقىدەك چېچىلاڭغۇلۇق قىلساق مايمۇندىن پەرقىمىز قالمايدۇ ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئالدىدا تۇز كۆر بولۇپ كېتىمىز!
    گەپنىڭ خۇلاسىسى: تەشكىلاتلار ۋە مىلىي داۋا قوشۇنى كېيىنكى ئون يىلدىن بېرى ئەدىولوگىيە ۋە پىكىر تەرەپتىن ناھايىتى كۆپ پارچىلىنىپ كەتتى. مىلىي داۋايىمىز كەتتىكچە ئاجىزلاپ، قوشۇنىمىز ئىنتايىن قانسىراپ كەتىۋاتىدۇ! قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنىڭ كۆرىنەرلىك پايدىسى بولمىدى. ئەمدى بولسىمۇ مىللىي داۋا قوشۇنىمىزنى ياخشى بىر تەرتىپكە سالمىساق بولمايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! مېنىڭچە ھازىرقى كىرزىسنى مىللىي داۋا قوشۇنىمىزدىكى ھەرقانداق بىر تەشكىلات ئۆز ئالدىغا يوق قىلالمايدۇ. رەبىيا كادەەر خانىم يىللاردىن بېرى مىللىتىمىزنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ نۆۋەتتىكى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە ھاردى ۋە چارچىدى. مىللىي ئىنقىلاۋىمىزدا ئەڭ مۇھىم مەسەلە ئىتتىپاقلىق. ئىتتىپاقلىق خەلىقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى چۆرۈدىگەن ھالدا بارلىققا كېلىدۇ. مىللىي ئىنقىلاۋىمىزدا توغرا بىر يول بېكىتەلىسەك تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە توپلىنىدۇ.
    پۈتۈن تەشكىلاتلارنى مىللىي داۋايىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى ئاخىرقى غايە قىلغان ئەدىولوگىيە تۇغى ئاستىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر سىستەم قۇرۇشمىز لازىم. نۆۋەتتە قىلىدىغان ئىش رەبىيا كادەەر خانىم كادروسى مەيداننى ئەمدى چىرايلىقچە تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ياش ئەۋلاتلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرىپ، ئىززىتىنى ساقلاپ ئىككىنچى سەپتە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشسا ئەڭ ئەقىلغە ئۇيغۇن ئىش بولىدۇ.
    بىزنىڭچە خەلقىمىزنىڭ سىياسىي سەزگۈرلىكى تەرەپتىكى ئاجىزلىقىنى ھىچقانداق ھېساپقا كىرگۈزمىگەن تەقدىردىمۇ، مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسىنىڭ ئانچە ساغلام ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ سىياسىي ۋە نەزەرىيۋىي ئاساسىنى دەۋىرگە ۋە مىللىي ئىنقىلاپنىڭ ھەقىقى غايىسىگە ئۇيغۇن باشقىدىن تەرتىپكە سالمىساق بولمايدۇ.كۆڭلىمىزدە بىر نەرسىنى ئويلاپ، ئاغزىمىزدا باشقا بىر نەرسىنى جۆيلۈيدىغان ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىشىمىز لازىم!
    مىللىي ھەركىتىمىزدىكى بۇ قاتىمال مەسەلىنى پەقەت ھازىر كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان نامزاتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش بىلەن ھەرگىزمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مىللىي ھەركىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ماددىي مەنپەەتنى ئەمەس، ھەقىقى قانۇنىي ۋە سىياسىي مەنپەتىمىزنى چىقىش قىلىدىغان “مىللىتىمىز خىتاي ئەمەس. ۋەتىنىمىز خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. مەقسىدىمىز مىللىي مۇستەقىللىق!”تىن ئىبارەت تۈپ ئىددىينى ھۇل تېشى قىلغان بىر سىستىمىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇنىڭغا ھەقىقى ماس كېلىدىغان كادرو ۋە يىتەكچى كۈچلەرنى ۋۇجۇتقا چقىرىشىمىز لازىم. بۇ باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتمەي تۇرۇپ، مىللىي ئىنقىلاپتا ھەرقانداق تاكتىكا ياكى ئىستىراتېگىيە بەلگۈلىگىلى بولمايدۇ.مىللىي ئىنقىلاپقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان زامانىۋىي سىستىمىغا ئۇيغۇن تاكتىكا ۋە ئىستىراتىگىيە تۈزمەي تۇرۇپ ئىنقىلاپتا ئوخشاشلا غەلبە قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.
    قېرىنداشلىرىم بىرقانچە يىلدىن بېرى بولۇپمۇ كېيىنكى بىرقانچە ئايدىن بېرى مىللىي داۋايىمىزدىكى ئېغىر مەسەلىلەر شىددەت بىلەن سۇ يۈزىگە چىقىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئارىمىزدىكى چېچەن ئادەملەر 7-8 يىل ئاۋاللا تەسسەۋۇر قىلغانىدى. دەسلەپتە دۈشمەنلىشىش تەشكىلات سىرىتىدىكى ئادەملەر بىلەن بولغان بولسا، ئەمدى تەپ تارتماستىن تەشكىلات ئىچىدىكى ئادەملەر بىلەن باشلاندى. نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ، ئاپەتنىڭ ئانىسى قەيەردە، نىمىشقا ھەممە ئادەم بىرلىشىپمۇ ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ؟! مىللىي ھەركىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كۈچ نەردىن تۇغۇلىۋاتىدۇ؟!دىققەت قىلساق بۇ كىرزىستىنمۇ خۇدا خالىسا ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىمىز!مەن بۇگۈنكى ئەھۋالنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ، ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالار، دېگەن ئۈمۈتتە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. بىزدە دوست يىغلىتىپ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتار، دېگەن ماقال-تەمسىل بار! ئەزىز قېرىنداشلاردىن دېگەنلەرىمنىڭ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈپ سورايمەن!
    ھۈرمەت بىلەن: كۈرەش ئاتاھان
    01.06.2017

