2017/2016 پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 26 – ئايلانمىسدا، خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا رىم كوماندىسىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، رىم كوماندىسىدىن نايىنگىلان ئىككى توپ ئۇردى. پرودى بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. خەلقئارا مىلان كوماندىسىدىن ئىكاردى بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە ئاخىرى 3 – 1 رىم كوماندىسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى.
2017/2016 پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسى، 26 – ئايلانمىسىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ACمىلان مېھمان مەيداندا، ساسۇلۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ACمىلاندىن باكا بىر توپ كىرگۈزۈپ، AC مىلان 1-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.