خىتتاي ھەربىي مۇتەخەسسىس: «ئارمىيەمىز ئۇرۇشقا تەييارلانماي بولمايدۇ، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا تېررور تەھدىتى بار»
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
بۈگۈن خىتتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇرۇش قابىلىيىتىنى يۈكسەلتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە خىتتاي ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتە ئەمەلىي ئۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتى ۋە تەييارلىقىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە، بۇ زۆرۈرىيەتنىڭ سەۋەبلىرى سۈپىتىدە خىتتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىز مەسىلىسى، ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدا خىتتاي ھەربىي مۇتەخەسىس سۇڭ جۇڭپىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ تەسىرى زورىيىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇق تەھدىتى يەنىلا مەۋجۇت، شۇڭا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتى ۋە تەييارلىقىنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن.
ماقالىدە نەقىل ئېلىنىشىچە، خىتتاي گېنېرال جۇ شاڭپىڭ ۋېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنچلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بېرىلىشلەر سەۋەبىدىن، خىتتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتىدە ئاجىزلاش بولغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەجىدىن خىتتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، يۈز بەرگۈسى توقۇنۇشلارغا قارىتا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە سانىدا بېسىلغان بۇ ماقالىگە يېزىلغان ئىنكاسلاردا، خىتتاي ئارمىيىسىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىدە يالغۇز پەرزەنت بولۇشى، بەلگىلىك بىر ئېتىقاد ساھىبى بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ خىتتاي ئارمىيىسىنىڭ ئاجىزلىقلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.
ئانالىزچىلار بىردەك خىتتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياكى شەرقىي تۈركىستان پىدائىيلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ھەربىي جەھەتتىكى كۈچىنى سىناش ھەمدە ئەسكەرلىرىنى ئەمەلىي ئۇرۇش قىلدۇرۇش ئارقىلىق چىنىقتۇرۇش ، يىللاردىن بۇيان كەلكۇن توسۇپ كەلگەن قۇرۇقلۇق قىسمى ئەسكەرلىرىنى شەرقىي تۈركىستان پىدائىيلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدۇرۇپ باقماقچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.