    جاۋاب
  2. 2
    كۆرەش ئاتاخان

    كۆرەش ئاتاخان

    ئويغان

    ئاۇتورى: كۈرەش ئاتاخان

    چەيلىنىپ ئىپلاس ئاياقلاردا ۋەتەن، قۇزغۇنلار ئاسماندا كۆتۈردى غەليان،
    ئىتلار قاۋايدۇ، ھوقۇش ھۇۋلايدۇ، يولۋاسلار قەپەزدە مايمۇنلار سۇلتان.
    بۇلبۇللار تۇتقۇن، بۈركۈتلەر مەھكۇم، چىدىماق تەس بولدى بۇ رەزالەتكە،
    مۇزلىدى دەريالار، ئۈششىدى باغلار، تاغلاردا جۇت-بوران قۇترايدۇ ھەريان!
    ياش تۆكەر ئوغۇزخان، ئالىپ ئەرتۇڭڭا ھەمدە باھادىر سۇتۇق بۇغراخان،
    ھىممەت قىل، تىرىش ئالغا باس، ئۇيۇش كۈچلەن دۈشمەنگە تار بولسۇن جاھان.
    سىقىلسۇن يۈرەك، كىرىشسۇن چىش، تۈگۈلسۇن مۇش، ئەركىنلىك مەشئىلى يانسۇن،
    پاچاقلا كويزا كىشەنلەرنى، ئويغان، قورقما، كۈرەشتە سۈرۈپ دەۋران!
    ئاھ يىلتىزى چوڭقۇر، يۇلتۇزى پارلاق مىللىتىم، ئەيتەي ساڭا، يۈرەكلىرىم قان…
    غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغان، ئۇخلىما دۈشمەنلەر ياۋۇز پەيلى بەك يامان.
    قورقما، مەرھەمەت كۈتمە دۈشمەندىن، خەتەرلەردە ئەجەل بىزنى قوغدايدۇ،
    خارلانمىسۇن ئانالار، قۇل بولمىسۇن ئەۋلادلار، ھۈر بولسۇن قۇتلۇق ماكان!
    بۇلبۇللار تۇتقۇن، بۈركۈتلەر مەھكۇم، قۇزغۇنلار ۋەتەننى ئەيلىدى ۋەيران،
    ھىممەت قىل، تىرىش ئالغا باس، ئۇيۇش، كۈچلەن دۈشمەنگە تار بولسۇن جاھان.
    سىقىلسۇن يۈرەك، كىرىشسۇن چىش، تۈگۈلسۇن مۇش، ئازادلىق تاڭلىرى ئاتسۇن،
    پاچاقلا كويزا كىشەنلەرنى، ئويغان، قورقما، كۈرەشتە سۈر يەنە دەۋران!

    08.06.2017

    Gérmaniye

    جاۋاب

ئىنكاس يوللاش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى ھويلام تورىغا مەنسۇپ. ھويلام تورى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ماكان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشقۇسى.